تېزراق چوڭ بولۇش – كىچىكىمدە كېچە – كۈندۈز ئويلايدىغان ئارزۇلىرىمنىڭ بىرى ئىدى .
ھەر قېتىم بالىلىق خىياللىرىمنى ئەسكە ئالغىنىمدا  بالىلىقىمنىڭ مەندىن خېلىلا يىراقلاپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىمەن .

كىچىك ۋاقتىمدا، دۇنيادا  دۇنيادا ياخشى ۋە ياماندىن ئىبارەت ئىككى خىللا ئادەم بار دەپ ئويلايتتىم. كىم بىلسۇن دەيسىز؟  بۇنداق تالاش – تارتىش كەتمەيدىغان بىر ئىشنىڭ بارغانسىرى خۈنۈكلىشىپ كېتىشىنى .
دۇنيادىكى ئادەملەرنىڭ مۆتلەك ياخشى ياكى يامان بولمايدىغانلىقىنى ئەمدى ھېس قىلدىم.
ياخشى ئادەم-يامان ئادەم : بۇ بىزنىڭ ئادەملەرگە بولغان كۆزىتىش نۇقتىمىزنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن يۈزەكى كەلتۈرۈپ چىقىرىلغان يەكۈن ئىكەن.

كىچىكىمدە ئوقۇغان چۆچەكلەرنىڭ ھەممىسى شاھزادە بىلەم مەلىكە نۇرغۇن جاپالاردىن كىيىن بەختىگە ئېرىشكەنلىكتىن ئىبارەت بىرلا نەتىجە بىلەن ئاياقلىشاتتى. «بەخىت» دىگەن بۇ سۆز  بەزىدە ئىنتايىن ئاددى بىر ئۇقۇمكەن ، ئۇ بىزنىڭ قانداق ھېس قىلىشىمىزغا باغلىقكەن . بالىلار چۆچەكلىرىدىكى شاھزادە-مەلىكىلەرنىڭ ئۆز بەختىنى تېپىپ ئاخىرلىشىشىدەك نەتىجىنىڭ پەقەت كىچىك بالىلارغىلا يېزىلغانلىقى، ئەمەلىيەتتە مەۋجۇت بولمايدىغانلىقىدەك ھەقىقەتنى تونۇپ يەتكەندە بولسا بەخىتكە ئېرىشىش كىشىگە ناھايتى مۈشكۈلدەك بىلىنىدىكەن .

كىچىكىمىزدە دادىمىز ئىنتايىن قەيسەر، قاۋۇل-بەستلىك، ھەممە ئېغىرلىقنى كۆتۈرىدىغان، قولىدىن جىمى ئىش كېلىدىغان شۇنداق ئۇلۇغ بىر ئىنسانكەن. لېكىن دەل بىز چوڭ بولۇپ، قىران پەسلىمىزگە كەلگەندە باشتىن – ئاخىر يېنىمىزدا ھەمرا بولۇپ بىزنى قوغداۋاتقان شۇ كىشىنىڭ ئاللىبۇرۇن چېچىنى ئاق بېسىپ، قاۋۇل گەۋدىسىنىڭ مۈكچىيىپ كەتكىنىگە دىققەت قىلىپ باقمايدىكەنمىز. ئۇنىڭ شۇ قەيسەرلىكى بىز ھەر قېتىم ئۆيدىن، ئۇنىڭدىن ئايرىلغاندا بارا – بارا ئاجىزلاپ تۈگەيدىكەن. بىزدىن ئەنسىرەش، بىزنىڭ غېمىمىزنى يىيىش ئۇنىڭ قەددىنى پۈكلەيدىكەن. ئەمەلىيەتتە، چوڭ بولماقنىڭ تەسلىكىنى ھېس قىلىۋاتقىنى پەقەت بىزلا ئەمەسكەنمىز.  لىكىن،  بىز شۇ دادىمىزنىڭ بىزئۈچۈن بەرگەن قۇربانلىقلىرىنى ھېس قىلالىدۇقمۇ؟

كىچىك ۋاقتىڭىزدا سىزمۇ ئاسماندا بەك جىق قۇياش بار، بەزى جايلاردا قۇياش پارلاپ چىقىدۇ بەزى جايلاردا قۇياش بۇلۇتنىڭ كەينىگە مۈكۈۋالىدۇ دىگەندەك گۆدەكلەرچە خىيالدا بولغانمۇ ؟ سىزمۇ قۇياش ۋالىلداپ چىققان چاغدا خوش بولۇپ كۈن تۇتۇلۇپ قالغان ۋاقىتلاردا  سىزمۇ تۇتۇلۇپ قالغانمۇ ؟ مانا مەن شۇنداق ئىدىم . قاراڭغۇ چۈشەي دىگەن ۋاقىتتا قۇياشنىڭ كەينىدىن ئۆلگۈدەك قوغلايتتىم ، يۈگۈرەپ – يۈگۈرەپ ئاخىر يىتىشەلمىگەن ۋاقىتتا سولىشىپ ئۆيگە قايتاتتىم .

