turmushtin

تۇرمۇشقا چىقىپ باققانلار بىلىدۇ. ئۇ- ئايرىم بىر دۇنيا . قېرىنداشلىرىمىز ، ئاتا-ئانىمىز ، دوست-بۇرادەرلىرىمىز بىلەن ياشاپ كەلگەن تۇرمۇشقا ئەسلا ئوخشىمايدۇ.

ئىلگىرى بىر قۇلۋاق بولغان بولساڭ ئەمدى شۇ قۇلۋاقنى ماڭدۇردىغان پالاق بۇلىسەن. ئېلگىرى ئۆگزە بولغان بولساڭ ئەمدى شۇ ئۆزىگە چىقىدىغان شۇتا بۇلىسەن. ئىلگىرى ھارۋا بولغان بولساڭ ئەمدى شۇ ھارۋىنى سۆرەيدىغان ئۇلاق بۇلىسەن.

ئىلگىركى قانداقتۇرقەيداشلار، يۆلىنىۋېلىشلار، پەرۋايىغا ئالماسلار ئەمدى ئاقمايدۇ. مەن قىلمىساممۇ قىلىدىغان ئادەم بارغۇ دەيدىغان گەپنىڭ ۋاقتى ئۆتتى، كاللىڭىزدىن ئۆتمىگەننى قۇزۇقتەك چىڭ تۇرۇپ ئۆتكۈزۈپ قىلىدىغان دەۋىر كەتتى. ھەق-ناھەقنى يالىڭاچلىنىپ تۇرۇپ ئايرىپ گۇناھكار بىلەن بىگۇناھنى ئوتتۇرغا چىقىرىپ ئادالەتنى ياقىلايدىغان ۋاقىت كەتتى.

ئائىلە ئۇ بىر تۈپ دەرەخ ئۇنىڭ سايىسى ئاستىدا  سىز ئۆسۈپ چوڭ بولغان شۇ دەرەخنى قۇرۇتۇپ قويماسلىق ئۈچۈن  ئاتا-ئانىڭىز بەزى سۇ بۇلۇپ يىلتىزلارغا سىڭگەن، بەزى ئۇغۇت بۇلۇپ غوللارغا تارىغان، بەزى كەتمەن بۇلۇپ دەرەخ تۈۋىنى يۇمشاتقان، بەزى زەھەرلىك دورا بۇلۇپ دەرەخنىڭ يۇپۇرماقلىرىغا چۈشكەن قۇرتلارنى يۇقاتقان.

ئەمدى نۆۋەت سىزگە كەلدى. بەلكى بىر ئۆمۈر كەتمەن بۇلۇپ چېپىلارسىز، بۇ ئادالەتسىزلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز چېپىلىشتىن ۋاز كەچسىڭىز بۇلىدۇ. بىراق،  دەرەخ قۇرۇپ قالسا ئائىلە ۋەيران بولسا مەڭزىڭىزگە شەخسىيەتچلىك مۆھۈرى بېسىلىدۇ.

نۇرغۇن ئاق ئاتلىق شاھزادىلەرنىڭ ئائىلە دەرىخىنى قۇرۇتۇپ قويماسلىق ئۈچۈن قىغ بۇلۇپ تۇپۇغا مېلىنىپ ياتقاننى  كۆردۈم. نۇرغۇن بىلى قاتتىق، غۇرۇرلۇق يىگىتلەرنىڭ ئائىلە دەرىخىنىڭ كەتمىنى بۇلۇپ چېپىلىپ بىلىنى رۇسلىيالمىغۇدەك بۇلۇپ قالغىننى كۆدۈم .

«نىمىشقا مۇشۇنداق دەيدۇ »دەپ يېرىم كۈن جىدەل قىلغان ئىدىم  ئەمدى ئويلاپ باقسام نىمىشقا ئۇنداق دىگىننىڭ سەۋەبىنى ئۇقۇپ ئولتۇرشۇمنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەن.

ھارام گەپ قىلدى دەپ تىللاپ يۈرۈپتىكەنمەن، ئۆزۈمدە بىر تەبەسسۇمنىڭ كەملىكىنى ھسې قىلماپتىكەنمەن.

