ئادىلنىڭ كۆزيېشى

(رىسالەت نۇسخىسى )

ھىكايە

ئادىلنىڭ كۆز يېشى نامىلق ھىكايەمنى يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىگە يوللىغاندىن كىيىن ناھايىتى كۆپ تورداشلارغۇلغۇلا قىلىشىپ كەتتى. ھىكايىنىڭ مەزمۇنى كۆپ قىسىم تورداشلارنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىپ قويدى،شۇنىڭ ئۈچۈن يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىدىن ئايدارھەدەم ئاخىرىنى ياخشىراق نەتىجەبىلەن ئاخىرلاشتۇرۇش مەقسىتىدە قىسمەن يەرلىرىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ قايتايېزىپ چىقىپتۇ. بۇمۇ ھىكايىنىڭ يەنە بىرخىل شەكلى بۇلۇپتۇ. تورداشلارنىڭ بۇنىمۇ كۆزدىن كەچۈرۈپ بېقىشى ئۈچۈن بۇيەرگە يوللاپ قويدۇم.

ئەسلى ھىكايىنى ئۇقۇمىغان بولسىڭىز بۇيەردىن ئۇقۇڭ!

ئادىلنىڭ كۆزيېشى
ھىكايە
(رىسالەت نۇسخىسى )
يولنڭ ئىككى قىرغىقىدىكى سېرىق سەگۈنىڭ يۇپۇرماقلىرى كۈزنىڭ شامىلىدا توختىماي تۈكۈلىۋاتاتتى. ئادىل ئۆزىنىڭ توڭغانلىقىنى ھېس قىلدى. دىمىسىمۇ ئۆيدىن چىققاندا ھاۋا ئۇچۇق ئىدى.قۇياشنىڭ پېتىشىغا ئەگىشىپ تىزلا شامال پەيدا بۇلۇپ قالدى. ئادىل چاپىنىنىڭ تۈگمىسىنى ئىتىپ ياقىسىنى كۆتۈرۈپ بوينىنى ئىتىپ ماڭدى.
يانفۇن توختىماي سايراۋاتاتتى. يانفۇنغا قارىمىسىمۇ كىمنڭ ئۇرۋاتقانلىقى ئايان ئىدى.
قانداق قىلىش كىرەك ؟ ئۇ مەسئۇلىيەت بىلەن مۇھەببەت ئوتتۇرسىدا ئېغىرتەڭلىكتە قېلىۋاتاتتى. بىر تەرەپكە قاراپ ئۈزىگە تەلمۈرۈپ تۇرغان بىرئاجىزەنىڭ كۆزيېشىنى كۆرگەندە، يۈرىكىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن ئوخچۇپ چىقىۋاتقان مۇھەببەت، ھېسداشلىقىنى سىزەتتى.
يەنە بىر تەرەپكە قاراپ تۇلا جىدەل-ماجرا سەۋەبىدىن يۈرىكىنىڭ قات-قېتىغا تىكەن سانچىۋەتكەن، نىكاھىدىكى ئايالنى كۆرگىنىدە شۇ ئايال بىلەن بارلىققا كەلتۈرگەن بىرئائىلە، سۈيۈملۈك پەرزەنتلەر، ھەم شۇلارغا بولغان يۈكسەك دەرىجىدىكى ئەرلىك مەسئۇلىيەتنى ھېس قىلاتتى. ئۇنىڭ يۈرىكى ئىككى تەرەپكىلا سوقاتتى، لېكىن ئىككى تەرەپنىلا سىغدۇرۇشنى گەرچە ئۇ ئۆزى قوبۇل قىلسىمۇ، ھازىرقى ئۇ ياشاۋاتقان جەمىيئەت، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئادەملەر، ئۇنىڭ ئالدىدىكى ئىككى ئايال قوبۇل قىلالمايتتى. ئۇنىڭ قېچىپ كەتكۈسى كەلدى، لېكىن نەگە قاچىدۇ؟ كىمنىڭ قېشىغا بارىدۇ؟ ئۇ قانداقلا تاللىمىسۇن ئۇنىڭ يۈرىكىنىڭ بىر پارچىسى ھامان سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ كىتەتتى. ئۇ ئەتراپىدىكى نۇرغۇن نەرسىلەرگە باغلانغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بۇ نەرسىلەردىن ۋاز كىچەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدى. ھايات ئۇنى مەجبۇر قىلىۋاتاتتى، ئۇنى كۆز ئالدىدىكى بەزەن نەرسىلەردىن ۋاز كەچمىسە بولمايدىغانلىقى ھېس قىلدى….
