ئەينەككە سىنچىلاپ قارىدىم، ئۈزۈمنى ئەمەس، روھىمنى ئىگەللەپ كىتىۋاتقان شەيتاننى كۆرمەكچى ئىدىم.
ئەمما، ئەينەكتە شەيتاننىڭ چاڭگىلىغا چۈشۈپ قالغان، خارلىق كىپىشىنى سۆرەپ يۈرگەن بىچارە تۇرۇقۇمنى كۆردۈم.
ئۈزۈمنىڭ شۇ دەرىجىدە خار،بىچارە بۇلۇپ كەتكىنىمگە غەزىپىم كەلدى. بەلكىم، بۇ غەزەپ كىچىككەندۇ، بۇرۇنراق كەلگەن بولسا بۇ خارلىققا چۈشۈپ قالماس ئىدىم. ئۈزۈمنى قۇتۇلدۇرۇشقا ھەركەت قىلار ئىدىم.
چىرايىمغا قارىغانسىرى چىرايىم ئۆزگىرۋاتاتتى بەت-بەشىرە بىرنەرسىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتاتتى بەلكىم روھىمنى ئىگەللەپ كەتكەن ئاشۇ شەيتاننىڭ سىماسى چىرايىمغا چىقۋاتقاندۇ مەن پۈتۈنلەي شەيتانغا ئۆزگەرمەكچى بۇلىۋاتقاندىمەن .
ياق ياق مەن ئۆزگەرمەسلىگىم كىرەك. مەن ئەسلىمگە قايتىشىم كىرەك. شەيتاننىڭ مىنى كونتىرول قىلىۋېلىشىغا يول قويماسلىقىم كىرەك.
لېكىن، قانداق قىلىشىمنى بىلمەيتتىم . قەلبىم شۇنچىلىك پاك ئىدى. اللە نىڭ پەرىشتىللىرىن ئۇلۇغ ئىدىم. پەرىشتىلەرنىڭ سەجدە قىلىشىغا نائىل بولغان، جىسمىم تەبىئەتنىڭ ئۇلۇغلىقىنى، روھىم ياراتقۇچىنىڭ نۇرىنى ئۈزىگە مۇجەسسەملىگەن ئىدى. ئەمما، ھازىر بۇ ئۇلۇغلۇق، بۇ نۇر شەيتاننىڭ ئېشىكىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتاتتى.
ئاتامنىڭ ئالدىدا بىچارىلەرچە يۈكۈندىم . تور ئورنۇڭدىن مەن سىنى ئەركەك دەپ باققان، دىدىم ئاتام.
پوتلا ئارىلاش ئېقىۋاتقان يېشىمنى سۈرۈتكەچ، دىدىم. مەن، مەن، شەيتانغا ئالدىنىپ كەتتىم ئاتا. شەيتان روھىمنى ئىگەللىۋالدى. ئىمانىم مەھكۇملۇقتا قالدى. قانداق قۇتۇلدۇرۇشنى بىلمىدىم.
ئاتام ھەسرەتلىك بىر تىنىۋالغاندىن كىيىن دىدى گېلىڭنى يىغ !
مەن گېلىمنى قانداق يىغىشنى بىلمىدىم. ئاتام دەۋىر دىكىدەك ئۈزى تېرىپ، ئۈزى يىغىپ ،ئۈزى تارتىپ، ئۈزى يېقىپ يەيدىغان ئىش نەدە بولسۇن ؟!كىشىلەردىن ئىخلاس كۈتۈرلۈپ كەتتى . تارتقانلار بىرنىمىلەرنى ئارلاشتۇرۇپ سۈنئى ئۇسۇلدا كۆپەيتىدۇ ياكى ئاقارتىدۇ. پىشۇرغانلار نىمىكىنى ئۈزىمۇ ئۇقمايدىغان يالتىراققا قاچىلانغان بىرنىمىلەرنى قېتىپ پارقىرتىدۇ، چۈرۈكلەشتۈرۈدۇ، تەمىنى ئۆزگەرتىدۇ. كىشىلەرمۇ ئەنە شۇنداق سۈنئى نەرسىلەرگە كۈنۈپ كەتتى. ئىخلاسى بارلارمۇ چۈمۈچى بىلەن كۇچىغا چىقىپ قالدى.
مەن بىرئادەمنىڭ كۈچى جەمىيەتتە نىمىنى ئۆزگەرتەلىسۇن !
ئەينەكنىڭ ئالدىغا كەلدىم. يۈزۈمنىڭ ئۇيەر-بۇيەرلىرىدىن بىرنىمىلەر ئۈنۈپ چىققىلىۋاتقاندەك تۇراتتى.
بەلكىم شەيتاننىڭ زەھىرى تىرەمنى تىشىپ چىقىۋاتقان بولسا كىرەك.
