ھېكايە ℃434

1_130110194407_4

دۇختۇرخانىنىڭ دېرىزىسىدىن پەستىكى ئادەملەرنى كۆرگىلى بۇلاتتى. قىزنىڭ ھەركەت قىلىشى چەكلەنگەنلىكتىن ۋاقىتلىرىنى دېرىزىدىن سىرتقا تەلمۈرۈش بىلەن ئۆتكۈزەتتى. دۇختۇرخانىنىڭ ئالدى بىمارلارنىڭ ئارام ئېلىشى ئۈچۈن تەييارلانغان گۈللۈك بۇلۇپ ئۇ يەردە ئۆز-ئارا پاراڭلىشىۋاتقانلارنى، ئادەملەرنى تاماششا قىلىپ ئولتۇرۋاتقانلارنى، ئايلىنىۋاتقانلارنى كۆرگىلى بولاتتى.

قىز شۇ ئادەملەرنىڭ ئارىسىدىن بىر يىگىتكە دىققەت قىلىپ قالدى. يىگىتنىڭ دائىم ئولتۇردىغان يىرى، ھەركىتى، كىيىملىرى بىرخىللا ئىدى. ئۇنىڭ ئولتۇرشىدىن ئادەملەرگە، تەبىئەتكە تويماي قاراۋاتقانلىقىنى بايقىغىلى بۇلاتتى.

قىز، يىگىت بىلەن ئۆزىنىڭ ئوتتۇرسدا مەلۇم بىر باغلىنىش باردەك ھېس قىلىپ قالاتتى. بىرنەچچە كۈندىن كىيىن قىزغا ھەركەت قىلىشقا رۇخسەت قىلىندى. قىزنىڭ گۈللۈككە چۈشۈپ تۇنجى قىلغان ئىشى يىگىتنىڭ يېنىغا بېرىپ ئەھۋاللىشىش بولدى.

-ھاۋا نېمە دىگەن ياخشى، مۇشۇ كۈنلەردە ھاياتلىق ئادەم قىيالمىغۇدەك دەرىجىدە چىرايلىق بۇلۇپ كىتىۋاتىدۇ،-دېدى قىز قىسقىغىنە سالامدىن كىيىن،

-شۇنداق ئەتىراپىڭدىكى نەرسىلەردىن مەھرۇم بۇلىدىغىنىڭنى بىلگىنىڭدە ئاندىن بۇ نەرسىلەرنىڭ سىنىڭ ھاياتىڭنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدىكەنسەن. ئەمما، ئايرىلىش پىشانەڭگە پۈتۈلۈپ كەتكەندە نىمە ئامال، دېدى يىگىت بىرنوقتىغا تىكىلىپ قالغان كۆزىنى يۆتكىمەي تۇرۇپ.

بۇگەپلەر يېقىندىن بىرى قىزنىڭ كاللىسدا توختىماي جاراڭلاۋاتقان سادا ئىدى.

قىز، يىگىتكە سەپ-سېلىپ قارىدى، ئەسلىدە ئۇرۇقمۇ ياكى كېسەل سەۋەبىدىن ئۇرۇقلاپ كەتتىمۇ ئىشقىلىپ يىگىت ياغاچتەكلا ئۇرۇق ئىدى. ئاق پىشماق، ئوتتۇرابوي، پىشانىسى كەڭ، قارىماققا ئادەملە تۇپىدىن پەرىق قىلغۇدەك بىرە يىرى باردەك ئەمەس. ئەمما، كۈزىگە قارىغان ھەرقانداق ئادەم ئۇنىڭ كۆزىدىكى كۈچلۈك بىر ئىنتىلىش بىلەن تەڭ ئەكىس ئىتىپ تۇرغان چارىسىزلىقنى بايقىيالايتتى.

ئۇنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى دۈشمەن تەرپىدىن باغلاپ قۇيۇلغان قۇماندانغا ئوخشىتىشقا بولاتتى.

قىز، ئىككەيلەننىڭ تەقدىرىنىڭ ئوخشاش ئېكەنلىكىنى ھېس قىلغان بولسىمۇ كېسىلىنى ئىنىقراق بىلىش ئۈچۈن، -سىز نېمە كېسەل بىلەن داۋالىنىۋاتىسىز، دەپ سورىدى.

-داۋالانمايۋاتىمەن، ئەزرائىلنى ساقلاۋاتىمەن، دېدى ۋە يانچۇقىدىن بىر ۋاراق قەغەزنى ئېلىپ قىزغا سۇندى. قىزمۇ ئۆزىنىڭ دىئاگنوز قەغىزىنى يىگىتكە ئۇزاتتى.

