پارچىلنىش ℃966
بۇنىڭدىن ئالتە يىل ئىلگىرىمۇ مانا ھەزىرقىدەك يالغۇز ئىدىم. تىپ-تىنىچ بىر ئۆيگە كىرىۋېلىپ قانداقتۇر بىر غايىۋى خىياللارنى سۈرۈشنى ياكى بىرنىمىلەرنى سۈرۈتۈپ، بىرنىمىلەرنى رەتلەشنى ياخشى كۆرەتتىم.
چىرايلىق ئىستاكانلاردا چاي ئىچىپ ھوزۇرلىناتتىم. ئۆينىڭ بوش يەرلىرىنى گۈللەربىلەن توشقۇزۇشقا ھېرىسمەن ئىدىم. جازىدا نۇرغۇن كىتاپلارنىڭ بۇلىشىنى ئۈمۈت قىلاتتىم.
ئۈيۈمنىڭ ئاستىغا گىلەم سېلىۋېلىشقا ئامراق ئىدىم. ئۆينىڭ ھەربىر بۇلۇڭ، پۇچقاقلىرىغىچە پاكىزە-رەتلىك تۇرىشىغا كۆڭۈل بۈلەتتىم.
يەنە تاملارغا ۋاقىتنى باشقۇرۇش، ئۈزىنى چىڭ تۇتۇش، دىنى ئىبادەتلەرگە ھېرىسمەن بۇلۇش توغۇرلۇق ھېكمەتلىك سۆزلەر، غەيرەت-جاسارەتكە ئۈندەيدىغان ئىبارىلەرنى چاپلاپ قۇيۇش ئادىتىم بار ئىدى، گەرچە بۇلارنىڭ ئانچە رۇلى بولمىسىمۇ . . .!
ھېلھەم شۇ مىجەزىمنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى ھېس قىلىۋاتىمەن . ئالتە يىل. . . ئالتە يىل بەك ئۇزاق ۋاقىت. نۇرغۇن، ناھايىتى نۇرغۇن ئىشلار يۈزبەردى. ئالتە يىل ئىلگىرى بىر كىچىك بالا بولسام، ھازىر ئىككى بالىنىڭ دادىسى بولغان چوڭ بىر ئەركىشى سىياقىغا كىردىم. لېكىن مىجەزىمنىڭ ئالتە يىل ئىلگىركىدىن ھېچقانداق ئۆزگەرمىگەنلىكىگە ھەيرانمەن.
ھازىرمۇ ئالتە يىل ئىلگىركىگە ئوخشاش يالغۇز ئولتۇرۋاتىمەن. ئەمما نۇرغۇن ئىشلار ئۇ ۋاقىتتىكىگە ئوخشىمايدۇ، زىنھار ئوخشىمايدۇ.
ئۇ ۋاقىتتا سۆيگۈ-مۇھەببەت دىگەنلەرگە ئاجايىپ يۇقۇرى باھالارنى بىرەتتىم. ھازىر سۆيگۈ-مۇھەببەت دىسە تازا بىمەنە ئاڭلىنىدىغان بۇلۇپ قالدى.
ئۇۋاقىتتا ۋىجدان-غۇرۇرنى ئەڭ ئالى مىزان، ئەر كىشىنىڭ دەسمايىسى قاتارىدا كۆرەتتىم،ھېلىگەرلىك، ساختىپەزلىك، ئالدامچلىقتەك رەزىل ۋاستىلەردىن يىرگىنەتتىم.
ھازىر ئادمدە ۋىجدان -غۇرۇربىلەن، ھېلىگەرلىك، ساختىپەزلىك، ئالدامچىلىقتىن ئىبارەت ئۈزىنىڭ قوغداشنىڭ رەزىل قالقانلىرىنىڭمۇ بىللە بۇلىشىنىڭ زۈرۈللىكىنى ھېس قىلىۋاتىمەن.
