بايلىق ℃243

1709960483519409379

بايلىق

بايلىقنى سان، سۈپەت، مىقدار بىلەن ئۆلچەش ئادەتكە ئايلىنىپ كەتتى. پالانىنىڭ بانكىدا مانچە يۈزمىڭ يۈەن پۇلى بارئىكەن. پالانى مانچە مىليۇنغا ماشىنا ئاپتۇ، پۇكۇنى مانچە مىلياردقا داچا ساپتۇ. مانا بۇلار دەۋىرىمىزدىكى بايلىقنىڭ ئىپادىلنىشى. ئەمما، ئاشۇ مىليۇن، مىلىيارد پۇلغا ئېگە بولغانلارنىڭ قانچىلىك خۇشاللىققا ئېرىشكەنلىنى بىلگىلى بولمايدۇ. ئەگەر ، بايلىق دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بىزگە خۇشاللىق بېغىشلىيالمىسا ئۇنىڭ يەنە نېمە ئەھمىيتى ؟  بايلىقنى زادى نېمە ئۈچۈن توپلايمىز؟

شۇڭا، ئالىملىرىمىز ئاقىلانىلىك بېلەن« دۇنيا قولدا ئەمەس، قەلبتە بولىدۇ» دىيىش ئارقىلىق قەلبىڭدە بايلىق تۇيغۇسى بولمىسا قۇلۇڭ مال-دۇنياغا كۆمۈلۈپ كەتكەندىمۇ ئۆزۈڭدە خاپچىلىقتىن باشقىنى ھېس قىلالمايدىغانلىقىڭنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.

بۇ ھەقتە توختالساق چوڭ بىر جەريان. بۈگۈن قەلەم ئېلىشتىكى مەقسەت بۇ ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەسلى مەقسەتكە قايتىپ كىلىمىز.

يېقىندىن بىرى ئۆزۈمنى ھەقىقەتەن باي ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم. جەمىيەت ئۆلچىمىگە سالسام تىلغا ئالغۇدەك بايلىق، بىساتىم يوق. ئەمما، تاپقانلىرىم تۇرمۇشۇمغا يىتىپ ئازراق ئاشقۇدەك ھالەتكە يىتىپتۇ. مانا مۇشۇ تۇرمۇشۇمنىڭ ئازراق ئېشىندىسى مىنى مىليونېر ياكى مېليادنىر قىلىۋەتتى.

 دېمەكچىمەنكى: مىلياردنىرلار ئېرشەلمىگەن خۇشاللىققا ئېرىشتۇردى. بۇنداق خۇشاللىق تەبئىيلا ئۆزۈڭدە بايلىق تۇيغۇسى پەيدا قىلىدىكەن. ئۆزۈڭنى ھىساپسىز مال-دۇنياغا ئېگە بولغاندەك، ھېچكىمدە يوق بايلىققا ئېرىشكەندەك تۇيغۇ پەيدا قىلىدىكەن.

ئىھتىمال گەپنىڭ پوس كاللىسىنى بىلگۈڭىز كىلىپ كەتكەندۇ، بۇ ئاداش زادى نېمە دېمەكچى دەپ قالغانىسز، ئەمسە داۋامىغا كۆز يۈگۈرتۈڭ . . . !

ئاشخانىغا تاماق يىگىلى كىرگەندە ئۆزىڭىزدىن كەمبەغىل ياكى ياشانغان ۋەياكى كېسەلمەن بىرە سى بىلەن بىر يەردە ئولتۇرۇپ قالىدىغان ۋاقىتلىرىڭىز بۇلىدىغاندۇ، ئەنە شۇ ۋاقىتتا تەشەببۇسكارلىق بىلەن قارشى تەرەپنىڭ تاماق پۇلىنى تۈلىۋېتىڭ، ئېھتىمال بۇنداق قىلسام قارشى تەرەپنىڭ غۇرۇرىغا تىگىپ قۇيىشىم مۇمكىن دەپ ئويلايدىغانسىز. غۇرۇرىغا تىگىش-تەگمەسلىك سىزنىڭ قارشى تەرەپكە قاندان چۈشەندۈرۈشىڭىزگە باغلىق. « مىنىڭ ئاتامغا بەك ئوخشايدىكەنلا ئاتامنى سېغىنىۋاتىمەن، سىلىنى ئاتا-ئانامنىڭ ئورنىدا مېھمان قىلىۋالاي رۇخسەت قىلسىلا» دېسىڭىز قارشى تەرەپ يىغلىۋەتمىگەن تەقدىردىمۇ  سىزگە بىر ئۇزۇن رەھمەت ئېيتىدۇ.