ئۇ بىر دەم تۇردى، يۈرىكى سوقۇپ كىتىۋاتاتتى، يۈرىكى نىمىگە قىيمايۋاتىدۇ؟ مۇھەببەتلىك قەلىبكىمۇ؟ ياكى ئۆزىنىڭ پۇشتىدىن بولغان بالىلىرىغىمۇ ؟ ئۇنىڭ كاللىسىدا مەسئولىيەت دىگەن بىر سۆز يالىتتىدە چاقناپ ئۆتكەندەك بولۇپ، ئاخىرى بىر قارارغا كەلدى-دە يانفۇننى ئېلىپ 38 قېتىم ئۇرۇلۇپ ئېلىنمىغان يانفۇنغا قايتۇردى.
ئاشخانىنىڭ بۇلۇڭىدىكى ئىككى كىشىلىك ئۇرۇنغا ئۇرۇنلاشقاندىن كىيىن تاماق چاي قاتارلىقلارنى بۇيرۇتىۋېتىپ ئادىل ئاۋۋال گەپ باشلىدى.
-        ئادىلە مىنى راستىنلا ياخشى كۆرەمسىز؟
-        بۇگەپنى يەنە سورايسىزغۇ ؟
-        ياق بۈگۈنكىسى ئوخشىمايدۇ، چۇقۇم سەمىمى جاۋاپ بىرىڭ!
-        ھەئە !
-        ياق ئۇچۇق جاۋاپ بىرىڭ !
-        ياخشى كۆرىمەن،  اللە گۇۋاھ بولسۇن ! بۇ ئۆمۈرۈمدە سىزنىڭ خىزمىتىڭىزنى قىلىپ ئۈلۈپ كىتىشتىن باشقا ئارزۇيۇم يوق- ئادىلە يىغلاپ كەتتى.
ئۇنىڭ يىغىسى شۇنچىلىك ئېچىنىشلىق ئىدىكى ياندىكى ئادەمنىڭ يۈرىكى تاشتىن پۈتكەن تەقدىردىمۇ سەبىر قىلالمايتتى. ئادىلنىڭ يۈرۈكى پارە-پارە بۇلۇپ كەتتى. ئۈزىنىڭ كوچىلىماسلىققا تىگىشلىك بولغان بىرگەپنى سوراپ سالغىنىدىن ئويىلىپ قالدى. ئادىلە ياخشى كۆرسە كۆرسە ئادىل ياخشى كۆرمەمدۇ ؟ ئۇنىڭ بىر ئۆمۈر ئادىلنىڭ خىزمىتىنى قىلغۇسى بارئىكەن، ئەجەبا ئالدىلنىڭ ئادىلەنىڭ قۇلىدىن چاي ئىچكۈسى، ئۇ تەڭشەپ بەرگەن سۇدا تاھارەت ئالغۇسى يوقمۇ ؟ شۇ تاپتا ئادىل ھەممىنى ئۇنۇتۇپ ئادىلەنىڭ تىتىرەپ تۇرغان تىنىنى باغرىغا باسقۇسى كەلدى. لېكىن ھېسيات باريەردە ئەقىلنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايتتى. بۈگۈن ئادىل ئادىلەگە تەسەللى بىرىش ئۈچۈن ئەمەس مۇناسىۋەتنى ئۇچۇق ئۈزۈۋېتىش ئۈچۈن كەلگەن ئىدى.
