ئالدىلنىڭ كۆزيېشى

ھىكايە

يولنڭ ئىككى قىرغىقىدىكى سېرىق سەگۈنىڭ يۇپۇرماقلىرى كۈزنىڭ شامىلىدا توختىماي تۈكۈلىۋاتاتتى. ئادىل ئۆزىنىڭ توڭغانلىقىنى ھېس قىلدى. دىمىسىمۇ ئۆيدىن چىققاندا ھاۋا ئۇچۇق ئىدى.قۇياشنىڭ پېتىشىغا ئەگىشىپ تىزلا شامال پەيدا بۇلۇپ قالدى. ئادىل چاپىنىنىڭ تۈگمىسىنى ئىتىپ ياقىسىنى كۆتۈرۈپ بوينىنى ئىتىپ ماڭدى.

يانفۇن توختىماي سايراۋاتاتتى. يانفۇنغا قارىمىسىمۇ كىمنڭ ئۇرۋاتقانلىقى ئايان ئىدى.

قانداق قىلىش كىرەك ؟ ئۇ مەسئۇلىيەت بىلەن مۇھەببەت ئوتتۇرسىدا ئېغىرتەڭلىكتە قېلىۋاتاتتى. بىر تەرەپكە قاراپ ئۈزىگە تەلمۈرۈپ تۇرغان بىرئاجىزەنىڭ كۆزيېشىنى كۆرگەندە، يۈرىكىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن ئوخچۇپ چىقىۋاتقان مۇھەببەت، ھېسداشلىقىنى سىزەتتى.

يەنە بىر تەرەپكە قاراپ تۇلا جىدەل-ماجرا سەۋەبىدىن يۈرىكىنىڭ قات-قېتىغا تىكەن سانچىۋەتكەن، نىكاھىدىكى ئايالنى كۆرگىنىدە شۇ ئايال بىلەن بارلىققا كەلتۈرگەن بىرئائىلە، سۈيۈملۈك پەرزەنتلەر، ھەم شۇلارغا بولغان يۈكسەك دەرىجىدىكى ئەرلىك مەسئۇلىيەتنى ھېس قىلاتتى.

ئاخىرى بىر قارارغا كەلدى-دە يانفۇننى ئېلىپ 38 قېتىم ئۇرۇلۇپ ئېلىنمىغان يانفۇنغا قايتۇردى.

ئاشخانىنىڭ بۇلۇڭىدىكى ئىككى كىشىلىك ئۇرۇنغا ئۇرۇنلاشقاندىن كىيىن تاماق چاي قاتارلىقلارنى بۇيرۇتىۋېتىپ ئادىل ئاۋۋال گەپ باشلىدى.

-       ئادىلە مىنى راستىنلا ياخشى كۆرەمسىز؟

-       بۇگەپنى يەنە سورايسىزغۇ ؟

-       ياق بۈگۈنكىسى ئوخشىمايدۇ، چۇقۇم سەمىمى جاۋاپ بىرىڭ!

-       ھەئە !

-       ياق ئۇچۇق جاۋاپ بىرىڭ !

-       ياخشى كۆرىمەن،  اللە گۇۋاھ بولسۇن ! بۇ ئۆمۈرۈمدە سىزنىڭ خىزمىتىڭىزنى قىلىپ ئۈلۈپ كىتىشتىن باشقا ئارزۇيۇم يوق- ئادىلە يىغلاپ كەتتى.

 يىغىسى شۇنچىلىك ئېچىنىشلىق ئىدىكى ياندىكى ئادەم كەسپى جاللات بولغان تەقدىردىمۇ سەبىر قىلالمايتتى. ئادىلنىڭ يۈرۈكى پارە-پارە بۇلۇپ كەتتى. ئۈزىنىڭ كوچىلىماسلىققا تىگىشلىك بولغان بىرگەپنى سوراپ سالغىنىدىن ئويىلىپ قالدى. ئادىلە ياخشى كۆرسە كۆرسە ئادىل ياخشى كۆرمەمدۇ ؟ ئۇنىڭ بىر ئۆمۈر ئادىلنىڭ خىزمىتىنى قىلغۇسى بارئىكەن، ئەجەبا ئالدىلنىڭ ئادىلەنىڭ قۇلىدىن چاي ئىچكۈسى، ئۇ تەڭشەپ بەرگەن سۇدا تاھارەت ئالغۇسى يوقمۇ ؟ شۇ تاپتا ئادىل ھەممىنى ئۇنۇتۇپ ئادىلەنىڭ تىتىرەپ تۇرغان تىنىنى باغرىغا باسقۇسى كەلدى. لېكىن ھېسيات باريەردە ئەقىلنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايتتى. بۈگۈن ئادىل ئادىلەگە تەسەللى بىرىش ئۈچۈن ئەمەس مۇناسىۋەتنى ئۇچۇق ئۈزۈۋېتىش ئۈچۈن كەلگەن ئىدى.