ئۇ ۋاقىتتا ھەر بىر ئىشىمدا دۇنيا، ئىنسانىيە، مىللەت، ۋەتەننى كۆزلەيدىغان ئۇلۇغۋار غايە- مەقسەتلەرنى كۆڭلىگە پۈككەن ئۇلۇغ بىر كىشى ئىكەنلىكىمنى، ئەتىراپىمدىكىلەرگە زادى ئوخشىمايدىغىنىمنى ھېس قىلاتتىم. ئۈزۈمنى ئەتىراپىمدىكىلەرگە سېلىشتۇرۇپ ئوخشىمايدىغان بىر يەلىرىمنى تېپىپ چىقىشقا تىرىشاتتىم.
ھازىر ئۈزۈمنى مۇشۇ دۇنياغا كىلىپ كىتىۋاتقان تۈمەنمىڭ كىشىلەر بىلەن ئوخشاش ناھايىتى ئاددى بىر ئادەم بالىسى ئىكەنلىكىمنى ھېس قىلىۋاتىمەن. ھەر بىر ئىشىمدا شەخسى پايدا-مەنپەئەتنىڭ بار يوقلىقىنىلا ئويلايدىغان بۇلۇپ قالدىم. ئۇلۇغۋار بۇلۇش ئادەمنى بەكلا چارچىتىپ قۇيىدىغانلىقىنى ئاددى ئادەم بۇلۇشنىڭ خېلىلا راھەت ئىش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىۋاتىمەن.
ئۇ ۋاقىتلاردا توي قىلىپ ئاجراشقانلارنى ناھايىتى ئەيىپلەيتتىم. ھەتتا ئۇلارنى باللىرىنى يىتىم قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۈزىنىڭ شەخسى ھېسياتى، خوشلۇقى ئۈچۈن بالىلىرىنى يىتىم قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئادەم قاتارىدا سانىمايتتىم. مانا بۈگۈن ئۈزۈمنى يەنە ئادەم قاتارىدا ساناپ ئولتۇرۋاتىمەن.
تۇرمۇشتا ھەرقانداق ئىشنىڭ بۇلىدىغىنىغا شەكسىز ئىشىنىۋاتىمەن. ئۆزگىلەرنىڭ قىسمەتلىرىنى ئەيىپلەش، ئۆزكاللاڭ بىلەن باھا بىرىشنىڭ تۇلىمۇ ئەخمىقانە ئىش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىۋاتىمەن. چۈنكى. مەنمۇ ئىككى يۇلتۇزنى، ئىككى چولپان يۇلتۇزنى يىتىم قويدۇم.
ئالتە يىل ئىلگىرى بىرىگە كۆيەتتىم. ئۇنى جاھاندىكى جىمى نەرسىلەردىن ئارتۇق سۆيەتتىم. مەن ئۈچۈن، پەقەت مەن ئۈچۈنلا يارالغان پەرىشتەم، دەيتتىم. بۇ دۇنيادا ئۇنىڭدىن تىرىك ئايرىلىشىمنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئىتىراپ قىلاتتىم.
ھەقىقەت شۇكى- مەن تىرىك ئايرىلدىم. ھەتتا جاھاندىكى تۈمەنمىڭ كىشىلەر ئايرىلغاندەك ، كۆپ قىسىم كىشىلەر ئايرىلغاندا قوللىنىدىغان جىدەل – ماجرالار بىلەن ئايرىلدىم. باشتا شۇ نەرسىنى بىلمىگەن ئىكەنمەنكى- ئەسلى تۇرمۇشتا ھەممە ئىش بۇلىدىكەن.
ئالتە يىل ئىلگىرى مۇھەببەتنى تەڭداشسز كۈچكە ئىگە، دەپ قارايتتىم. ئەمدى بىلدىمكى- مۇھەببەت بىر تۈپ يۇمران ئۈسۈملۈك ياكى يېنىۋاتقان بىر تال شام ئىكەن. تۇرمۇشتا ئۇنىڭدىنمۇ كۈچلۈك نۇرغۇن نەرسىلەر بارئىكەن.
