خۇتەندە قار ℃570
نى زامان خۇتەندە قار ياغمىغىلى، بىر نەچچە يىلدىن بىرى قار-يامغۇر ھەقىقەتەن ئازلاپ كەتكەن ئىدى. قاچانلا قارىسا تۇپا يېغىۋاتقان، چاڭ تۇزاندىن باشقا نەرسە چۈشمىگەن ئاسماندىن.
بۇ يىل 12-ئاي كىرپ خېلى بىريەرگە بارغان بولسىمۇ يەنىلا ھاۋا ئىسسىق ئىدى. خۇددى 10-ئايارنىڭ باشلىرىدىكىدەك.
ھەممە ئادەمنىڭ ئېغىزىدا ئەندىشە«بۇيىلمۇ يىللاردىكىگە ئوخشاش بۇقىشنى قارسىزلا ئۆتكۈزەرمىزمۇ ؟» ئەمما، ئۇنداق بولمىدى. بىر ھەپتە ئىلگىرى تۇنج قار ياققان ئىدى. خۇتەننىڭ شەھەر ئىچىدە ئازراق ياققان ئىدى. ئەمما، باشقا ناھىيلىرىدە خېلىلا ئۇبدان يېغىپتىكەن.
تۇنجى قار ئېرىپ ئۈلگۈرمەيلا ئىككىنچى قېتىم ياغدى. ياغقاندىمۇ خېلىلا ئۇبدان ياغدى. جاھان ئاقارغۇچە، يوللار مۇزلىغۇچە ياغدى، قارنىڭ يېغىشقا باشلىغىنىغا بۈگۈن 3-كۈن بۇپتۇ.
ھېلىمۇ قار ئۇچۇشۇپ يۈرىدۇ.
قارياققاننى كۆرسەم بەكلا ھاياجانلىنىپ كىتەتتىم، قارلىق يوللاردا ماڭغۇم، قاردا ئولتۇرۇپ، يېتىپ ئېغىنىغۇم كىلەتتى. ئۈزۈمنى ئۇنۇتۇپ ئوينىغم كىلەتتى.
ئاسماندىن تۆككەندەكلا چۈشۈۋاتقان قارغا قاراپ ئۆيگە قايتقۇم كەلمىدى. لېكىن ئانچە خۇشال بۇلالمىدىم.
بۇنداق خۇشال ۋاقىتلاردا يالغۇز قېلىشنىڭ، ئېچىنىشلىق ئىش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ قالدىم. بەلكىم، مىنىڭ مۇستەقىللىق تۇيغۇم ئاجىزدۇ ؟
دائىم خىيال قىلىپ قالىدىغان بىرەيلەننىڭ «مەن قارغا بەك ئامراق»دىگەن گىپىنى ياد ئىتىپ قالدىم.
جاھاندا مۇھەببەتكە مۇھتاج بولمايدىغا كىم بار ؟
شامال بىلەن قۇشۇلۇپ تۈكۈلىۋاتقان قار
قار-مۇزلۇق يوللار
ئېھتىيات بىلەن ماڭمىغاندا ھاۋانچىسى ئوڭدا قالىدىغان گەپ
ما بالا سۇغۇقنىمۇ ئۇنۇتۇپ ماڭا ئاتىدىغان قارنى كاللەكلەش بىلەن ئاۋارە
قارئۈستىدە ئولتۇرپ ئارامىمدا ئىستىقامەت قىلغىلىمۇ قويمىدى( خەختىن نىمىس قىلمىغان بولسام يېتىپ ئىستىقامەت قىلماقچى ئىدىم)
قىلغىلى ئىش تاپالماي دەرەخ ئۈستىگە چىقىۋالغان – روھچىن
يۇقۇرقى رەسىمنى تارتىۋاتقان بىرئىشنى ئويلاپ قالدىم. بەزەن كەسپى پۇتۇگراپلار تارتقان سۈرەت بىلەن ئۈزىمىز چۈشكەن سۈرەتلەر ئوتتۇرسىدا پەرىق بەك چوڭ چىقىدكەن.
بىز ەرسىمگە چىقماقچى بولساق ئۆزىمىزنى ياساپ، قەددىمىزنى رۇسلاپ، چاچلىرىمىزنى تاراپ، ماڭقىمىزنى ئېيتىپ، ھېجىيىپ تۇرۇپ چۈشىدىكەنمىز. بىزنىڭ رەسىملىرىمىزقۇربان تۇلۇم بىلەن مۇزايدۇڭنىڭ رەسىمىدىكىدەك ھېچ بىر مەناسىز، ھەيكەلدەكلا چىقىدىكەن.
ئەسلى رسم دىگەندە دەل شۇ ۋاقىتنى خاتىرە قىلىپ ساقلاپ قالماقچى بولغاندىكىن شۇ ۋاقىتتىكى قىياپىتىمىز، روھى ھالىتىمىزنى ئەينەن چىقىرىش كىرەككەن، توڭغان بولساق دۇغدىيىپ، ئىسسىپ كەتكەن بولساق كىرىلىپ، ھارغان بولساق ھاسىراپ دىگەندەك شۇ ۋاقىتتىكى ھالىتىمىزنى ئەينەن ئىپادىلەپ چۈشكەن سۈرەت ھەقىقى خاتىرە بۇلۇپ قالىدىكەن. كىيىن كۆرگەندىمۇ شۇ ۋاقىتتى ئەھۋالىمىز، روھى ھالىتىمىزنى ئەسكە ئالىدىكەنمىز .
بۇ يازما بۇ قېتىمقى قارنىڭ خاتىرسى بۇلۇپ قالغۇسى
مەرۋەرى
روھچىن
روھچىن
پاراسەت
دەرىزە
پاراسەت
ئەلتەر
مەرۋەرى