بۇ دۇنيا ئاجايىپلا بىر دۇنيا، ئەتىراپىڭدىكى ئىشلارغا ھەيران بۇلۇپ، ئېچىنىپ، قايغۇرۇپمۇ ئۈلگۈرەلمەيسەن. بۇرۇنغۇ قۇلىقىز، كۈزىمىز، ئۈزىمىزمۇ مەھەللىدىن ئاتلىيالماي قازناقتا باققان پاخلاندەكلا ياشايتتۇق .
بىراق، ھازىر ھەرخىل مېدىيە ۋاستىللىرى بىلەن جاھاننىڭ ھەممە ئىشلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىدىغان بولدۇق.
بۇلۇپمۇ تورغا ئۈگۈنىۋالغاندىن بىرى، دۇنيانىڭ ئۇ چېتىدە يۈزبەرگەن ئىشلارنى خوشنا مەھەللىدىكىلە ئاڭلاپ بولغىچە، بىز خەۋەر تاپىدىغان بۇلۇپ قالدى.
تور دۇنيانى يەرشارى كەنتىگىلا ئەمەس يەرشارى ئائىلىسىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى.
بىر يەردە قوش جىنىسلىقلارتوي قىپتۇ دىسە يەنە بىر يەردە قىز دوستىنى ئۆلتۈرۈپ گۆشىنى پىشۇرۇپ يەۋىتىپتۇ دىگەن بىر يەردە بىرى بىرچېتىمدا 50 چاشقاننى تىرىك يەپ چىمپىيون بۇپتۇ دىسە بىر يەردە مايمۇننى تىرىك تۇرغۇزۇپ مىڭىسىنى ئېلىپ يىيىش مودا بۇلۇپ كىتىپتۇ دەۋاتقان
بۇنداق ئاجايىبات – غارايىباتلارنى ئاڭلاپ، سۆزلەپمۇ ئۈلگۈرۈپ بۇلالمايمىز.
بۇلارغۇ بىزدىن يىراقتىكى ئىشلار قۇيۇپ تۇرايلى. مۇشۇ شەھەر مۇشۇ مەھەللىلەردىمۇ ئەقىلغە سىغدۇرالماي قىينىلىپ كىتىدىغان ئىشلار جېق بۇلۇپ قالدى.
بۇلتۇر خوشنا ناھىيدە بىرى ئانىسىنى ئۇرۇپ، دەسسەپ سۆرەپ يۈرۈپ بىر كىچە قىيناپ ئۆلتۈرۋەتكەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلاپ بۇ ئادەم سۈرەتلىك ئالۋاستىغا ئاڭلىغانلىكى ئادەم لەنەپ ئۇقۇپ چىققان ئىدى.
ئۇزاق ئۆتمەي يەنە بىر ئادەم سۈرەتلىك ئالۋاستى دادىغا ھەممىمىز غەزەپلەنگەن بولساق شورپىشانە قىزىغا ئېچىندۇق. چۈنكى بۇ دادا 11 ياشلىق قىزىغا داۋاملىق باسقۇنچىلىق قىلىۋىرىپ ئاخىرى قىزى ھامىلدار بۇلۇپ قالغان.
جاھان نىمە بۇلۇپ كىتىۋاتىدۇ ؟ ئادەملەر نىمە بۇلۇپ كىتىۋاتىدۇ ؟ كىشىلەرنىڭ ئېڭىدىن ئىمان، ئاخىرەت، ئۈلۈم تەسىرى كۈتۈرلۈپ كىتىۋاتقانسىرى ئۇلارغا ئىنسانىيلىقمۇ يۈك بۇلۇپ قېلىۋاتىدۇ.
ئادەملەر بۇنداق بۇلىۋالغاندا قانۇنمۇ بىر تۈركۈم قۇساق باقتىلارنى باقىدىغان تىجارەتكە ئايلىنىپ قالىدىكەن.
ھەقىقەت ئادالەتنىڭ قۇلىدا بولماي، پۇلدارلارنىڭ يانچۇقىدا، يۈزدارلارنىڭ ئېغىزىدا بۇلىدىكەن.
خۇتەن شەھرىنىڭ، تۇساللا يېزىسىدا ئالدىراش كىتىۋاتاتتىم، يولغا قاتناش ساقچىللىرى چىقىۋېلىپ ماشىنىلارنى بىرمۇ-بىر تەكشۈرۋېتىپتۇ. ئالدىمدا بىرمۇنچە ماشىنىلار نۆۋەت ساقلاپ تۇراتتى.
ماشىنىنى توختىتىپ قۇيۇپ ئالدىدىكى توپلىشىۋالغانلارنىڭ يېنىغا بېرىپ بۇلىۋاتقان پاراڭلارغا قۇلاق سالدىم.
