1_130102175839_1

ئەتىكى يۇپۇرماق

بىرئوغۇل بالا بۇلۇپ ،ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئارقىسىدا بىر دەرەخلىك بار ئىكەن،شامال چىققان چاغدا ،دەرەخ يۇپۇرماقلىرى شامالغا ئەگىشىپ تەرەپ-تەرەپكە ئۇچىشاتتى.بەزىدە زالغا ۋە ئاشخانا ئۆيگىمۇ ئۇچۇپ كىرىپ قالاتتى.شۇ سەۋەپتىن ئۇنىڭ دادىسى ئۇنىڭغا ھەر كۈنى مەكتەپكە مېڭىشتى بۇرۇن يۇپۇرماقلارنى تازلىۋىتىشنى بۇيرىدى.

تاڭ يۇرۇشتىن بۇرۇن ئورنىدىن تۇرۇپ دەرەخ يۇپۇرماقلىرىنى تازلاش ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان بىر ئىش ئىدى،بۇلۇپمۇ كۈز-قىش مەزگىلدە ،دەرەخ يۇپۇرماقلىرى خۇددى ئۆز ئارا دىيىشىۋالغاندەكلا ،ھەمىشە توختىماستىن يەرگە چۈشەتتى،، ھەر كۈنى ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت سەرىپ قىلىپ يەرگە چۈشكەن يۇپۇرماقلارنى تازلاش بالىنى تولىمۇ بىزار قىلىۋەتكەن ئىدى.،كىيىن بىرەيلەن ئۇنىڭغا سۈپۈرۈشتىن بۇرۇن دەرەخنى لىڭىشتىپ قويساڭ ئىككىنچى كۈنى چۇشىدىغان يۇپۇرماقلارنىمۇ بىراقلا تازىلىۋىتەلەيسەن،دەپ ئەقىل كۆرسەتتى.بۇ ئەقىل بالىنى بىردىنلا ئالتۇن تېپىۋالغاندەك خوش قىلۋەتتى،شۇنىڭ بىلەن بىر ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپ،كۈچەپ دەرەخلەرنى لىڭىشتىشقا باشلىدى.شۇنداق قىلىپ بالا بىر كۈندە ئىككى كۈنلۈك يۇپۇرماقلارنى پاك- پاكىز تازلىۋەتتى.، ئۇ كۈنى كەپىياتى شۇنداق يۇقىرى ھالدا بىر كۈننى ئۆتكەزدى.

ئىككىنچى كۈنى بالا يەنىلا ئەتىگەن تۇرۇپ،ئويلىمغان يەردىن ئورمانلىقتا يۇپۇرماقلارنىڭ ئاۋالقىدەكلا ھەممە جاينى بىر ئالغانلغىنى كۆرۈپ كۆزىگە ئىشىنەلمەيلا قالدى..

ئوغۇل بالا ھەممە جاينى بىر ئالغان يۇپۇرماقلار ئارىسىدا تۇرۇپ، توساتتىن شۇنى ھىس قىلدىكى ــــ مەيلى بۈگۈن قانداقلا كۈچىمىسۇن ،ئەتىدىكى يۇپۇرماقلار يەنىلا ئوخشاش چۈشۈۋىرىدىكەن! شۇ پەيىتتە ئوغول بالىنىڭ كۆڭلى يورۇپ ،ئاخرى شۇنى چۈشەندى: دۇنيادا نۇرغۇن ئىشلارنى ھەرگىزمۇ ئالدىغا سۈرگىلى بولمايدىكەن ، بىز ياشاۋاتقان شۇ پەيىت،شۇ كۈن ھاياتنىڭ ئەڭ ئەمەلىيى بولغان بىر ھالىتىدۇر.