ھەممىمىز بىلىمىز ئۆي بىزنىڭ پاناھ جايىمىز. ئۆي بىزنى يىرىتقۇچلاردىن، قار-يامغۇر، بوراندىن ساقلايدۇ. بىزنى خاتىرجەم قىلىدىغىنى ئۆيىمىزنىڭ ئىشىكى ياكى تۆت تېمى ئەمەس بەلكى شۇ ئۆيدىكى ئاتا-ئانىمىز، ئۇرۇق-تۇققانلىرىمىزدۇر. ئەينى ۋاقىتتا ئىزچىل سىزگە ھەمراھ بۇلۇپ كەلگەن شۇ قەدىردانلار ھازىرمۇ  ساق-سالامەتمۇ؟ تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى بىلەن ئۇلارغا ھەمراھ بولالمىغىنىڭىزغا خېلى ئۇزۇن بولۇپ قالغاندۇ؟  ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇققانلىرىمىزغا ۋاپادارلىق يەتكۈزۈشنى ئۆزىڭىزنىڭ زىممىسىدىكى يۈك ئەمەس بەلكى سىزگە بېرىلگەن پۇرسەت دەپ بىلىڭ ، ھەر ۋاقىت ئۇلارغا مېھرى – مۇھەببىتىڭىزنى يەتكۈزۈپ تۇرۇڭ، دۇنيا پەقەت مۇھەببەت بىلەنلا گۈزەلدۇر.(ئۇنىڭ ئورنىنى پۇل ئىگىلەپ كىتىۋاتقان بولسىمۇ) ۋاقتى كەلسە سىزنىڭ ئىككى ئېغىز تىنچلىق سورىشىڭىز، ئاپىڭىزغا ياردەملىشىپ بىر تەخسە ئوخشىغان لەغمەن ئىتىشىپ بېرىشىڭىز، دادىڭىز بىلەن گۇڭۇر – مۇڭۇر پاراڭلىشىپ قويىشىڭىز  ئۇلارغا بولغان ئەڭ چوڭ سوۋغا بولالايدۇ.

 

 

كىچىك ۋاقتىڭىزدىكى ئەشۇ ئارزۇلىرىڭىز ئېسىڭىزىمۇ؟
كۈندىلىك خاتىرىڭىزگە مايماق – سايماق قىلىپ « مەن چوڭ بولغاندا ئالىم بولىمەن »، « مەن چوڭ بولسام دوختۇر بولىمەن »، « چوڭ بولغاندا ئوقۇتقۇچى بولىمەن » دەپ يازغانلىرىڭىز ھېلىمۇ ئىسىڭىزدىمۇ ؟ قاراڭ ، ئەسلىدە كىچىك ۋاقتىمىزدا ھازىرقىدەك پاسسىپ ئەمەسكەنمىز. ناھايىتى كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا مانا مۇشۇنداق ئۇلۇغۋار غايىلىرىمىز بوپ بېقىپتىكەن، قاراپ باقايلى بىز شۇ ئارزۇلىرىمىزنىڭ قايسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالىدۇق؟
چوڭ بولغاندىن كىيىن ھەممىمىز تىرىشتۇق، مىدىرلاپ تۇردۇق. بەزدە ئۇتۇق قازاندۇق، بەزىدە يىقىلىپمۇ چۈشتۇق. مۈدۈرەپ يۈرۈپ ئاران دىگەندە يولىمىزنىمۇ تېپىۋالدۇق. تۇرمۇشنىڭ خىلمۇ- خىل سىناقلىرى ۋە قىيىنچىلىقلىرى بىزنىڭ نۇرغۇن ئارزۇلىرىمىزنى ئاستا-ئاستا شۈمۈرۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئاددىيلىقنى قوبۇل قىلدۇق ، ھەممىگە كۆنۈپ كەتتۇق ، رېئاللىقنى تونۇپ يەتتۇق، بارا – بارا بالىلىقىمىزدىكى جۇشقۇنلۇققا تولغان ئارمانلىرىمىزنى ئۇنتۇپ كېتىشتۇق.