گەپ ناھايىتى جېق ئىدى ئەمما مەزمۇنى شۇ ئىدىكى: ئاخشام سائەت ئونلار بىلەن ئۈچ ئادەم بىر موتسىكىلىتقا مىنىپ كىىتىۋاتقاندا كەينىدىن رەسمىيەتسىز خاڭگەندىن بىرى 200لىك سۈرئەت بىلەن كىلىپ سۇقۇپتۇۋە ماشىنىنى توختىتالماي بىرە كىلومىتىرچە يولغا سۈرۈپ ئاپىرىپتۇ.
ماشىنىنى توختىتىپ قارىسا ئۈچىلى ئادەم يارلانغان ۋايسىراپ ياتقان ئىكەن، ماشىنىڭ شوپۇرى مەس ئىكەن، شۇنىڭ بىلەن قاچماقچى بۇلۇپ ماشىنىنى كەينىگە ياندۇرسا موتو ماشىنىدىن ئاجىرماي، ئۈچ ئادەم موتودىن ئاجىرماي سۆرۈلۈپ كەپتۇ.
بۇ شوپۇر مەس بولغان بىلەن كاللىسى قالتىس ئىشلەپ قۇيىدىكەن. ماشىنىنى ئالدىغا تىزسۈرئەت بىلەن ھەيدەپ قاتتىق تۇرمۇزلاش ئارقىلىپ ئېتىپ چىقىرىپ ئاجراتماقچى بۇلۇپ ئۈچ ئادەم بىر موتسىكىلىتنى تۇپا ئىتتىرىش ماشىنىسىدەك ئىتتىرىپ يەنە بىركىلو مىتىر يولغا تۈرتۈپ ئاپىرىپتۇ.
ئاڭغىچە ئەتىراپتىكى ئامما بىر نەچچە تاكسى شوپۇرى ماشىنىنى تۇسۇپ مەجبۇر توختىتىپ قاتناش ساقچىللىرىغا تېلفۇن قىپتۇ.
ساقچىلار كىلىپ پارە-پارە بۇلۇپ كەتكەن، موتسىكىلىپ ۋە ئۈچ ئادەمنىڭ جەسىدىنى كۈرۈپ، ئاممىدىن ئەھۋالنى ئۇققاندىن كىيىن ساقچىلاردىن بىرى غەزىپىنى باسالماي ھېلىقى مەسنى بەل تاسما بىلەب بىرمۇنچە ئۇرۇپتۇ .
بۇگۈنكى ئەھۋال بولسا رەسمىيەتسىز ماشىنىلارغا قاتتىق زەربە بىرىش ئۈچۈن قاتتىق تەكشۈرۈشى ئىكەن .
زامان ئاخىرىدا كىشىلەرنىڭ دىلىدىن ئىنساپ، دىيانەت كۈتۈرلۈپ كىتىدۇ. قىز ئاتىسىدىن، ئۇغۇل ئانىسدىن ھېيىقماس بۇلۇپ قالدۇ. ئانىلار ئۈزىنىڭ خۇجايىنلىرىنى تۇغۇدۇ دەيدىغان بايانلاربارئىدى كىتاپلاردا.
ئىمام رەببانى بىر دۇئاسىدا«ئى اللە مىنى زاماننىڭ ئاخىرىغا قالدۇرماي دەرگاھىڭغا ئېلىپ كەتكىن »دەپ تىلەپتۇ. ئەتىراپىدىكىلەر نىمە ئۈچۈنلىكىنى سورىغاندا .«دەسلىۋىدە قەلبىدە مۇستەھكەم ئىمانى بارلار قازا قىلىپ تۈگەيدۇ، ئارقىدىن ئىمانى ئاجىزلار ئۈلەپ تۈگەيدۇ، ئارقىدىن قەلبىدە زىغىرچىلىك ئىمانى بارلار ئۈلەپ تۈگەيدۇ، زامان ئاخىرىغا پۈتۈنلەي ئىمانسىزلار قالىدۇ» دەپ چۈ شەندۈرۈپتىكەن . شۇنىڭغا قارىغاندا زاماننىڭ بەك بەك ئاخىرىغا كىلىپ قالغان بولساق كېرەك .
ئەتە – ئۆگۈن كۈن نۇرى قىزىتىپ ئۇخلىيالماي چاپىقىمىزنى تاتىلاپ سىرتقا چىققاندا قۇياشنىڭ مەغرىپتىن چىققىنى كۆرەمىزمۇ ؟!
مەرۋەرى
روھچىن
روھچىن
پاراسەت
دەرىزە
پاراسەت
ئەلتەر
مەرۋەرى