ئانامنىڭ ئېيتىشىچە مەن تۇغۇلغاندىن باشلاپ تىنىم تۇلىمۇ ئاجىز بالا ئىكەنمەن. ئانامدىن بىر مىنۇت، بىر قەدەممۇ ئايرىلمايدىكەنمەن. ئانام كاپراتسىيەنىڭ ئىشلىرى بىلەن مىنىڭ بۇنداق چاپلىشىۋېلىشىمدىن بەزى بىزارلىق ھېس قىلىدىكەن. قۇرسىقىمنى توقلاپ، ئاستىمنى قۇرۇقداپ قۇيۇپ ئىشقا كىتىپ كەچتە كەلسە يىغلاپ ئۈنۈم پۈتۈپ كىتەركەن. لېكىن، ئانامنى كۆرۈپلا توختايدىكەنمەن.
ئانام بۇ بالا مۇشۇنداق يىغلاپ يا ئۆزىنىڭ يا مىنىڭ بېشىمغا چىقىدۇ دەيدىكەن.
ئۆزۈمنىڭ شۇۋاقىتتىكى ھالىتىمنى كۆز ئالدىمغا ئەكىلىپ باقتىم. ئىھتىمال مىنىڭ قۇرسۇقۇم توق، ئاستىم قۇرۇق بولغان بىلەن 9ئاي 10 كۈن تىڭشاپ ياتقان يۈرەكنىڭ سۇقىشى مەندىن يىراقلاپ كەتكەنلىكتىن يىغلىغان بولغىيدىم. ئىھتىمال 9 ئاي 10 كۈن نەم ئىچىدە ياتقان ئانا باغرىدىن قۇرۇق يەرگە چۈشۈپ قالغانلىقىم ئۈچۈن يىغلىغان بولغىيدىم. ئانامنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى گىپى مۆجىزىلەرچە رىئاللىققا ئايلاندى مەن راستىنلا ئۆزۈمنىڭ ھەم ئانامنىڭ بېشىغا چىقتىم.
يىغلا-يىغلا مەن چوڭ بولدۇم، ئەمما، 9 ئاي 10 كۈن تىڭشاپ ياتقان يۈرەكنىڭ سۇقىشىنى بىر يۇلىلا ئۇنۇتتۇم. سېغىنماس بولدۇم، يىغلىماس بولدۇم، كۆزلىرىم قۇرۇپ كەتتى. ئەمما يىغلاش نۆۋىتى ئانامغا كىلىپ قالدى. ئوخشىمايدىغىنى ئۇنىڭ ماڭا ھەمراھ بولغىدەك ۋاقتى يوقلىقىدىن يىغلاپ قالغان بولسام مىنىڭ ئۇنىڭغا ھەمراھ بولغۇدەك ۋاقتىم بار ئەمما ھەمراھ بولغۇم يوقلىقىدىن يىغلاپ قالدى.
تېلفۇندا بۈركۈتۈم بالام، بۇلبۇلۇم بالام كۈزۈمدىن ئۇچتىڭىز، دەپ يىغلىسا بىنگال تىللىق بىرى گەپ قىلىۋاتقاندەك تىڭشاپ تۇرۇپ تېلفۇننى قۇيۇپلا يۇلۇمغا ماڭدىم. ھېسياتسىز . . .
يۈرۈگۈم قۇرۇپ كەتكەن ئىدى. ئانا يىغىسى ئىرىتەلمىگۈدەك دەرىجىدە . . .
سەككىز ياش . . . ئېيتىڭلارچۇ، سەككىز ياشلىق بالىنىڭ جېنىنى ئالقىنىغا تۇتقۇزۇپ ئۆيدىن چىقىرىپ قويسا
بۇ جاننى قانداق جان ئىتىدۇ ؟ ئايىغىمنى كىيەلمىگەن ئىدىم چۈنكى پۇتلىرىم چاك-چاك يېرىلىپ كەتكەنلىكتىن ئاياغ تىگىپ كەتسىلا ئېچىشىپ كىتەتتى. ئاياغنى قۇلۇمغا ئېلىپ قۇرۇپ كەتكەن ئېرىقتىن ئىچىدىكى قۇمغا دەسسەپ ئۆيگە كىلەتتىم. چۈنكى قۇم قۇياش نۇرىدا ئازراق ئىسسىغان ئىدى. 24 سائەت ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ غېمىم قۇرسۇقۇمنى بىر توقلىۋېلىش ئىدى.