-        ماڭا بىر ئىشنى قىلىپ بىرەمسىز ؟
-        نىمە ئىش ؟
-        چۇقۇم قىلىپ بىرىمەن دەڭ ! ئاندى دەيمەن .
-        ماقۇل قىلىپ بىرەي !
-        ۋەدە بىرىڭ !
-        ماقۇل چۇقۇم قىلىپ بىرىمەن .
-        سىز مىنىڭ ھېسياتنىڭلا قۇلى بۇلۇپ ياشايدىغان، مۇھەببەت دىسە ھەممە نەرسىدىن جۈملىدىن ۋىجدان-غۇرۇر، مەسئۇلىيەت-مەجبۇرىيەتتىنمۇ كىچىدىغان ئادەم بۇلۇپ قېلىشىمنى خالىمايسىز-شۇنداقمۇ ؟
-        نىمە دىمەكچىسىز ؟ ئۇدۇللا دەۋىرىڭ !
-        ئادىلە، سىزگە نىمە دىسەم بولار، مېنىڭ سىز بىلەن ئۆتكۈم بار ئىدى، بۇ مەن ئۈچۈن بەخىت، مېنىڭ بۇ قارارنى چىقارغۇم يوق ئىدى. بولسا رىئاللىقتىن قېچىپ، سىز بىلەن جاھاننىڭ چېتىگە كەتكۈم بار ئىدى، لېكىن ئىككى نارسىدە كۆز ئالدىمدا تۇرىۋالدى. ئۇلار كىمنىڭ ئالدىدا خار بولار….شۇڭا …
ئادىل گېپىنى تۇختىتىۋالدى. ئۇنىڭ لەۋلىرى تىتىرەپ كەتتى، بۇنى كۆرگەن قىزنىڭ كۆزىگە لىق ياش تولدى.
-شۇڭا، سىزدىن ئۆتۈنۈشۈم، مېنى ئۇنتۇپ كېتىڭ، سىز بىلەن ئۆتسەم بەخىتلىك بولۇشۇم ئېنىق، لېكىن مەن ئاشۇ بالىلىرىمنى بەخىتسىز قىلىش ھېسابىغا بەخىتلىك بولسام بولمايدىكەن. مېنى كەچۈرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. سىز چوقۇم بەخىتلىك بولالايسىز، چۈنكى سىز بەك ياخشى قىز. سىزنى بەخىتلىك قىلالايدىغان ئادەمنىڭ چىقىشى ئېنىق….
ئادىلە بېشىنى تۆۋەن قىلىپ تۇرۇپ كەتتى. ئۇ ھامان بىركۈنى بۇگەپنى ئاڭلايدىغانلىقىنى بىلەتتى. ئىدىيە جەھەتتىن تەييارلىق قىلىپ قويغانمۇ بولغان ئىدى. لېكىن، ئەمىلىيەتتە ئاڭلانغاندا بۇنچىلىك قورقۇنۇشلۇق گەپ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلمىغان ئىدى. ئۇنى يەنە يىغا بېسىشقا باشلىدى. شۇ تاپتا ئەتىراپىدا ئادەم بولمىغىنىدا بارلىق ئاۋازى بىلەن ۋارقىراپ، بىريەرلەرگە ئۈسسۈپ، ھاياتلىقتا ئازاپ-ئۇقۇبەتتىن باشقىغا دۇچارقىلمايدىغان بېشىنى يېرىۋالغان بۇلاتتى. لېكىن بۇيەردە ئۈزىنى تۇتۇۋالمىسا ئۈزىگىمۇ ئادىلغىمۇ سەت ئىدى.
-ماقۇل، مەن سىزنى ئىزلىمەي، باشتا ئىككىمىز تونۇشقاندا بۇنداق بولارىنى بىلگەن بولسام، ئاشۇ چاغدا كۆزۈمنى يۇمۇپ ئۆتۈپ كىتەركەنمەن.

