aq qelib

قۇيۇش كونوپكىسىنى بېسىپ ئاڭلاڭ !

يۈرۈگۈمدە بىر نەرسە قاينايدۇ، گويا بىرقازان قايناق باردەك. قايناپ-قايناپ پاتمىغاندا تېشىپمۇ چىقىدۇ. ھەممەنەرسە مۇشۇ يۈرەككە سىغىدىكەن، قايغۇ-ھەسرەت، ئازاپ-پۇشايمان، شادلىق، خۇشاللىق ھەممىسى مۇشۇ يۈرەككە تىگىدىكەن. خۇشاللىق، شاتلىقلار كۆپرەك تەگسە يۈرەك ياشىرامدىكىن دەيمەن. ئەمما قايغۇ-ئازاپ بەك كۆپ بۇلۇپ كەتسە يۈرەك قورقۇنچاق، ئاجىزبۇلۇپ قالىدىكەن. چىڭراق يۈتۈلىشگە جۈرئەت قىلالمايدىغان، جۆيلۈپ سېلىشتىن ئەنسىرەيدىغان، يانفۇندا ئۇزۇنراق پاراڭلىشالمايدىغان بۇلۇپ قالىدىكەنسىز.تۇرمۇشقا قەدەم قويدۇڭمۇ بىرمۇنچە مەسئۇلىيەت تەڭ ئارتىلىدىكەن. سەللا سەل قارىساڭ بىرمۇنچە بەت ناملارغا قالىدىكەنسەن. ھېچكىم سىنىڭ تارتقان ئازاپ-ئۇقۇبەتلىرىڭگە پەرۋاقىلمايدىكەن. ئامالسىز سادىرقىلىپ سالغان سەۋەنلىكىڭ ئىكەنلىنى چۈشەنمەيدىكەن.


ئويلاپ قالىمەن، تۇمۇشتا ئازراق مايماق نىيەت قىلىپ سالساڭ نىمە ئىش بۇلۇپ كىتەر . . . قانچە ئاق كۈڭۈللۈك، رۇس نىيەتلىك، ۋاپادار بۇلىمەن دەپمۇ ھېلىدىن-ھېلىغا يامان ئاتاقلارغا قېلىۋاتساڭ، قۇربىتىڭ يەتمىگەن ئىشلارئۈچۈن ئاھانەت ئاڭلاۋاتساڭ ! ناۋادا شۇ ئىشلارنى« مۇشۇندا قىلسام قاندا قىلالايتتىڭ ؟» دەپ قىلىپ سالغان بولساڭ خەق چانىۋىتەر بولغىيمىدى . . .
كەلمەك ئىختىيارلىقىڭدا بولمىغىنىدەك، كەتمەكمۇ ئىختىيارلىقىڭدا ئەمەس . . . ھاياتلىق كۇچىسىغا ئىتتىرۋېتىلدىڭ ! سەن بىرگە ياشايدىغان ئىنسانلارنىڭ قەلبى تىرىسىدەك ئاق ئەمەس.
ئاق كۈڭۈل، باغرىڭ يۇمشاق بۇلۇپ قالدىمۇ بىر ئۆمۈر شۇنىڭ جازاسىنى تارتىپ ئۆتىسەن.
يارىلىشتىن ئاق يارتىلغان كۆڭۈلنى قارا قىلىش بەك ئازاپلىق ئىش، قەلبىڭنىڭ ئاقلىقىغا قۇيۇپ سالغان بىر چىكىتىڭ ئۈچۈن ۋىجدانىڭ ئۇزۇنغىچە قامچىلايدۇ. ئەمما، يارىلىشتىن قەلبى قارا يارالغانلارنىڭ قەلبىگە چىكىت قۇيۇلغان قۇيۇلمىغاننىڭ پەرقى يوق. ئاشۇ ئاق قەلبىڭ بىلەن قەلبى قارا نامەرتلەر ئارسىغا كىرىپ قالساڭ تېخىمۇ مۇشكۈلدۇر. سەنمۇ ئۇلاردەك نامەرتلىك قىلالماي يا نامەرتلەر ئارسىدا مەرتلىك ئاقماي ئۆلگەندىن بەتتەر قىينىلىسەن.
تەجەللى ھەزىرەتلىرىنىڭ ئۆمىرنىڭ ئاخىردا بىرە يىرى قانىسا قان كۆك ئاقارمىشكەن. نىمىشقا دىسە كۆك لازىنى جېق يەرئىكەن. نىمىشقا دىسە ئازاپقا، ئۇۋالچىلىققا، ناھەقچىلىككە چىدىماي ئاچچىقىنى ئاچچىق لازا بىلەن ياندۇرارمىشكەن. ئاخىردا قېنى لازا بىلەن زەھەرلىنىپ قازا قىپتىكەن.
بۇ گەپكە دەسلىۋىدە ئانچە ئىشەنمىگەن.لېكىن، يېقىندىن بىرى بېشىمدىن ئۆتكەزگەندىن كىيىن ئىشەندىم. تۇلا ئاچچىق يۇتۇۋالىدىغان، ئاچچىقىنى سىرتقا چىقىرالماي يۈرەكتىن ئالىدىغانلار سىناپ باقساڭلار بۇلىدۇ. ئەمما، قېنىڭلار زەھەرلىنىپ بىرە ئاقىۋت چىقسا مەن ئىگە ئەمەس.
ئۆزۈمنىڭ نىمە بالاغا قالغىنىمنى، قانداق قىسماققا دەسسەپ قويغىنىمنى بىلمەيمەن. ئەمما، ھەمىشە خىيالىمدا يوق ئىشلارنىڭ ساھىبى قاتارىدا جازالىنىمەن. قانچە ياخشىلىققا ئۇرۇنغانسىرى شۇنچە خاتا چۈشۈنۈشلەرگە، ئۇۋالچىلىقلارغا قېلىۋاتىمەن. قەدەمنى چوڭراق ئالسام تەپمەكچى، يۆتىلىپ قالسام تۈكۈرمەكچى، گېلىمنى قىرىپ سالسام تىللىماقچى بۇلۇپ قېلىۋاتىمەن. سەبى قەلب، سەبى تىلەك، سەبى ئارزۇلار ئادەم چىشلەيدىغان ئىتنىڭ كۈچۈكى بۇلۇپ كۆرنىۋاتىدۇ.
ئۆزۈمنى چۈشەندۈرۈشكە ئامالسىز قالدىم. قەلبنى يېرىپ كۆرسىتىشكە ئىمكان يوق . . .
مۇھەببەت، تۇرمۇش ھەققىدىكى تاتلىق ئارزۇلار ئاسماندىكى بۇلۇتلاردەك يىراقلاپ كىتىۋاتىدۇ. ئاق كۈڭۈللۈكنىڭمۇ چېكى بولىدىكەن. ناۋادا زىيادە ئاق كۈڭۈل بولسىڭىز يا ئەخمەق قىلنىشتىن قۇتۇلالمايدىكەنسىزياكى باشقىلارنىڭ تەلىپى يۇغۇناپ كىتىپ ھۆددىسىدىن چىقىپ بۇلالماي رەنجىتىپ قويدىكەنسىز ۋە ياكى خاتا چۈشۈنۈشلەردىن قۇتۇلۇپ بۇلالماي زەھەرخەندىلەر كامىرغا پالىنىدىكەنسىز. تۇلىمۇ ئەپسوس يارىلىشتا ئاق يارىلىپ قالغان قەلبنى قارا قىلىش مۇمىن ئەمەسكەن. بەلكىم بىر ئۆمۈر ئاق كۈڭۈللۈكنىڭ دەردىنى تارتىش تەقدىرىڭىز بولسا كىرەك . . .