ئاخىرى مەن بۇ يۇرتتىن ۋاز كەچتىم بېشىمغا كەلگەننى كۆرمەكچى بولدۇم. ئىسمىنى كۆپ ئاڭلىغان بىر يۇتقا چىقتىم يېنىمدا 80 يۈەن پۇل بارئىدى. ئۇ يۇرتتا 80 يۈەن بىلەن 12 كۈننى ئۆتكۈزدۈم. 13-كۈنى يانچۇقتا بىرموچەن پۇل قالمىدى. مەن قۇرساق توقلاشنىڭ غېمىدا بازارنى بىر ئايلىنىپ چىقتىم. ئېيتىڭلارچۇ 12 ياشلىق بالا قانداق قۇرساق توقلايدۇ ؟ ساق بىركۈن بازار ئايلىنىپ قىلىدىغان ئىش تاپالماي، يەيدىغان نەرسە تاپالماي ئاچ قۇرساق پېتى قايتىپ كەلدىم. كىنولاردا كۆرگەن بوتولكا تىرىپ جان باقىدىغان تىجارەتنى مەن قىلالمىدىم.
شۇ كىچىسى نۇرغۇن نەرسىلەرنى چۈشەپ چىقتىم.ئاللا بۇرۇن ئىسىمدىن كۆتۈرلۈپ كەتكەن ئانامنىڭ ئەمچىكىدىن ئاققان سۈتنى، زاغرا نان، بىدە سالغان ئاش، قېتىققا چىلىغان نان، ھەممىنى كۆرۈپ چىقتىم. يېرىم كىچىدە ئويغىنىپ كەتتىم ئۆيدىكى داستىخاننى ئېچىپ تىرنىقىمغا ئىلگۈدەك ئۇۋاقلارنىڭ ھەممىنى تىرىپ يەپ چىقتىم. بۇ كىچىمۇ تاڭ ئاتتى. ئەمما پۇت- قۇلۇم بۇشاپ كەتكەن ئىدى. كارۋاتقا تاشلانغان پېتى ياتتىم. قۇرسۇقۇم سىزىمىنى يۇقاتقان ئىدى بەلكىم نىرۋام يۇقاتقاندۇ ئىشقىلىپ نىمىشقا يېقىلىپ قالغىنىمنى ئەسلىيەلمىدىم لېكىن بېشىمنىڭ ئاغىرىشى قاتتىق تۇتۇپ كەتكەن ئىدى. شۇنداق بىر چۈشكمىۇ ئوخشىمايدىغان، ئۈلۈمگىمۇ ئوخشىمايدىغان، رىئالىققىمۇ ئوخشىمايدىغان بىر تۇيغۇ ئىچىدە ياتقىنىمدا بىراۋلارنىڭ گەپ سۆزلىرى، ئېغىزىمغا بىر نىمىلەرنى قۇيۇپ، كۆزلىرىمنى يىرىپ، مىدىرلاتقىنىنى بىلدىم.
تازىلىقچى بالىنى دىيشىچە بىر يېرىم كۈن يېتىپتىمەن. ئاندىن ئۇ بالا ئەنسىرەپ باشقىلارنى چاقىرىپ مىنى قۇتقۇزۇۋالغان ئىكەن. مەن شۇ ۋاقىتتا ئىككى يېرىم كۈن ئاچ يۇرۇپتىكەنمەن.
شۇنىڭدىن كىيىن ئەۋرەز يۇلى كولاپ، دوپپا سېتىپ، ئاياغ مايلاپ، ياغلىق سېتىپ جان ئېلىشنى ئۈگەندىم. دادام ئالقىنىمغا تۇتقۇزۇپ ئۆيدىن چىقىرۋەتكەن جاننى جان ئىتىشنى ئۈگەندىم. باشقىلار نىمە ئىش قىلىسەن دەپ سورىسا قۇرساق باقىمەن دەيتتىم ھېلھەم شىركەت قۇرۇپ تىجارەت قىلىشتىكى مەقسىدىڭ نىمە دىسە، يەنە شۇ جاۋاپنى بىرىمەن. قۇرساق باقىمەن، ئۆزۈمدىن ئاشسا مەندەك ئاچ قالغانلارنىڭ قۇرسىقىنى باقىمەن.
بىراق بۇ جان بۇ كۈلپەتكە ھامى، ئاغرىققا ھامى جان يەنە ئاغرىق تېپىۋالدى. بۇرۇن قۇرساق ئاچلىقتىن ئاغرىغان بولسا ئەمدى قەلب ئاچلىقتىن ئاغرىدى.
ئىشەن دىدى ئىشەندۇق، سۆي دىدى سۆيدۇق، ۋاز كەچ دىدى ۋاز كەچتۇق، تىرىش دىدى تىرىشتۇق، ئەمما ئىشىنىپ ئاچقان قەلب دېرىزىمىزدىن قۇياش نۇرى ئەمەس، بۇران چاپقۇن كىردى. سۆيگەن يۈرەكلىرىمىز تاپىنى ئاستىدا پىتەك بولدى. ۋازكەچكەنلىرىمىزنىڭ ئورنىنى سۆيگۈ بىلەن ئەمەس قان-زەرداپ بىلەن تۇلۇقلىدى. تىرىشىپ ياماشقان ھەربىر داۋان زىخ بۇلۇپ بارماقلارنى ياردى.
