dadining waqti

دادىنىڭ ۋاقتى

ھىكايە

روھچىن

چۈشتە ئۆيىڭىزگە قايتىشقا ۋاقىت بىرەلمەيمەن . چۈشتە يېرىم سائەتلا دەم ئالىمىز سىزنىڭ ئۆيىڭىزگە بېرىپ كىلىشكە يەتمەيدۇ، دېدى- شىركەت مەسئۇلى.

دادا بۇگەپنى ئاڭلاپ بېشىنى تۈۋەن سېلىپ ئولتۇرۇپ قالدى.

شىركەت مەسئۇلى يەنە گىپىنى داۋاملاشتۇردى- سىزنىڭ كەسپى سەۋىيڭىز، خىزمەت تەجىربىڭىز بىزگە بەكلا ماس كىلىدىكەن، بىز ئىھتىياجلىق خادىم دەل سىز. ئەمما ، بىزنىڭ تۈزۈمىمىز بەك چىڭ، ناۋادا باللىرىڭىزنىڭ چۈشلۈك تامىقىنى باشقىلارغا ئۇرۇنلاشتۇرۇپ قۇيالىسىڭىز، ياكى بالىلار باغچىسى دىگەندەك ئۇرۇنلارغا بىرىپ چۈشلۈكتە قايتماي ئىشلىيەلەيدىغانغا كاپالەت قىلسىڭىز ئايلىق مائاشىڭىزنى 5.000 يۈۋەندىن چۈشۈپ كەتمەسلىككە مەن كىپىللىك قىلاي.

دادا بۇ گەپنى ئاڭلاپ دېرىكتورنىڭ چىرايىغا قاراپ يېنىككىنە كۈلۈپ قويدى ۋە – باللىرىم ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالدى، ئەمدى دادىسىدىن ئايرىلالمايدۇ- دىدى ۋە بېشىنى ئاۋۋالقىدەك تۈۋەن سېلىپ پىچىرلىدى- قىزىمنىڭ «دادا ئەمدى يەپ بولدۇم»  دەپ مىنىڭ ئېغىزىغا تاماق سېلىشىمغا بىشارەت بىرىدىغان تاتلىق گىپىنىڭ ئورنىنى ھەرقانداق نەرسە باسالمايدۇ.

دادا دېرىكتورنىڭ بىرنەچچە مەسلىھەتىنى چىرايلىق رەت قىلدى.

 « مەن چۇقۇم قىزىمغا ھەمراھ بۇلىدىغانغا ۋاقىت چىقىدىغان خىزمەت تاپالايمەن» دېدى ۋە دېرىكتوردىن  كەچۈرۈم سورىغاندىن كىيىن يېنىپ چىقتى.

بۈگۈن بالىلارغا ئۆز قۇلى بىلەن لەغمەن ئىتىپ بىرىشكە تەييارلىق قىلىپ سەي-كۆكتات قاتارلىق لازىمەتلىكلەرنى ئېلىپ ئۆينىڭ ئالدىغا كىلىشىگە تېلفۇن سايراپ كەتتى  تېلفۇن ئالغان ئوغلىدى ئىدى

-ھە بالام

دادا كەلمەمسىزا . . . قۇرسۇقۇم ئېچىپ كەتتى

-ھە بالام مەن ئۆينىڭ ئالدىغا كەلدىم ئۆز قۇلۇم بىلەن لەغمەن ئىتىپ بىرەي دەپ كۆكتات ئېلىپ كىردىم.

- يېس . . .! مەن سىز ئەتكەن لەغمەنگە بەك ئامراق، دادا ماڭا كېرمىنى كەمپۈتنىڭ بۆلجۈرگەن تەملىكىدىن ئالغاچ چىقىڭ !

-ماقۇل بالام ئۇكۇڭىزدىن سوراڭە نىمە ئالماغ چىقىدىكەنمەن.

تېلفۇندىن «ئۇكام دادام نىمە ئالغاچ چىقىدۇ ؟ » دەپ سوئال سورغان ئاۋازلار بىلەن ۋاراڭ چۇرۇڭ ئاڭلىنىپ كەتتى. بىردەمدىن كىيىن

-بىڭگور، ماروژزنى، ماڭگو دەيدۇ

- بولدى ماڭگو ئالغاچ چىقاي خوش ئەمسە ئۆيدە كۆرشىلى .

قىزى ھەربىر چوكا تاماقنى يۇتۇۋەتكەندىن كىيىن دادىسىنىڭ مەڭزىگە مايلىق لەۋلىرى بىلەن ئىزىپ سۆيۈپ قۇياتتى. دادا تېخىمۇ زوقلىنىپ تاماق يىگۈزەتتى ۋە قەلبى ئۆزى تەسۋىرلەپ بىرەلمەيدىغان بىر خۇشالىققا چۈمەتتى.