يەنە بىر ئالما بار

مەھەلسز چىققان بوران قۇملۇقنى كىسىپ ئۈتۈۋاتقان يولۇچىنى يولدىن ئازدۇرۇپ قويدى.،تېىخىمۇ قورقۇنۇچلۇق بولغىنى ئۇنىڭ تالقان بىلەن سۇ قاچىلىغان سومكىسى يوقاپ كەتتى.ئېشىپ قالغان ھەممە يۈك تاقىسنى ئۆرۈپ چۆرۈپ يۈرۈپ ئاخىرى سېسىپ قېلشقا تەمشەلگەن ئالمىدىن بىرنى تاپتى.

ئۇ خۇشاللىقىدىن «مەندە يەنە بىر تال ئالما باركەن » دەپ ۋاقىراپ تاشلىدى.

ئۇ بىر تال ئالمىنى كۆتۈرۈپ ، مۇشەققەتلىق سەپىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىدى،، مۇنداقچە ئېيىتقاندا قۇملۇقتىن چىقىپ كىتىدىغان يول ئىزدەۋاتاتتى.توپتوغرا بىر سوتكا ئۆتۈپ كەتتى.ئۇ تېخى قۇملۇقتىن چىقىپ كىتەلمىدى. ئاچلىق،ئۇسسۇزلۇق .ھارغىنلىق ئۇنى تەرەپ تەرەپتىن ئۆز ئىسكەنجىسىگە ئالماقتا ئىدى،،نەچچە قېتىم ئۆزىنى بەرداشلىق بىرەلمەيدىغاندەك ھىس قىلىپ يېتىپ قالغان چېغىدا،قولىدىكى ئالمىغا قارىسلا بىر خىل كۈچ كىرەتتى ،دە، قۇرۇپ يېرىلپ كەتكەن لەۋلىرىنى يالاپ قۇيۇپ، ئالدىغا قاراپ يول ئالاتتى.،كۆڭلىدە پەقەت «مىنىڭ يەنە بىر ئالمام بار، مىنىڭ بىر ئالمام بار…..»دىگەنننىلا ئويلايتتى.

ئۈچ كۈندىن كىيىن ،ئۇ ئاخىرى قۇملۇقتن چىقتى ، ئۇنىڭ قۇلىدىكى بىر ئېغىزمۇ چىشلەنمىگەن ئالما ئاللا بۇرۇن قۇرۇپ ھىچنىمگە ئوخشىماي قالغان ئىدى.

شۇنداق، ھاياتلىق سەپىرىدە ،بىز ھەمىشە تۈرلۈك ئوڭۇشسىزلىقلارغا ۋە مەغلۇبىيەتكە دۇچ كىلىمىز.سىز ھەرگىزمۇ يىنىكىلىك بىلەن ئۆزىڭىزنى ھىچنىمىڭىز قالمىدى دەپ ئويلىماڭ.،ئەمەلىيەتتە ھايات خۇددى قۇملۇققا ئوخشايدۇ، ئىتقاد بولسا ئاشۇ بىر تال «ئالما»دۇر.

ئەتتىرگۈلنى باھالاش

بىر قوشكىزەك ئاچا-سىڭىل قىزچاقلار گۈللۈككە كىردى. ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئارسىدىكى بىر قىزچاق قايتىپ كىلىپ ئاپىسىغا:

ـ ئاپا ،بۇ ياخشى جاي ئەمەسكەن!

نىمىشقا بۇنداق دەيسىز قىزىم؟

ـ چۈنكى بۇيەردىكى ھەممە گۈلنىڭ تىكىنى باركەن.

ئارىدا يەنە بىر قىزچاقمۇ قايتىپ كەلدى.

ــ ئاپا ،بۇ يەر بەك ياخشىكەن.

ــ نىمىشقا بۇنداق دەيسىز قىزىم.

ــ چۈنكى ،بۇ يەردىكى ھەممە تىكەنىنىڭ ئۈستىدە گۈل باركەن.

ئانا ئاڭلاپ بولغاندىن كىيىن خىيالغا چۆمدى.

دۇنيادىكى شەيئىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ياخشى-يامان ئىككى تەرىپى بۇلىدۇ، مەسلە سىزنىڭ قايسى نۇقتىدا تۇرۇپ باھا بېرىشىڭىزدە.

بىر قېتىم كۆپرەك قاراپ قۇيۇش

بىر تەكشۈرگۈچى مەلۇم بىر نامرات رايۇننىڭ نامراتلىشىپ كىتىش سەۋەبىنى تەكشۈرۈشكە ئەۋەتىلىپتۇ..يولغا چىقىشتىن بۇرۇن بىرسى ئۇنىڭغا ئۇيەردىكى كىشلەرنىڭ تەييارتاپ .ئەتىدىن كەچكىچە لاغايلاپ يۈرىدىغان ھورۇن كشىلەر ئىكەنلىگىنى دەپ بېرىپتۇ.

تەكشۈرگۈچى بۇ جايغا كىلىپ، ئېتىزلىقتا بىر ئادەمنىڭ ئوت ئۇرۇۋاتقىنى كۆرۈپتۇ.ئۇ ئادەم يەردە ئولتۇرۋالغان بۇلۇپ .بىردەم ئورۇپلا توختاپ بىردەم ئارام ئالىدىكەن.

تەكشۈرگۈچى كۆڭلىدە«ئوت ئورىسمۇ ئولتۇرۋالىدىكەن .بۇ يەردىكى كىشىلەر ھورۇنلىشىپ قۇتقازغىلى بولمايدىغان ھالەتكە يىتىپ قاپتۇ.»دەپ ئويلاپ ئاچچىقلىنىپ قايتىپ كەتمەكچى بۇلۇپ ئارقىسغا بۇرۇلغان شۇ پەيىتتە ،تاسادىبى ھالدا ئۇ ئادەمنىڭ يېنىغا قۇيۇلغان بىر جۈپ ھاسسىنى كۆرۈپ قاپتۇ.ئەسلدە ئۇ ئىككى پۇتىدىن ئايرىلغان مىيىپكەن.. ئادەتتىكى تۇرمۇشتىمۇ شۇنداق.. بىر قېتىم كۆپرەك قاراپ قۇيۇش ،نۇرغۇن ئىشلارنى ئۆزگەرتەلەيدۇ.

دوستلۇقىنڭ باھاسى

ھاۋا بارغانسىرى سوۋۇپ،قىش پەسلى يىتىپ كەلگەندە،قىزچاق ئۆزىگە بىر قىشلىق چاپان ئالماقچى بوپتۇ.بىر كۈنى ئۇ بىر دۇكاندىن چىلان قىزىلى رەڭلىك بىر چاپاننى كۆرۈپ ،شۇنى سېتىۋالماقچى بۇلۇپ ،باھاسىنى سوراپتىكەن،، باھاسى 50يۇەن ئىكەن ،شۇنىڭ بىلەن قىزچاق ئالدىنىپ قالماسلىق ئۈچۈن ،يەنە يېقىن ئەتراپتىكى بىر قانچە دۇكانغا كىرىپتۇ.كىيىن ئۇ بىردۇكاندىن ئۆزى كۆرگەن چىلان قىزىلى رەڭلىك چاپانغا ئوپئوخشاش چاپاندىن بىرنى كۆرۈپتۇ.ئۇنى خۇشال قىلغىنى شۇكى دۇكان خوجايىنى ئۇنىڭ كونا دوستىكەن.ئۇلار قىزغىنلىق بىلەن قۇچاقلىشىپتۇ،ھەل ئەھۋال سورىشىپتۇ،تېىلفون نۇمۇرلىرىنى ئالماشتۇرۇپتۇ.

ئۇنىڭ دوستى ئۇنىڭ چاپانغا قاراۋاتقىنى كۆرۈپ، دوستانىلىق بىلەن،«ياخشى كۆرگەن بولساڭ،ساڭا ئەزەنلا بىرەي..كونا دوستلۇقىمىزنىڭ يۈزىنى قىلىپ .سەندىن پايدا ئالساممۇ قاملاشماس..ساڭا 100يۈەنگىلا بىرەي.»

خوجايىن ھاپلا- شاپلاچاققانلىق قىلىپ ،چاپاننى خالتىغا قاچىلاپ.ئۇنىڭغا سۇنۇپتۇ.قىزچاق پۇلنى تۆلەپ قايتىپ چىقىپتۇ.

قىش پەسلى ئاللا بۇرۇن ئۆتۈپ كەتتى،قىزچاق چىلان قىزىلى رەڭلىك چاپاننى بىرقېتىممۇ كەيمىدى،چۈنكى ئۇ بۇچاپاننىڭ سوغوققا دال بۇلالمايدىغىنىغا ئىشىنەتتى.

ئىككى رەسسام

ئىككى رەسىم سىزىپ جان باقىدىغان كىشى بار ئىكەن.

بىرسى رەسىمىنى ناھايىتى ئىنچىكىلىك بىلەن سىزىدىكەن،كىشىلەر ئۇنىڭغا باھا بىرىپ «نىمە سىزسا شۇنىڭغا ئوخشايدۇ»دىيىشىدىكەن. بىراق ماختاشنىڭ ئارقىسىدا كىشلەر يەنە:«ئوخشىشى ئوخشايدىكەن، ئەمما ھازىر فوتو ئاپارات تۇرسا،ئۇنداق سىزىشنىڭ نىمە ھاجىتى بولسۇن. ئۇنىڭ ئۈستىگە فوتوئاپاراتتا تارتىلغان رەسملەر تېخىمۇ ھەقىقى»دەيدىكەن.

بۇ رەسىم سىزىدىغان ئادەم بەكمۇ بىچارىكەن، ئاز كۈن ئۆتمەيلا ئىشىسىز قاپتۇ.

يەنە بىر رەسسام رەسىمنى ناھايىتى ئاددىيلا سىزىدىكەن. ئاددىيلا ئىككى سىزىق تارتىپلا بىر پارچە رەسىمنى پۈتتۈرىدىكەن،كىشىلەر ئۇنىڭ رەسىمىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ نىمە سىزغانلىغىنى بىلگەن بىلەن، ھەققىي نەرسىلەرگە سېلىشتۇرغاندا ئوخشىدى دېگىلى بولمايدىكەن. بىراق ئوخشىسا ئوخشىمىسا ئۇنىڭ بىلەن ھىچكىمىنىڭ كارى بولماپتۇ.،.ھەم ھىچكىممۇ ئۇنىڭ رەسىملىرىنىڭ ئورنىغا فوتو رەسىملىرىنى دەسسىتىشنى ئويلاپمۇ باقماپتۇ، چۈنكى ئۇنىڭ رەسىملىرىدە ئىپادىلەنگەن نەرسىلەر ئەمەلىي تۇرمۇشتا ئەسلا مەۋجۇت ئەمەسكەن،ئۇ پەقەت رەسىمنى كۆرگۈچىلەرنىڭ چۈشىنىشىگە تايىنىدىكەن،ئاپارات ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ئورنىنى باسالمايتتى.

ئۇ ئالدىنقى رەسسامغا قارىغاندا كۆپ تەلەيلىك بۇلۇپ ،ئىشسىز قالمايلا قالماستىن بەلكى رەسىم سىزىپ پاراغەت تۇرمۇشقا ئېرىشىپتۇ.

ئالدىنقى رەسىم سىزغۇچۇنى ئادەتتە«رەسسام» دەيمىز. كىيىنكىسىنى بولسا«سەنئەتكار» دەيمىز.

ياخشىلىق ۋەيامانلىقنىڭ ئوتتۇرسىدا

كىچىدە بىر ئوغرى ئىنتايىن تەسلىكتە بىر ئۆيگە ئوغىرلىققا كىرىپتۇ.. ئۆيدە بىر پۇتى گۆرگە ساڭگىلىغان بوۋايدىن باشقا ھىچنىمە يوق ئىكەن.. ئوغرى چۈشكۈن ھالدا ئۆيدىن چىقىپ كىتەي دەپ تۇرىشىغا بوۋاي ئۇنى بايقاپ قاپتۇ.

كىمۇ؟ مىھمان كەلدىما؟دەپ سورىدى بوۋاي.

ھە.. ئالدىراپ تىنەپ جاۋاپ بەردى ئوغرى

ئولتۇرۇپ بىردەم ئارام ئېلىۋالسىلا ،،تالا بەك سوغوق.

تالا ھەققەتەنمۇ بەك سوغۇقكەن. ئوغرى بوۋاينىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپتۇ.

بوۋاي ئۆزىنىڭ بەك يالغۇز قالغانلىقىنى، ئۇنىڭ يوقلاپ كىلىپ بەك خۇشال قىلىۋەتكەنلىگىنى دەپ ئوغرىغا دەرت تۆككىلى باشلاپتۇ. ئەزەلدىن باشقىلارنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىپ باقمىغان ئوغرى كۆڭلىدە بەكمۇ خۇشاللىق ھىس قىپتۇ ھەم ناھايىتى پۇشايمان قىلىپتۇ. ئىككىنچى كۈنىدىن باشلاپ ئوغرى ھەركۈنى چۈشتە بوۋايغا يىمەكلىك،كىيىم -كىچەك قاتارلىق نەرسىلەرنى ئەكىلىپ بېرىپتۇ.بوۋاي شۇنىڭدىن كىيىن ئاچ قالمايدىغان، يالغۇزلۇق ئازابىنى تارتمايدىغان بوپتۇ.

بۇ كىيىم –كىچەك يىمەكلىكلەرنى ئوغرى باشقا جايدىن ئوغۇرلاپ كەلگەن، ئۇنىڭ ئىچىدە يەنە بىر پۇتى گۆرگە ساڭگىلىغان باشىقا بوۋايلارنىڭ نەرسىلىرىمۇ بار.

بىر خىل ياخىشىلىق ۋە يامانلىق بار، باھا بېرىش ھەقىقەتەنمۇ تولىمۇ قىيىن.

قۇلۇپلانمىغان ئىشىك

ﺧﯩﻠﯟﻩﺕ ﻳﯧﺰﯨﻨﯩﯔ ﭼﻪﺕ ﻳﺎﻗﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚﻳﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻧﺎ ﻗﯩﺰﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺋﺎﻧﺎ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﺋﻮﻏﺮﻯ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻧﺴﯩﺮﻩﭖ ﻛﻪﭺ ﻛﯩﺮﯨﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ﺋﯩﺸﯩﻜﻨﻰ ﺋﯜﭺ ﻗﯘﻟﯘﭖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯘﻟﯘﭘﻼﭖ ﻗﻮﻳﯩﺪﯨﻜﻪﻥ .

ﻗﯩﺰ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﻩ ﺭﻩﺳﯩﻤﻠﯩﺮﯨﺪﻩﻙ ﺗﯧﻨﯩﭻ ، ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﺴﯩﺰ ﻳﯧﺰﺍ ﺗﯘﺭﻣﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺯﯦﺮﯨﻜﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻼﭘﺘﯘ . ﻗﯩﺰ ﺷﻪھﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ، ﺋﯚﺯﻯ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺭﺍﺩﯨﺌﻮﺩﯨﻦ ﺋﺎﯕﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﺋﯩﻨﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺷﯘ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺑﺎﻗﻘﯘﺳﻰ ﺑﺎﺭئىكەن. ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮﻛﯜﻧﻰ ﺳﻪھﻪﺭﺩﻩ ﻗﯩﺰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺷﯘ ﺧﯩﻴﺎﻟﻪﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ، ﺋﺎﭘﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﺧﻼﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﭘﻪﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﯚﻳﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭙﺘﯘ .

“ ﺋﺎﭘﺎ ، ﻣﻪﻧﺪﻩﻙ ﻗﯩﺰﯨﯖﻨﻰ ﺗﯘﻏﯘﭖ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻥ ﺩﻩﭖ ﺑﯩﻠﻪﺭﺳﻪﻥ “ .

ﺋﻪﭘﺴﯘﺳﻜﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻗﯩﺰ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﮔﯜﺯﻩﻝ ، ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜﻙ ﺋﻪﻣﻪﺳﻜﻪﻥ . ﻗﯩﺰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﻼ ﺗﯘﻳﯘﻕ ﻳﻮﻟﻼﺭﻏﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻗﺎﭘﺘﯘ ، ﺑﺎﺭﺍ – ﺑﺎﺭﺍ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﺎﺗﻘﺎﻗﻘﺎ ﭼﯚﻛﯜﺷﻜﻪ ﺑﺎﺷﻼﭘﺘﯘ ، ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﯨﻼ ﻗﯩﺰ ﺋﯚﺯﻧﯩﯔ ﺧﺎﺗﺎﻻﺷﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ھﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﭙﺘﯘ .

“ ﺋﺎﭘﺎ!!!“ ﺋﻮﻥ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻗﯩﺰ ﺋﯚﺯﻧﯩﯔ ﻳﺎﺭﯨﻼﻧﻐﺎﻥ ، ھارغىن بەدىنىنى سۆرەپ يۇرتىغا قايتىپ كەپتۇ.

ﻗﯩﺰ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻛﯧﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ ، ﺋﯩﺸﯩﻜﻨﯩﯔ ﻳﻮﭼﯘﻗﯩﺪﯨﻦ ﻏﯘﯞﺍ ﭼﯩﺮﺍﻕ ﻧﯘﺭﻯ يىنىپ ﺗﯘﺭﯗﭘﺘﯘ ، ﻗﯩﺰ ﺋﺎﺳﺘﺎﻏﯩﻨﻪ ﺋﯩﺸﯩﻜﻨﻰ ﭼﯧﻜﯩﭙﺘﯘ- ﻳﯘ ، ﯞﯗﺟﯘﺩﯨﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺋﻪﻧﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﭼﯘﻟﻐﯩﯟﺍﭘﺘﯘ. ﻗﯩﺰ ﺋﯩﺸﯩﻜﻨﻰ ﺋﯩﺘﺘﯩﺮﯨﭗ ﭼﯚﭼﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯘ “ ئەجەپ ﺋﯩﺶ ، ﺋﺎﭘﺎﻡ ﺋﻪﺯﻩﻟﺪﯨﻦ ﺋﯩﺸﯩﻜﻨﻰ ﻗﯘﻟﯘﭘﻼﺷﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﭖ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺘﯩﻐﯘ ؟ “ ﺋﺎﻧﺎ ﻣﯘﺯﺩﻩﻙ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺗﯜﮔﯜﻟﮕﯩﻨﯩﭽﻪ ، ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻳﯜﺭﯨﻜﯩﻨﻰ ﺋﯧﺰﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻗﯩﻴﺎﭘﻪﺗﺘﻪ ﺋﯘﻳﻘﯘﻏﺎ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ .

“ ﺋﺎﭘﺎ ، ﺋﺎﭘﺎ !!“ ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﯩﻐﻼﻣﺴﯩﺮﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﯞﺍﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﻧﺎ ﺋﻮﻳﻐﯩﻨﯩﭗ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ ، ﮔﻪﭖ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﻗﯩﺰﯨﻨﯩﯔ ھارغىن يەلكىسىنى مەھكەم قۇچاقلاپتۇ. ﻗﯩﺰ ﺋﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﻏﺮﯨﺪﺍ ﺋﯘﺯﺍﻗﻘﯩﭽﻪ ﻳﯩﻐﻠﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ھﻪﻳﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﻮﺭﺍﭘﺘﯘ :“ ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺋﯩﺸﯩﻚ ﺗﺎﻗﺎﺷﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﭙﺴﻪﻧﻐﯘ ﺋﺎﭘﺎ ، ﺋﻮﻏﺮﻯ ﻛﯩﺮﺳﻪ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺴﻪﻥ ؟“

ﺋﺎﻧﺎ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﯧﺮﯨﭙﺘﯘ : “ ﺑﯜﮔﯜﻧﻼ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﻗﯩﺰﯨﻢ ، ﺳﯧﻨﻰ ﻛﻪﭼﺘﻪ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻛﯩﺮﻩﻟﻤﻪﻱ ﻗﺎﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ﺩﻩﭖ ﺋﻪﻧﺴﯩﺮﻩﭖ ، ﺋﻮﻥ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻤﯘ ﺋﯩﺸﯩﻜﻨﻰ ﻗﯘﻟﯘﭘﻼﭖ ﺑﺎﻗﻤﯩﺪﯨﻢ. ”

ﺋﺎﻧﺎ ﺋﻮﻥ ﻳﯩﻠﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﺪﻩﻙ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ، ﻗﯩﺰﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ھﻮﺟﺮﯨﺴﻰ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﻳﯩﻠﺪﯨﻜﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﺑﯧﺰﻩﻟﮕﻪﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ . ﺑﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﺎﺧﺸﯩﻤﻰ ﺋﺎﻧﺎ ﺑﺎﻻ ﺋﻮﻥ ﻳﯩﻞ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﯩﺪﻩﻙ ، ﺋﯩﺸﯩﻜﻨﻰ ﻣﻪھﻜﻪﻡ ﻗﯘﻟﯘﭘﻼﭖ ﺋﯘﺧ

ﺋﺎﺯﺍﺑﻠﯩﻨﯩﺶ – ﺗﯘﺯﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ

ﺋﺎﻗﺎﻳﯩﺪﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺋﺎﻏﺮﯨﻨﯩﭙﻼ ﻳﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺷﺎﮔﯩﺮﺗﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ .ﺑﯩﺮ ﻛﯘﻧﻰ ، ﺋﺎﻗﺎﻳﯩﺪ ﺷﺎﮔﯩﺮﺗﯩﻨﻰ ﻗﺎﻳﻨﺎﻕ ﺑﺎﺯﺍﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺧﺎﻟﺘﺎ ﺗﯘﺯ ﺳﯧﺘﯩﯟﯨﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﯘﻳﺮﯗﭘﺘﯘ . ﺷﺎﮔﯩﺮﺗﻰ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﺎﻗﺎﻳﯩﺪ ﺋﯘﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﺳﯩﻘﯩﻢ ﺗﯘﺯﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺴﺘﺎﻛﺎﻥ ﺳﯘﻏﺎ ﺳﯧﻠﯩﭗ ، ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯩﭽﯩﯟﯨﺘﯩﺸﻜﻪ ﺑﯘﻳﺮﯗﭘﺘﯘ .

ﺋﺎﻗﺎﻳﯩﺪ ﺷﺎﮔﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻦ : ﺗﻪﻣﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻜﻪﻥ؟ ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﺍﭘﺘﯘ .

ﺷﺎﮔﯩﺮﺗﻰ ﻗﻮﺷﯘﻣﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﯜﺭﯛﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ : ﺗﻪﻣﻰ ﺑﻪﻙ ﻗﯩﺮﺗﺎﻕ ﺋﯩﻜﻪﻥ ، ﺩﻩﭖ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﯧﺮﯨﭙﺘﯘ .

ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﺎﻗﺎﻳﯩﺪ ﺷﺎﮔﯩﺮﺗﯩﻨﻰ ﻛﯚﻝ ﺑﻮﻳﯩﻐﺎ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺑﯧﺮﯨﭗ ،ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺗﯘﺯﻧﻰ ﻛﯚﻟﮕﻪ ﺗﯚﻛﯘﭖ ،ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺗﯧﺘﯩﭗ ﺑﯧﻘﯩﺸﻨﻰ ﺑﯘﻳﺮﯗﭘﺘﯘ .

ﺷﺎﮔﯩﺮﺗﻰ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯﯨﻨﯩﯔ ﺩﯨﮕﯩﻨﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺗﯘﺯﻧﻰ ﻛﯚﻟﮕﻪ ﺗﯚﻛﯘﭖ ﺋﯘﻧﻰ ﺗﯧﺘﯩﭗ ﺑﯧﻘﯩﭙﺘﯘ .

ﺋﯘﺳﺘﺎﺯﻯ ﺷﺎﮔﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻦ : ﺗﻪﻣﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻜﻪﻥ ؟ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﺍﭘﺘﯘ .

ﺷﺎﮔﯩﺮﺗﻰ : ﺗﺎﺗﻠﯩﻘﻜﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﯧﺮﯨﭙﺘﯘ .

ﺋﯘﺳﺘﺎﺯﻯ ﻳﻪﻧﻪ : ﻗﯩﺮﺗﺎﻕ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯩﻜﻪﻥ ؟ ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ .

ﺷﺎﮔﯩﺮﺗﻰ : ﻗﯩﺮﺗﺎﻕ ﺋﻪﻣﻪﺳﻜﻪﻥ ،ﺩﻩﭖ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﯧﺮﯨﭙﺘﯘ .

ﺋﯘﺳﺘﺎﺯﻯ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﭼﺎﻳﻘﺎﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ،ﻛﯘﻟﯘﻣﺴﯩﺮﯨﮕﻪﻥ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺷﺎﮔﯩﺮﺗﯩﻐﺎ : ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﺯﺍﺑﻠﯩﻨﯩﺶ -ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺗﯘﺯﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ -ﺗﻪﯕﺸﻪﺷﻜﻪ ﺑﺎﻏﻠﯩﻖ ﺩﻩﭖ ،ﺩﻩﭘﺘﯘ .

ﻼﭘﺘﯘ …

يازما ئاپتورى:

يازغانلىرىم باشقىلارنى يىتەكلەش، ھەقىقەتكە قايتۇرۇشتەك ئۇلۇغ ئىشلارنى مەقسەت قىلمىغان. مەن پەقەت ھېس قىلغانلىرىمنى ھىكايە، نەسىر، خاتىرە شەكىلدە يېزىپ قالدرۇماقچى. بۇ مەۋھۇم دۇنيانى رىئال دۇنيادىن تېپىلمىغان سىرداش، مۇڭداش قاتارىدا كۆرۈپ قۇرساق كۆپۈكلىرىمنى،ئىچ پۇشۇقلىرىمنى، دەرت-ئەلىمىمنى تۆكۈپ ئىچىمنى بۇشاتماقچى. . . يازمىللىرىم يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىگىمۇ تەڭ يوللىنىدىغان بۇلۇپ يازمىللىرىم ھەققىدىكى نۇرغۇن ئىنكاسلارنى مەزكۇر مۇنبەردىن كۆرەلەيسىز ئۇيەردىكى نامىم رەھمەتۇللاھدۇر . [ يەتتە قىز مۇنبىرى ]

دىۋان يوق,سافادا ئولتۇرامسىز؟!

  1. ۋاقىت: 2013- يىل 29- يانۋار 17:20 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    بازما بۇلار مۇشۇنداق بۇلار .

ئىنكاس يېزىش

ئېلخەت ئاشكارلانمايدۇ. بەلگە * بارلىرىنى چوقۇم تولدۇرۇڭ

*
*