مۇڭدىشايلى ℃1,471
ئۇرۇش مەزگىللىرىدە بىر تۈرۈك دۈشمىنىدىن بىرنى ئەسىر ئېلىپتۇ ۋە بۇغۇزلىۋەتمەكچى بۇپتۇ. لېكىن، قېلىچىنىڭ گاللىشىپ قالغىنى ئىسىگە كىلىپ قېلىچىنى بىلەپ ئاندىن ئۆلتۈرمەكچى بۇلۇپتۇ. تۈرۈك ئەسىرىنى ئۈيىنىڭ ئالدىغا باغلاپ قۇيۇپ قېلىچىنى بىلەشكە كىرىپ كىتىپتۇ. ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان تۈرۈكنىڭ ئايالى ئەسىرگە بىرپارچە نان ئەچىقىپ بىرىپتۇ. تۈرۈك قېلىچىنى بىلەپ چىقىپ ئەسىرنىڭ قۇلىدىكى ناننى كۈرۈپ، كىمنىڭ بەرگەنلىكىنى سۇراپتۇ. ئەسىر ئايالىنىڭ بەرگەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. تۈرۈك« بىز تۈرۈكلەرگە مىھمىنىمىزنى ئۆلتۈرۈش ھارام» دەپتۇ ۋە ئەسىرنى قۇيۋېتىپتۇ.
ھىكايىنى ئۇقۇپ «بۇ ئاداش نىمە دىمەكچىدۇ» دەپ قالغانسىز. بلوگنى بىنا قىلغاندىن بىرى ئۈزۈمنى قۇيۋېتىپ ئىختىيارى پاراڭ سۇقۇپ باقماپتىمەن. يازغان ھەربىر نەرسىللىرىمنى جاراستانغا ماسلاشتۇرۇش خىيالى بىلەن پەردازلاپ يۈرۈپتىمەن.
بۇ دىگەن بىر شەخسى خاتىرىغۇ. . . خىياللىرىمنى ئەركىن قۇيۋېتىپ ئويلىرىمنى ئىختىيارى يېزىپ چىقسام نىمىشقا بولمىغۇدەك ؟ ئەسلىدىمۇ شۇنداق قىلماقچى ئىدىم شۇڭىمۇ نامىنى «قەلب دۇنياسى» دەپ قويغان ئىدىم. قەلب دىگەن پەردازلىقنى، ياسالمىلىقنى ئەمەس. سەمىمىيەتنى، چىن ھېسياتنى ئىزدەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئارام تاپىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ياشنايدۇ، گۈللىنىدۇ .
گەپ يەنە باشقا يەرگە كىتىپ قالدى.
مەقسەتكە كەلسەم نىمىشقا ھىكايىنى سۆزلەيمەن ؟
ۋاقىت ئىشلىتىشنى بىلگۈچىلەر ئۈچۈن كىپەك ئالتۇنغا ئوخشايدۇ ئۇنىڭ ھەربىر تۇزاندىسىمۇ بىر قىممەت يارتىدۇ. ئىشلىتىشنى بىلمىگۈچىلەر ئۈچۈن بىر ئۇچۇم قۇم خالاس ئۇ ھەتتا تەرەت ئادا قىلىشقىمۇ يارىمايدۇ.
بىرىنچى بۇلۇپ چىمپىيون بولغانلار بىلەن ئىككىنچى بۇلۇپ يىڭىلگۈچىلەر نىڭ ۋاقىت پەرقى سىكونىتقىمۇ يەتمەيدۇ .
بەزىلەرگە بىر ئىشنى تاپىلاپ قەرەلىنى ئېيتقاندا ئۈمۈتسىزلىك بىلەن «ئاران مۇشۇنچىلىك ۋاقىتتىما ؟ مۇمكىن ئەمەس» دەيدۇ . شۇنداق بەزى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ئازغىنا ۋاقىت يەتمەسلىكى مۇمكىن، ئەمما ھېچ بولمىغاندا ئېشىپ قالغان ئىشنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە سىزگە يول ئېچىپ بىرەلەيدۇياكى بىر تەرەپ قىلىپ بۇلالمىغاننىڭ ئورنىنى قانداق تولدۇرۇش ھەققىدە بولسىمۇ ئويلىنىش پۇرسىتى بىرەلەيدۇ. ئەگەر ئاشۇ ۋاقىتتىن ۋاز كەچسىڭىزچۇ ؟ ئىنىقكى كىيىنكى قېتىم يەنە شۇنچىلىك ۋاقىتنى سەرىپ قىلىپ يەنە بىر قېتىم قايتا كىلىسىز .
ئىھتىمال يەنە چۈشەنمىدىڭىز ، ھىكايە بىلەن بۇمەزمۇننىڭ نىمە مۇناسىۋىتى بارلقىنى. ئەگەر ئەسىرگە نىسبەتەن قېلىچنى بىلەپ چىقىپ بولغىچىلىك ۋاقىت بولمىغاندا ئۈلۈپ كىتىشى ئىنىق ئىدى. سىزنىڭچە قېلىچنى بىلەشكە قانچىلىك ۋاقىت كىتەر 30 مىنۇت،20 مىنۇت، 10مىنۇت،ياكى بەش مىنۇت، بىر ئادەمنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشكە بەش مىنۇت ۋاقىت يىتەرلىك.
سىز سائەت ئىككىدە بىرى بىلەن كۈرۈشكىلى بارماقچى 10 مىنۇت بۇرۇن ماڭسىڭىز ئازادە ئۈلگۈرىسىز، سىزنىڭ يەنە 18 مىنۇت ۋاقتىڭىز بارئىكەن . سەككىز مىنۇتنى قانداق ئۆتكۈزىسىز؟ بۇيەردە بىرنەچچە ئىھتىماللىق بار. . .
سىز بۇرۇنراق يولغا چىقىپ ئالدىرماي مېڭىپ، لاغايلاپ سەككىز مىنۇتنى ئۆتكۈزۈشىڭىز مۇمكىن. ياكى تىلىۋىزورنى ئېچىپ بىردەم سىن كۆرىشىڭىز مۇمكىن ۋەياكى ئۇرۇندۇقتا تىنىچ ئولتۇرۇپ ئويلىنىۋېلىشىڭىز مۇمكىن .
ئەمدى ئۈزۈڭىز جاۋاپ بىرىپ بېقىڭ مۇشۇ سەككىز مىنۇت ۋاقىتنى قايسى ئۇسۇلدا ئۆتكۈزىسىز ؟ قانداق قىلىپ ئەڭ كۆپ قىممەي يارىتالايسىز ؟ ھەربىر زەررچىسى ئىنساننىڭ كۆزىنى پارقىرتالايدىغان كىپەك ئالتۇنغا ئايلاندۇرالامسىز ؟ ياكى بىر چاڭگال قۇم قاتارىدا سورىۋىتەمسىز ؟
ھىكايىگە قايتىپ كەلسەك: ھەرقېتىم بۇ ھىكايىنى ئىسىمگە ئالغىنىمدا شۇ يەردىكى بەش مىنۇت ۋاقىتنىڭ قىممىتىدىن باشقا ئەجدادىمىزنىڭ روھىدىكى ئاشۇ ئېسىل پەزىلەتنى ئېچىنىش ئىچىدە ياد ئىتىمەن .
ئاينۇرى
تارىم
ھىجران
روھچىن
كۆنچى
سۈۋەرەك
غەيۇرشاھ
ئالىم