كۆزۈم كۆرمىسە ℃392
ئاي-يىللار ياللىنىپ ئىشلەپ چىرايىدىن تۇپا ئۆچمىگەن، غۇلىدىن پىت كۆچمىگەن، يېنى پۇلغا تولمىغان، قاقاھلاپ گۈلگىنىنى كۆرمىگىلى بولمىغان ئاجىزلارنىڭ بىچارە قىياپىتىنى كۈزۈم كۆرمىسە . . .
ئەرنىڭ ئەرلىك ئىززىتىنى قىلماي، ئايالنىڭ ئاياللىق ھۆرمىتىنى قىلماي، ئائىلنىڭ مۇقەددەسلىكىنى كۆزگە ئىلماي، چوڭچىلىقتىن جۆرىسىگە يول قويماي، بالىلارنىڭ تەقدىرىنى ئويلىماي، ئائىلىنى ۋەيران قىلغان، نارىسىدىلەرنىڭ باغرىنى تىلغان تۇزكور ئەر- خۇتۇنلارنىڭ شەرمەندە قىياپىتىنى كۆزۈم كۆرمىسە . . .
بالىلىقتىن ئۆزگە گۇناھى بولمىغان، قەلبى ھاياتلىقنىڭ گۈلىگە تولمىغان، ئۆزىدىن باشقىنى ئويلىمايدىغان، قۇرۇق سۆلەتتە تىرەك بويلىمايدىغان، ئاتا –ئانىغا بالا بۇلۇپ قېلىپ، ئەر-خۇتۇن بالىلارنىڭ كەلگۈسىنى سازقىلىپ چېلىپ كۇچىدا قالغان يىتىملەرنىڭ نالە-زارلىق كۆزيېشىنى كۆزۈم كۆرمىسە . . .
ئون بالىنى چوڭ قىلىپ قاتارغا قېتىپ، بار دۇنياسىنى باللىرى ئۈچۈن سېتىپ، باللىرى چوڭ يەرلەرگە چىقىپ كىتىپ، ئاتا-ئانىنىڭ باغرىنى يىرتىپ -تىتىپ، بىرۋاق غىزا ئۈچۈن كۇچىغا چىققان، يېرىم ناننى كەچلىكى ئۈچۈن يانچۇققا تىققان ئۇلۇغۋار ئاتا-ئانىلارنىڭ بەش موچەنگە دۇئا قىلاي دەپ يۈرگەن ئىگىك بەللىرىنى كۆزۈم كۆرمىسە . . .
بىر-ئەرنىڭ نىكاھىدا باغلىنىپ يۈرۈپ، ياتلارنىڭ كەينىدىن داتلىنىپ تۇرۇپ، ئىسسىق ئائىلىلەرگە زەھەر چاچقان، بىگۇناھ ئايالنىڭ باغرىغا ئوقيا ئاتقان، ئىپپەت ۋە ھايانى رەسۋالىققا ساتقان، كالا ھارۋىسىغا چوچقىنى قاتقان، ئىبلىسنىڭ سۈيدۈك قاچىسىغا پاتقان شەرمەندىلەرنىڭ ئۆزگىنىڭ رىسقىغا چۆمچىيىدىغان قاسماق چىرايىنى كۆزۈم كۆرمىسە . . .
ئالدىدا ھېجىيىپ پىشىنى كۆتۈرۈپ، كەينىدىن غەيۋەت بىلەن ئۆلتۈرۈپ، بىرىنىڭ گىپىنى بىرىگە تۇشۇپ، راس گەپكە تۈمەنمىڭ يالغاننى قۇشۇپ، قېرىنداشلارنى ياتلارغا باشلايدىغان، ئاق كۆڭۈلنى ئورىغا تاشلايدىغان ، ئۇرۇقىنى سايغا تىكسە ئۈنىدىغان، غەيۋەتلا بولسا ھاجەتخانىغىمۇ كۈنىدىغان، گەپ ھارۋىسى لاۋزىلارنىڭ شالۇك ئېغىزىنى كۆزۈم كۆرمىسە . . .
ئۈزۈمنىمۇ كۆزۈم كۆرمىسە . . . ئاھ گۇناھكار كۆزلەر . . .
روھچىن
مەرۋەرى
روھچىن
روھچىن
پاراسەت
دەرىزە
پاراسەت
ئەلتەر