 

كىچىكىمىزدە مۇھەببەت نەپرىتىمىز شۇنچىلىك ئېنىق، ھەققانىيلىق تۇيغۇمىز شۇنچىلىك كۈچلۈك ئىدى. ئۆزىمىزنى ھىكايىلەردىكى قەھرىمانلارنىڭ ئورنىدا قۇياتتۇق، ناھەق ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە ئارلىشىپ بىر تەرەپ قىلغۇمىز كىلەتتى. چوڭ بولغاندا جەمئىيەتتە ئۇنداق قەھرىماننىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدۇق. يەكچەشمىنىڭ شەھرىگە بارغاندا بىركۆزنى قىسىش كىرەكلىكىنى ئۇبدان ھېس قىلدۇق. قېرى، ئاجىزلارنىڭ يانچۇقىنى كولاۋاتقان يانچۇقچىغا سۇقۇلۇپ بەرسەكمۇ كۆرمەسكە سېلىپ ئۆتۈپ كىتىدىغان بولدۇق.

 

كىچىكىمىزدە بىللە ئوينىغاننىڭ ھەممىسىنى دوستۇم دەپ قارايتتۇق، چۈنكى ئۇلارنى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرەتتۇق. بىللە يۈرگەندە خۇشال بولالىغان كىشىلەرلا بىرگە ئۆتۈشكە لايىق ئىكەن. ھازىرغا كەلگەندە بىز دوست ئەمەس شېرىك تۇتىمىز، دوستنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيمىز .
چوڭ بولغاندىن كىيىن ھەر خىل ئادەملەر بىلەن ئۇچىرشىدىكەنسىز، بىللە تاماقلىنىدىكەنسىز، مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىدىكەنسىز. بىللە كۆڭۈل ئاچىدىكەنسىز، لېكىن شۇ جايدىكى ئادەملەرنىڭ كۆپ قىسمىنى ئەمەلىيەتتە سىز تونۇمايدىكەنسىز. قارىماققا كەيپىيات ناھايىتى جۇشقۇن بولسىمۇ تۇرۇپلا بىئارام بۇلىۋاتقاندەق، ئۆزىڭىزنى ئەركىن-ئازادە قۇيۋىتەلمىگەندەك ھېس قىلىدىكەنسىز. چۈنكى سىزنىڭ كۆڭلىڭىز ئۇ يەردە ئەمەستە .
كىچىكىمىزدە قوشنا ئۆيلەردىكى كىچىك دوستلىرىمىز بىزنى داۋاملىق ئوينىغىلى ئىزدەپ كېلىپ بىزنى زېرىكتۈرىۋەتكەن ۋاقىتلىرىمۇ بوپتىكەن. چۈشلۈك تاماقنى بىرىمىزنىڭ ئۆيىدە يەپ چۈشتىن كىيىندە قوغلاشماق ئويناپ كۈننىڭ قانداق ئۆتكىنىنى سەزمەيمۇ قاپتىكەنمىز .
ھازىر خوشنىڭىزنىڭ ئەر ياكى ئاياللىقى، تەنھا ياكى ئائىلىسى بارلىقىنى سىز بىلەمسىز ؟ پەقەت بەزىدە دوقۇرۇشۇپ قالغاندىلا ئەدەپ يۈزىسىدىن سالاملىشىپلا قويىدىكەنمىز يۇ، بىر- بىرىمىزنىڭ ئۆلۈك – تىرىكىمىز بىلەن كارىمىز بولمايدىكەن . قوشنا دىگەن بۇ ئۇقۇممۇ بىز چوڭ بولغانسىرى كىچىكلەپ ئاجىزلاپ يوقىلىپ كىتىدىكەن .

