يىتىم ℃288

يىتىم

ھىكايە

روھچىن

كىملەربىلەن تۇنۇشۇپ قېلىش، كىملەربىلەن توي قىلىپ ئولتۇرۇپ قېلىش ئادەم ئالدىن بەلگىلاپ بولمايدىغان ئىش. چوڭلارنىڭ دىيشىچە ئادەمنىڭ تەقدىرى يارىلىشتىن ئىلگىرى پۈتۈۋىتىلگەنمىش، ئادەم ھەرقانچە ئۇرۇنغان بىلەن يەنىلا خۇدانىڭ ئىرادىسى غالىپ كىلەرمىش.

لېكىن ئابلىكىم بۇگەپنى ئاڭلىغان بولسىمۇ بۇ ئىشقا كەلگەندە «خۇدانىڭ ئىرادىسىنى كۆرەي» دەپ توختاپ قالالمىدى، ئۇنىڭ دائىم دەيدىغان گىپى «ماڭا ئامال يوق».

چوڭلارئۆز-ئارا ئادەمگەرچىلىك ئىشلىرىدا ناھايىتى ئىنچىگە قارايتتى. قۇدا بولماقچى بولغانلارنىڭ چاينى قانداق قۇيىشى، ئالدىدا قانداق ئولتۇرۇشلىرىغا قەدەر دىققەت قىلاتتى ۋە شۇ ئىش ھەركەتلىرى ئارقىلىق قۇدىسىنى چۈشەنمەكچى ۋە ئۈزىگە قانداق قارايدىغانلىقىن بىلمەكچى بۇلاتتى. بۇ قېتىممۇ قۇدا تەرەپنىڭ تاماقنى ۋاقتىدا ئەچىقمىغانلىقى،بارىكاللىغا ئاچقان داستىخانغا نەزەر سالماي ئولتۇرغانلىقى ۋە ئورنىدىن تۇرمىغانلىقى ئۇلارنى ئەدەپ-قائىدە ئۇقمايدىغان، قۇدىلارنى كۆزگە ئىلمايدىغان،ھارامزادە دىگەندەك ئاتاقلارغا قويدى.

چوڭلاربۇگەپلەرنى ئۇنۇتماي تۇرغاندا قارشى تەرەپ چۇقۇم گۈل قۇيۇش شەرتىنى قويدى، چوڭلارخېلى پاراڭلىشىپ باققان بولسىمۇ ئۇلار گۈل قۇيۇپ ئاندىن توي قىلىش تەلىپىدىن يانمىدى. يەنە كىلىپ كىمنىڭ ئېغىزىدىن چىقتى «چىمەنگۈلنىڭ ھەدىسىنى يەتتە يىل ئىلگىرى 18 مىڭ كويلۇق تويلۇق بىلەن ئەكىلىپتىكەن» دىگەن گەپ چىققاندىن كىيىن چوڭلارنىڭ 10مىڭ كويلۇق تويلاق بىلەن توينى پۈتكۈزۈش ئارزۇيى سۇغا چىلاشتى-دە بۇتوينى قىلىشتىن بىراقلا يالتايدى.

چوڭلار ئىككى تەرەپتە تۇرۇپ شاكال توپ ئويناۋاتقان ماھىرلارغا، ئابلىكىم بىلەن چىمەنگۈل ئىككى پالاق ئوتتۇردىكى شاكال توپقا ئوخشاپ قېلىۋاتقان ئىدى. بىرى-بىرىگە كىچىككىنىمۇيول قويمايۋاتاتتى. چىمەنگۈل بىلەن ئابلىكىمنىڭ يۈرەك سۇقۇشىنى تىڭشاپ بېقىش ئىككىلى تەرەپكە ئېغىر كىلىۋاتاتتى، چىمەنگۈل گەپ قىلسا« قىز بالا بولغاندىكىن ئىشىنى قىلسۇن»دەپلا سىلكىدى. ئابلىكىم گەپ قىلسا« ھېلىمۇ سىزنىڭ كۆڭلىڭىزنى دەپ150 كىلو مىتىر يولنى بېسىپ بارىكاللىغا باردۇق، سىزنى دەپلا ئۇنداق يولسىزلىققايول قۇيۇپ خەخكە بۇزەك بۇلىۋەرگىلى بولمايدۇ» دەپ گەپنى ئۈزدى.

قانداققىلىش كىرەك ؟ ئابلىكىم قانداق قىلىشنى بىلەلمەيتتى. «دادام بولغان بولسا مىنىمۇ ئاز-تۇلا چۈشۈنەر ئىدى»دەپ ئويلايتتى.

ئۇنىڭغا بىردىن-بىر تەسەللى بۇلاۋاتقان نەرسە چىمەنگۈلنىڭ تېلىفۇنى ۋە ئۇچۇرى ئىدى. بىر سائەتتە بىريائۇچۇر،ياتېلفۇن كەلمىسە چۇقۇم جىدەل چىقاتتى. بۇنىڭغا تاقەت قىلالمىغان ئانا  ئابلىكىمنى تىللىدى ھەرقېتىم تىللىسا يا قاقشىسا«خاپا بولماڭ» دەپ تۇردىغان ياۋاش-يۇمشاق بالا بۇ قېتىم« ئىشىڭنى قىلە سەن قېرى،ماڭە ئا ئۆيگە چىقىپ كەت ! سىنى كۆرگۈم يوق » دەۋەتتى.

ماشىنىغاگاز قاچىلاپ پونكىتتىن چىقىپ سائەتكە قارىۋىدى بامداتقا تېخى ئىككى يېرىم سائەت بارئىكەن، ماشىنىنى ئۇدۇل قەبرىستانلىققا ھەيدىدى. ئۇ يەردە ئالتە يىل ئىلگىرى باقى ئالەمگە سەپەر قىلىپ كەتكەن دادىسى بارئىدى.

يازما ئاپتورى:

يازغانلىرىم باشقىلارنى يىتەكلەش، ھەقىقەتكە قايتۇرۇشتەك ئۇلۇغ ئىشلارنى مەقسەت قىلمىغان. مەن پەقەت ھېس قىلغانلىرىمنى ھىكايە، نەسىر، خاتىرە شەكىلدە يېزىپ قالدرۇماقچى. بۇ مەۋھۇم دۇنيانى رىئال دۇنيادىن تېپىلمىغان سىرداش، مۇڭداش قاتارىدا كۆرۈپ قۇرساق كۆپۈكلىرىمنى،ئىچ پۇشۇقلىرىمنى، دەرت-ئەلىمىمنى تۆكۈپ ئىچىمنى بۇشاتماقچى. . . يازمىللىرىم يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىگىمۇ تەڭ يوللىنىدىغان بۇلۇپ يازمىللىرىم ھەققىدىكى نۇرغۇن ئىنكاسلارنى مەزكۇر مۇنبەردىن كۆرەلەيسىز ئۇيەردىكى نامىم رەھمەتۇللاھدۇر . [ يەتتە قىز مۇنبىرى ]

ئىنكاس يېزىش

ئېلخەت ئاشكارلانمايدۇ. بەلگە * بارلىرىنى چوقۇم تولدۇرۇڭ

*
*