ئادىلەنىڭ قىزىرىپ كەتكەن كۆزىدىن ئىككى تامچە ياش تەڭلا سىرىلىپ چۈشتى ! لەۋلىرى تىتىرەيتتى، بىرنىمىلەرنى دىگۈسى بارئىدىيۇ ئېغىزىدىن چىقمايتتى.
ئۇلار تاسادىپىي تونۇشۇپ قالغان، ئۇ چاغلاردا ئادىلنىڭ كۆڭلى تولىمۇ يېرىم ئىدى.
ئۇلار تاسادىپىي تونۇشۇپ قالغان، ئۇ چاغلاردا ئادىلنىڭ كۆڭلى تولىمۇ يېرىم ئىدى. ئايالىنىڭ زەھەردىن ئاچچىق گەپلىرى ئۇنىڭ جېنىدىن ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى…ئاھ ئۇ كۈنلەر قايتىلانسا نىمە دىگەن ياخشى بولاتتى ؟
-ئادىلە، مېنى كەچۈرۈڭ، سىزنى ياخشى كۆرىمەن، ئەمما ئاخىرى مەن بالىلىرىم ئۈچۈن قۇربانلىق بەرمەكچىمەن. مەن ئۇلارنىڭ تىرىك يىتىم بوپ قېلىشىنى خالىمايمەن…
-        ئادىل…. مەن سىزنىڭ بۇ گەپلىرىڭىزنى ئاڭلاشتىن ئىلگىرى، بىر سائەت ئىلگىرى، سىزسىز ياشاشنىڭ نەقەدەر قىيىنلىقىنى ھېس قىلىپ، ئەگەر مېنى تاشلىۋەتسە بۇ دۇنيادىن بىراقلا قۇتۇلاي دەپ بىر قۇتا ئۇيقۇ دورىسى سېتىۋالغان ئىدىم. لېكىن گېپىڭىزنى ئاڭلاپ بۇ نىيىتىمدىن ياندىم-ئادىلە يانچۇقىدىن بىر قۇتىنى چىقىرىپ ئادىلغا بەردى. –بۇ قۇتىنى كۆرسىڭىز مېنى، سىزنى چىن دىلىدىن سۆيىدىغان بىر ئاجىزەنى ئەسلەپ قويارسىز.  اللەنىڭ نامى بىلەن قەسەم سىزنى ئىككىنچى ئىزدىمەيمەن .
ئادىلە ئورنىدىن تۇرۇپلا يۈزىنى تۇتقان پېتى يۈگۈرەپ سىرتقا ماڭدى.
ئادىل ئولتۇرغان يىرىدە بىرسائەتتەك ئولتۇردى. كاللىسىدا خىياللار ئۇماچتەك قايناپ كەتكەن ئىدى. –بىلىمەن-دىدى ئۇ ئىچىدە- ئادىلەگە ھەقىقەتەن ئۇۋال بولدى. لېكىن، ماڭىمۇ ئامال يوق. ئۇنىڭغا ھېس داشلىق قىلىمەن دىسەم ئائىلەمنى ۋەيران قىلسام بۇلىدىكەن. بىر قىزنى دەپ بىرئائىلىنى ۋەيران قىلسام بولمايدۇ پەرىشتىدەك باللىرىمنىڭ يۈزىگە تۇپا قوندۇرسام بولمايدۇ. ئادىلە ئەقىللىق قىزئۇ تۇرمۇشىنى قايتىدىن باشلىيالايدۇ، ھەتتا مەندىنمۇ بەك ياخشى كۆرىدىغان يىگىتنى تاپالايدۇ، ئەنە شۇ چاغدىلا مەن ئۇھ دەيمەن…
ئادىلل ئۆزىگە تەسەللى بىرىپ خېلى روھى كۈتۈرلۈپ قالدى. مەنمۇ ھەممىنى ئۇنۇتۇپ تۇرمۇشۇمنى قايتىدىن باشلاي دەپ ئويلىدى ۋە بىر دۇكانغا كىرىپ ئۈچ گىراملىق ئالتۇن ئۈزۈكتىن بىرنى ئېلىپ يانچۇقىغا سالدى.