-       ماڭا بىر ئىشنى قىلىپ بىرەمسىز ؟

-       نىمە ئىش ؟

-       چۇقۇم قىلىپ بىرىمەن دەڭ ! ئاندى دەيمەن .

-       ماقۇل قىلىپ بىرەي !

-       ۋەدە بىرىڭ !

-       ماقۇل چۇقۇم قىلىپ بىرىمەن .

-       سىز مىنىڭ ھېسياتنىڭلا قۇلى بۇلۇپ ياشايدىغان، مۇھەببەت دىسە ھەممە نەرسىدىن جۈملىدىن ۋىجدان-غۇرۇر، مەسئۇلىيەت-مەجبۇرىيەتتىنمۇ كىچىدىغان ئادەم بۇلۇپ قېلىشىمنى خالىمايسىز-شۇنداقمۇ ؟

-       نىمە دىمەكچىسىز ؟ ئۇدۇللا دەۋىرىڭ !

-       مىنى ئۇنتۇپ كىتىڭ !

ئادىلە بېشىنى تۆۋەن قىلىپ تۇرۇپ كەتتى. ئۇ ھامان بىركۈنى بۇگەپنى ئاڭلايدىغانلىقىنى بىلەتتى. ئىدىيە جەھەتتىن تەييارلىق قىلىپ قويغانمۇ بولغان ئىدى. لېكىن، ئەمىلىيەتتە ئاڭلانغاندا بۇنچىلىك قورقۇنۇشلۇق گەپ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلمىغان ئىدى. ئۇنى يەنە يىغا بېسىشقا باشلىدى. شۇ تاپتا ئەتىراپىدا ئادەم بولمىغىنىدا بارلىق ئاۋازى بىلەن ۋارقىراپ، بىريەرلەرگە ئۈسسۈپ، ھاياتلىقتا ئازاپ-ئۇقۇبەتتىن باشقىغا دۇچارقىلمايدىغان بېشىنى يېرىۋالغان بۇلاتتى. لېكىن بۇيەردە ئۈزىنى تۇتۇۋالمىسا ئۈزىگىمۇ ئادىلغىمۇ سەت ئىدى.

-ئۇنۇتۇش-ئۇنۇتماسلىق ئۆزۈمنىڭ ئىشى، ئۇنداق دىگۈچە مىنى ئىز دىمەڭ دىسىڭىزلا بولمىدىمۇ ؟ بىلىمەن سىزنى ئىزدەش، سىزگە مۇھەببەت باغلاش ھۇقۇقۇم يوق ! لېكىن بىلىپ قېلىڭ ! بىركىمگە ئاشىق بۇلۇپ قېلىش، خالاپ-تاللاپ قىلىۋالىدىغان ئىش ئەمەسكەن. قەلبنى ياراتقان خۇدا ئۆزى بىلىپ ئايلاندۇردىكەن. شۇنداق بولسۇن ! سىزنى ئەمدى ئىزدىمەي !

-قەسەم قىلىپ بىرىڭ !

ئادىلەنىڭ قىزىرىپ كەتكەن كۆزىدىن ئىككى تامچە ياش تەڭلا سىرىلىپ چۈشتى ! لەۋلىرى تىتىرەيتتى، بىرنىمىلەرنى دىگۈسى بارئىدىيۇ ئېغىزىدىن چىقمايتتى.

-       اللەنىڭ نامى بىلەن قەسەم سىزنى ئىككىنچى ئىزدىمەيمەن .

ئادىلە ئورنىدىن تۇرۇپلا يۈزىنى تۇتقان پېتى يۈگۈرەپ سىرتقا ماڭدى.

