سىنى سېغىنىمەن، سىنى سېغىنىمەن، مەن لەۋلىرىڭنىڭ شىرىن تەمىنى تېتىپ باقمىغان، چاچلىرىڭنى كەينىڭگە تاراپ قۇيۇپ باقمىغانمەن، يېرىم تىزلىنىپ تۇرۇپ ئايىقىڭنىڭ بوغقۇچىنى چىگىپ قۇيۇپ باقمىغانمەن. تاللا بازىرىغا كىرگىنىمدە سىنىڭ نىمىلەرنى ياقتۇردىغىنىڭنى ئەسلەپ بىرنەرسە سېتىۋېلىپ باقمىغانمەن،

 

ئۈزۈم بىلىدىغان تاماقلاردىن ئوخشىتىپ ئىتىپ ئەرلەرنىڭ قۇلىدىن چىققان تاماقنىڭ قانداق بۇلىدىغىنىنى ھېس قىلدۇرۇپ باقمىغانمەن. ئىشتىن يېنىپ كىرگىنىمدە ئىشىك ئالدىدىكى تەبەسسۇملۇق چىرايىڭنى تەسەۋۋۇرۇمدىلا كۆرگەنمەن. سىنى سېغىنىمەن، چۈنكى قەلبىم باغلانغان، بەلكى ياراتقۇچى باغلىغان. ئاجىرتىشقا ئامالسىزمەن. سىنى سېغىنىمەن، كەنجى باتۇر چۈشىدە كۆرگەن ھۆر-پەرىلەرنى سېغىنغاندەك، مىليونىرنىڭ قىزىغا ئاشىق بولغان سەھرا يىگىتى سېغىنغاندەك، يۈرەككە بەرگەن تەسەللىلەر ئاقمايدۇ، تېنىپ- تېنىپ كەلگەن كۆزياشلار قارشىلىققا باقمايدۇ، تىزلىنىپ تۇرۇپ قىلغان دۇئالار ياراتقۇچىغا ياقمايدو. سىنى سېغىنىمەن. دەرمان بولمىغان يۈرەك پارتلىغۇدەك بولغاندا قوش قۇلۇم بىلەن چىڭ سىقىمداپ تۇرۇپ سېغىنىمەن، ئاينىڭ تەنھالىقىغا جۆربولغان كېچىلەردە تىنىمنى شۈركەندۈردىغان سۇغۇقلارغا پېتىپ تۇرۇپ سېغىنىمەن، چۈچۈگەن ياققا چۈشكەن پىيازدەك پىژىلداپ ئېچىشقان يۈرەكنى ياققىلى مۇز ئىزدەپ يۈرۈپ سېغىنىمەن، سىنى سېغىنىمەن، كۈتۈپ تۇرۇپ سېغىنىمەن، بىزار بۇلۇپ تۇرۇپ سېغىنىمەن، قەيداپ تۇرۇپ سېغىنىمەن، ئۈمۈتۋارلىق بىلەن سېغىنىمەن. سېغىنماسلىققا ئىلاجىم يوق !

قۇيۇش كونوپكىسىنى بېسىپ ئاڭلاڭ !

ئۇنتۇشنى دائىم ئويلاپ كەلدىم، چۇقۇم ئۇنتۇمەن دەپ ئۈزۈمگە قايتا-قايتا ۋەدە بەردىم. ئەمما باغلىنىش ئىختىيارلىقىڭدا بولمىغاندەك ئۇنتۇشمۇ ئىختىيارلىقىڭدا ئەمەسكەن. ھەربىر كۆز سىنىڭ كۆزۈڭنى ئەسلىتىدۇ، ھەربىر لوقما تائام سىنىڭ قۇلۇڭنى ئەسلىتىدۇ، ھەر بىر ناخشا سەن بىلەن ئاڭلىغان ناخشىلارنى ئەسلىتىدۇ، ئۇۋۇسىدىن ئادىشىپ كەتكەن توشقاندەك تەمتىرەپ يۈرىمەن، ئانىسىدىن ئايرىلىپ كەتكەن كاككۇكتەك پىغانلىق سايراپ يۈرىمەن، تۇپىدىن ئايرىلغان بورىدك ئېچىنىشلىق ھوۋلايمەن، ئەمما يەنە مەن سەنسىز،  سىنى ئۇنتۇشقا ئاجىز. سۆزلىرىڭگە كۆنۈپ كەتكەن قۇلىقىم ئاۋازىڭنى ئىزدەيدۇ، تەمىڭگە كۆنۈپ كەتكەن ئېغىزىمنى تامىقىڭنى ئىزدەيدۇ. سەن يۇيۇپ بەرگەن كىيىملەرنى كىيىۋاتىمەن، يۇيسام ھىدىڭنى يۇقۇتىشتىن ئەنسىرەيمەن، سەن بىلەن ماڭغان كۇچىلاردىن ماڭىمەن، ئاياق ئاۋازىڭنى ئاڭلىغاندەك بۇلىمەن، سەن باغرىڭنى ياققان كۆرپىدە يېتىۋاتىمەن چۈشلىرىمدە كۆرگەندەك بۇلىمەن، سەن ئالغان قاچىلاردا تاماق يەۋاتىمەن قۇلۇڭنىڭ تەمىنى ھېس قىلغاندەك بۇلىمەن. ئۇنتۇش مىنىڭ ئالدىمدىكى بىر كۆرەش بەلكى قانلىق كۆرەش ئەمما مەن ئۇنتالمىدىم.

يازما ئاپتورى:

يازغانلىرىم باشقىلارنى يىتەكلەش، ھەقىقەتكە قايتۇرۇشتەك ئۇلۇغ ئىشلارنى مەقسەت قىلمىغان. مەن پەقەت ھېس قىلغانلىرىمنى ھىكايە، نەسىر، خاتىرە شەكىلدە يېزىپ قالدرۇماقچى. بۇ مەۋھۇم دۇنيانى رىئال دۇنيادىن تېپىلمىغان سىرداش، مۇڭداش قاتارىدا كۆرۈپ قۇرساق كۆپۈكلىرىمنى،ئىچ پۇشۇقلىرىمنى، دەرت-ئەلىمىمنى تۆكۈپ ئىچىمنى بۇشاتماقچى. . . يازمىللىرىم يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىگىمۇ تەڭ يوللىنىدىغان بۇلۇپ يازمىللىرىم ھەققىدىكى نۇرغۇن ئىنكاسلارنى مەزكۇر مۇنبەردىن كۆرەلەيسىز ئۇيەردىكى نامىم رەھمەتۇللاھدۇر . [ يەتتە قىز مۇنبىرى ]

ھازىرغىچە 4 دوستىمىز قىممەتلىك پىكىرلىرىنى بەردى. سىزلا قالغان ئوخشايسىز !!!

  1. جۇغلان
    ۋاقىت: 2012- يىل 8- ئاپرېل 08:51 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    ئۆزۈمنىڭ كىملىكىنى تۇنىمايداغان ئادەممەن ، قاچانمۇ باشقىلارنى تۇنۇپ، سېغىنىدىغان بولارمەن !

  2. مەرۋەرى
    ۋاقىت: 2012- يىل 3- مارت 09:11 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    رەھمەت!
    مەن ھالسىرماسلىققا، ماڭا ئىشەنگەنلەرنىڭ ئىشەنچىنى يەردە قويماسلىققا، مېنىڭ خۇشاللىقىم ئۈچۈن تەڭ خۇش بولىۋاتقان ئەزىزلىرىمنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىققا، مېنىڭ يىغامنى، مېنىڭ يىقىلغانلىقىمنى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلۋاتقانلارنى مۇرادىغا يەتكۈزمەسلىككە شۇنداق تىرىشىۋاتىمەن.
    مەن ئىشەنگەن شۇ تاغلاردا كىيىكلەر ياتماي مېنى شۇنچە ئۈمىدسىزلەندۈرگەن بولسىمۇ، شۇ ئۈمىدسىزلىك ئىچىدىن ئۈمىد ئىزلەۋەتىمەن، تېخىمۇ بەردەم بولۇش ئۈچۈن، ماڭا قاراۋاتقان شۇ كۆزلەرنى نا ئۈمىد قويماسلىق ئۈچۈن كۈلىۋاتىمەن، يۈرۈكىمدە تامچىۋاتقان شۇ قانلارنى يوشۇرۋاتىمەن، كۈندۈزى كۈلۈپ، كېچىسى يىغلاۋاتىمەن.

  3. مەرۋەرى
    ۋاقىت: 2012- يىل 2- مارت 10:35 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    بۇ يازمىڭىزغا قىستۇرۇلغان ئىككى ناخشىنى قايتا- قايتا ئاڭلىدىم، يازمىڭىزنى قايتا- قايتا ئوقۇدۇم. مەن كىمنى سېغىنغاندىمەن؟- دەپ سوئال قويدۇم ئۆزۈمگە.
    توغرا مەن بىرسىنى شۇنداق سېغىنىپتىمەن، ئۇ بولسىمۇ ئۆزۈم. ئەسلىدىكى قەيسەر مەرۋەرىنى سېغىنىپتىمەن. ھازىرقى ۋاقىتلىرىمنى، ھازىرقى ئەشۇ يىغلاڭغۇ مەرۋەرىنى ئۇنۇتقۇم، ئۇنى يىراق- يىراقلارغا تاشلىۋەتكۈم بار. تۇرمۇشنىڭ بۇ ھالسىرتىشلىرىدىن قەيسەرلىك بىلەن ئۇزۇپ چىققۇم كېلىدىيۇ، ئەمما ئۇھسىراپ ئولتۇرۇپ قالىمەن.
    مەن شۇنداق بىر چاغلىرىمنى سېغىندىم، تىنماي ھاياتلىق ئۈچۈن، تۇرمۇش ئۈچۈن تىرىشقان ئەشۇ مىنۇتلىرىمنى سېغىنىمەن، شۇ چاغلىرىم قانداق كۆڭۈللىك چاغلار ئىدى، ھە؟!

    • ۋاقىت: 2012- يىل 3- مارت 07:14 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

      سىز ھالسىرماڭ ! مەن سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزدىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ھېس قىلغان. نۇرغۇن ئىشلارنى قانداق قىلىش كىرەكلىكىنى سىزدىن ئۈگەنگەن . سىزگە ئەگىشىپ مېڭىۋاتقان نۇرغۇن ئادەم بار گەچە سىز بايقىمىسىڭىزمۇ ؟ سىز ھالسىراش بىلەن يېقىلىپ قالىدىغان نۇرغۇن ئادەم بار.

ئىنكاس يېزىش

ئېلخەت ئاشكارلانمايدۇ. بەلگە * بارلىرىنى چوقۇم تولدۇرۇڭ

*
*