يازما ئاپتورى:

يازغانلىرىم باشقىلارنى يىتەكلەش، ھەقىقەتكە قايتۇرۇشتەك ئۇلۇغ ئىشلارنى مەقسەت قىلمىغان. مەن پەقەت ھېس قىلغانلىرىمنى ھىكايە، نەسىر، خاتىرە شەكىلدە يېزىپ قالدرۇماقچى. بۇ مەۋھۇم دۇنيانى رىئال دۇنيادىن تېپىلمىغان سىرداش، مۇڭداش قاتارىدا كۆرۈپ قۇرساق كۆپۈكلىرىمنى،ئىچ پۇشۇقلىرىمنى، دەرت-ئەلىمىمنى تۆكۈپ ئىچىمنى بۇشاتماقچى. . . يازمىللىرىم يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىگىمۇ تەڭ يوللىنىدىغان بۇلۇپ يازمىللىرىم ھەققىدىكى نۇرغۇن ئىنكاسلارنى مەزكۇر مۇنبەردىن كۆرەلەيسىز ئۇيەردىكى نامىم رەھمەتۇللاھدۇر . [ يەتتە قىز مۇنبىرى ]

ھازىرغىچە 3 دوستىمىز قىممەتلىك پىكىرلىرىنى بەردى. سىزلا قالغان ئوخشايسىز !!!

  1. شىۋاق
    ۋاقىت: 2012- يىل 21- نويابىر 04:33 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    ;-)

  2. ۋاقىت: 2012- يىل 16- نويابىر 13:29 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    ئاۋال بىلوگىڭىزنىڭ يېڭى ئۇسلۇبىنى مۇبارەكلەيمەن!
    ئۇزۇن بوپتىكەن قەلب سىرلىرىڭىز بىلەن ئورتاقلاشمىغىلى ھەقىقەتەن ئېسىل چىقىپتۇ، راست دەيسىز يالغانچىلىق ۋە ياسالمىلىقا تولغان بۇ جاھاندا ئۆزىدەك ياشاش بەك تەس بوپ كەتتى.بەزىدە ئاچچىقتىن يېرىلغىدەك بوپ كېتىمەن، نېمىشقا ئادەم ئۆزى خالىغان يولدا، خالىغان ئىشىنى قىلىپ ياشاش ئىمتىيازىغىمۇ ئېگە بولالمايدۇ، نېمىشقا بۇرۇختۇمۇلۇقتا ياشاشنى تاللايمىز؟
    بۇ خىل ياشاش، باشقىلار ئۈچۈن، باشقىلارنىڭ كۆڭلى ئۈچۈن ياشاشنىڭ نەقەدەر قىيىن ۋە ئازاپلىقىنى بېشىدىن كەچۈرگەن ئادەم ھېس قىلالايدۇ، بىراۋ ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆزگەرتىش، ئۇنىڭ كۆڭلى ئۈچۈن يالغان كۈلۈپ ياشاش…………چارچاشتىن باشقا نەرسە ئەمەس
    ھاياتلىقنىڭ ھەممىمىزگە پەقەت بىرلا قېتىم نىسىپ بولىدىغىنىنى بىلىپ تۇرۇپ نۇرغۇن ۋاقتىمىزنى باشقىلار ۋە ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشقا سەرپ ئېتىۋېتىدىكەمىزيۇ، ئەمما ئېرىشكەن جاۋاپ تولىمۇ ئېچىنىشلىق…….

ئىنكاس يېزىش

ئېلخەت ئاشكارلانمايدۇ. بەلگە * بارلىرىنى چوقۇم تولدۇرۇڭ

*
*