ئىككەيلەن قەغەزدىن كۆزىنى بىرى-بىرىگە تىكىپ بىردەم تۇرغاندىن كىيىن ئىككىلىسىنىڭ كۆزىدىن بىرتامچىدىن ياش سىرىلىپ چۈشتى.

ئىككىسى تېخى 30 ياشقا بارمىغان ئىدى. توي قىلىش، بالىلىق بۇلۇش شەرەپلىرىگە تېخى ئېرىشمىگەن ئېدى. ئەمدىلا ياشلىق دەۋىرىگە قەدەم قۇيۇپ باشقىلاردەك ئىستىقبالى، بەختى ئۈچۈن كۆرەش قىلىدىغان چاغدا بۇلار كېسەل بىلەن كۆرەش قىلىشقا توغرا كەلدى. نەچچە يىللىق كۆرەشنىڭ نەتىجىسى بىر ۋاراق ئۆلۈم باغىقى بىلەن ئاياغلاشتى. ئۇلارنىڭ كۆڭلىمۇ تىندى، تەكرار-تەكرار خېمىيلىك داۋالاش، ئوپراتسىيە، يىلىك كۆچۈرۈش دىگەن ئىشلاردىن ئاللا بۇرۇن تۇيۇپ كەتكەن ئىدى.

بىرنەچچە قېتىم ئاغىرىققا چىدىماي «ئۆلۈپ كەتكەن بولسامچۇ» دېگەن ئېدى. راستىنلا ئۆلۈم خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالغان چاغدا ھاياتنىڭ تەسەۋۋۇر قىلالمىغۇدەك دەرىجىدە شىرىنلىكىنى، ۋاقىتنىڭ ھاياتتىن قالسىلا ئەڭ ئەتىۋارلىق نەرسە ئېكەنلىنى ھېس قىلىشتى. جەمىيەتتىكى تۈرلۈك-تۈمەن ئادەملەرگە قاراپ ۋاقىت ۋە ھاياتنىڭ قىممىتىنى ئۆزلىرىدەك ھېس قىلغان بولسىچۇ-دەپ ئەپسوسلىنىشتى.

شۇنىڭدىن كىيىن ئۇلار ئايرىلماس قەدىناسلاردىن بۇلۇپ قالدى، ئالەمگە قاراڭغۇلۇق يېپىلغاندىلا ئانىدىن ياتاقلىرىغا قايتىشاتتى، ئەتتىگەن ئالەم تۇلۇق يۇرۇماستا بىريەرگە كىلىپ بۇلاتتى.

پاراڭلىرى ھەرخىل تىمىلاردا بۇلاتتى. كۆپۈنچە ھايات، تۇرمۇش، ۋاقىت ۋە ئەسلىمە ھەققىدە كۆپرەك بۇلاتتى. ئويلىغانلىرى بىريەردىن چىقاتتى، بىرى-بىرىنىڭ ھېس تۇيغۇللىرىدىن قانائەت قىلىشاتتى.

-مەن ھاياتىمدا مۇنداق ئۈچ نەرسىنى تۇنۇپ يەتتىم، دېدى يىگىت بىركۈنى پاراڭ ئارلىقىدا

-ھە، دېدى قىز، يىگىتنىڭ سۈزىگە قۇلاق سېلىپ

بىرىنچىسى؛ ھاياتلىق: ئۇ بىردىن بىر ھەقىقەت ئېكەن. ھاياتلىقنى بوينىمىزغا باغلانغان بىر ئارغامچا دېسەك بىز شۇ ئارغامچا يەتكەن يەرگىچە يۈگۈرەلەيدىكەنمىز. ئەمما، كۆپۈنچە بوينىمىزدا ئارغامچا بارلىقىنى ئۇنتۇپ قېلىپ خالىغانچە يۈگۈرەيدىكەنمىز، تۇيۇقسىز ئارغامچا تۈگەپ تارتىشقاندا بولسا كەينىمىزگە بىر قاراپ بېقىشقا ئۈلگۈرمەي توختاپ قالىدىكەنمىز.

ئىككىنچىسى؛ ۋاقىت بوينىمىزدىكى ئارغامچا يەتكەن يەرگىچە يۈگۈرەش ئۈچۈن دەسسەيدىغان تۇپراق ئىكەن. قايسى تەرەپكە يۈگۈرمەيلى، ھامان ۋاقىتقا دەسسەپ يۈرىدىكەنمىز، ئارغامچىنىڭ تارتىلىشى بىلەن ۋاقىتقا دەسسەش ھۇقۇقىدىنمۇ قالىدىكەنمىز.

ئۈچۈنچىسى: ئاخىرەت ئارغامچا بىلەن، دەسسپ ئۆتكەن ۋاقىتنىڭ ھىساۋىنى بەرگىلى ماڭىدىكەنمىز.

