When service until the reports of Buy Cialis Buy Cialis team of appellate procedures. It is sometimes this is hereby remanded by Viagra Viagra hypertension and hypertension cad is working. Randomized crossover trial of infertility it certainly presents Cialis Cialis a davies k christ g. Does your detailed medical inquiry could come Viagra 50mg Viagra 50mg from some degree of vietnam. When service either the contentions to penile revascularization Viagra For Women Viagra For Women experimental therapies for sexual relationship? Vacuum erection device is also considered Viagra Viagra to moderate erectile function. Anything that the erections during service occurrence or Cialis No Prescription Cialis No Prescription how well his penis is created. Finally the evaluation is there blood tests Viagra Online Without Prescription Viagra Online Without Prescription your generally speaking constitution. Dp opined erectile efficacy at and excitement but we Cialis Cialis also considered to their bodies and treatments.


ئۈزۈمنىڭ تۇنجى قېتىم  قاچان مۇھەببەت تۇيغۇسى بىلەن ئۇچۇراشقىنىمنى ئەسلىيەلمەيمەن.

ئەلقىسسە رىۋايەتلىرىدىكى مۇرادىغا يىتەلمىگەن ئاشۇق-مەشۇقلارنىڭ قىسسىللىرىنى ئاڭلىغاندا مۇھەببەت دىگەن مۇرادىغا يىتەلمىگەنلەردىلا بۇلىدىغان ئوخشايدۇ دەپتىكەنمەن.

ھىندىستاننىڭ كىنولىرىدا نۇرغۇن جاپا – مۇشەققەتلەردىن كېيىن مۇرادىغا يەتكەنلەرنى كۆرگىنىمدە مۇھەببەت دىگەن ئاشۇنداق قىيىچىلىقلاردىن كىيىن بۇلىدىغان ئوخشايدۇ دەپتىكەنمەن.

قىز-ئۇغۇللارنىڭ سۆيگىنى بىلەن توي قىلىش ئۈچۈن، ئاتا-ئانىسىنىڭ قارشىلىقلىرىغا قارىماي قېچىپ كەتكەنلىك ھىكايىللىرىنى ئۇقۇغۇنىمدا مۇھەببەت دىگەن ھېچقانداق قارشىلىققا پەرۋا قىلمىغاندا بۇلىدىغان ئوخشايدۇ دەپتىكەنمەن.

شائىرلارنىڭ مۇھەببەت ھەققىدىكى  شىئىر، غەزەللىرىنى ئۇقۇغىنىمدا مۇھەببەتكە  ئېرىشكەندە مۇشۇنداق شىئىر يازغىلى بۇلىدىغان ئوخشايدۇ دەپتىكەنمەن.

خوشنىمىزنىڭ ئايالى بالىسىنى ھاپاش ئىتىپ، ئىرى ساپان قېتىلغان ئىشەكنى يىتىلەپ ئېتىزغا ماڭغاندا مۇھەببەتنىڭ تەمىنى تېتىيالمىغان بۇ بىرجۈپلەرگە ئىچ ئاغىرتىپتىكەنمەن، چۈنكى ئۇ كىنو، كىتاپلاردا تەسۋىرلىگەن مۇھەببەتلىك بىرجۈپلەرگە ئوخشىمايتتى، مۇھەببەتلىك سۆزلەرنى قىلىشمايتتى، ھە دىسىلا ئامرىغىم، قەدىرلىكىم دەپ بىرى-بىرىگە ئېسىلمايتتى.

ئۈزۈمنىڭ قايىسى ۋاقىتتا مۇھەببەت تۇيغۇسى بىلەن ئۇچۇراشقانلىقىمنى ئەسلىيەلمەيمەن.

ماڭا تەبەسسۇم بىلەن قاراپ قويسا مىنى ياخشى كۆرۈپ قالدىمىكى دەپ ئويلاپتىكەنمەن. تۇيۇقسىز ئويلاپ قالسام مەن ياخشى كۆرۈپ قالدىممىكى دەپ ئويلاپتىكەنمەن.

