مىنى قويىۋەت !!!
ئادەم ئۆزىنىڭ خىيالىنى باشقۇرالىغان بېلەن چۈشىنى باشقۇرالمايدۇ. كۆرۈشنى خالىمايدىغان ئادەملىرىڭنى كۆرۈپ قالىسەن،خالايدىغان ئادەملىرىڭ ئەسلا كۆرۈنمەيدۇ. يامان بولغىنى كىچىدە كۆرگەن چۈشىڭ ئويغانغاندىن كىيىن مىڭەڭدەخاتىرە بۇلۇپ ساقلىنىپ قالىدۇ.
كىمنىڭمۇ خىيال، ئارزۇ ئىچىدە ياشاپ ئۆتكۈسى بولسۇن! ئەمەلگە ئېشىش مۇمكىن بولمىغان خىيالنىڭ بۇرۇنراق كاللىنى بىكارقىلغىنى ياخشى ئەمەسمۇ ؟ چۈنكى ئۇ كاللىدا تۇرسا سىنى پىكىر قىلغۇزىدۇ، ئارامىڭنى بۇزىدۇ، ئۇيىقىللىرىڭدىن، كۈلكىللىرىڭدىن مەھرۇم قويىدۇ. بەرداشلىق بىرەلمىگەندەھەركەت قىلدۇرىدۇ. جاھاننىڭ بىر بۇرجىكىدە قۇشقاچنىڭ كۈزىدەك چاقناپ تۇرغان يۇلتۇزچىلىك ئۈمۈت كۆرۈنسە بار-يۇقىڭنى شۇنىڭغا بېغىشلاندۇرىدۇ، ئەسكى قىلىپ قۇيىدۇ. ئەقىلسىز، كالۋا قىلىپ قۇيىدۇ. ئاڭلىغانمۇ « قەرىزداردا، مۇھتاجدا،ئاشىقتا ئەقىل بولمايدۇ» دېگەننى . . .
سەن تەلەيلىكمۇ ؟ مەن بۇ يەردە ئۆيۈڭ،پۇلۇڭ، ماشىناڭ ، يۇلۇڭ بارمۇ دەپ سورمىدىم، تەلىيىڭ بارمۇ دەپ سورىدىم. مەن نېمىنى كۆزدە تۇتىۋاتقاندىمە ؟ ئەلۋەتتە بۇيەردە گەپ كۆڭۈل ئۈستىدە بولغاندىكىن كۆڭۈلنى دەيمەن-دە. مەن تەلەيسىز. چۈنكى،مىنىڭ كۆڭۈل كەپتىرىم بىر ئەركىشىنىڭ ئەقىسىدى كۇپايە قىلمايدىغان بىرىنىڭ پەغىزىگە قۇنىۋالغان . بىر ئەركىشىنىڭ ئۆزىنىڭ ئايالىغا بىرەلەيدىغان بارلىق مىھىر-مۇھەببىتىم، سۆيگۈم بېلەن سىزنى سۆيۈشنى خالايمەن، بۇ ھاياتىمدا ئىنساندىن سىزدىن ئارتۇق بىر ھەمراھىم بولمايدۇ،دېگەن ئېدىم. بېراق، تۇلىمۇ ئەپسوس بىر ئەركىشى كۆڭلى باغلانغان ئايالغا قانچىلىك ئەقىدە قىلالايدىغىنىنى ئىسپاتلىغۇدەكمۇ پۇرسەت بەرمەي قالدى. ۋا دەرخا … بۇنداق ۋاقىتتا سىزگە ئازاپ بولىدىغىنى قارشى تەرەپنىڭ سىزنى سۆيمەسلىكى ئەمەس بەلكى سىزنىڭ سۆيگۈڭىزنى ئىپادىلىگۈدەك پۇرسەت بەرمەسلىكى.
تۈركىيە ناخشىچىسى يالەننىڭ« «سۆيگۈڭ بولمىسا،سۆيۈلگۈڭ يوقمۇ ؟» دېگەن بىر جۈملە سۆزىنى ئاڭلىغانلار يوقمۇ ؟
بىلىمەن ئەزىزەم سەنمۇ ماڭا ئوخشاشلابىراۋغا كۆيىسەن، بۇ گەپلىرىمنى ئۇبدان ئۇقۇۋېلىپ قارشى تەرەپكە ئېيتىپ بەر!تېلفۇندا دىيەلمىسەڭ خەتتە ياكى قىسقا ئۇچۇردا دىسەڭمۇ بۇلىدۇ. ۋەياكى ۋېيشىنداسۆز قالدۇر، ھېچ بولمىسا ئۆز ئاۋازىڭدىكى ھېسيات تەسىر قىلىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
مەن تەن بەردىم، ساقلاپ، ساقلاپ ئاخىرى تەن بىرىش قارارىغا كەلدىم، چۈنكى ئىككى يىل بولدى، 730 كۈن، 17 مىڭ 520سائەت بولدى. 730 كۈن سىنى ئەسلىدىم، سېغىندىم، خاتىرەمنڭ يىتىشىچە كۆڭۈل ئىكرانىمدازاھىر قىلىپ باقتىم. ئەمما، سەن يوق ئەزىزەم. مەن ئەسلى ساقلاشتىن ۋاز كەچمەيتتىم.لېكىن، قەرەلىنى بىلەلمەي قالدىم. يەنەقانچىلىك ساقلىشىمنى بېلەلمىدىم. قەرەلى بولمىغان بۇنداق ساقلاشنىڭ نېمە نەتىجەبىرىدىغانلىقىنى بىلەمسەن ؟ بەلكىم سىنى چۈشىنىدۇ دەپ قارايمەن. چۈنكى سەنمۇ كۆيۈپ باققان ئەمەسمۇ؟ .
كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاق ماشىنىلىق شاھزادەڭ بېلەن تۆت بالاڭنى يىتىلەپ يۇلۇقۇپ قالساڭ مەن نېمە بۇلۇپ كىتەرمەن. سىنىڭ ئۇنداق ھالىتىڭنى كۆرۈشتىن قارا قۇيۇندا ئۇچۇپ كەتكىنىم ئەۋزەل ئېدى. ئەپسوس، ئۇنداق ۋاقىتتا قارا قۇيۇن نەدە تۇرۇپتۇ!؟
ئۈزۈڭ سۆيگەن كىشى بىلەن توي قىلالىساڭ ئېغىر كۆرمەي ماڭا يەتكۈزۈپ قويغىن، مەن سەندەكلا خۇشال بولىمەن، سىنىڭ بېلەن بىر ئۆمۈر بىللە بولالمىساممۇ، بىرقېتىملىق خوشاللىقتا بىللە بولاي. ئەمما، ئۆزۈڭ خالىمايدىغان ئادەمگە ياتلىق بۇلۇپ كەتسەڭ ئەڭ ياخشىسى مەن ئۇقماي قالاي. بۇنداق دېگىنىم، سەن بېلەن قايغۇدا بىللەبولالمايمەن دېگىنىم ئەمەس. بەلكى، ئىشنى بۇزۇپ قۇيىشىمدىن ئەنسىرەيمەن. چۈنكى، سىنىڭدىن بىر تامچە ياش ئاققىنىنى ئاڭلاپ قالسام مىنىڭ كۆزۈم قۇرۇپ كېتىدۇ. مەن تايىنلىق سىنى بەختىنى تاپتى دەپ بىلەي.
بىر ئۆتىنىشىم بار، پەقەت بىرلا.ئەمدى چۈشۈمگە كىرمە! يېقىندىن بۇيان نىرۋام ئاجىزلاپ قالدىمۇ چۈش بېلەن رىئاللىقنى ئايرىيالمايدىغان بۇلۇپ قالدىم.چۈشتىن ئويغىنىپلا سېنى ئىزدەيدىغان بۇلىۋالدىم. «ھازىرلا بارئېدى، نەگە كەتكەندۇ»دەپ سورايدىغان بۇلۇپ قالدىم. بىر قېتىم كۆرۈپ قالسام بىر نەچچە كۈنگىچە كاللامنى ئوڭشىيالمايدىغان بۇلۇپ قالدىم. ماڭا رەھىم قىل ! چۈشۈمگە كىرمە !!! ئەمدى مىنى قۇيۋەت ! سەندىن ۋاز كىچىپ بىراۋلارنى سۆيىشكە قادىر ئەمەسمەن. ئەمما، مىنى سۆيىدىغانلاردىنمۇ چىقىپ قالار، تەبىئەتتىكى ھاشاراتلارنىڭمۇ قۇنىدىغان يىرى بولىدىكەن.
يەنە ئۈمۈت كۈتۈشتىن، يەنە ئۈمۈتسىز قېلىشتىن قورقىمەن. ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۈمۈتتىن كىيىنكى ئۈمۈتسىزلىك نەچچە توننا تاشتەك باسىدىكەن. پۇت-قۇلۇڭ سۇنماي يۈرىكىڭ سۇنىدىكەن. تەكرار سۇنىۋەرگەن يۈرەك گۈلگەقاراشقىمۇ پېتىنالمايدىغان قورقۇنچاق، لەقۋا بۇلۇپ قالىدىكەن.
كىچىدىن بىركېچە سەن بىلەن بىرگەئېدىم. تاڭ ئېتىشى بىلەنلا سىنى يۇقىتىپ قويدۇم.
ئۆتىنىپ قالاي مىنى قويىۋەت !
چۈشلىرىڭىز ئەجەپ ئېغىر، قويىۋەتمىگەنلەرنىڭ ئارغامچىسى ئەجەپ ئۇزۇنكەن…
[گىپىم بار]