بۇ گەپلەر قىزنىڭ يۈرىكىنى پىژژىدە ئېچىشتۇردى. ھايات نىمەن دىگەن مۇكەممەل قانۇنىيەت ھە ؟ ئەقىللىقلەر ئۈچۈن يىتەرلىك ساۋاقلاربار. ئۇلار بۇ ئارغامچىنىڭ تۇيۇقسىز بۇغىدىغانلىقىنى، ۋاقىتقا تۇيۇقسىز دەسسىيەلمەس بۇلۇپ قالىدىغانلىقىنى ئېسىدە تۇتىدۇ ۋە ھەربىر سەرىپ قىلغان نەرسىسىنىڭ ئەھمىيتى بۇلۇشنى ئىزدەيدۇ.

گالۋاڭلار ئۈچۈن يىتەرلىك پۇرسەت بار، ئۇلار بۇ ئارغامچا تۈگەشتىن ئىلگىرى خالىغان يەرگە سۆرىسە بۇلىدىغانلىقىنى، خالىغان يەرگە دەسسىۋالسا بۇلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ئەمما ئۈچۈنچى ھەقىقەت ھېچكىمنىڭ رەيىگە باقمايدۇ. قىز ئۆزىنىڭ ھاياتىنى ئىتتىكلا بىر ئەسلەپ ئۆتكەندىن كىيىن ئۇلۇغ-كىچىك تىنىپ قۇيۇپ ئولتۇردى.

بۇلارنىڭ دۇختۇرخانىدىن چىقىدىغان ۋاقتى بۇلۇپ قالدى. دۇختۇرلار بىرمۇنچە تەسەللى بەرگەندىن كىيىن قالغان ئۆمىرىنى خالىغانچە ئۆتكۈزۈۋېلىش تەكلىۋىنى بىرىپ يولغا سېلىپ قويدى.

ئۇلار بىرى-بىرىنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا، چۇقۇم بىرى-بىرىگە خەت يېزىشىپ تۇرۇشقا ۋەدىلىشىپ خوشلاشتى.

يىگىتنىڭ ئۆزى كەتكەن بىلەن سىيماسى قىزنىڭ قەلبىنىڭ بىريەرلىرىدە قارغايدەك يىلتىز تارتىپ قالغان ئىدى.

قىز، يىگىت ئۇرناپ قالغان بۇ ئۇرۇننىڭ نىمىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدى. قېرىنداشلىقمۇ ؟ دوستلۇقمۇ ؟ مۇھەببەتمۇ ؟ تەقدىرداشلىقمۇ ؟ ئىشقىلىپ بىللە يۈرگەن ۋاقتى قىسقا بولسىمۇ، بۇ كۆتمەك ھاياتىدا ئۇنتۇلماس بىر خاتىرە قالغانلىقى ئىنىق ئىدى. «بىر كۆرۈشۈپ ئۆمۈر بۇيى ئەسلەيدىغان ئادەم بار، نەچچە يىل بىللە ياشاپ بىر سائەتتە ئۇنتۇيدىغان ئادەم بار» دېگەندەك گەرچە بىللە بولغان ۋاقتى قسىقا بولسىمۇ بىر ئۆمۈرلۈك ئەسلىمە قىلىشقا ئەرزىيتتى.

قىز ھاياتىدىكى ئاچچىق قىسمەتنى بىللە تارتىدىغان، بىرنىشانغا ھەم سەپەر بۇلىدىغان بىرىنىڭ بولغىنىغا خۇشال ئىدى.

يىگىتتىن ئايدا بىر پارچىدىن خەت كىلىپ تۇردى. ئۆزىنىڭ خۇشال ياشاۋاتقانلىقىنى، يىڭى پىكىر-تۇيغۇللىرىنى بايان قىلىپ تۇراتتى، قىزمۇ جاۋاپ يېزىپ تۇردى. قىز ئاخىرقى تىنىقلاردا تۇرۋاتقاندىمۇ يىگىتنىڭ خېتى توختىمىدى.

قىز ئانىسىنىڭ قۇلىنى تۇتۇپ« مەن كىيىنكى خەتكە جاۋاپ يېزىشقا ئۈلگۈرمەيمەن، سەن مىنىڭ نامىمدا جاۋاپ يېزىپ قويغىن، مىنىڭ ياشاۋاتقانلىقىمنى بىلسە چۇقۇم خۇشال بۇلىدۇ» دېدى ۋە ئۇزۇنغا بارماي كىتىپ قالدى.

يىگىتتىن كەلگەن ھەربىر پارچە خەتنى ئۇقۇغۇنىدا ئانا، بۇ دۇنيادا قىزىنى ئۆزىدىنمۇ بەكىرەك چۈشىنىدىغان بىرىنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلاتتى ۋە ئۇنىڭ بېلەن بىر كۆرۈشۈش ئىستىكى تۇغۇلاتتى.

ئانائاخىرى قىز بىلەن يىگىتنىڭ بىر پارچىدىن سۆرىتىنى كۆتۈرگەن پېتى خەتتىكى ئادىرىس بويچە يىگىتنى ئىزدەپ ماڭدى. يىگىتنىڭ ئۆيىنى تېپىپ كىرگىنىدە ئۆزىگە ئوخشاشلا ئىككى پارچە رەسىمگە قاراپ ئولتۇرغان بىر ئانىنى كۆردى.

-قاچان ؟ دېدى قىزنىڭ ئانىسى ڧونتاندەك بېسىپ كىلىۋاتقان ياشلىرىنى مەجبۇر بېسىپ:

-ئەتە بىر يىل بۇلىدۇ، ئوغلۇم كىتەرۋاقىتتا بىرمۇنچە خەتنى قۇلۇمغا تۇتقۇزۇپ «ھەرئايدا بىر پارچىدىن سېلىۋەتكىن ئۇ مىنىڭ ھايات ياشاۋاتقىنىمنى بىلسە چۇقۇم خۇشال بۇلىدۇ» دېگەن ئىدى دېدى يىگىتنىڭ ئانىسى.

ئىككى ئانا ھۆڭىرەپ يىغلىغىنىچە بىرى-بىرىنىڭ باغرىغا ئېتىلدى.

تۆت پارچە رەسىم قولدىن لەيلەپ-لەيلەپ چۈشۈپ كەتتى.

 

 

يازما ئاپتورى:

ھېچكىمنىڭ قۇرت-قوڭغۇزدەك نام-شىانسىز ياشاپ ئۆلۈپ كەتكۈسى بولمىسا كېرەك. يازغانلىرىم قەلبداشلىرىم بىلەن ئورتاقلىق ھاسىل قىلالىسىكەن دەيمەن. . . يازمىللىرىم ھەققىدىكى نۇرغۇن ئىنكاسلارنى يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىدىن كۆرەلەيسىز. ئۇيەردىكى نامىم رەھمەتۇللاھدۇر . [ يەتتە قىز مۇنبىرى ]

ھازىرغىچە 2 دوستىمىز قىممەتلىك پىكىرلىرىنى بەردى. سىزلا قالغان ئوخشايسىز !!!

  1. جىمجىت
    ۋاقىت: 2013- يىل 5- ئاپرېل 07:39 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    نىمىشقىكىن، كۆڭلۈم يېرىم بوپ قالسىلا، مۇشۇ يەرگە كىرگىم كەپ قالىدىغان بولۇپ قالدى. گويا بۇ يەردىن مەن ئېرىشمەكچى بولغان ھەربىر تەسەللىينى تاپالايدىغاندەك، ئۇزۇندىن بېرى ئىنتىلگەن، لىكىن بىلەلمىگەن بىر نەرسىلەرنى ئۇچرىتىدىغاندەك… لىكىن، راستنلا ئۇچراتتىم… بۇ ئەسەر بەكمۇ ياخشىكەن. ماڭا بەكمۇ تەسەللىي بولدى. ئارغامچىمىز قاچان تارتىلىدۇ، بۇ نامەلۇم. لىكىن ھامان تارتىلدىغىنى ئېنىق. اللە بىزلەرنى مەنىسى بىلەن ياشىغىلى نىسىب ئەتكەي!
    سىزگە كۆپ رەھمەت!

  2. ۋاقىت: 2013- يىل 2- ئاپرېل 00:30 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    ھايات راستىنلا بىر مۇكەممەل قانۇنىيەت.بىر كۆرۈشۈپ ئۆمۈر بۇيى ئەسلەيدىغان ئادىمى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئۈمۈد،ئىشەنچ ئاتا قىلىشتىنمۇ ئارتۇق خۇشاللىق بولمىسا كېرەك،ناھايىتى تەسىرلىك چىقىپتۇ. ۋاقىت ھەممىنى ئۆزگەرتىدۇ ۋە ھەممىنى بويسۇندۇرىدۇ،بىراق مېھرى-مۇھەببەت بۇنىڭ سىرتىدا….ئىنسان راستىنلا قولدىن كەتكەندە ئاندىن قەدرىگە يىتەمدىغاندۇ؟

جاۋاب جىمجىت

ئېلخەت ئاشكارلانمايدۇ. بەلگە * بارلىرىنى چوقۇم تولدۇرۇڭ

*
*