قەدرىم ℃448

Qedrim

توردۇنياسى ئادەم ئاجايىپ تۇلا نەرسە، شۇنداقلا ئۆزىنى ئىپادىلەشتىكى ئەڭ ياخشى سورۇن. ئادەم جېق يەردە ئوخشاش قىسمەتكە دۇچار بولغان، تەقدىرداش بۇلۇپ قالغانلارمۇ كۆپ بۇلىدىكەن. نۇرغۇن ئادەملەر كۆڭلىدىكىنى ئىپادىلەشكە ماھىر ئەمەس. ھەتتا، ئۆزىنىڭ يۈرەك تىۋىشىنى تىڭشىيالمايدىغانلارمۇ ئۇچۇرايدۇ. شۇنداق ۋاقىتلاردا يەنە بىر قىسمەتدېشىڭنىڭ سەنمۇ ئىپادىلەپ بىرەلمىگەن كۆڭۈل سىرلىرىڭنىڭ بايانىنى كۆرگىنىڭىدە ئۆزۈڭ بىر يىنىكلەپ قالغاندەك، قىممەتلىك نەرسە تېپىۋالغاندەك خۇشال بۇلۇپ كىتىدىكەنسەن.

ئادەم ئۆز كۆڭۈل سۆزلىرىنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىپ مۇڭدىشالىسا يىنىكلەپ قالغاندەك، كۆڭۈل ئازادىلىكىگە ئېرشەلەيدۇ. ئەگەر كۆڭلۈڭدىكىنى ئۆزۈڭ بايان قىلالمىساڭ باشقىلارنىڭ ئوخشاش بايانىنى كۆرسەڭمۇ خۇشال بۇلۇپ قالىسەن.

مەنمۇ نەچچە ۋاقىتتىن بىرى توردىن ئاپتۇرى ئەسكەرتىلمىگەن بىرپارچە شىئىرنى ئۇچىرتىپ قالدىم ۋە مىنىڭ كۆڭۈل سىرلىرىمنىڭ بىر سۆز ئارتۇق-كەم قىلماي يېزىلغىنىنى كۆرۈپ ساقلىۋالدىم ۋە دائىم ئۇقۇپ يۈردۈم ھەرقېتىم ئۇقۇغىنىمدا ئۆزۈمگە تەسەللى تاپقاندەك، بىرئاز كۆڭۈل ئازادىلىگە ئېرىشكەندەك بۇلىمەن.

ئەمسە ئاشۇ نامسىز قىسمەتدېشىمنىڭ قىممەتلىك شىئىرىنى قالدۇرۇپ قۇياي. شىئىرنىڭ ماۋزوسىمۇ يېزىلمىغان بۇلۇپ ئۆزۈمچە «قەدرىم» دەپ ماۋزو قۇيۇپ قويدۇم.

يېتىسەن قەدرىمگە كېچىكىپ بىراق.

ئۆچكەندە قەلبىمدە ئۈمىدتىن چىراق.

تۇرارسەن شۇمەغرۇر قەددىڭنى ئېگىپ،

 سۆيگۈمنىڭ قەبرىسىنى باشقاندا شىۋاق.

باغاشلاپ قەبرەمگە يېقىپ باغرىڭنى،

يېنىشلاپ سۆيەرسەن قىينىساپىراق.

ئېھتىمال بۇئىشلاركەلمەس يادىڭغا،

ھازىرچە سەن تېخى ئازاپتىن يىراق.

ھېچكىمنىڭ قىلغىنى ھېچكىمدە قالمايدۇ . . .  ئۇلۇغ اللە ھەممىمىزنىڭ بەختىنى بەرسۇن.

بەلكىم سىزنىڭ بېشىڭىزدىنمۇ مۇشۇنداق بىر قىسمەت چاقمىقى چېقىلغان بولغىيد، قارشى تەرەپكە ھاياتىڭىزنى پىدا قىلغۇدەك دەرىجىدە ئەقىدە قىلغىنىڭىزدا ئەقىدىڭىز چىۋىن قوغلىغاندەك رەت قىلىنغان بولغىيدى، ئويلىغانلىرىڭىزنى ئىسپاتلاپ بەرگۈدەك بىرە قېتىملىق پۇرسەتكىمۇ ئېرشەلمىگەن بولغىيدىڭىز . . . خەيرىيەت تەقدىر دىگەن شۇ . . . باشقىنى ئەمەس كۈنلەرنىڭ بىرىدە «پىراق قىينىغاندا، سۆيگۈ قەبرەمگە باغرىنى يېقىپ، يېنىشلاپ سۆيگۈدەك» بولغاندا مۇشۇ شىئىرلارنى بىر قېتىم ئەسلەپ قۇيىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

يازما ئاپتورى:

يازغانلىرىم باشقىلارنى يىتەكلەش، ھەقىقەتكە قايتۇرۇشتەك ئۇلۇغ ئىشلارنى مەقسەت قىلمىغان. مەن پەقەت ھېس قىلغانلىرىمنى ھىكايە، نەسىر، خاتىرە شەكىلدە يېزىپ قالدرۇماقچى. بۇ مەۋھۇم دۇنيانى رىئال دۇنيادىن تېپىلمىغان سىرداش، مۇڭداش قاتارىدا كۆرۈپ قۇرساق كۆپۈكلىرىمنى،ئىچ پۇشۇقلىرىمنى، دەرت-ئەلىمىمنى تۆكۈپ ئىچىمنى بۇشاتماقچى. . . يازمىللىرىم يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىگىمۇ تەڭ يوللىنىدىغان بۇلۇپ يازمىللىرىم ھەققىدىكى نۇرغۇن ئىنكاسلارنى مەزكۇر مۇنبەردىن كۆرەلەيسىز ئۇيەردىكى نامىم رەھمەتۇللاھدۇر . [ يەتتە قىز مۇنبىرى ]

ئىنكاس يېزىش

ئېلخەت ئاشكارلانمايدۇ. بەلگە * بارلىرىنى چوقۇم تولدۇرۇڭ

*
*