 « كېسەل،  ئادەمنىڭ ئېرادىسى، ئەقىدىسىگە كىلىدىغان بىر سىناق ئېكەن، اللە سىزگە بۇ سىناقنى بىرىپتۇ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە مىنىڭ بېشىمسدىمۇ بار بۇ سىناق، بۈگۈن بىر يەردە ئولتۇرۇپتۇق، سىزنى مىھمان قىلىۋالاي» دەڭ  قارشى تەرەپنىڭ چىرايىدا بىر مەمنۇنىيتلىك ئىپادىسنى چۇقۇم كۆرۈسىز.

شۇنىڭغا ئوخشاش، كەمتەرلىك، دوستانىلىق بىلەن قارشى تەرەپنىڭ پۇلىنى تۈلىسىڭىز ئۆزىڭىز بىرمۇنچە خۇشاللىق تېپىش بېلەن قارشى تەرەپكىمۇ قېرىنداشلىق، مىھرىبانلىقنىڭ ھارارىتىنى ھېس قىلدۇرالايسىز. 20-30 يۈەن پۇل بىلەن نۇرغۇن خۇشاللىقنى سېتىۋالالايسىز.

ناۋادا، پۇلىڭىزنى كۆز-كۆز قىلىش، ھاكاۋۇرلۇق، ھارامزادىلىق ئىپادىلىنىپ قالسا ئىزا ئاڭلىۋېلىشىڭىز مۇمكىن.

«مىنى لايقا بىكەتكە ئەچىقىپ قۇيۇڭ» دېدىم ئىككى چاقىلىق موتسىكىت ھەيدەيدىغان كىراكەشكە،« تۆت كوي كىتىدۇ» دېدى«چاتاق يوق» دېدىم ۋە يۈرۈپ كەتتۇق. سۇغۇق جاندىن ئۆتەتتى، ئۇستامنىڭ كەينىدە كىرپىدەك تۈگۈلۈپ ئولتۇرساممۇ سۇغۇق بىريەرلىرىمدىن كىرىپ تىنىمنى جۇغۇلدىتاتتى، ئۇستام توڭسىمۇ چىدامدۇ يا كۆنۈپ كەتكەنمۇ ئىشقىلىپ پەرۋاسىز موتو ھەيدەش بېلەن ئىدى. مۇشۇنداق سۇغۇقتا ئىككى چاقلىق موتونى كىراغا سېلىپ پۇل تېپىش ئۈچۈن بازارغا چىقىشقا ئادەتتىكى قىيىنچىلىق سەۋەپ بۇلالمايتتى.

مەنزىلگە كەلدۇق. بەش يۈەننى بىرىپ «قايتۇرماڭ» دەپ قۇيۇپلا بىكەتكە كىرىپ كەتتىم. كەينىمدىن« رازى بۇلۇڭ ئەمسە، رەھمەت» دېگەن ئاۋازنى ئاڭلىدىم. ئۇ ئادەم خۇشال بولدىمۇ بىلمىدىم. ئەمما، مەندە بىرخىل خۇشاللىق تۇيغۇسى پەيدا بولدى. ئۇزۇنغىچە ئۈزۈمنى مۇھىم بىرئىشنى پۈتتۈرگەندەك خۇشاللىقتا يۈردۈم. بىر يۈەن بېلەن نېمە ئىش قىلغىلى بۇلىدۇ. ئەمما، بۇ يەردە مۇھىم بىر ئىش، يەنى بايلىقنى ھېس قىلالىدىم.

لوپقا ماڭىدىغان كۇچا ئاپتۇۋۇزىنىڭ بىلەت باھاسى ئۈچ يۈەن لوپقا يېقىنلاشقاندا بىلەت كېسىدۇ. يۇرۇڭقاشتىن ئۆتكەندە ياشانغان بىرجۇپ ئەر-ئايال ماشىنىغا چىقىپ ئۇدۇل مىنىڭ ئالدىمغا كەلدى. ماشىنا تۇشۇپ كەتكەن ئىدى. يېنىمدىكى بالىنى تارتىپلا ئىككى كىشىلىك ئۇرۇننى بىكارلىدىم ۋە ئىككى مويسىپىتنى ئولتۇرغۇزدۇم.