دادا بىلەن ئانا ئۆزلىرى تېپىشقان ۋە ئىشتىياق بىلەن توي قىلىشقان ئىدى. تويدىن كىيىنمۇ ئەر-خوتۇن دىگەن بولسا مۇشۇنداق بولسا دىگۈدەك ئىناق-ئىجىل ئۆتتى. تۇنجى بالىنى ئوغۇل تۇغقاندىن كىيىن، كەينىدىن ئىككىنى قىز تۇغۇۋەتتى. بالىلار ساغلام، ئەقىللىق چوڭ بۇلاۋاتقان، ئائىلىنىڭ ھەربىر ئىشلىرى روناق تېپىشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتقان ۋاقىتتا يىڭى كۆكلىگەن كۈچەتكە ئۈشۈك تەككەندەكلا بۇ ئائىلىگە ئۈششۈك تەگدى. مۇقەددەس ئائىلە ئالتە يىللىق ئۆتكەلدىن ئۆتەلمىدى. ئىككىلىسى بىرى-بىرىگە چىدىمايتتى، بالىلارغا تېخىمۇ چىدىمايتتى. ئەمما، نېمە ئىش بولغانلىقىنى تېخىمۇ بىلەلمەيتتى. ئىشقىلىپ بىريەرگە كەلسىلا جىدەل چىقىدىغان، ئىككى ئېغىز گەپ بولسىلا قىزىرشىپ قالىدىغان بۇلۇپ قالدى. ھەرقانچە تىرىشىپ باققان بىلەنمۇ ھەر ئىككىلىسىنىڭ بۇ ئالىنى ساقلاپ قېلىشقا كۆزى يەتمىدى. قانداق ساقلاپ قېلىشنىمۇ بىلمەيتتى. ئىككىسى بىرى-بىرىگە يۇچۇنلا ئادەملەردىن بۇلۇپ قالغان ئىدى. خۇددى ئۇلار ئەزەلدىن تۇنۇشمايدىغاندەك، بىرى بىرىنى چۈشەنمەيدىغاندەكلا بۇلۇپ قالدى. ھەر ئىككىلىسى بىرى-بىرىگە يۈرەكلىك بىر ئېغىز گەپ قىلالمايتتى. ئىكىنچى ئېغىزى جىدەل بۇلۇپ قالىدىغاندەك ئەنسىرەشتىن قۇتۇلالمايتتى.

ئاخىرىر دادا چوڭ ئىككى بالىنى ئانا كىچىك قىزنى ئېلىپ ئايرىلىپ كىتىشتى. ھېچكىم نىمە ئىش بولغانلىقىنى بىلمەيتتى. كۆپچىلىكنىڭ ئېغىزىدا « بۇلارغا كۆزتەگدى» دىگەن بىر ئېغىزلا گەپ بارئىدى. دادا ھەر قېتىم بۇ ئىشلارنى ئويلىغىنىدا « اللەنىڭ ئىرادىسى شۇنداقكەن» دىگەن گەپ بىلەن ئۆزىگە تەسەللى بىرەتتى.

دادا بالىلارنىڭ تامىقىنى يىگۈزۈپ بۇلۇپ ئايلاندۇرۇپ كىرىش ئۈچۈن سىرتقا ئېلىپ چىقىپ كەتتى.  ئۆينىڭ تېلفۇنى ئىككى قېتىم سايراپ توختاپ قالدى. ئېكراندا دېرىكتورنىڭ نۇمۇرى كۆرنۈپ تۇراتتى.

يازما ئاپتورى:

يازغانلىرىم باشقىلارنى يىتەكلەش، ھەقىقەتكە قايتۇرۇشتەك ئۇلۇغ ئىشلارنى مەقسەت قىلمىغان. مەن پەقەت ھېس قىلغانلىرىمنى ھىكايە، نەسىر، خاتىرە شەكىلدە يېزىپ قالدرۇماقچى. بۇ مەۋھۇم دۇنيانى رىئال دۇنيادىن تېپىلمىغان سىرداش، مۇڭداش قاتارىدا كۆرۈپ قۇرساق كۆپۈكلىرىمنى،ئىچ پۇشۇقلىرىمنى، دەرت-ئەلىمىمنى تۆكۈپ ئىچىمنى بۇشاتماقچى. . . يازمىللىرىم يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىگىمۇ تەڭ يوللىنىدىغان بۇلۇپ يازمىللىرىم ھەققىدىكى نۇرغۇن ئىنكاسلارنى مەزكۇر مۇنبەردىن كۆرەلەيسىز ئۇيەردىكى نامىم رەھمەتۇللاھدۇر . [ يەتتە قىز مۇنبىرى ]

دىۋان يوق,سافادا ئولتۇرامسىز؟!

  1. ۋاقىت: 2013- يىل 16- مارت 22:08 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    بەك تەسىرلىككەن…..ئپۈتۈن دۇنيادىكى بارلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بەخىتلىك ئۆتىشىگە تىلەكداشمەن!ئۇماق بالىلارنىڭ چىھرىدىن خۇشاللىق كەتمىگەي.

ئىنكاس يېزىش

ئېلخەت ئاشكارلانمايدۇ. بەلگە * بارلىرىنى چوقۇم تولدۇرۇڭ

*
*