ئايالىنىڭ ئامراق تورتىدىن بىرنى، باللىرىغا شاكىلات، چوكا مۇز قاتارلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ ئۈزىنى قاتتىق خۇشال تۇتۇپ ئۆيگە كىردى.
ئۆيدە ھېچكىم يوق ئىدى. ئايالىنى باللىرىنى چاقىردى ھېچكىمنىڭ ئاۋازى چىقمىدى، ياتاق ئۆيگە كىرىپ كومپىيوتىر ئۈستىلىنىڭ ئالدىدىكى بىر ۋاراق خەتكە كۆزى چۈشتى.
-سالام ئادىل، سىزنى سۆيگۈچى بىر يۈرەكنىڭ نىمىشقا بىردىنلا تىكەنگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى بىلگۈڭىز بارمۇ؟ ئىككى بالا، كەسىپ، ئائىلە ئوتتۇرىسىدا يۈرۈپ، مەن بۇرۇنقى ئەسلىمنى يوقىتىپ قويۇپتىمەن. سىزنىڭ باشقا قىزلارغا كۆز تاشلاپ يۈرگەنلىكىڭىزنى بىلگەن كۈندىلا مەن پىسخىك دوختۇرىغا باردىم، ئۇلار مېنىڭ بىلەن ئەستايىدىل سۆزلەشكەندىن كېيىن، مېنى غەيرەتلىك ياشاشقا، تىرىشىپ ياشاشقا، ئاياللىق ھوزۇرى قەلىب بىلەن ياشاشقا دالالەت قىلدى. بىلىمەن، مەن ياخشى ئايال بولالمىدىم. مەن ئەمدى بارلىق بېسىملارنى قايرىپ سىز بىلەن ئىناق ئۆتۈشكە تىرىشقاندا، ھېلىقى قىز بىلەن تېپىشىۋالغانلىقىڭىزنى ئاڭلىدىم. ئۇ قىزنىمۇ كۆردۈم، ھەقىقەتەن چىرايلىق، ئوماق، كىچىك قىز ئىكەن، مەن ئۇنىڭغا رىقابەتچى بولالمىغۇدەكمەن، لېكىن پىسخىك دوختۇرىنىڭ دىيىشىچە، مېنىڭ قولۇمدا چوڭ كوزىردىن بىرسى باركەن، يەنى ئىككىمىز جاپادا قۇرۇپ چىققان ئائىلە ۋە ئىككى بالام….مەن سىزنىڭ ماڭا ئاسىيلىق قىلىشنى ئويلىشىشىڭىزنى كەچۈرەلمىسەممۇ، لېكىن ئەستايىدىل ئويلىنىش ئارقىلىق، بالىلارنى يىتىم قىلماسلىقنى قارار قىلدىم.
مەن ئىدارىدىن يىللىق دەم ئېلىشىمنى ئېلىپ بالىلار بىلەن ساياھەتكە كەتتىم، ئۇلار مېڭىش ئالدىدا مەندىن ‹‹دادام بىلەن بىرگە بارمامدۇق ›› دەپ سوراپ كەتتى، ئۇلارنىڭ مۆلدۈرلەپ تۇرغان كۆزىگە قاراپ، زادى كىم ئەيىبلىك، ئەگەر ئاجىرىشىپ بالىلارنى يىتىم قىلساق، قىساسىغا قالارمىزمۇ دەپ ئويلىدىم.
مەن ئۆزگەردىم، سىزنىڭ ئەڭ ياخشى تەرەپلىرىڭىزنى ئويلاپ تېپىپ چىقتىم. كۆز ئالدىمدىن ئىككىمىز بىللە ئۆتكەن كۈنلەر لىنتىدەك ئۆتۈپ كۆزلىرىمنى نەملىدى.
جېنىم ئادىل: ئەگەر مەندىن راستىنلا تويغان بولسىڭىز، سول تەرەپتىكى تارتمىدا ئاجىرىشىشقا قوشۇلۇش توغرىسىدىكى خېتىم بار. ئۇنى ئالغايسىز. ئەگەر ئائىلەمنى ساقلاپ قالاي دىسىڭىز، ئوڭ تەرەپتىكى تارتمىدائەتىكى ئاپتۇبۇسنىڭ بېلىتى بار. بىز قەشقەر سەمەن مېھمانخانىسىدا ئىككى بالىڭىز بىلەن سىزنى ساقلايمىز.
ئايالىڭىزدىن…
باللىرىنىڭ قۇڭغۇراقتەك ۋىلىق-ۋىلىق كۈلۈشلىرى، ئايالىنىڭ تەرلەپ-پىشىپ ئىتىپ بىرىدىغان چۆپ ئاشلىرى ئىسىگە كىلىشكە باشلىدى. ئۇ ھەممە نەرسىدىن مەھرۇم قالاي دىدى… ئايالى ياخشى ئايال ئىدى، كىچىككىنە كۈڭۈلنى دەپ ئۇنى رەنجىتتى، پەرىشتىدەك باللىرىنى تەلمۈرتتى. ئۇنىمۇ ئەر دىگىلى بولامتى ؟
ئادىل بىر كىچە ئۇخلىيالمىدى، ئۇنىڭ قەشقەرگە بارغۇسى بار ئىدى. لېكىن قىيالماسلىق، خىجالەتچىلىك ئۇنى قىيناپ تۇراتتى.
- ئەتتىگەن نامازغا بارماپسەنغۇ ؟
-كىمنىڭ نامىزىغا ؟
-ئادىلەنىڭكىچۇ ؟
-قايسى ئادىلە ؟ ئادىل لەككىدە كۆزىنى ئېچىپ، چۆچۈپ كەتتى.
- ساڭا ئاشىق بۇلۇپ يۈرگەن ئادىلەچۇ ؟ ئۇ قىزنىڭ يۈرەك كىسىلى بارئىكەن، ئاخشام كىسىلى تۇتۇۋېلىپ دۇختۇخانىغا ئاپىرىپ بولغىچە ئۈتۈپ كىتىپتۇ.
- ماڭا ۋەي ! چاق چاق قىلمىغىنە ! ئاخشام كۆرۈشكەن تۇرساق . ئاخشام ساق قايتىپ كەتكەن تېخى.
- شۇ ئاخشام سىرتتىن يىغلاپ كىرىپتىكەن، نىمە بولدى دىسە دىگىلى ئۇنىماي، ياتاق ئۆيىگە كىرۋېلىپ ئىشىكنى ئىتىۋاپتۇ. ئاتا-ئانىسى كىسىلىنىڭ بارلىقىنى بىلگەندىكىن ئەنسىرەپ يىغلاپ-يالۋۇرسىمۇ ئاچماپتۇ. ئاخىرى ئىشىكنى بۇزۇپ كىرسە چىرايى تامدەك ئاقىرىپ يۈرۈكىنى قاماللاپ يېتىپتۇ. شۇيەردىن دۇختۇخانىغا ئېلىپ مېڭىپتىكەن بېرىپ بولغۇچە ئۈتۈپ كىتىپتۇ.
ئۇ چاچىراپ تۇرۇپ كەتتى، ئۇ ئاخشام خىيال بىلەن  سافادىلا كىيىمىنى سالماي ئۇخلاپ قالغانلىقىنى، چۈشىدىن چاچىراپ ئويغىنىپ كەتكەنلىكىنى  كۆردى، ئۇنى تەر بېسىپ كەتكەن، جالاقلاپ تىتىرەپ تۇراتتى. لېكىن چۈشىدىن قاتتىق قورقۇپ كىتىپ، ئىشتىنىنىڭ يانچۇقىدىن تىلىفۇنىنى ئالدى. تىلىفۇن ئىتىك ھالەتتە تۇراتتى. ئۇھھھھھ. ئۇنى قاراپ بېسىپتۇ، بايامقى ھەممە ئۇنىڭ چۈشى ئىكەن…. خۇداغا شۈكىرى،   ئۇ شۇ ئولتۇرغانچە ئۇخلىيالمىدى. شۇنداق ئىزتىراپ ئىچىدە تاڭ ئاتتى، ئۇ ئادىلەگە تېلىفۇن قىلىشنى ئويلىدى، لېكىن جۈرئەت قىلالمىدى. كېيىن زور چىدام بىلەن تېلىفۇن قىلىۋىدى، ئېتىك چىقتى. ئۇنىڭ گېلىدىن ھېچنىمە ئۆتمىدى. سائەت توققۇزلار بىلەن ئۇنىڭ تېلىفۇنى يەنە جىرىڭلىدى، لېكىن جىرىڭلاپلا توختاپ قالدى. قارىسا ئادىلەدىن كەلگەن تېلىفۇن ئىدى. ئۇ ئەمدى قايتۇراي دىيىشىگە ئۇچۇر كەلدى.
ئادىل ئاكا!!! مەن رىئاللىقنى قوبۇل قىلدىم. مەن ئاخىرى سىزدىن ئۈمىدىمنى ئۈزۈپ، رىئاللىققا يۈزلەندىم. گەپلىرىڭىزنى ئاڭلاپ يەڭگىللەپ قالدىم. دادام مېنى ئوقۇشقا قىزىقتۇراتتى، لېكىن مەن ئوقۇشنى خالىمىغان ئىدىم. ئەمدى ئوقۇشقا چىقىپ كىتىمەن. بۇندىن كېيىن كۆرۈشەلمەيمىز. لېكىن ھەر زامان سىزگە دۇئا قىلىمەن…
سىزنى مەڭگۈ ئەسلەپ تۇرغۇچى ئادىلە.
بۇ ئۇچۇر ئۇنىڭ ئۇچىسىدىكى يۈكلەرنى ئېلىۋەتكەندەك يەڭگىللىتىپ قويدى. ئۇ نەرسە كىرەكلىرىنى يىغىشتۇرماقچى بولىۋىدى، ئايالىنىڭ ھەممە كىيىملىرىنى قاتلاپ، سومكىغا چىرايلىق سېلىپ قويغانلىقىنى كۆردى. شۇ چاغدا ئۇ بىردىنلا ئۆزىنىڭ نىمىنى خاتا قىلغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس  قىلدى.

يازما ئاپتورى:

يازغانلىرىم باشقىلارنى يىتەكلەش، ھەقىقەتكە قايتۇرۇشتەك ئۇلۇغ ئىشلارنى مەقسەت قىلمىغان. مەن پەقەت ھېس قىلغانلىرىمنى ھىكايە، نەسىر، خاتىرە شەكىلدە يېزىپ قالدرۇماقچى. بۇ مەۋھۇم دۇنيانى رىئال دۇنيادىن تېپىلمىغان سىرداش، مۇڭداش قاتارىدا كۆرۈپ قۇرساق كۆپۈكلىرىمنى،ئىچ پۇشۇقلىرىمنى، دەرت-ئەلىمىمنى تۆكۈپ ئىچىمنى بۇشاتماقچى. . . يازمىللىرىم يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىگىمۇ تەڭ يوللىنىدىغان بۇلۇپ يازمىللىرىم ھەققىدىكى نۇرغۇن ئىنكاسلارنى مەزكۇر مۇنبەردىن كۆرەلەيسىز ئۇيەردىكى نامىم رەھمەتۇللاھدۇر . [ يەتتە قىز مۇنبىرى ]

ئىنكاس يېزىش

ئېلخەت ئاشكارلانمايدۇ. بەلگە * بارلىرىنى چوقۇم تولدۇرۇڭ

*
*