ئادىل ئولتۇرغان يىرىدە بىرسائەتتەك ئولتۇردى. كاللىسىدا خىياللار ئۇماچتەك قايناپ كەتكەن ئىدى. –بىلىمەن-دىدى ئۇ ئىچىدە- ئادىلەگە ھەقىقەتەن ئۇۋال بولدى. لېكىن، ماڭىمۇ ئامال يوق. ئۇنىڭغا ھېس داشلىق قىلىمەن دىسەم ئائىلەمنى ۋەيران قىلسام بۇلىدىكەن. بىر قىزنى دەپ بىرئائىلىنى ۋەيران قىلسام بولمايدۇ پەرىشتىدەك باللىرىمنىڭ يۈزىگە تۇپا قوندۇرسام بولمايدۇ. ۋاقىت ھەممىنى داۋالايدۇ، بىرمەزگىل ئۆتسە ھەممىنى ئۇنۇتۇپ تۇرمۇشىنى قايتىدىن باشلايدۇ.

ئادىلل ئۆزىگە تەسەللى بىرىپ خېلى روھى كۈتۈرلۈپ قالدى. مەنمۇ ھەممىنى ئۇنۇتۇپ تۇرمۇشۇمنى قايتىدىن باشلاي دەپ ئويلىدى ۋە بىر دۇكانغا كىرىپ ئۈچ گىراملىق ئالتۇن ئۈزۈكتىن بىرنى ئېلىپ يانچۇقىغا سالدى.

ئايالىنىڭ ئامراق تورتىدىن بىرنى، باللىرىغا شاكىلات، چوكا مۇز قاتارلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ ئۈزىنى قاتتىق خۇشال تۇتۇپ ئۆيگە كىردى.

ئۆيدە ھېچكىم يوق ئىدى. ئايالىنى باللىرىنى چاقىردى ھېچكىمنىڭ ئاۋازى چىقمىدى، ياتاق ئۆيگە كىرىپ كومپىيوتىر ئۈستىلىنىڭ ئالدىدىكى بىر ۋاراق خەتكە كۆزى چۈشتى.

-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئادىل مەن كۆزياشلىرىمنى سىياھ قىلىپ بۇخەتنى يېزىۋاتقاندا سىز ھېلىقى جالاپ بىلەن جېنىڭىزغا پاتماي مۇڭدىشىۋاتىسىز- ھەقاچان. كۆڭلۈم تۇيۇپ تۇرىدۇ. سىز مىنى ئىككى پەرىشتىڭىزنى قىلچىلىكمۇ كۆزىڭىزگە ئىلىپ قويمىدىڭىز ؟ خارلىق دىگەن مۇشۇنچىلىك بولسا يىتەر! ئەركىشى تۇرۇپ نۇمۇس قىلماي ئاخىرقى بىرقېتىملىق تالاقنىڭ ھۇقۇقىنى ماڭا ئۆتۈنۈپ بەردىڭىز. بۇ قىلغىنىڭىز ماڭا ئەمەس ئۆزىڭىزگە قىلغان ھاقارەت ئىدى لېكىن مەن مەڭگۈلۈك يولساز بۇلۇپ قالمايلى دەپ چىدىدىم. لېكىن باشقا ھەممە نەرسىگە چىدىساممۇ ئۇ بۇزۇق بىلەن بىللە يۈرۈشىڭىزگە چىدىمايدىكەنمەن. خەيىر ئاجىرشىپ كىتىشتىن بالىلارنى يىتىم قىلىشتىن سىزقورقمىسىڭىز مەن نىمىشقا قورققۇدەكمەن ! مىنى ياراتقان اللە مىنىڭ رىزقىمنىمۇ ياراتقاندۇ؟ سىز سىز ئۈلۈپ قالىدىغان ئىش بولسىمۇ ئىززىتىم بىلەن ئۆلەي !

ئەمىسە ئىنىق بولسۇن ماڭا بەرگەن ھۇقۇقىڭىزغا ئاساسەن ئاخىرقى بىرقېتىملىق سۆزنى بەردىم ! خۇتۇن ئېلىۋېلىڭ! مەنمۇ باشقا ئەرگە تىگىۋالاي !

اللەقا ئامانەت ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ ! جىدەلخور دەپ قاقشايدىغان ئايالىڭىز ئامىنە .