ئىشچان، تېرىشچان، تېپىشچان(پۇل تېپىشچان ئەمەس كۆڭەلدىكىنى تېپىشچان) خۇتۇنلارغا سېلىشتۇرۇپ ئۆزۈمنىڭ سۈگەت ياغىچىغا ئۇچۇراپ قالغىنىدىن ئەپسوسلىنىپ يۈرۈپتىكەنمەن، «پۇچۇق  ئاياققا مايماق قۇشۇق» بولغىنىنى ئويلىماپتىكەنمەن.

ئەر-ئاياللار ئوتتۇرسىدا ھەق-ناھەق، توغرا-خاتا ئۇقۇمى بولمايدىغىننى ئۇقۇۋالدىم.

گۈلگە ئامراق بولسىڭىز ئىككىڭلار بىللە پەرۋىش قىلىپ ئۆستۈرۈپ ھوزۇرلانماي بازادىن كۆتۈرۈپ كىرسىڭىز  ئائىلىگە سىغمىغاننىڭ ئۈستىگە ئىككىڭلارنى پارچىلايدىغاننى ئۇنۇتماڭ !

ئايالىڭىزنىڭ بېشىغا پىيالىنى ئېتىپ يېرۋەتكەن بولسىڭىز قاندىن قورقماي سۆيۈپ قۇيالىسىڭىزلا قېيىن ئانىڭىزغا «يېقىلىپ كەتتىم» دەيدۇ.

ئايالىڭىز سىنىڭ بېشىڭىزغا پىيالە ئېتىپ يېرىۋەتسە ئۇۋىسىز قۇشقاچلارغا داتلىنىپ يۈرمىسىڭىزلا يارىڭىزغا بىر ئۆمۈر سۆيەلەيدۇ.

غەلۋە قىلسا سۈكۈت قىلىپ ئۆتكۈزىۋېتىشنى، جىدەل قىلسا گەپ ئاخىردا «خاپا بولماڭ مەن ياخشى قىلالمىدىم» دىيىشنى، جاپا تارتسا «مەجبۇرىيتىڭ» دىمەستىن «جاپاغا قويدۇم» دەپ قىچىقلاپ قۇيۇشنى، تاماق كەلسە «سىز ئۆينىڭ ئانىسى، سىزدىن بۇرۇن ئېغىزىمغا ئالمايمەن» دىيىشنى، بىركۈن يۇقاپ كەتسەم «سىزنى ئەنسىرتىپ قويدۇم.  بۈگۈن مۇنداق ئىشلار بولدى» دەپ تەسىراتىمنى سۆزلەپ بىرىشنى، يىغلاپ كەلسە «سىز يالغۇز ئەمەس.  يېنىڭىزدا مەن، ئۈستىمىزدە اللە بار »دىيىشنى   ئۈگەندىم. . . ئەمما مەن ئاللا بۇرۇن ئۇشبۇ تۇرمۇشتىن قوغلانغان . . .  مەن بۇلارنى كىمگە دەيمەن ؟ كىمگە ئىشلىتىمەن  . . .

يازما ئاپتورى:

يازغانلىرىم باشقىلارنى يىتەكلەش، ھەقىقەتكە قايتۇرۇشتەك ئۇلۇغ ئىشلارنى مەقسەت قىلمىغان. مەن پەقەت ھېس قىلغانلىرىمنى ھىكايە، نەسىر، خاتىرە شەكىلدە يېزىپ قالدرۇماقچى. بۇ مەۋھۇم دۇنيانى رىئال دۇنيادىن تېپىلمىغان سىرداش، مۇڭداش قاتارىدا كۆرۈپ قۇرساق كۆپۈكلىرىمنى،ئىچ پۇشۇقلىرىمنى، دەرت-ئەلىمىمنى تۆكۈپ ئىچىمنى بۇشاتماقچى. . . يازمىللىرىم يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىگىمۇ تەڭ يوللىنىدىغان بۇلۇپ يازمىللىرىم ھەققىدىكى نۇرغۇن ئىنكاسلارنى مەزكۇر مۇنبەردىن كۆرەلەيسىز ئۇيەردىكى نامىم رەھمەتۇللاھدۇر . [ يەتتە قىز مۇنبىرى ]

ئىنكاس يېزىش

ئېلخەت ئاشكارلانمايدۇ. بەلگە * بارلىرىنى چوقۇم تولدۇرۇڭ

*
*