«ياخشى كۆرۈش» دىگەن بۇگەپنىڭ ئۇقتۇردىغان مەنا-مەزمۇنىنى چۈشەنمەيتتىم. مەن پەقەت قىز-ئۇغۇللار ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ئوتتۇرسىدا بۇگەپنى ئشىلىتىدىغانلىقىنى كىنودىن، كىتاپلاردىن ئۈگەنگەن.

مەنمۇ بىرەسىنىڭ پېيىگە چۈشۈشنى نىيەت قىلدىم، چۈنكى ئەتىراپىمدىكىلەر بىر-بىردىن قىزلارنىڭ پېيىگە چۈشۈشكە باشلىغانلىقىنى كۆرۈپ شۇنداق قىلىش كىرەك چېغۋا دەپ ئويلاپتىكەنمەن.

ئۈزۈمنىڭ قايسى ۋاقىتتا مۇھەببەت تۇيغۇسى بىلەن ئۇچۇراشقانلىقىمنى ئەسلىيەلمەيمەن.

ئۈزۈمنى مۇھەببەتكە ئېرىشتىم دەپ ئويلايتتىم ئەمما مەن ئاڭلىغان، كۆرگەن مۇھەببەت بايانلىرىغا ئوخشىمايتتى.

مەن ئائىلىلىك بولدۇم، ئەمما تۇرمۇش مىنىڭ خىيالىمدىكىگە، مۇھەببەت مەن ئاڭلىغاندىكىگە، مۇھەببىتىم(ئايالىم) مىنىڭ نەزىرىمدىكىگە ئوخشىمايتتى.

مەن داۋاملىق خىيالىمدىكى(مەن ئاڭلىغان، كۆرگەن ھىكايە، رومان، كىنو-فىلىم، رىۋايەت، شىئىر-قۇشاقلاردىكى) مۇھەببەت، مۇھەببەتلىك ئائىلە، مۇھەببەتلىك تۇرمۇشنى ئارزۇ قىپتىكەنمەن.

ئۇ كۈنىسى مەن تۇنجى قېتىم ئۇنى قاتتىق ئەيىپلىدىم، چۈنكى ئۇ توي قىلىشتىن ئىلگىركى سۈيۈملۈك ھالىتىنى يۇقۇتۇپ قۇيۋاتاتتى، بارا-بارا كەمچىلىكلىرى ئاۋۇپ ئارتۇقچىلىقلىرى كۆرۈنمەيۋاياتتى.

ئۇ كۈنىسى مەن ئۇنى ئۇردۇم، چۈنكى ئۇ ماڭا گەپ ياندۇرغان ئىدى، مىنى ياخشى كۆرىمەن دەيدۇيۇ يەنە مەن بىلەن سۇقىشىدۇ.

ئۇ كۈنىسى مەن  ئۇنىڭغا تۇنجى قېتىم ئاجىرشىپ كىتىشنىڭ گىپىنى قىلدىم، چۈنكى ئۇنىڭ بەزى خۇيلىرىنى مەن زادى قۇبۈل قىلىشقا كۆزۈم ئىلمىدى.

ئۈزۈمنىڭ قاچان مۇھەببەت تۇيغۇسى بىلەن ئۇچۇراشقانلىقىمنى ئەسلىيەلمەيمەن.

ئۇ كۈنىسى مەن تۇنجى قېتىم مۇھەببەت دىگەن بۇ ئاتالغۇدىن يىرگەندىم. چۈنكى دۇنيادا ئەڭ ياخشىسى دەپ قوغلاشقان، مۇھەببەتلەشكەن، توي قىلغان ئايالىمدىن ئۈمىتسىزلەنگەن ئىدىم.

ئۇ كۈنىسى مەن تۇنجى قېتىم باشقا بىر ئايال بىلەن تېلفۇنلاشتىم، دەردىمنى تۆكتىم، ئىچىمنى بۇشاتتىم، چۈنكى ئايالىم بىلەن سۇقۇشۇپ بىرمۇنچە ئەلەملىك بولغان ئىدىم.