 ئادىلنىڭ بېشى پىرقىرغاندەك بۇلۇپ ئۇرۇندۇقتا ئولتۇۋالدى. ئۇ ھەقىقەتەن شۇنداق قىلغان ئىدى. تالاق ھۇقۇقىنى ئايالىغا بىرۋەتكەن ئىدى. شۇ تاپتا ئۇنى پۇشايمان، ئاچچىق، غەزەپ چىدۇغۇسىز قىيناشقا باشلىدى. ئىشىكتىن كىرىپلا ئايالىنىڭ قۇلىغا سېلىپ بارلىق سەۋەنلىكلىرى ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىماقچى بولغان ئۈزۈكنى ئېلىپ دېرىزىدىن ئاتتى.

نىمە قىلىشىنى بىلەلمىدى ؟ كاللىسىغا غەلىتە خىياللار كىلىشكە باشلىدى. ئالتىنچى  قەۋەتكە چىقىپ ئۈزۈمنى بىر تاشلايمىكى . بىرخالتا چاشقان دورىسى ئەكىرىپ ئىچىۋالايمىكى ؟ ئۇنىڭغا ياشاشمۇ ئېغىر كىلىۋاتاتتى. بۇنداق تۇرىۋەرسە ئۆزىنى بىرنىمە قىلىپ سېلىشتىن قورقۇپ ئاشخانا ئۆينى ئاختۇرۇپ ئۇيقۇ دورىسىدىن تاپتى ۋە بىرنەچچە تال ئىچىۋالدى.

باللىرىنىڭ قۇڭغۇراقتەك ۋىلىق-ۋىلىق كۈلۈشلىرى، ئايالىنىڭ تەرلەپ-پىشىپ ئىتىپ بىرىدىغان چۆپ ئاشلىرى ئىسىگە كىلىشكە باشلىدى. ئۇ ھەممە نەرسىدىن مەھرۇم قالغان ئىدى، ئايالى ياخشى ئايال ئىدى، كىچىككىنە كۈڭۈلنى دەپ ئۇنى رەنجىتتى، پەرىشتىدەك باللىرىنى يىتىم قىلدى. ئۇنىمۇ ئادەم دىگىلى بولسۇنمۇ ؟ ئادىل ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتى. ئۇ ھەممە نەرسىدىن ئايرىلىپ قالسىمۇ ئايالىدىن باللىرىدىن ئايرىلىپ قالالمايتتى. ئۇلاردىن  تىرىك ئايرىلغاندىن كۆرە كۆز ئالدىدا ئۈلۈپ كەتكىنى ياخشى ئىدى. شۇنداق بۇيەردە قىينىلىپ ئولتۇرغۇچە ھەرنىمە بولسام ئايالىمنڭ، باللىرىمنىڭ ئالدىدا بولمايمەنمۇ ؟

جان قالمىغان پۇتلىرىنى تەستە يۆتكەپ پەسكە چۈشتى ۋە ماشىنىغا چىقىپ ماشىنىنى ئوت ئالدۇرماقچى بۇلۇپ ئاچقۇچقا سۇنغان قۇلى ساڭگىلاپ قالدى.

يانفۇننىڭ سايراۋىرىشىدىن بىزار بولغان ئادىل كۆزىنى ئاچمايلا يانفۇننى ئالدى.

-ۋەي ئادىل بۇمەن سەمەت  تۇنۇدۇڭمۇ ؟

- ھە نىمە ئىش ؟

- ئەتتىگەن نامازغا بارماپسەنغۇ ؟

-كىمنىڭ نامىزىغا ؟

-ئادىلەنىڭكىچۇ ؟

-قايسى ئادىلە ؟ ئادىل لەككىدە كۆزىنى ئېچىپ، چۆچۈپ كەتتى.

- ساڭا ئاشىق بۇلۇپ يۈرگەن ئادىلەچۇ ؟ ئۇ قىزنىڭ يۈرەك كىسىلى بارئىكەن، ئاخشام كىسىلى تۇتۇۋېلىپ دۇختۇخانىغا ئاپىرىپ بولغىچە ئۈتۈپ كىتىپتۇ.

- ماڭا ۋەي ! چاق چاق قىلمىغىنە ! ئاخشام كۆرۈشكەن تۇرساق . ئاخشام ساق قايتىپ كەتكەن تېخى.