ئەگەر ھەممە ئشىتا مۇھەببىتىڭىزنى دەسمايە قىلىپ ئالدىغا ئېلىۋالسىڭىز ئۇنى كىچىككىنە شامالمۇ ئۆچۈرۈپ قۇيىدىكەن.
ئالتە يىل بەك ئۇزاق ۋاقىت، ئىلگىركى قورقىدىغان نەرسىللىرىمنى ناھايىتى ئاددى نەرسىلەرگە ئايلاندۇرۇپ قويدى، ئىلگىركى ئاددى نەرسىللىرىمنى قورقۇنۇچلۇق نەرسىلەرگە ئايلاندۇرۇپ قويدى.
ئالتە يىل ئىلگىركى مەن ئەمەسمەن، گەرچە سىياقىمدا ئۆزگۈرۈش بولمىسمۇ، ئالتە يىل ئىلگىركى قەلب بۇ ئەمەس، ئالتا يىل ئىلگىركى يۈرەك بۇ ئەمەس.
ئەگەر ئالتە يىل ئاۋۋالقى تۇرمۇشقا قايتىشىم مۇمكىن بولغىنىدا ئىدى- بۇخىل تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تاللىمىغان بولاتتىم. ئاۋۋال ئۈزۈمگە بەك ئاددى ئادەملىكىمنى ئەسكەرتىپ، كاللامدىن ئۇلۇغلۇق ئىدىيسىنى سۆكۈپ تاشلايتتىم.
ئۇنى يەنە سۆيەتتىم لېكىن مۇھەببەتنىڭ تەلىمى بىلەن ئەمەس تۇرمۇشنىڭ تەلىمى بىلەب سۆيەتتىم. سۆيگۈمنى ئاۋۋال ئۈزۈمگە بېغىشلايتتىم. چۈنكى، ئۆزىنى سۆيۈشنى بىلمىگەن ئادەم باشقىلارنى سۆيۈشنى ئەسلا بىلمەيدىكەن.
مۇھەببەتنى كۈچلۈك نەرسە قاتارىدا ئەمەس ئەڭ ئاجىز نەرسە قاتارىدا كۆرەتتىم ھەم ئۇنى قالقان قىلماستىن قالقان ئارقىلىق قوغدايتتىم.
ئالتە يىل بەك ئۇزاق ۋاقىت، ھېلھەم شۇ ۋاقىتتىكىگە ئوخشاش يالغۇز ئولتۇرۇپتىمەن. ئوخشىمايدىغىنى ئۇ ۋاقىتتىكىدەك ئۇلۇغۋار پىلان، يۈكسەك ئىرادە، چوڭقۇر ئۈمۈتۋارلىق بىلەن ئەمەس، تۈن قاراڭغۇسىدا يولنىڭ قاق ئوتتۇرسىدا قەيەرگە مېڭىشنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالغان ئۇچۇق قارىغۇ دەك ئولتۇرۇپتىمەن، ئەخمەقلىقىم شۇيەردىكى- كۈزۈمگە زىيادە ئىشەنگەنمەن، ھەممە نەرسىنى كۆرەلەيدىغانلىقىمدىن پەخىرلەنگەن. يۇرۇقلۇق بولمىغىنىدا كۆزۈمنىڭ 10 سانتىمىتىر يىراقلىقتىكى ئەجەل ئازگىلىنى كۆرەلمەي دۇم تاشلايدىغىنىنى ھېس قىلالمىغانمەن
ئالتە يىل ئىلگىركىدەك ئولتۇرۇپتىمەن. ئىلگىركىگە ئوخشايدىغىنى مەن يالغۇز، ئوخشىمايدىغىنى بولسا مەن پارچىلاندىم،ھەممە نەرسىدىن پارچىلاندىم، يامان بولغىنى سىرتىمدىنلا ئەمەس ئىچىمدىن پارچىلنىپ كەتتىم .
كۈرەش
مەلەك
كۆنچى
كۈرەش
كۈرەش
كۈرەش
كۈرەش
كۆنچى