PTA

ئادەمنىڭ پىشىپ يېتىلىشى ياش بىلەن مۇناسىۋەتىسز، بەلكى ئىشلارغا قارشى تەرەپنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ قارىيالىشىڭىزدا، يەنى باشقىلارنىڭ دۇنياسىنى ئۆزدۇنيايىڭىزغا ئايلاندۇرالىشىڭىزدا ئىپادىلىنىدۇ. جەمئىيتىمىزدە نۇرغۇن قۇرامىغا يەتكەنلەرگۆدەكلەرچە قىلمىشىدىن قۇتالىلىغىنى يوق، ئۇلار كىچىككىنە ئشىلار ئۈستىدىمۇ باشقىلار بىلەن تالاش-تارتىش قىلىشىدۇ.

چۇقۇم بەدەل تۆلەشنى بىلىش كېرەك

تۇنجى ئالامەت شۇ زامان جاۋابىنى كۈتۈش.

ئەتىيازدا ئۇرۇق تېرىسا، كۈزدە ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر مەيلى قانداقلا بىرئىش قىلمىسۇن، ئازراقلا بەدەل تۈلەپ، شۇزامان نەتىجىگە ئېرىشمەكچى بولىدۇ. خۇددى سودا قىلغانغا ئوخشاش، باشتا ھېچقانداق پايدا ئالالمىسا ۋاز كېچىشنى تاللايدۇ، بەزىلەر ئاران بىرئاي، بەزىلەرئۈچ ئاي، بەزىلەر يېرىم يىل، يەنە بەزىلەر بىريىل . . . بەرداشلىق بىرەلەيدۇ. بۇ مەغلۇبىيەتچىلەرنىڭ تىپىك ئادىتى. شۇڭا نەزەر دائىرسى كەڭ، يىراقنى كۆرەر، كەلگۈسىگە ئىشەنچ باغلىيالايدىغان بولۇش كېرەك !

تۇرمۇشتا ۋاز كېچىشكە ئۈگۈنۈپ قالغان كىشىلەرگە مۇنۇ سۆزنى تەقدىم قىلماقچىمەن:«غالىبلار مەڭگۈ ۋازكەچمەيدۇ، ۋاز كەچكۈچىلەر مەڭگۈ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ.» نامراتلارنىڭ مۇنداق ئىككى تۈرلۈك تىپىك پىسخىكىسى بولىدۇ: بىرسى، مەڭگۈ پۇرسەتكە«ياق» دەپ جاۋاپ بىرىدۇ؛ يەنە بىرسى، ھەمىشە« بىركېچىدىلا بېيىپ كىتىش»نى خىيال قىلىدۇ.

بىز بەدەل تۆلەشنى بىلىشىمىز كېرەك، چۈنكى بىز ئۆزغايىمىزنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن  بەدەل تۈلەۋاتىمىز. ھالبۇكى، ئىنسان ئارزۇ-ئىستەك ۋە غايە بىلەن ياشايدۇ، ئەگەر بىر كىشىنىڭ غايىسى، ئىنتىلىشى بولمايدىكەن، ئۇنداقتا ياشىغىنىنىڭ ھېچ بىر ئەھمىيتى بولمايدۇ.

خۇددى ئۇستا بىر پالچى پۈتكۈل ھاياتىڭىزنى ئەينەن ئېيتىپ بىرەلىگەن بولسا، ئۇنداقتا ياشىشىڭىزنىڭ يەنە نىمە ئەھمىيتى ؟ شۇنى بىلىڭكى، ئىنسان ئارزۇ-ئۈمىد ۋە غايە بىلەن ياشايدۇ.

شۇڭا، سىزتۇرمۇشتا نىمىگە ئېرىشمەكچى بولىدىكەنسىز شۇنىڭ ئۈچۈن بەدەل بەدەل تۆلىشىڭىز كىرەك.

