Asi yurek

ئاسىيلىق ئادەمنى بەك ئازاپلايدىغان ئىش .  خۇجايىنلارنىڭ قۇلى ئاسىيلىق قىلسا سېتىۋىتىدۇ.  ئەرلەرنىڭ خۇتۇنى ئاسىيلىق قىلسا تالىقىنى بىرىدۇ. ئاتا-ئانىغا باللىرى ئاسىيلىق قىلسا ئۇرىدۇ. ئەسكەرلەر قۇماندانغا ئاسىيلىق قىلسا ئېتىپ تاشلايدۇ . . . ھەرقانداق  ئاسىيلىقنىڭ ئۆزىگە لايىق جازاسى بار. ئەمما يۈرەك ئاسىيلىق قىلسىچۇ ؟

ئامال يوق ! ئۇ ئوتقا تارتسا كىرىپ كۆيىسىز، سۇغا تارتسا شۇڭغۇيسىز، يۈرەكنىڭ ئاسىيلىقىنىڭ جازاسىنى بىرەلمەستىن جازاسىنى تارتىسىز .

ئۇھ . . . !   ئۇ پىژ-پىژ ئېچىشىدۇ مۇزغا ياقالمايسىز، مەلھەم چاپلىيالمايسىز. ئۇ زىڭ-زىڭ ئاغرىيدۇ ئۇكۇل ئۇرالمايسىز، دورا ئىچەلمەيسىز. ئۇ بوك-بوك سۇقۇپ كىتىدۇ، تۇتۇۋالالمايسىز، بىر تەرەپكە ئىتتىرىپ قۇيالمايسىز.

تىنىقىڭىز توختاپلا قالمىسا سىز ئاشۇ رەھىمسىز جاللاتنىڭ قۇلى سىز ، پىرئەۋىننىڭ قۇللىرىمۇ كېچىسى تىنىچ ئۇخلىيالايتتى ئەمما سىز ئاسىي يۈرەكنى چاڭگاللاپ قارىمۇچتەك ئاچچىق خىياللاردا تاڭ  ئاتقۇزىسىز.

  مۇددەتسىز مەھكۇم جىنايەتچىمۇ ئۈچ ۋاق تاماقنى ۋاقتىدا يەيدۇ، ئەمما سىز ئېچىشىپ تۇرغان يۈرەكنىڭ ئازاۋىدا بىر يۇتۇم سۇنى گېلىڭىزدىن ئاران ئۆتكۈزىسىز.

كۆزىدىن ئايرىلغان ئەما ھاياتلىقنىڭ ھاۋاسىدىن تۇلۇپ نەپەسلىنەلەيدۇ. ئەمما، سىز ئاسىي يۈرەكنىڭ مۇجىلىشىدىن تۇنجۇقۇپ نەپەسلىنەلمەيسىز.

پالاندى تاتلىق دەريالارنىڭ سۇيىنى تېتىيالايدۇ. ئەمما سىز تۇزلۇق كۆزيېشىنىڭ تەمىنى تېتىيسىز.

‏ئەسلەشنى بىلىدۇ،ئۇنتۇشنى بىلمەيدۇ . يىغلاشنى بىلىدۇ توختاشنى بىلمەيدۇ. ئاغىرىشنى بىلىدۇ پەسىيىشنى بىلمەيدۇ. ئېشەك بولغان بولسا باغلاپ باشقۇرار ئىدىڭىز. گەپ ئاڭلىغان بولسا سۆزلاپ باشقۇرار ئىدىڭىز. لېكىن بۇيۈرەكنى قانداق باشقۇرۇش مۇمكىن.