 بىلەت ساتقۇچى كەلگەندە ئۈچ كىشىلىك بىلەت سېتىۋېلىپ ئىككەيلەننى كۆرسىتىپ قويدۇم. ماشىنىدىن چۈشكەندە ئۇلارنىڭ كەينىدىن ماڭدىم، شوپۇرنىڭ ئالىدىغان كەلگەندە« بالام بىز كىرانى تېخى تۈلىمىدۇق» دېدى، بىلەت ساتقۇچى « سىلىنىڭ كىرانى ماۋۇ ئوغۇللىرى تۈلىگەن» دېدى. ئۇلار ماشىنىدىن چۈشۈپ مىنى ئىزدەپ بولغۇچە كىتىپ قالدىم. ئىككەيەننىڭ ئادەملە ئارسىدىن« قېنى ئۇ بالا رەھمەت دىسەك بۇلاتتى» دەپ ئىزدىگەن پېتى قالدى.

مەن تۈلىگەن پۇللار تۇرمۇشۇمنىڭ ئازغىنا ئېشىندىسى خالاس، ئۇ پۇللارنى ئايرىم خىراجەت قىلىپ بىر ئىش قىلغىلى بولمايدۇ. ئەمما يۇلى كەلگەندە بىرقەلبنى ئىللىتىشقا يىتىدۇ. مەن مانا مۇشۇنداق بىر خۇشاللىققا ئېرىشىشنىڭ يۇلىنى تېپىۋالدىم.

شۇ سەۋەپتىنمىكى ئۆزۈمنى باي ھېس قىلىدىغان بۇلۇپ قالدىم، بايلىقىمنى ئىشلىتىدىغان ئۇرۇن ئىزدەيدىغان بۇلۇپ قالدىم. بۇ جەياندا نۇرغۇن ياشلارنىڭ ئادىشى، نۇرغۇن چوڭلارنىڭ ئۇكىسى، نۇرغۇن ياشانغانلارنىڭ بالىسى بۇلۇپ قالدىم. ئۇلارنىڭ «كىمنىڭ بالىسى سىز بالام » دېگەن گىپىنى ئاڭلىساملا ئاتا-ئانامدىن پەخىرلىنىپ كىتىمەن.

مىليۇن پۇلۇڭ بىلەن بىر ئادەمنى خۇشال قىلالمىساڭ يا ئۆزۈڭنى خۇشال قىلالمىساڭ ئۇنىڭ تەرەت ئادالايدىغان بىرپارچە تازىلىق قەغىزىچىلىك قىممىتى يوق. چۈنكى، پۇلغا سۈرۈتسىڭىز چىقمايدۇ.

پۇلنىڭ قىممىتى ئۇنى قانداق تېپىش ۋە قانداق خىراجەت قىلىشتا.

خالىسىڭىز سىزمۇ سىناپ بېقىڭ، شۇندىلا ئۆزىڭىزنىڭ قانچىلىك باي ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلالايسىز.

يازما ئاپتورى:

ھېچكىمنىڭ قۇرت-قوڭغۇزدەك نام-شىانسىز ياشاپ ئۆلۈپ كەتكۈسى بولمىسا كېرەك. يازغانلىرىم قەلبداشلىرىم بىلەن ئورتاقلىق ھاسىل قىلالىسىكەن دەيمەن. . . يازمىللىرىم ھەققىدىكى نۇرغۇن ئىنكاسلارنى يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىدىن كۆرەلەيسىز. ئۇيەردىكى نامىم رەھمەتۇللاھدۇر . [ يەتتە قىز مۇنبىرى ]

ھازىرغىچە 2 دوستىمىز قىممەتلىك پىكىرلىرىنى بەردى. سىزلا قالغان ئوخشايسىز !!!

  1. ۋاقىت: 2013- يىل 3- ئاپرېل 08:34 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    توقلۇق ھىرسىن كۆڭۈلدىن يوق قىل، ئۆزۈڭ ئاچ بولۇپ، بىر ئاچنى توق قىل.  لىباس ھەر نەچچىكىم زىبادۇر. كىيگىنىڭدىن كىيدۈرگىنىڭ ئەلادۇر. چىراغىنى ھەق ياندۇردى، كۆيدى، ئۇنى كىم پۇپ دەدى، ساقىلى كۆيدى. -ئەلشىر نەۋايى

  2. ۋاقىت: 2013- يىل 3- ئاپرېل 08:16 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    ئېسىل….ياخشى ئامالكەن.مەنمۇ سىناپ باقايچۇ!!ئاللاھ خالىسا…….

جاۋاب سەمىرە

ئېلخەت ئاشكارلانمايدۇ. بەلگە * بارلىرىنى چوقۇم تولدۇرۇڭ

*
*