شۇ نەرسە ئىنىقكى، خۇددى بىرتال ئۇرۇقنى تېرىغاندىن كىيىن، سىز سۇغىرىپ، ئۇغۇتلاپ، پۇتاپ، قۇرت-قوڭغۇزلارنى ئۆلتۈرسىڭىز، نەتىجىدە ئېرىشكىنىڭىز نەچچە ئون، ھەتتا نەچچە يۈز ھەسسە كۆپ بولغىنىغا ئوخشاش، ئەجىر سىڭدۈردىكەنسىزچۇقۇم ھەسسىلەپ جاۋاپقا ئېرىشىسىز.

چۇقۇم بەدەل تۆلەشنى بىلىش كېرەك. كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكە بىرىلىپ كەتمەسلىك، شۇھامان نەتىجە كۆرلۈشنى ئويلىماسلىق كېرەك. بۇ دۇنيادا ھەرگىزمۇ بىكارلىق ئىش يوق، بۇشاڭلىق قىلىپ تۇرۇپمۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدىغان ئىش تېخمۇيوق.

مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچى ھەرگىزمۇ ئاغرىنمايدۇ، ئاغرىنغۇچى ھەرگىزمۇ ۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ

ئادەمنىڭ پىشىپ يىتىلمىگەنىلىكىدىكى ئىككىنچى ئالامەت: تەلەپچان بولماسلىق.

ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويماسلىقنىڭ ئاساسلىق ئىپادىسى-ئۆزىنى ئۆزگەرتىشنى خالىماسلىق.

سىز ئۆزىڭىزنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلىڭىزۋە ھەركەت ئىسخېمىڭىزنى، شۇنداقلا ناچار ئادەتلىرىڭىزنى ئۆزگەرتىشىڭىز كېرەك. ئەمەلىيەتتە كىشىلەر ئىقتىدار جەھەتتە بىرى-بىرىسىدىن ئانچە چوڭ پەرىق قىلمايدۇ، پەقەت تەپەككۇر ئۇسۇلىدا پەرىق قىلىدۇ. مەلۇم بىر ئىشقا نىسبەتەن، مەغلۇبىيەتچى بىلەن مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچىنىڭ جاۋابى بىردەك بولمايدۇ.ھەتتا بىرى-بىرىگە قارىمۇ-قارشى بولىدۇ. بىزنىڭ بۈگۈنكى مەغلۇبىيتىمىز ئەمەلىيەتتە تەپەككۇرئۇسۇلىمىزنىڭ مەغلۇبىيتىدۇ. مۇنداق بىر ياخشى پورمۇلا بار: سىز بىر تەپەككۇر ئۇرۇقىنى چاچسىڭىز، ھەركەتتىن ئىبارەت ھۇسۇلغا ئېرشەلەيسى؛ ھەركەتتىن ئىبارەت ئۇرۇقنى چاچسىڭىز، ئادەتتىن ئىبارەت ھۇسۇلغا ئېرشەلەيسىز. سىز يەنە ئادەتتىن ئىبارەت ئۇرۇقنى چاچسىڭىز، خاسلىقتىن ئىبارەت ھۇسۇلغا ئېرشەلەيسىز؛ خاسلىقتىن ئىبارەت بۇ ئۇرۇقنى چاچقىنىڭىزدا ئۇ سىزنىڭ تەقدىرىڭىزنى بەلگىلەيدۇ.

ئەگەر سىز مەغلۇبىيەتنىڭ ئۇرۇقىنى چاچقان بولسىڭىز، ئۇھالدا ئېرشىدىغىنىڭىز مۇقەررەر مەغلۇبىيەت بۇلىدۇ؛ ئەگەر سىز مۇۋەپپىقىيەت ئۇرۇقىنى چاچقان بولسىڭىز، ئۇھالدا ئېرشىدىغىنىڭىز مۇقەررەركى مۇۋەپپەقىيەت بولىدۇ.