- شۇ ئاخشام سىرتتىن يىغلاپ كىرىپتىكەن، نىمە بولدى دىسە دىگىلى ئۇنىماي، ياتاق ئۆيىگە كىرۋېلىپ ئىشىكنى ئىتىۋاپتۇ. ئاتا-ئانىسى كىسىلىنىڭ بارلىقىنى بىلگەندىكىن ئەنسىرەپ يىغلاپ-يالۋۇرسىمۇ ئاچماپتۇ. ئاخىرى ئىشىكنى بۇزۇپ كىرسە چىرايى تامدەك ئاقىرىپ يۈرۈكىنى قاماللاپ يېتىپتۇ. شۇيەردىن دۇختۇخانىغا ئېلىپ مېڭىپتىكەن بېرىپ بولغۇچە ئۈتۈپ كىتىپتۇ.

ئادىلنىڭ قۇلىدىكە تېلىفۇندىن چاراڭلاپ گەپ چىققان پېتى يەرگە چۇشۇپ كەتتى. ئادىل ھەرقانچە قىلىپمۇ ئۈزىنىڭ نەدە تۇرۋاتقانلىقىنى، نىمە ئىش بولغانلىقىنى ئەسلىيەلمىدى.

يازما ئاپتورى:

يازغانلىرىم باشقىلارنى يىتەكلەش، ھەقىقەتكە قايتۇرۇشتەك ئۇلۇغ ئىشلارنى مەقسەت قىلمىغان. مەن پەقەت ھېس قىلغانلىرىمنى ھىكايە، نەسىر، خاتىرە شەكىلدە يېزىپ قالدرۇماقچى. بۇ مەۋھۇم دۇنيانى رىئال دۇنيادىن تېپىلمىغان سىرداش، مۇڭداش قاتارىدا كۆرۈپ قۇرساق كۆپۈكلىرىمنى،ئىچ پۇشۇقلىرىمنى، دەرت-ئەلىمىمنى تۆكۈپ ئىچىمنى بۇشاتماقچى. . . يازمىللىرىم يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىگىمۇ تەڭ يوللىنىدىغان بۇلۇپ يازمىللىرىم ھەققىدىكى نۇرغۇن ئىنكاسلارنى مەزكۇر مۇنبەردىن كۆرەلەيسىز ئۇيەردىكى نامىم رەھمەتۇللاھدۇر . [ يەتتە قىز مۇنبىرى ]

ھازىرغىچە 3 دوستىمىز قىممەتلىك پىكىرلىرىنى بەردى. سىزلا قالغان ئوخشايسىز !!!

  1. ئايدار
    ۋاقىت: 2011- يىل 9- ئۆكتەبىر 06:52 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    ئادىلنى بەخىتلىك قىلايلىچۇ…. :?:

  2. چىچەك
    ۋاقىت: 2011- يىل 3- ئۆكتەبىر 09:51 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    ھىكايە بەكمۇ تەسىرلىك ۋە ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن يېزىلىپتۇ،راست ئەمەلىيەتتىمۇ ئازراق كوڭۇلنىىڭ كەينىگە كىرىپ گۇلدەك ئائىلىىسىنى ۋەيران،بىگۇناھ سەبى بالىلىرىنى سەرسان قىلىپ ئوزىنىڭمۇ باشقىلارنىڭمۇ يۇرىكىنى قان ياش قىلىدىغان ئىشلار جەمىيىتىمىزدە ۋابادا تارقىلىپ كىتىپ بارىدۇ.ئاللاھ ھەممىمىزگە ھىدايەت،ئائىلىمىزگە خاتىرجەملىك ئاتا قىلسۇن!

  3. جۇغلان
    ۋاقىت: 2011- يىل 2- ئۆكتەبىر 23:56 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    ھەقىقى تەسىرلىك بوپتۇ! لېكىن ئاخىرى قېنى بۇنىڭ؟ 

1 قېتىم ئاتالدىڭىز

  1. By - روھچىن قەلب خاتىرىسى on 2011- يىل 11- ئۆكتەبىر at 21:53

    [...] ئەسلى ھىكايىنى ئۇقۇمىغان بولسىڭىز بۇيەردىن ئۇقۇڭ! [...]

ئىنكاس يېزىش

ئېلخەت ئاشكارلانمايدۇ. بەلگە * بارلىرىنى چوقۇم تولدۇرۇڭ

*
*