قۇيۇش كونوپكىسىنى باسمىسىڭىز ماڭمايدۇ
ھاياتىمدىكى ئەڭ يامغۇرلۇق كۈنلەر بالا ۋاقىتلاردا جاڭگالدا كالا-قوي بېقىۋاتقاندا بولغان ئېكەن. بار-يوق سېلىنچىمىز بىردا ئۇغۇت چىپتىسى ئېدى. نەم يەردە ئولتۇرساق چىپتىنى ئاستىمىزغا سېلىۋلاتتۇق. يامغۇر ياغقاندا يامغۇرلۇق قىلىپ كىيۋالاتتۇق. توشەينى ئاستىمغا قۇيۇپ، چىپتىنى كىيىپ، چىپتىنىڭ يۇچىقىدىن تاراسلاپ چۈشىۋاتقان يامغۇر تامچىسىغا سىنچىلاپ قارايتتىم. دادامنىڭ «ھەربىر يامغۇر تامچىسىنى بىر پەرىشتە ئېلىپ چۈشىدۇ» دېگەن گىپىنى ئەسلەپ…
ئانامنىڭ ئېيتىشىچە مەن تۇغۇلغاندىن باشلاپ تىنىم تۇلىمۇ ئاجىز بالا ئىكەنمەن. ئانامدىن بىر مىنۇت، بىر قەدەممۇ ئايرىلمايدىكەنمەن. ئانام كاپراتسىيەنىڭ ئىشلىرى بىلەن مىنىڭ بۇنداق چاپلىشىۋېلىشىمدىن بەزى بىزارلىق ھېس قىلىدىكەن. قۇرسىقىمنى توقلاپ، ئاستىمنى قۇرۇقداپ قۇيۇپ ئىشقا كىتىپ كەچتە كەلسە يىغلاپ ئۈنۈم پۈتۈپ كىتەركەن. لېكىن، ئانامنى كۆرۈپلا توختايدىكەنمەن.
ئانام بۇ بالا مۇشۇنداق يىغلاپ يا ئۆزىنىڭ يا مىنىڭ بېشىمغا چىقىدۇ دەيدىكەن.
ئۆزۈمنىڭ شۇۋاقىتتىكى ھالىتىمنى كۆز ئ…
مىنى قويىۋەت !!!
ئادەم ئۆزىنىڭ خىيالىنى باشقۇرالىغان بېلەن چۈشىنى باشقۇرالمايدۇ. كۆرۈشنى خالىمايدىغان ئادەملىرىڭنى كۆرۈپ قالىسەن،خالايدىغان ئادەملىرىڭ ئەسلا كۆرۈنمەيدۇ. يامان بولغىنى كىچىدە كۆرگەن چۈشىڭ ئويغانغاندىن كىيىن مىڭەڭدەخاتىرە بۇلۇپ ساقلىنىپ قالىدۇ.
كىمنىڭمۇ خىيال، ئارزۇ ئىچىدە ياشاپ ئۆتكۈسى بولسۇن! ئەمەلگە ئېشىش مۇمكىن بولمىغان خىيالنىڭ بۇرۇنراق كاللىنى بىكارقىلغىنى ياخشى ئەمەسمۇ ؟ چۈنكى ئۇ كاللىدا تۇرسا سىنى پىكىر قىلغۇزىدۇ، ئارامىڭنى بۇز…
شۇنداق بىر مۇھەببەت بار، ئۇ ساقلاشقا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، شۇنداق بىر مۇھەببەت بار، ئۇ ئازابلاشقا بەرداشلىق بىرەلمەيدۇ. بىلمىدىم، زادى قانداق مۇھەببەت ئەڭ گۈزەلدۇ؟
ئۆلۈمگىمۇ بوي بەرمەيدىغان مۇھەببەتمۇ؟ ياكى ئاداققى ۋاپادىن يۇغۇرۇلغان مۇھەببەتمۇ؟ ۋە ياكى قاينام-تاشقىنلىق ئىچىدە ئۆتكەن، نۇرغۇن بوران-چاپقۇنلارغا دۇچ كەلگەن، ئاخىرى ۋىسالغا يەتكەن مۇھەببەتمۇ؟
تۇرمۇشتا نۇرغۇن كىشىلەر مۇھەببەتنى باشتىن كەچۈرىدۇ، تۇرمۇشتا بەزىلەر مۇھەببەتكە بېرىلمەيۋاتقان، بەزىلەر مۇھەببە…
دۇختۇرخانىنىڭ دېرىزىسىدىن پەستىكى ئادەملەرنى كۆرگىلى بۇلاتتى. قىزنىڭ ھەركەت قىلىشى چەكلەنگەنلىكتىن ۋاقىتلىرىنى دېرىزىدىن سىرتقا تەلمۈرۈش بىلەن ئۆتكۈزەتتى. دۇختۇرخانىنىڭ ئالدى بىمارلارنىڭ ئارام ئېلىشى ئۈچۈن تەييارلانغان گۈللۈك بۇلۇپ ئۇ يەردە ئۆز-ئارا پاراڭلىشىۋاتقانلارنى، ئادەملەرنى تاماششا قىلىپ ئولتۇرۋاتقانلارنى، ئايلىنىۋاتقانلارنى كۆرگىلى بولاتتى.