سىز شۇنىڭغا ئىشىنىشىڭىز كېرەككى، ئەگەر بىرەيلەن مۇشۇ تۈردە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بولسا، سىزمۇ چۇقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايسىز. ھەركەت 21 كۈن تەكرارلانسا ئادەتكە ئايلىنىدۇ، ئادەت تەكرارلىنىۋەرسە، خاسلىققا ئۆزگىرىدۇ.

نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تىلىۋىزور كۆرۈش، قارتا ئويناش، ھاراق ئىچىش، بەزمىخانىلارغا قاتراش. . . قاتارلىق يامان ئادەتلىرى بار. ئۇلار بۇنىڭ يامان ئادەت ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، نېمە ئۈچۈن ئۆزگەرتىشنى خالىمايدۇ؟ سەۋەبى شۇكى، نۇرغۇن كىشىلەر ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرىگە بەرداشلىق بىرىشكە رازىكى، ناچار ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىش ئەكېلىدىغان ئازاپلارغا بەرداشلىق بېرىشنى خالىمايدۇ. شۇڭا، ئۇلار ئۆزگەرتىشنى خالىمايدۇ.

ھەرقانداق بىرئىشنىڭ يۈز بىرىشىدە ، مۇقەررەركى، ئۆزىگە پايدىلىق بىرەر مەقسەت بولىدۇ

ئادەمنىڭ پىشىپ يىتىلمىگەنلىكىدىكى ئۈچىنچى ئالامەت: دائىم كەيپىياتنىڭ ئىسكەنجىسىدە بولۇش.

بىركىشىنىڭ مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش-قازىنالماسلىقىدا مۇنداق بەش تۈرلۈك ئامىل بولىدۇ: كەيپىياتنى تىزگىنلەش، ساغلام تەن، ياخشى بولغان كىشىلىك مۇناسىۋەت، ۋاقىتنى ئۇرۇنلاشتۇرۇش، مالىيە باشقۇرۇش.

ئەگەر سىز مۇۋەپپەقىيەت قازىنىمەن دەيدىكەنىسز، ئۇنداقتا بۇ بەش تۈرلۈك ئامىلنى ياخشى باشقۇرشىڭىزلازىم. نېمە ئۈچۈن كەيپىيات بىرىنچى ئۇرۇندا، ساغلاملىق ئىككىنچى ئۇرۇندا تۇرىدۇ ؟ چۈنكى، كەيپىيات ياخشى بولمىسا سالامەتلىكىڭىزگە بىۋاستە تەسىرى بولىدۇ. كىشىلەر مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشتا 20% ئەقىل بۆلۈنمىسى، 80% ھېسيات بۆلۈنمىسىگە تايىنىدۇ. شۇڭا، ھېسياتىڭىزنى ئۇبدان تىزگىنلەڭ. كەيپىياتنىڭ كىشىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئىنتايىن چوڭ، كىچىككىنە ئىشنى دەپ دەر-غەزەپ بولۇپ چېچىلىپ كېتىش ياخشى ئەمەس.

تۇرمۇشتا قانداق روھى ھالەتنى شەكىللەندۈرۈش لازىم ؟ تەنقىدلىمەسلىك، رەنجىمەسلىك، ئەيىپلىمەسلىك؛ كۆپ ئىلھام بېرىش، كۆپ ماختاش، كۆپ مەدھىيەلەشنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. شۇنداق قىلالىسىڭىز، جامائەتنىڭ ئالقىشىغا ئېرشەلەيسىز. ئەگەر سىز ھەمراھىڭىزنى تېخىمۇ مۇنەۋۋەر بولسۇن دەيدىكەنسىز، ناھايىتى ئاسان، ئۇلارنى دائىم ئىلھاملاندۇرۇپ، مەدھىيەلەپ تۇرۇڭ. ئەگەر ئۇلاردا ھەقىقەتەن نوقسان بولسا، قانداق قىلىش كېرەك ؟ ئۇنداقتا، ئۇلارغا تەكلىپ-پىكىر بىرىڭ . تۇرمۇشتا سىز مۇنداق بىر ھادىسىنىڭ بارلىقىنى بايقايسىز، مەلۇم بىرسى باشقىلارغا تەكلىپ بەرگەندە، باشقىلار ئۇنى قۇبۇل قىلالمايدۇ، بەزىلەر بولسا ئەكسىچە خاپا بۇلۇپ قالىدۇ. ئەمىلىيەتتە، تەكلىپ بېرىشتىكى ئۇسۇل ئەڭ مۇھىم، يەنى مەدھىيەلەش، تەكلىپ بېرىش، يەنە مەدھىيەلەش !