بۇنى ئىشلەت! دەپ بىر قۇتىدا بىرنىمىنى تەڭلىدى، بۇرادىرىم. نىمە بۇ؟ دىدىم ھەيرانلىقتا. «ئاقارتىش مەلھىمى» قارىسام چىرايىڭ قارىداپ قاپتۇ. بۇنى ئىشلەتسەڭ ئاقىرىدۇ. بولدى يۈزۈمنى مەلھەم بىلەن ئەمەس ئىمان بىلەن ئاقارتاي. ھازىرغۇ مەلھەم سۇۋاپ چىرايىمدىكى قارلىقنى ئىنسانلاردىن يۇشۇرۇپ قالارمەن. قىيامەت كۈنى اللەنىڭ ئالدىدا ئەسقاتماس بۇ مەلھەم. ئۇ ھەيران بولغانلىقتىن چىرايىمغا قاراپ قالدى. بەلكىم، مىنىڭ گىپىم ئۇ بۇرادىرىمگىلا ئەمەس، ئاقارتىش مەلھىمى سېتىۋاتقان، ياساۋاتقان تۇمەنمىڭ ئادەملەرنىڭ ھەيرانلىقىنى قوزغىغاندۇ.
ئەتىراپىمغا نەزەر تاشلىغىلى جۈرئەت قىلالماس بۇلۇپ قالدىم. ئەتىراپىمدىكىلەرنىڭ ھەممىسى شەيتانغا قۇل بۇلۇپ كەتكەن ئادىمى شەيتانلار. ئاياللار، يالىڭاچ ،ئەرلەرھەزىلەك، ھۆنەرۋەنلەر ساختىپەز ،تىجارەتچىلەر يالغانچى، بايلار جازانىخور ،ئالىملار خىيانەتكار ھەممە ئادەمنىڭ ئېغىزىدا ھەقىقەت، ئەمما ھەقىقەتنى ئەڭ قاتتىق دەپسەندە قىلىۋاتقانلار دەل ھەقىقەت شۇئارى توۋلاۋاتقانلار.
يول باشچىمىز دەپتىكەن «بىر زامانلار كىلىدۇ ئىماننى ساقلىماق ئالقىنىڭدا چوغنى ساقلىماقتىن تەسكە چۈشۈدۇ»
قانداق قىلىشىم كېرەك ؟ ئەينەك، ئەينەكنىڭ ئالدىغا كەلمىسەملا بولمىدىمۇ ؟
ھەممە مەسىلە مۇشۇ ئەينەكتە. مۇشۇ ئەينەككە قاراشتىن ئىلگىرى مەن بۇ قورقۇنۇچلۇق چىراينى ،خار جىسىمنى كۆرمىگەنمەن .توغرا گۇناھكار ئەينەك بۇ ئەينەك يۇقۇلىشى كىرەك. ئىككىنچى قېتىم كۆزئالدىمدا پەيدا بولماسلىقى كىرەك .
بارلىق كۈچۈمنى يىغىپ غەزەپ بىلەن ئەينەككە ئۇردۇم. ئەينەك چاراڭڭىدە قىلىپ پارچە پارچە بۇلۇپ كەتتى. ئالدىمدىكى تامدا گەج سۇۋاقتىن باشقا ھېچنىمە كۈرۈنمىدى. كۆڭلۈم كۈتۈرلۈپ قالدى. بەت بەشىرە چىرايدىن قۇتۇلغاندەك بولدۇم. ئاياق ئاستىمدا پارە-پارە بۇلۇپ كەتكەن ئەينەككە مەغرۇرلارچە قاراپ قۇيۇپ چىقىپ كەتكەكچى بولدۇم .
پەرۋەر دىگارىم ! ئاياق ئاستىمدا ھېلىلا مەن قۇتۇلدۇم دەپ خۇشال بولغان بەدبەشىرە چىراي نەچچە مىڭ پارچە ئەينەكتىن كۈرنۈۋاتاتتى .
مەن ئىختىيارسىز ئەينەك پارچىللىرىغا يەنچىشكە باشلىدىم. ئۇلارنى كۇكۇم تالقان قىلىۋەتمەكچى ئىدىم ….ئەمما ھەربىر دەسسىشىمدە ئاشۇ قورقۇنۇچلۇق چىراي نەچچە پارچە ئاۋۇپ كىتىۋاتاتتى. ئۆينىڭ ئىچى ئەينەك پارچىللىرىغا تۇشۇپ كەتتى. قاياققا قارىسام ئاشۇ چىراينىڭ ئەكسى ،ئاشۇ خارجىسىمنىڭ ئەكسى . . .كۈزۈمنى ئېچىشقا جۈرئەت قىلالمىدىم .كۈزۈمنى چىڭ يۇمۇۋالدىم .ئەمما، كۆزئالدىمدىكى قاراڭغۇلۇقتىن ھلىقى بەد-بەشىرە چىرايلار پەيدا بۇلۇشقا باشلىدى. ئۇلار بارغانسىرى ئاۋۇپ، بارغانسىرى يېقىنلىشىۋاتاتتى. قورقۇنۇچ جىسمىمنى تاشتەك بېسىشقا باشلىدى. پۇتلىرىمدا ماغدۇر قالمىدى. بۇ ئۆيدىن چىقىپ كەتمەكچى بولدۇم. ئەمما، پۇتۇمنى بىر قەدەم يۆتكىمەي تۇرۇپلا يېقىلىپ چۈشتۇم. كۈزۈمنى يۇمۇشنى، يا ئېچىشنى بىلەلمىدىم. ئاشۇ چىرايدىن، جىسمىمنى كونتىرول قىلىۋالغان شەيتاندىن قۇتۇشلا ئامالىم قالمىدى. ئۈزۈمنىڭ پۈتۈنلەي ئامالسىز قالغىنىمنى بىلگىنىمدە، خارلىقنىڭ نالىسى سۈپۈتىدە يۈرۈگۈمدىن بىريىغا ئېتلىپ چىقتى. خوش بۇلۇپ قالاي ،ئۈتۈنۈپ قالاي . . . بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتىم .ماڭا كىمنىڭ ياردەم قىلىدىغانلىقىنى،كىمگە يالۋۇرۋاتقانلىقىمنىمۇ بىلەلمىدىم .
