vvvvvvv

قۇيۇش كونوپكىسىنى بېسىپ ئاڭلاڭ


ئۆزۈمنىڭ ئۈستىدىكى كىيىملىرىمگە قاراپ باقتىم، ئەڭ ياخشى كىيىملەرنى كىيىپتىمە. كۆڭلۈم خالىغان تاماقلارنى تاللاپ يەيدىكەنمەن. قانغۇچە ئۇخلايدىكەنمەن. كۆرگۈم باريەرنى كۆرۈپ، ئاڭلىغۇم بارنى ئاڭلايدىكەنمەن. تۇرۇپلا ئۆزۈمدە تۇزكورلۇق تۇيغۇسى پەيدا بۇلۇپ قالدى.

بىر زاھىت ئۆمۈر بۇيى ئىبادەت بىلەن ئۆتۈپتۇ. ئۇ ھەتتا بىرەتال كۈچەتمۇ تىكمەپتۇ سەۋەبى اللە قا ئىبادەت قىلىدىغان ۋاقتىمنى ئالىدۇ دەيدىكەن. ئۆمۈرنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدا ناھايىتى چوڭ ئۈمۈتۋارلىق بىلەن تۇرۇپتۇ. سەۋەبى، ئۇ پۈتكۈل ھاياتىنى ئىبادەتكە سەرىپ قىپتۇ. نە گۇناھ، نە خاتالىق بولسۇن. شۇڭا، جەننەتنىڭ ئەڭ ئالىيسىغا كىرىشكە ھەقلىقمەن دەپ قارايدىكەن. بۇ بەندىنىڭ خىيالىنى بىلگەن رەببىم ئۇنىڭغا چۈش ئارقىلىق بىشارەت بىرىپتۇ. ئۇنىڭ پۈتكۈل ھاياتىدا قىلغان ئىبادىتى اللەنىڭ بۇ بەندىكە بەرگەن بىر دەقىلىلىق نىئىمىتىگە تەڭ بۇلالماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ بەندە ئۆزىنىڭ كۇپرانە خىياللىرىغا چوڭقۇر تۆۋە قىپتۇ. شۇنداق ! تىنىۋاتقىنىم نىئىمەت ئەمەسمۇ ؟ كۆرۋاتقىنىم نىئىمەت ئەمەسمۇ ؟ يەۋاتقىنىم، ئاڭلاۋاتقىنىم، مېڭىۋاتقىنىم، ھەممىسى نىئىمەت ئەمەسمۇ ؟ چارچىسام ئۇخلايمەن ئەمما يەرشارى مىنىڭ تەڭپۇڭلىقىم ئۈچۈن ئۇخلىمايدۇ، قۇياش مىنىڭ ئىنىرگىيىەم ئۈچۈن ئۇخلىمايدۇ، زىمىن مىنىڭ نىئمەتلىرىلىرىم ئۈچۈن ئۇخلىمايدۇ.  دەريا-دېڭىزلار مىنىڭ تەشنالىقىم ئۈچۈن ئۇخلىمايدۇ. بۇ لارنىڭ ھەممىسىنى مەن ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرغان كىم ؟ يەنىلا رەببىم ئەمەسمۇ ؟!

مەن قانچىلىك ئىبادەت قىلالىدىم ؟ گۇناھتىن قانچىلىك ئۈزۈمنى ساقلىيالىدىم ؟ اللەنىڭ نىئمەتلىرىنى قانچىلىك تۇنىيالىدىم ؟ مەن ئاسى بولماي كىم ئاسىي . . .

رەسۇلۇللاھ (س ئە ۋ ) ئودا 3 كۈن قۇرسىقى تۇيۇپ ئۆتكەن ۋاقىتلىرى بولماپتىكەن. يىگىلى يىمەكلىك يوق قۇرساقلىرىغا تاش تېڭىپ يۈرۈپتىكەن. جىھاتلاردا مۇشرىكلار تەرپىدىن چىشلىرى تۆكۈلۈپتىكەن. ھالبۇكى رەسۇلۇللاھ (س ئە ۋ ) ئۆىنىڭ گۇناھلىرىغا كۈندە 70 قېتىمدىن ئارتۇق ئىستىغپار ئېيتىدىكەن. قايسى گۇناھىغا ئىستىغپار ئېيتىدۇ ؟

رەسۇلۇللاھ (س ئە ۋ )نىڭ كىچىلەردە ناماز بىلەن تۇرۇپ پۇتلىرى ئىششىپ كىتىدىكەن. ئەبۇ بەكىرى(ر ئە) يىغلاپ يۈرەكلىرى كۈيەپ خوشنىللىرىغا كۆيەك پۇرايدىكەن. ئۆمەرنى كۆرگەن شەيتان دىر-دىر تىتىرەپ قاچىدىكەن.

ئۇلار قايسى كۆرگەن راھىتىگە شۇنچىلىك ئىبادەت قىلىدۇ ؟ نىمىگە شۈكىرى ئېيتىدۇ ؟ مەنچىلىك راھەت ئىچىدە ئۆتكەن بولسا ئىبادەتنى قاندا قىلار بولغىيدى؟ ئىستىغپاردىن قانچىلىك ئېيتار بولغىيدى ؟

 

ئەي رەببىم  يۇلۇڭنى ئۇچۇق كۆرسىتىپ بەردىڭ. شەيتانغا ئەگىشىپ كەتتۇق، تەۋبىگە پۇرسەت بەردىڭ  لايىقىدا تەۋبە قىلىپ بۇلالمىدۇق بىزنى ئەپۇ ئەت !

نىئمەتنى ئايىماي بەردىڭ، بەھىرلەندۇق. شۈكۈرى قىلساق تخىمۇ كۆپ بىرىشكە ۋەدە قىلدىڭ لايىقىڭدا شۈكۈرى قىلىپ بۇلالمىدۇق بىزنى ئەپۇ ئەت !

خاتا يوللارنى ئۇچۇق كۆرسىتىپ بەردىڭ ساقلىنىپ بۇلالمىدۇق، ۋەدە قىلغان جازا بىلەن جازالىمىدىڭ رەھمىدىللىكىڭنى بىلىپ بۇلالمىدۇق بىزنى ئەپۇ ئەت !

ھالالنى ئۇچۇق، ھارامنى ئۇچۇق كۆرسىتىپ بەردىڭ ئارلاشتۇرۇپ قويدۇق. نەپسىمىز بۇلغاندى ئىمانىمىز ئاجىزلاشتى تەقۋالىقىمىز يۇقالدى بىزنى ئەپۇ ئەت !

جۆمەكلىرىمىزدە سۇ، ئۆيلىرىمىزدە جەيناماز، ئىلكىمىزدە  ۋاقىت، يېتەرلىك تۇرۇپ سەجدىگە بېشىمىزنى، ھوزۇرۇڭدا يېشىمىزنى قۇيۇپ بۇلالمىدۇق بىزنى ئەپۇ ئەت !

شۇنچىلىك يۈزىمىز قېلىن ئىكەنكى كۈنىگە ئۈچ ۋاق ئېسىل تاماق يەيمىز ، ئۈچ قېتىم شۈكرانە سەجدىسى قىلالمىدۇق بىزنى ئەپۇ ئەت !

ئۇلۇغ رەببىم ! گۇناھلارغا پاتقىنىم ئۈچۈن ھەرقانداق ئېغىز جازاغا لايىقمەن، گۇناھىمدىن سىنىڭ رەھمىتىڭ چوڭ دەپ ئۈمۈتۋارمەن.

ھەممىنى بىلىپ تۇرۇپ، ھەممىنى قىلالايدىغان تۇرۇپ، ھەممىدىن ساقلىنالايدىغان تۇرۇپ ئېزىپ كەتتىم، خاتالىق سادىر قىلدىم. ھېچقانداق ئۆزرەم يوق، مەن سىنىڭ جازايىڭغا لايىق، مەن سىنىڭ دەۋزىخىڭگە لايىق، مەن سىنىڭ كۆيدۈرشۈڭگە لايىق ، مىنى ئەپۇ قىلغىن ماڭا ھىدايەت بەرگىن. ئاش-نان بەرمەي ئاچ قويساڭ مەيلى ھىدايەتسىز قويمىغىن. كىيىم كىچەكلىرىمدىن، جېنىمدىن ئايرىساڭ مەيلى تەقۋالىقىمدىن ئايرىمىغىن ، ھەرقانداق- ھوزۇر ھالاۋەتتىن مەھرۇم قالسام مەيلى ئىبادەتنىڭ ھوزۇرىدىن مەھرۇم قويمىغىن.

مەن ئاسىيمەن، مەن گۇناھكارمەن. قوللىرىم، پۇتلىرىم، كۆزلىرىم، ھەممە، ھەممە نىمەم ئاسىيدۇ. ھەممىسى گۇناھلىقتۇر. مىنىڭ بېشىمنى پەقەت ۋە پەقەت سەجدىگىلا ئەگدۈرگىن !

سىنىڭ ھەممىگە قۇدىرىتىڭ يىتىدۇ، ھىەممىنى قىلالايسەن. ئىمانىمغا، تەقۋالىقىمغا سىناق بەرمىگىن ئۆتەلمەيمەن. مىنى ئەپۇ قىل رەببىم ! سەندىن ئىككىلا تىلىكىم بار

بىرى بۇرۇنقى بارلىق خاتالىقلىرىمنى ئەپۇ قىل ! ئىككىنچى ئىمانىمدىن، تەقۋالىقىمدىن ئايرىمىغىن !

مىنى ئەپۇ ئەت ! مىنى ئەپۇ ئەت ! مىنى ئەپۇ ئەت ! ئۇلۇغ رەببىم

يازما ئاپتورى:

يازغانلىرىم باشقىلارنى يىتەكلەش، ھەقىقەتكە قايتۇرۇشتەك ئۇلۇغ ئىشلارنى مەقسەت قىلمىغان. مەن پەقەت ھېس قىلغانلىرىمنى ھىكايە، نەسىر، خاتىرە شەكىلدە يېزىپ قالدرۇماقچى. بۇ مەۋھۇم دۇنيانى رىئال دۇنيادىن تېپىلمىغان سىرداش، مۇڭداش قاتارىدا كۆرۈپ قۇرساق كۆپۈكلىرىمنى،ئىچ پۇشۇقلىرىمنى، دەرت-ئەلىمىمنى تۆكۈپ ئىچىمنى بۇشاتماقچى. . . يازمىللىرىم يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىگىمۇ تەڭ يوللىنىدىغان بۇلۇپ يازمىللىرىم ھەققىدىكى نۇرغۇن ئىنكاسلارنى مەزكۇر مۇنبەردىن كۆرەلەيسىز ئۇيەردىكى نامىم رەھمەتۇللاھدۇر . [ يەتتە قىز مۇنبىرى ]

ھازىرغىچە 3 دوستىمىز قىممەتلىك پىكىرلىرىنى بەردى. سىزلا قالغان ئوخشايسىز !!!

  1. ۋاقىت: 2012- يىل 30- دېكابىر 07:23 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    ئەسسالام ئەلەيكۇم روھچىن … ئېلان قىلغان ئەسەرلەر بىرى بىرىدىن مەزمۇنلۇق ئىكەن …. سىز بىلەن ئالاقە قىلاي دىگەن … 1424419308 بۇ مىنىڭ چى چى نۇمۇرۇم قۇشۇۋالسىڭىز ..!

  2. ۋاقىت: 2012- يىل 19- نويابىر 05:03 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    ناھايىتى مەزمۇنلۇق ھەدس،دۇئالارنى يوللاپسىز،ئەجرىڭىزنى ئاللاھ بەرگەي قېرىندىشىم!

  3. بۇلاق
    ۋاقىت: 2012- يىل 13- نويابىر 19:56 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم !
    تىمىللىرىڭىز بەكمۇ مەزمۇنلۇق، بەك ياخشى ئىكەن. توربېتىڭىزنى بەكلا ياقتۇردۇم. لېكىن ئىنكاس بەكلا ئاز ئىكەن توربېتىڭىزنى تەشۋىق قىلمايدىغان ئوخشايسىز. كۆپرەك تەشۋىق قىلىڭ تېخىمۇ كۆپ قېرىنداشلار پايدىلانسۇن . كىنو، ناخشا توربەتلىرىنى بەك تەشۋىق قىلىدىكەن. ئىسلامى مەزمۇندىكى توربەتلەرنى تەشۋىق قىلساق نىمىشقا بولمايدىكەن.
    ئادەمنىڭ نەق كۆڭلىىدكىنىلا يازىدىكەنسىز ئىمانى ساغلام ھەرقانداق بەقندە ئۆزىنى ئاللاھ ئالدىدا تۇزكور چاغلايدۇ

ئىنكاس يېزىش

ئېلخەت ئاشكارلانمايدۇ. بەلگە * بارلىرىنى چوقۇم تولدۇرۇڭ

*
*