ئۆزىنى بىلەرمەن ھېس قىلماي، ئۆەىنىش قىلىپ تۇرۇش كېرەك

ئادەمنىڭ پىشىپ يىتىلمىگەنلىكنىڭ تۆتىنچى ئالامىتى : ئۆگىنىش قىلىشنى خالىماسلىق.

ئادەم داۋاملىق ئۆگىنىش كېرەك، ھەرگىزمۇ ئۆزتالانتىنى كۆمۈپ قويماسلىق لازىم، ئۆزىنى بىر ئاق قەغەز ھىساپلايدىغان پوزىتسىيەدە داۋاملىق ئۆگىنىش كېرەك.

بىز كىمدىن ئۆگىنىمىز ؟ ئەلۋەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلاردىن ئۆگىنىشىمىز كېرەك.

مانا مۇشۇنداق سۈرئەت، ئۆزگىرىش، كىرىزىس دەۋرىدە داۋاملىق ئۆگەنگەندىلا، ئاندىن دەۋر تەرپىدىن شاللىۋېتىلمەيسىز.

شۇڭا، چۇقۇم ئۆگىنىڭ. نۆلدىن باشلاپ ئۆگىنىشكە جۈرئەت قىلىڭ. باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى بايقاڭ، « ئۆزۈڭنى قالتىس چاغلىما، تاغ كەينىدە تاغ بار»

مەنبە: تەرمىلەرژورنىلى 2012-10-سان

يازما ئاپتورى:

يازغانلىرىم باشقىلارنى يىتەكلەش، ھەقىقەتكە قايتۇرۇشتەك ئۇلۇغ ئىشلارنى مەقسەت قىلمىغان. مەن پەقەت ھېس قىلغانلىرىمنى ھىكايە، نەسىر، خاتىرە شەكىلدە يېزىپ قالدرۇماقچى. بۇ مەۋھۇم دۇنيانى رىئال دۇنيادىن تېپىلمىغان سىرداش، مۇڭداش قاتارىدا كۆرۈپ قۇرساق كۆپۈكلىرىمنى،ئىچ پۇشۇقلىرىمنى، دەرت-ئەلىمىمنى تۆكۈپ ئىچىمنى بۇشاتماقچى. . . يازمىللىرىم يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىگىمۇ تەڭ يوللىنىدىغان بۇلۇپ يازمىللىرىم ھەققىدىكى نۇرغۇن ئىنكاسلارنى مەزكۇر مۇنبەردىن كۆرەلەيسىز ئۇيەردىكى نامىم رەھمەتۇللاھدۇر . [ يەتتە قىز مۇنبىرى ]

دىۋان يوق,سافادا ئولتۇرامسىز؟!

  1. ۋاقىت: 2012- يىل 28- نويابىر 09:30 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    ياخشى يېزىپسىز. . تېخىمۇ تىرشىڭ. بۇ تېما ماڭا ئىنتايىن
    ياقتى.

ئىنكاس يېزىش

ئېلخەت ئاشكارلانمايدۇ. بەلگە * بارلىرىنى چوقۇم تولدۇرۇڭ

*
*