قىز شۇ ئادەملەرنىڭ ئارىسىدىن بىر يىگىتكە دىققەت قىلىپ قالدى. يىگىتنىڭ دائىم ئولتۇردىغان يىرى، ھەركىتى، كىيىملىرى بىرخ…
ئىلاۋە: مەزكۇر ماقالە چەتئەلدە تۇرۋاتقان بىلىمخۇمار ئىسىملىك ئاكىمىزنىڭ ماقالىسى بۇلۇپ بىر مىللەتنىڭ قانداق ئامىللار ئاساسىدە مەۋجۇت تۇرالايدىغانلىقى ھەققىدە يەھۇدىيلەرنىڭ 3000 يىللىق قىرغىنچلىق، پالاندىچىلىق، يەكلىمىچىلىك قاتارلىقلاردىن قانداق ئامىللارغا تاينىپ مەۋجۇتلىقىنى ساقلىيانلىغانلىقى بايان قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلانىڭمۇ قانداق ئامىللارغا تاينىپ مەۋجۇتلىقىنى ساقلىيالايدىغانلىقىنى بايان قىلغان.
مەزكۇر ماقالىنىڭ ئەسلى ئىسمى« يەھۇدىيلارنى 3000 يىل ساقلاپ قالغا…
جۈمە كۈنى قىز-كېلىنلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن كۆرشىدىغان، ئائىلىسىدىن دەم ئالىدىغان خۇشاللىق كۈن ئىدى. لېكىن، قەلبىنۇر بۈگۈن خۇشاللىق ئەمەس تۇرمۇشقا چىققان تۆت يىلدىن بىرى تارتمىغان ئەڭ قاتتىق ئازاپنى تارتىۋالدى.
باققا چىقىپ ئولتۇرۇپ ئاۋازىنى قۇيۋېتىپ تازا يىغلىۋالغاندىن كىيىن قىزلىرىنى تەييارقىلىپ چوڭ ئۆيگە ماڭماقچى بولدىيۇ لېكىن ئەينەك ئالدىدا چىرايىنى كۆرۈپ توختاپ قالدى. نۇرمەمەتنىڭ تۆت بارمىقى سۇرۇخقا باسقاندەكلا چىققاننى ئازدەپ، كۆزلىرى ئىششىپ چىرايى نەشىكەشكى…
ھېكايە
روھچىن
ياسىن ھاجىم ماشىنىنى كەينىگە ياندۇروپ چىقىشىغىلا يان تەرپىگە ۋاڭڭىدە قىلغان ئاۋاز بىلەن بىر نەرسە چۈشتى. ماشىنىنى توختىتىپ چۈشۈپ بولغىچە كەينىدە ئولتۇرغان قىزى چىقىراپ كەتتى.
سىمىنۇت مەيداندا ياشقىنە بىر يىگىت دۈم ياتاتتى. ئېغىزىدىن، بۇرنىدىن ئاققان قان ئەتىراپقا قىزىل رەخ ياپقاندەك تارقاۋاتاتتى. بىر دەمدە ئەتىراپقا بىرمۇنچە ئادەم ئۇلاشتى، ئۈستىگە قاراپ زادى قانچىنچى قەۋەتتىن چۈشكەنلىكىنى ئۇققىلى بولمىدى. بالىنىڭ چۈشكەن يىرىگە توغرا كىلىدىغان…
ئاينۇرى
تارىم
ھىجران
روھچىن
كۆنچى
سۈۋەرەك
غەيۇرشاھ
ئالىم