تەۋەررۇك تىما ℃1,261
iphoneنى ئويناۋېتىپ Safari تور كۆرگۈچىسىدىكى ئىزدىش رامكىسىنىڭ كۈڭۈلدىكى تەڭشىكى Yahoo غا ئۆزگىرەپ قالغانلىقىنى بايقاپ قالدىم . ئىلگىرى Google ئىدى . شۇنىڭ Yahoo نىڭ ئىزدەش نەتىجىسىنى كۈرۈپ بېقىش ئۈچۈن RohQin دەپ ئىزدىدىم . ئارانلا ئىككى تەتىجە چىقىپتۇ .بىرى خەنزۇچە بەتتىن ئىكەن ،يەنە بىرى يۇلغۇن مۇنبىرىنىڭ ئىسلام سەھىپىسىدىن ئىكەن .
بۇيەرگە قىزىقىپ دەرھال ئچكىرلەپ كىردىم . . . . . .
2005-2006-يىللىرى چايخانىلاردىن زىرىكىپ مۇنازىرە مۇنبەرلىرىگە يىڭى كىرگەن ۋاقىتلىرىم ئىدى . ئويلايدىغىنىم بىرەر مۇنبەرنى تاللاپ شۇيەردە ماكان تۇتۇش ئىدى .
شۇنداق قىلىپ ماكان ئىزدەپ يۈرگەندە يۇلغۇن مۇنازىر مۇنبىرى ئېچىلدى . بۇ مۇنبەرنى بىر قاتار چۆرگىلەپ چىققاندىن كىيىن دەل مىنىڭ ئىزدەۋاتقان ماكانىم ئىكەنلىكىنى ھېسقىلدىم ۋە دەرھال ئەزا بولدۇم .لېكىن بۇيەردىكى كىشىلەرنىڭ تۇلىسى دىنى سەۋىيسى يۇقۇرى ،ئالى مەلۇماتلىق ، چەتئەللەردىكى داڭلىق مەكتەپلەردە ئۇقۇۋاتقان كىشىلەر بولغاچقا ئۇلانىڭ ئالدىدا جۆيلۈپ سېلىشتىن قورقۇپ، ئۇلاربىلەن پىكىرلىشىش ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا تىما،ئىنكاس يېزىش مۇمكىن بولمىدى .
شۇنداقتىمۇ مۇشۇ مۇنبەرنىڭ بىر ئەزاسى بۇلۇش سالاھىيتىم بىلەن بىرەر تىما يوللاپ باققۇم بارئىدى .
ئۇ ۋاقىتلاردا ئەرەپچە مۇنازىرىلەرگە تۇلا كىرىدىغان ۋاقتىم ئىدى بىركۈنى ئەرەب تىلىدىكى «قەلبىم»مۇنازىرسىنى ئايلىنىپ كىتىۋېتىپ تۆۋەندىكى تىمىنى ئۇچۇرىتىپ قالدىم ۋە دەرھال تەرجىمە قىلىپ يۇلغۇن مۇنازىرسىگە يوللىدىم .
يۇلغۇندىمۇ ئۇزۇن تۇرماي چىقىپ كەتتىم ، بۇ تىمىمۇ ئۇنتۇلۇپ كەتتى . . . . . . . . .
لېكىن ئارىدىن 6يىل ئۆتكەن مۇشۇ كۈندە بۇ تىمام بىلەن يەنە تېپىشىپ قالدىم (توردۇنياسى نىمە دىگەن كىچىك ھە )
مىنىڭ توردۇنياسىدا ساقلىنىش تارىخى ئەڭ ئۇزۇن بولغان ، مۇستەقىل تەرجىمە قىلىپ يوللىغان بىردىن بىر تىمام ئىكەن بۇ ؟ بۇ ئەزىز مىھمىنىمنى يەنە قەدىرلەپ تۆرگە ئولتۇرغۇزىۋالدىم. . . .
بەلكىم سىز قۇرئان كەرىمنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەيدىغانسىز. . . .
(ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس توردۇنياسىدا قۇرئان كەرىمنى 32 پارە دەپ يۈرگەن نۇرغۇن مىللەتداشلىرىمنى ئۇچۇراتقانمەن )ياكى مۇنداقلا ساۋاتلىق بۇپ قۇيۇپ قۇرئان كەرىمنى قەلبىڭىزنىڭ تۆرىگە چىقىرىپ قۇيۇپ (شىڭسىسەي خۇجىنىياز ھاجىمنى تۆرگە چىقىرىپ قۇيۇپ ئىشنى ئۈزى بىلىپ قىلغاندەك )نەپسىڭىزنىڭ كەينىدىن سوكۇلداپ يۈرگەن بىرىدۇرسىز ۋەياكى قۇرئان كەرىمنى يادلاش ئارزۇيىڭىز بار، قۇرئان كەرىمگە ئىشقىڭىز بار لېكىن قۇرئان كەرىم زادى قانچىلىك ؟ قانچىلىك ۋاقىتتا يادلاپ بولغىلى بولىدۇ ؟قانچىلىك ۋاقىت كىتىدۇ ؟ دىگەندەك سوئاللارئارسىدا گاڭگىراپ قالغاندۇرسىز .ئەگەر ئالدىنقى ئىككىسىدىن بۇلۇپ قالسىڭىز ھېچ بولمىغاندا قۇرئان كەرىمنىڭ ھەجىمى ھەققىدە بىرنەرسىلەرنى بىلىپ قالىسىز . كىيىنكىسى بۇلۇپ قالسىڭىز نۇرغۇن سوئاللىرىڭىزغا جاۋاپ بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن . ئەگەر تېخىمۇ كۆپ مەسلىھەتكە مۇھتاج بولسىڭىز ئىككىلەنمەي ئىنكاس قالدۇرۇڭ ناھايىتى ئۇبدان مەسلىھەت بىرىمەن . چۈنكى بۇ ئىشلارنى ئۆزبېشىمدىن ئۆتكەزگەنمەن
ھاياتىڭىزدىكى بىر پۇرسەت
قۇرئان كەرىم يەتتە مەنزىل ، 30 پارە ، 114 سۈرە،305.5 ۋاراق611 سەھىپە.
ھەربىر پارە تۆت بۈلەككە ئايرىلىدۇ .بىرىنچى بۈلەك رۇبئۇ دىيلىدۇ ،ئىككىنچى بۆلەك يەنى بىر پارە يېرىم بولغاندا نىسفى دىيلىدۇ ،بىرپارىنىڭ 3 بۈلىكى ئاخىرلاشقاندا سەلاس دىيلىدۇ ، 4-بۈلەك ئاياغلاشقاندا بىرپارە تۈگەيدۇ .
بىر پارە 20 ۋاراق 20 سەھىپە .ھەر سەھىپە 15 قۇر.
ئۇنداقتا. . .
قۇرئان كەرىمنى يادلاشنى خالامسىز ؟
تۆۋەندىكىلەرنىڭ سىزگە ئازتۇلا ياردىمىنى بۇلۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
ئەگر سىز قۇرئانكەرىمدىن كۇنلۇكى 1ئايەت يادلىسىڭىز، قۇرئاننى17يىل7ئاي 9 كۇندە يادلاپ بۇلىسىز :
ئەگەر كۇندە 2ئايەت يادلىسىڭىز8،يىل 9 ئاي 18كۇندە :
ئەگەر كۇندە 3ئايەت يادلىسىڭىز5، يىل 10 ئاي 13 كۇندە:
4 ئايەت يادلىسىڭىز، 4يىل 4ئاي 24 كۇندە:
5ئايەت يادلىسىڭىز، 3يىل 6 ئاي 7 كۇندە:
6ئايەت يادلىسىڭىز ،2يىل 11 ئاي 4 كۇندە:
7ئايەت يادلىسىڭىز2،يىل 6ئاي 3كۇندە :
8ئايەت يادلىسىڭىز ،2يىل2ئاي 12كۇندە :
9ئايەت يادلىسىڭىز ،1يىل 11ئاي 12كۇندە :
10ئايەت يادلىسىڭىز ،1يىل 9ئاي 3كۇندە :
11ئايەت يادلىسىڭىز 1،يىل7ئاي 6كۇندە :
12ئايەت يادلىسىڭىز،1يىل 5ئاي 15 كۇندە:
13ئايەت يادلىسىڭىز ،1يىل4ئاي6كۇندە:
14ئايەت يادلىسىڭىز، 1يىل 3ئايدا:
15ئايەت يادلىسىڭىز1،يىل 2ئاي 1كۇندە:
16ئايەت يادلىسىڭىز، 1يىل 1ئاي 6كۇندە:
17 ئايەت يادلىسىڭىز 1،يىل 10كۇندە :
18 ئايەت يادلىسىڭىز ،11ئاي 19كۇندە:
19ئايەت يادلىسىڭىز ،11ئاي 1كۇندە:
20ئايەت يادلىسىڭىز ،10ئاي 16كۇندە :
1بەت يادلىسىڭىز ،1يىل 8ئاي12كۇندە:
2بەت يادلىسىڭىز ،10ئاي 16 كۇندە :
يادلاپ بۇلالايسىز .قانداق قۇرئاننى يادىلىغۇڭىز كىلىۋاتامدۇ؟ ئىسىڭىزدەبولسۇن،قۇرئاندىن 1ھەرىپ ئۇقۇسىڭىز بىر ئەجىر بىرىلىپ بۇنىڭغا يەنە 10 ئەجىر قۇشۇپ بىرىلىدۇ
دا 19ھەرىپ بار 190ئەجىر دىگەن گەپ !!!قۇرئاننى يادلاش جەريانىدا يادىلىغاندىن كىيىن تىلاۋەت قىلىش جەريانىدا قانچىلىك ئەجىر گە ئېرىشەرسىز ؟
(بۇنىڭدىن قەتئى شەكلەنمەڭ بۇ پەرۋەردىگارىڭىزنىڭ ۋەدىسى.)
بۇ ھەقىقەتەنمۇ سىزنى مۇكاپاتقا(جەننەتكە)ئېرىشتۇردىغان ھاياتىڭىزدىكى پەقەت بىرلا پۇرسەت .
ئاللاھ ئىشلىرىڭىزغا ئاسانلىق بەرسۇن،ئامىن!
ئاينۇرى
تارىم
ھىجران
روھچىن
كۆنچى
سۈۋەرەك
غەيۇرشاھ
ئالىم