كىچىكىمىزدە ئاتا – ئانىمىزنىڭ ئىشى چىقىپ قالغاندا بىزنى چوڭ ئانا- چوڭ دادىمىزنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇپ بىزگە بىلدۈرمەي قېچىپ كەتكەندە يىغلاپ، ۋاقىراپ – جاقىراپ ئۆينى بېشىمىزغا كىيىپتىكەنمىز. چوڭ ئانىمىز ئېغىزىمىزغا بىر تال كەمپۈتنى سېلىپ قويغاندا شۇ ھامان يىغىدىن توختاپتىكەنمىز . ئېغىزىمىزدا كەمپۈتنىڭ تاتلىق تەمى ، كۆزىمىزدە ياش يۇقى . نېمىىگەن ساپ تۇيغۇ ھە؟
چوڭ بولۇپ ، ئاتا – ئانىمىز بىزنى ئېلىپ ھەر خىل يىغىلىش ئولتۇرۇشلارغا بارماقچى بولغاندا بولسا بىز ھەرخىل باھانىلەرنى تېپىپ ئۆزىمىزنى قاچۇرىدىكەنمىز . ئادەم كۆپ جايدا تۇرۇشقا ئۆچكەنمىزيۇ ئۆزىمىز يالغۇز بىر ئۆيگە بىكىنىپ ئولتۇرۇشقا رازى بولىدىكەنمىز . ئۆزىمىز بىلىپ بىلمەي كىشىلەر توپىدىن قېچىشقا ئۇرۇنۇپ باقىدىكەنمىز.
كىچىكمىزدە چوڭ بولغۇمىز كېلىدىكەن ، چوڭ بولغاندا بولسا بالىلىققا قايتقۇمىز كېلىدىكەن ، مۇشۇنداق زىددىيەتلىك تۇيغۇلارنىڭ ئىشكەنجىسىدىن ئۆزىمىزنى ئالالماي يۈرىدىكەنمىز . ئويلاپ باقساق بالىلىقتىكى ھېسلار ھەممىدىن ساپ – تەبئىي، ھەممىدىن تاتلىق ، ھەممىدىن ئۇلۇغ بولىدىكەن . چوڭ بولغانسىرى ھەممە نەرسە سۈنئىيلىشىپ كىتىدىكەن .

خەيرى بالىلىقىم، غەمسىزلىكىم . . .

سىزنىڭمۇ ئەسلەپ بەرگۈدەك ئارزۇلىرىڭىز بولغىيدى ؟

يازما ئاپتورى:

يازغانلىرىم باشقىلارنى يىتەكلەش، ھەقىقەتكە قايتۇرۇشتەك ئۇلۇغ ئىشلارنى مەقسەت قىلمىغان. مەن پەقەت ھېس قىلغانلىرىمنى ھىكايە، نەسىر، خاتىرە شەكىلدە يېزىپ قالدرۇماقچى. بۇ مەۋھۇم دۇنيانى رىئال دۇنيادىن تېپىلمىغان سىرداش، مۇڭداش قاتارىدا كۆرۈپ قۇرساق كۆپۈكلىرىمنى،ئىچ پۇشۇقلىرىمنى، دەرت-ئەلىمىمنى تۆكۈپ ئىچىمنى بۇشاتماقچى. . . يازمىللىرىم يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىگىمۇ تەڭ يوللىنىدىغان بۇلۇپ يازمىللىرىم ھەققىدىكى نۇرغۇن ئىنكاسلارنى مەزكۇر مۇنبەردىن كۆرەلەيسىز ئۇيەردىكى نامىم رەھمەتۇللاھدۇر . [ يەتتە قىز مۇنبىرى ]

ھازىرغىچە 5 دوستىمىز قىممەتلىك پىكىرلىرىنى بەردى. سىزلا قالغان ئوخشايسىز !!!

  1. ياپراق520
    ۋاقىت: 2012- يىل 14- يانۋار 00:32 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    سىزگە بارغانسىرى،بەكلا قايىل بولىۋاتىمەن،خىلىلا پىشىپ سىز جۇمۇ.
    نىمە دىگەن ،ساپ~گۇزەل تۇيغۇلاربۇ……………..
    يازغانلىرىڭىزنى،كۆرۈپ مەن مۇ بالىلق چاغلىرىمنى ،ئەسلەپ يىغلىۋەتتم…

  2. چىچەك
    ۋاقىت: 2012- يىل 11- يانۋار 07:07 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    بالىلىقتا ئوتكەن شۇ تاتلىق كۇنلەرنى ئەسلىتىدىكەن :razz:

  3. Miss
    ۋاقىت: 2012- يىل 9- يانۋار 10:26 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    بالىلىققا قايتقۇم بار :cry:

  4. مۇشاۋىر
    ۋاقىت: 2012- يىل 9- يانۋار 00:07 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    ئېسىل گەپلەركەن، Ctrl+D قىلىۋالدىم.

ئىنكاس يېزىش

ئېلخەت ئاشكارلانمايدۇ. بەلگە * بارلىرىنى چوقۇم تولدۇرۇڭ

*
*