كۆپ يوپۇرماقلىق دەستارگۈل ℃1,894
ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىملەرنى قويماي كۆرۈپ كىلىۋاتىمەن. يېقىندىن بىرى كۆرگەن فىلىملەر ئارسىدا كورىيە ھىكايە فىلىمى«كۆپ يۇپۇرماقلىق دەستارىگۈل» مىنى خېلى ئويلاندۇرۇپ قويدى.
مەن چۈشۈنۈپ كىلىۋاتقان ياخشى كۆرۈش، مۇھەببەت ئۇقۇملىرىغا نۇرغۇن مۇجمەل خىياللارنى تاشلاپ قويدى.
بۈگۈن بۇيەردە بۇفىلىمنى زىيارەتچىللىرىم بىلەن ئورتاقلىشىش ھەم فىلىمىنىڭ ۋەقەلىكى ۋە ئوتتۇرغا قويماقچى بولغان كۆز قارشى ھەققىدە پىكىر ئورتاقلاشماقچىمەن.
ئاۋۋال بۇيەردىن فىلىمنى چۈشۈرۈڭ
1-قىسىم
2-قىسىم
كىچىكىدىن رەسساملىققا ھەۋەس قىلىدىغان چۇەن جى شىيەن كەم سۆز، غايىۋى خىيال سۈرۈشكە ئامراق، ئاق كۈڭۈل، سەمىمى قىز ئىدى. يېشى خېلى بىر يەرگە بارغان بولسىمۇ خىيالىدىكى ئەرگە يۇلۇقالماي يۈرەتتى. ئەمما ھامان بىركۈنى ئۇنى چۇقۇم تاپىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى.
ئۇنداقتا ئۇ كىمنى ساقلايتتى؟ ئۇنىڭ ھاياتىدا سىرلىق بىر ئادەم پەيدا بولغىلى خېلى بولغان ئىدى.
چۈەن جى شىيەن بىرقېتىم رەسىم سىزغىلى ماڭغان يەردە ئۆستەڭدىن ئۆتەلمەي نەرسە كىرەكلىرى سۇغا چۈشۈپ كىتىدۇ. ئەتسى سۇغا چۈشۈپ كەتكەن يەرگە ناھايىتى مەزمۇت بىر كۆۋرۈكنىڭ سېلىنغانلىقىنى، ئالدىنقى قېتىم ئېقىپ كەتكەن نەرسىللىرىنىڭ پەيدا بۇلۇپ قالغانلقىنى بايقايدۇ، كىمنىڭ قىلغانلىقىنى بىلەلمىسىمۇ ئۈزى ئۈچۈن قىلىغانلىقىنى بايقايدۇ.
مانا شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ سىرلىق ئادەم ئۇنىڭ تۇمۇشنىڭ بىرقىسمىغا ئايلىنىدۇ. ھەركۈنى دۇكاننىڭ ئالدىغا بىر تەشتەك دەستارىگۈل پەيدا بۇلۇپ قالاتتى، گۈلنى كىمنىڭ بەرگەنلىكىنى بىلمىسىمۇ بۇلارنى قىلىۋاتقان ئادەمنىڭ بىر ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. ھەم . ئىزچىل بۇئادەمنى ئۇچۇرتۇشنىڭ خىيالىدا يۈرەتتى.
شۇنداق بىر كۈنلەردە چۈەن جى شىيەن ساقچى ئەمەلدارى لى چىڭ زەي نى ئۇچىرتىپ قالىدۇ. ئۇنىڭ قۇلىدىكى بىر تەشتەك دەستارىگۈلگە قاراپ ئۈزىنىڭ ئىزدەۋاتقان ئادىمىنىڭ شۇ ئىكەنلىنى بىلىدۇ.
كىيىن سىرلىق قاتىل جىڭ يۇ چىڭ پەيدا بۇلۇپ قالىدۇ.
لى چىڭ زەي چۈەن جى شىيەن ئىزدىگەن سىرلىق ئادەم شۇمۇ ؟
ئۇلار تېپىشالامدۇ؟
سىرلىق قاتىل جىڭ يۇ چىڭ كىم ؟
بۇ سوئاللارغا ئەڭ ياخشىسى كۆرۈپ جاۋاپ تېپىۋېلىڭ !
بۇيەردە فىلىمنى ھەرقانچە چۈشەندۈرۈپ كەتسەممۇ نۇرغۇن يەردىكى گەپ – سۆزسىز ئىپادىلەنگەن ھېسياتنى تەسىۋىرلەشكە ئاجىزلىق قىلىمەن.
فىلىمدە ئەڭ ئويلاندۇرۇپ قويغان بىر مەسىلە بار بۇنى ھازىر دىسەممۇ كىنونى كۆرۈپ باقمىغان ئادەم چۈشۈنۈپ كەتمەيدۇ. ئەڭ ياخشىسى فىلىمنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە مەن بىلەن پىكىرلىشەلىگۈدەك بىرەسى چىققاندا ئوتتۇرغا قۇياي.
ئەگەر سىز ئانچە-مۇنچە كىنو كۈرۈپ تۇردىغان، گۈلدۇر-غالاپ كىنولاردىن باشقىمۇ ھېسيات، مۇھەببەت، تۇرمۇش ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن فىلىملەرگىمۇ ئاز-تۇلا ھېرىسمەن كۆرەرمەن بولسىڭىز ئۇنداقتا بۇ فىلىم بىر قېتىم كۆرۈپ قۇيىشىڭىزغا ئەرزىيدۇ. شۇنداقلا نۇرغۇن زىدديەتلىك خىياللارغا باشلاپ قۇيالايدۇ.
ئەمدى بىر قىسىم رەسىملىرىن ھوزۇرلىنايلى.
فىلىمنى تەرجىمە قىلىپ ھەقسىز تارقاتقان ئاق بۈركۈت تورىغا ئالاھىدە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن
ئەگەر سىزمۇ مەندەك خەتلىك فىلىم ھەۋەسكارى بولسىڭىز ئاق بۈركۈت تورى ھاجىتىڭىزدىن چىقالايدۇ
فىلىمنى چۈشۈرەلمىسىڭىز ئېلخەت ئادىرسىڭىزنى قالدۇرسىڭىز يوللاپ بىرىمەن
ئاينۇرى
تارىم
ھىجران
روھچىن
كۆنچى
سۈۋەرەك
غەيۇرشاھ
ئالىم