ئادىمىيلىكىڭىز تەكرار يەرگە ئۇرۇلدى يۈرەك تارتىشقاچ سۈكۈت قىلدىڭىز. ساداقىتىڭىزخارلاندى يۈرەك تارتىشقاچ تىنمىدىڭىز، مۇھەببىتىڭىزقوغلاندى يەنە يۈرەك تارتىشقاچ سەۋىر قىلدىڭىز. سىز ئۈمۈدىڭىزنى ئۈزدىڭىز ئەمما يۈرەك ئۈمۈتۋار، سىزچىدىمىدىڭىز ئەمما يۈرەك چىدايدۇ.تىللاي دىسىڭىز يۈرەك قويمايدۇ، كىتەي دىسىڭىز يۈرەك كەتمەيدۇ. يۈرەكتە ۋىجدان يوق، يۈرەك نۇمۇسنى بىلمەيدۇ، ئۆزىنىڭ خارلانغىنىنى بىلسىمۇ يەنە تارتىشىدۇ،

باغدا باققان لالما ئىت كەبى، خىروئىنغا خۇمار بولغان چىكەرمەن كەبى، زىرائەتكە كۆنۈپ قالغان ھايۋان كەبى  يۈگۈرەيدۇ.  ئارقىسىن ئاران يىتىشكەندە بىر تىپىپلا ئېغىز بۇرنىڭىزنى قان ئىتىدۇ  قانلارنى سۈرتۈشكە ئۈلگۈرمەي يۈگۈرەيسىز !

ئاھ ! ! ! خار يۈرەك ! مەھكۇم يۈرەك ! ئاسى يۈرەك ! دۈشمەن يۈرەك ! قىينالغىنى سەن ئەمەس مەن. خارلانغىنى سەن ئەمەس مەن .

ئادەم ئەتكەنگە تازىم ئىتىش بىزنىڭ ساداقىتىمىز ئىدى ئەمما سەن ئادەم ئەتمىگەنگە تازىم ئىتىسەن.

قېنى سەندىكى ئىززەت ؟! قېنى سەندىكى ھۆرمەت ؟! غۇرۇ بىلەن ھېسيات ئوتتۇردا ساراڭ بولغىنىڭدا ئاچچىقىڭنى كۆزدىن، ئاشقازاندىن ئالىسەن !

مەن سۆيگۈدىن نەپرەتلىنىمەن. مۇھەببەتتىن سەسكىنىمەن ! بىراۋلارنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشتىن ئۆلۈمدىن قاچقاندەك قاچىمەن ! چۈنكى ئادەم ئەۋلادى ۋاپاسىز . . . ئەمما بۇ يۈرەك باغلانغاندا   ئادەم ئوغلىنىڭ ۋاپاسىزلىقى بىلەن ھىساپلىشىپ ئولتۇرمايدۇ.

نا ئەھلىلەر قىسماي قۇلاققا

تاشلاپ كەتسە مىنى تۇپراققا

غۇرۇرۇمنى ساقلاپ قالماققا

ئايلىنارمەن تىكەن يانتاققا

يازما ئاپتورى:

يازغانلىرىم باشقىلارنى يىتەكلەش، ھەقىقەتكە قايتۇرۇشتەك ئۇلۇغ ئىشلارنى مەقسەت قىلمىغان. مەن پەقەت ھېس قىلغانلىرىمنى ھىكايە، نەسىر، خاتىرە شەكىلدە يېزىپ قالدرۇماقچى. بۇ مەۋھۇم دۇنيانى رىئال دۇنيادىن تېپىلمىغان سىرداش، مۇڭداش قاتارىدا كۆرۈپ قۇرساق كۆپۈكلىرىمنى،ئىچ پۇشۇقلىرىمنى، دەرت-ئەلىمىمنى تۆكۈپ ئىچىمنى بۇشاتماقچى. . . يازمىللىرىم يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىگىمۇ تەڭ يوللىنىدىغان بۇلۇپ يازمىللىرىم ھەققىدىكى نۇرغۇن ئىنكاسلارنى مەزكۇر مۇنبەردىن كۆرەلەيسىز ئۇيەردىكى نامىم رەھمەتۇللاھدۇر . [ يەتتە قىز مۇنبىرى ]

ئىنكاس يېزىش

ئېلخەت ئاشكارلانمايدۇ. بەلگە * بارلىرىنى چوقۇم تولدۇرۇڭ

*
*