@كوبرا: قەدەملىرىگە تەشەككۈر ئېسىل نەزمىللىرىدىن ئالەمچە سۈيۈندۈم. ئىنكاس ئەمەس تىما قىلىپ يوللايتتۇق بۇنى ئەسلى
[گىپىم بار]
yaxshi سالام سىزگە ئەي قېرىنداش، مەنمۇ سىزگە ھەم بېقىنداش.
كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ، بولۇپ قالايلى بىز قېرىنداش.
پەرۋەردىگار ئېيتقان ئىكەن،تەۋبە قىلساق قۇبۇل ئىكەن.
تەۋبىمىزدىن يانساق ئەگەر، ئۆزىمىزگە زىيان ئىكەن.
يېغا تۇتسا يېغلاۋېرىڭ، يېغىمۇ ھەم ياخشى ئىكەن.
ئاللاھ ئۈچۈن بولغان يېغا، ئاخىرەتتە پايدا ئىكەن.
كۈندە بولسا يېغا ئەگەر، قەلىبلەر يۇمشار ئىكەن.
يېغىسىز ئۆتسە بۇ كۈن، قەلىب تاش بولار ئىكەن.
يېغانىڭ بولغىنى دائىم، مۇئىمىن ئۈچۈن سۈپەت ئىكەن.
ئەگەر بولسا شەيتان شاھىڭ، كۆزۈڭگە ياش كەلمەس ئىكەن.
ھارامنى ھەم ھالالنى، ئايرىماق لازىم ئىكەن.
شەك-شۈبھىدە قالغاندا، چەكلىنىش ياخشى ئىكەن.
……………تۈگىدى
[گىپىم بار]
yaxshi سالام سىزگە ئەي قېرىنداش، مەنمۇ سىزگە ھەم بېقىنداش.
كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ، بولۇپ قالايلى بىز قېرىنداش.
پەرۋەردىگار ئېيتقان ئىكەن،تەۋبە قىلساق قۇبۇل ئىكەن.
تەۋبىمىزدىن يانساق ئەگەر، ئۆزىمىزگە زىيان ئىكەن.
يېغا تۇتسا يېغلاۋېرىڭ، يېغىمۇ ھەم ياخشى ئىكەن.
ئاللاھ ئۈچۈن بولغان يېغا، ئاخىرەتتە پايدا ئىكەن.
كۈندە بولسا يېغا ئەگەر، قەلىبلەر يۇمشار ئىكەن.
يېغىسىز ئۆتسە بۇ كۈن، قەلىب تاش بولار ئىكەن.
يېغانىڭ بولغىنى دائىم، مۇئىمىن ئۈچۈن سۈپەت ئىكەن.
ئەگەر بولسا شەيتان شاھىڭ، كۆزۈڭگە ياش كەلمەس ئىكەن.
ھارامنى ھەم ھالالنى، ئايرىماق لازىم ئىكەن.
شەك-شۈبھىدە قالغاندا، چەكلىنىش ياخشى ئىكەن.
………………
[گىپىم بار]
ئوقۇيمەن، ئوقۇيمەن، نېمىنى ئوقۇۋاتقانلىقىمنى بىلمەيمەنغۇ ؟
چاقچاق.
[گىپىم بار]
@Miss: چاپاندىن ئىككىنى كىيۋاساممۇ يەنىلا تۇڭۇپ تۇرۋاتىمەن
[گىپىم بار]
قانداق قىلىشنى كىمدىن ياردەم تىلەشنى مەندىن ياخشى بىلىسىزhijilliq
شەخسەن مەن ئۆزەمنى ئېلىپ ئېيتسام ناماز ئوقۇيالمىغان كۈنۈم دەككە دۈككىدە،ئەندىشە ئىچىدە ئۆتىدۇ.ناماز ئوقۇغان كۈنۈم بولسا خاتىرجەم،كۆڭلۈم بىر خىل ئازادە تۇرىدۇ rexmet
[گىپىم بار]