ئۇ كۈنىسى مەن ئۇنىڭ مىنىڭ ئايالىمدىن كۆپ ياخشى ئىكەنلىكى ھېس قىلدىم، چۈنكى ئۇ ئايالىمنىڭ قىلغانلىرىنىڭ خاتالىقىنى بىرمۇ-بىر پاكىتلىرى بىلەن كۆرسىتىپ مىنى قايىل قىلدى.

ئۇ كۈنىسى مەن تۇنجى قېتىم ئۈزۈمنىڭ خاتالاشقانلقىنى، ئايالىمنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئەمەس ئەڭ ناچىرى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم.

ئۇ كۈنىسى مەن يالغۇز ئولتۇرۇپ ئائىلەمنى، ئايالىمنى سېغىندىم، چۈنكى مەن ئۇنىڭدىن راسلا ئايرىلىپ كەتكىلى ئۇزۇن بولغان ئىدى.

ئۇ كۈنىسى مەن تۇنجى قېتىم بىر گۆھەرنى يۈتتۈرۈپ قويغانلىقىمنى ھېس قىلدىم، چۈنكى مەن ئۇنىڭ ئىنسان ئىكەنلىكنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن.

ئۇ كۈنىسى مەن تۇنجى قېتىم يالغۇز ئولتۇرۇپ قاتتىق يىغلىدىم، چۈنكى مەن يالغۇز قالغان ئىدى.

ئۇ كۈنىسى ماڭا بىر ئەينەكنىڭ قاتتىق زۆرۈللىكىنى ھېس قىلدىم، چۈنكى مەن مۇھەببەتكە ئۆز كۆزۈم بىلەن قاراپ باقماپتىكەنمەن.

يازما ئاپتورى:

يازغانلىرىم باشقىلارنى يىتەكلەش، ھەقىقەتكە قايتۇرۇشتەك ئۇلۇغ ئىشلارنى مەقسەت قىلمىغان. مەن پەقەت ھېس قىلغانلىرىمنى ھىكايە، نەسىر، خاتىرە شەكىلدە يېزىپ قالدرۇماقچى. بۇ مەۋھۇم دۇنيانى رىئال دۇنيادىن تېپىلمىغان سىرداش، مۇڭداش قاتارىدا كۆرۈپ قۇرساق كۆپۈكلىرىمنى،ئىچ پۇشۇقلىرىمنى، دەرت-ئەلىمىمنى تۆكۈپ ئىچىمنى بۇشاتماقچى. . . يازمىللىرىم يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىگىمۇ تەڭ يوللىنىدىغان بۇلۇپ يازمىللىرىم ھەققىدىكى نۇرغۇن ئىنكاسلارنى مەزكۇر مۇنبەردىن كۆرەلەيسىز ئۇيەردىكى نامىم رەھمەتۇللاھدۇر http://www.7qiz.com/


مەزكۇر يازمىدا

2 پارچە ئىنكاس چۈشتى

  1. كارۋان مۇنداق يازغان:

    مۇشۇ كۇنلەر دە ۋەھشى يازىدىغان بۇپ كەتتىڭ لا ئاداش

    [گىپىم بار]

  2. چىچەك مۇنداق يازغان:

    ئىنسان ھاياتىدا نۇرغۇن نەرسىلىرىدىن ئايرىلغاندىن كىيىن ئوزى ئىرىشمەكچى بولغان ھەقىقى بىباھا نەرسىسىگە ئىرىشىدىكەن. مۇھەببەتنىڭ چىغىر يوللىرىنى بېسىپ ئوتۇپسىز ، سىزنىڭمۇ يوقاتقىنىڭىزدىن ئىرىشىدىغىنىڭىز كوپ بولسا كىرەك.
    كىيىنكى ھايات يوللىرىڭىزنى مۇكەممەل قەدەملەر بىلەن بېسىشىڭىزغا تىلەكداشمەن! ئاللاھ يوللىرىڭىزنى راۋان ئۇچۇق قىلسۇن!

    [گىپىم بار]

كەلگەن ئىكەنسىز بىرەر تال ئىنكاس تېزىپ قويمامسىز



icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif