توربوشلۇقى ℃1,602
بلوگ يېزىش، توربىكەت قۇرۇش خىيالى بارلارغا ،ئاۋۋالقى مەسىلە ئىسىم بىلەن توربىكەت بوشلۇقى سېتىۋېلىش . تورغا پىشقەدەم بۇپقالغان ، خەنزۇچە سەۋىيەسى ياخشى ،ئىسىم ئىلتىماس قىلىش،بوشلۇققا ئۇلاش قاتارلىق ئىشلارنى بىلىدىغانلارخالىغان بىر خەنزۇچە بىكەتلەربىلەن ئالاقە قىلىپ مەقسىدىگە يىتەلەيدۇ . لېكىن توردۇنياسىد بۇنچىلىك سەۋىيلىك ئادەملەر ساناقلىقلار . كۆپ قىسمىمىز بلوگ يېزىش ،توربىكەت قۇرۇش ھەۋىسىمىز كۈچلۈك ئەمما بۇ ھەقتە ھېچنىمە بىلمەيدىغان ،ھاتتا بوشلۇق،ساندان دىگەنلەرنىڭ رۇلىنى پەقەت چۈشەنمەيدىغانلاردىنمىز .
لېكىن ئارىمىزدا شۇنداق كىشىلەرمۇ باركى ئۇلار كەسىپ دائىرسىدىن ھالقىپ ،مەسئۇلىيتىدىن ئارتۇق خىزمەت قىلىش بىلەن توردۇنياسىدا تەمتىراۋاتقان قېرىنداشلىرى ئۈچۈن كۈچى يەتكەن دائىرىدە يىتەكچىلىك قىلىپ كىلىۋاتىدۇ . قىلىۋاتقان ئىشلىرى ئۈچۈن ئارتۇق ھەق تەلەپ قىلمايدۇ . ئۇلار سىز بىلمەيدىغان ، ئۇقۇشمايدىغان يەرلەردە يۈرۈپ باشقىلارغا ئالدىنىپ زىيان تارتىپ كەتمىسىڭىزلا شۇنىڭغا رازى .ھەرقانداق يادەمگە ئىھتىياجلىق بولسىڭىز ئۈزىنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسىدە بولسۇن-بولمىسۇن ،ئۈزىنىڭ خېرىدارى بولسۇن-بولمىسۇن سوئاللىرىڭىزغا جاۋاپ بىرىدۇ ۋە بىلەلمىگەن جايلىرىڭىزنى بىلدۈرۈپ قۇيىدۇ ياكى قىلىپ بىرىدۇ .
ئەگەر مۇشۇنداق كىشىلەر بولمىغان بولسا مىنىڭ توردۇنياسىدا پەقەت تىل بىلمەسلىك سەۋەبىمدىن ھازىرقىدەك بىر بلوگنى نۇرمال يېزىپ مېڭىشىم مۇمكىن ئەمەس ئىدى . . .
مانا بۇ مىنىڭ www.Uydata.com دىن ئىسىم ۋە بوشلۇق سېتىۋالغاندىن كىيىنكى تەسىراتىم ۋە رازىلىقىم .
سىز بەلكىم خەنزۇچە سەۋىيڭىز ياخشى ، تور بىلىملىرىنى بىلىدىغان ، ئۇيغۇرچە مۇلازىمەتكە مۇھتاج بولمىغۇدەك دەرىجىدە بىلىملىك بىرىدۇرسىز . . . شۇنىڭ ئۈچۈن خەنزۇچە بىكەتلەردىن ئىسىم ،بوشلۇق سېتىۋېلىپ ئىشلىتىۋاتقانىسىز. . . شۇنى ئۇنتۇپ قالماڭكى بىرخوشنىڭىز ناۋايخانا ئاچسا ئاتلاپ بېرىپ ياتلاردىن نان ئېلىپ يىيشىڭىز بىلىملىكىڭىزنىڭ ئىپادىسى بولماستىن ۋەتىنىڭىز- خەلىقىڭىزنىڭ تۇمۇرىغا چاپلاشقان «كانا»دۇرسىز . . . سىزدەك كىشىلەر كۆپەيگەنسىرى ۋەتەن ھامان قانسىراپ يېقىلىپ قالىدۇ .
بەلكىم خەنزۇچىنى بىلمەيدىغان توربىلىملىرىدىنمۇ خەۋەرسىز ئۇيغۇرچە مۇلازىمەتكە مۇھتاج لېكىن بىر قىسىم كىشىلەردەك «ئۇيغۇرلارغا ئىشەنگىلى بولمايدۇ ، بۈگۈن سەكرىگەن بىلەن سىيىپ كىرىپ يېتىپ قالىدۇ ،ساتار ۋاقىتتا قېرىندىشىڭ ،دىندېشىڭ دەپ ساتقان بىلەن پۇلنى ئېلىپ بولسا يۇقاپ كىتىدۇ . . . يەنىلا خەنزۇچە كەسپى بىكەتلەردىن ئالغانغا يەتمەيدۇ »دەپ يا تىلنى بىلىپ جايىنى تاپالماي يا ئىشىك ئالدىدىن كىتەلمەي ياتلارنىڭ مەھەللىسىدە قېقىلىپ – سۇقۇلۇپ يۈرگەن بىرىدۇرسىز . مەن دەيمەن ، ئەنسىرمەڭ ! ئۇنداق زامانلار كەتتى . ئۇيغۇرلاردىنمۇ ئىشىنىشكە ئەرزىيدىغان كەسىپنى ئاۋۋال قېرىنداشلىرى بىلەن كۆكلەش ئاندىن پۇل تېپىش مەقسىتىدە قىلىدىغان،خىزمەت،مۇلازىمەت جەھەتتە كەسپى ئۇرۇنلاردىن قېلىشمايدىغان دەرىجىدە سەۋىيلىك كىشىلەر بارلىققا كەلدى ، ئۇلار خوشنىڭىز ، بىر مەھەللىلىك . زۈرۈل كەلسە ئۇيىگە ئىزدەپ بارسىڭىزمۇ تاپالىغۇدەك يېقىن . بېيجىڭ،شاڭخەي ، شاڭگاڭدا ئەمەس . . .
ۋە بەلكىم سىز تىل-تېخنىكا بىلمەيدىغان ئۇيغۇرچە مۇلازىمەتكە مۇھتاج ئۇيغۇرلاربىلەن مۇئامىلە قىلغۇڭىز بار لېكىن قەيەرنىڭ ياخشىراق ،قەيەرنىڭ ماختىغىنىغا چۈشلۈق ئەمىلىيتى بار ،ئىشىنىشكە ئەرزىيدۇ . . . بىلەلمەي يۈرىۋاتقان بىرىدۇرسىز مەن دىمەكچى بولغان گەپلەرمۇ دەل مۇشۇ . . .
ئاخىردا دەيدىغىنىم :ئۈزىمىزنى قوللايلى .ئىچىمىزدىن ئۇيۇشايلى . بىرلىشىش پەرىز ،بۆلۈنۈش تەقدىردىن ئەمەس .
ئەگەر بوشلۇق كىرەك بولسا بۇيەردىن كىرسىڭىز بۇلىدۇ :توربىكەت ئادىرسىhttp://www.uydata.com
ئاينۇرى
تارىم
ھىجران
روھچىن
كۆنچى
سۈۋەرەك
غەيۇرشاھ
ئالىم