ئاھ . . . ھەسرىتا يا يىغلىيالماي، يا كۆلەلمەي مەجنۇنلارچە بىر ھالەتتە تۇرۇپ قالدۇق.
بۇ يۈرەك نىمە قىلسۇن ؟ نىمە قىلالىسۇن ! باغرىمىز ئالقانچىلىكلا بار،ئۇ ئۇنچىۋىلا شاخ تىكەننى سىغدۇرالمايتتى. بۇ سۆيگۈلىرىمىز غۇبارسىز ئىدى، ئىزا-ئاھانەتكە لايىق ئەمەس ئىدى.
بۇ ھاياتنى ئادىل كۈلگەنگە تەبەسسۇم قىلىدۇ دەپ ئاڭلىغان. ئەمما، تەبەسسۇم قىلساق شاللاق بولدۇق. قاپاق تۈسەك مۇزلۇق بولدۇق. بىر قېتىم كۈلسەك توققۇز قېتىم يىغىسىنى يىغلىدۇق. بىرتال مانتا يىسەك توققۇزقېتىم
تاش چاينىدۇق.
ئەجەبا ئىنسان كۈلپەتكە مەڭگۈلۈك قەرىزمۇ ؟
ئاق كۈڭۈللۈك راستىنلا ئۇلۇغ بولىدىغان ئىش بولسا مەن يەنە بىر قۇياش بولغان بولاتتىم.
ئەمما ئاق كۈڭۈللۈكۈم يەنە بىر قاراڭغۇ ئۆڭكۈر بولدى . . .
ھازىرغىچە 4 دوستىمىز قىممەتلىك پىكىرلىرىنى بەردى. سىزلا قالغان ئوخشايسىز !!!
-
ئەجەبا ئىنسان كۈلپەتكە مەڭگۈلۈك قەرىزمۇ ؟
ئىنكاستا يېزىلغىنىدەك ‹‹ ئاقكۆڭۈل كىشىلەر ئازابنى ،جاپا-مۇشەققەتنى ئۆز ئىختىيارلىقىمىز بىلەن تاللىۋالغان.›› بولدىكەنمىز ..
بۇ قۇرلارنى كۈرۈپ يۈرەكلىرىم ئىزىلىپ كەتتى
-
مەن يىغلىدىم…..راس يىغلىدىم….
-
بۇ ھايات ئاجايىب ھاياتكەن ، چۈشەنگەنسىرى ئادەمنى ئازابلايدىغان، ئىشەنگەنسىرى ئادەمنى ئالدايدىغان ….
ئاق نەرسە ئاسان كىر بولغاندەك ،ئاق كۆڭۈل ئادەممۇ ئاسان ئازابلىندىكەن ، قارا نەرسە كىر بولسىمۇ بىلنەشمىگەندەك ، قارا كۆڭۇل ئادەم ئازاپنىمۇ ئانچە ھىس قىلىپ كەتمەيدىكەن . يامان يېرى دەردىڭىزنى تۆكەي دېسىڭىزمۇ تۆكەلمەيدىكەنسىز ،دەرد تۆكسىڭىز بەزىللىرى چۈشەنمىگەندەك قاراپ تۇرسا ، بەزىللىرى بۇ ھايات شۇنداق ئاچچىقىمۇ بار ، تاتلىقىمۇ بار چىدىمىساڭ بولمايدۇ دەپ نەسىھەت قىلسا، بەزىسى سېنى يارىماس ، مىشچان دەپ ئەيىبلەيدىكەن ، كەل قېنى : ئېيىت دەردىڭنى ، مانا مەن بار ، ئاللاھىمىز بار دەپ دەردىمىزنى قۇلىقى بىلەن ئەمەس، قەلبى بىلەن تىڭشايدىغان بىرسىمۇ چىقمايدىكەن . قايسى بىر يازمىڭىزدا ئېيتىلغاندەك ‹‹ ئاقكۆڭۈل كىشىلەر ئازابنى ،جاپا-مۇشەققەتنى ئۆز ئىختىيارلىقىمىز بىلەن تاللىۋالغان.›› بولدىكەنمىز .. -
يازمىڭىزدىكى ” قۇرۇپ كەتكەن ئېرىقتىن ئىچىدىكى قۇمغا دەسسەپ ئۆيگە كىلەتتىم“ بۇ قۇرلارنى ئۇقۇپ كىچىك ۋاقىتلىرىمنى ئەسلەپ كەتتىم.
يازمىڭىز كۆزگە ياش تىپىمەنلا دەيدىكەن ئابى…
ئاينۇرى
تارىم
ھىجران
روھچىن
كۆنچى
سۈۋەرەك
غەيۇرشاھ
ئالىم