slander

slander

ئۆز ۋاقتىدا بۆھتاننى تىلىڭلار بىلەن تارقاتتىڭلار، بىلمەيدىغان نەرسەڭلارنى ئېغىزىڭلارغا ئالدىڭلار، ئۇنى سەل چاغلىدىڭلار، ھالبۇكى اللەنىڭ نەزىرىدە ئۇ چوڭ گۇناھتۇر(قۇرئان كەرىم نۇر سۈرىسى 15-ئايەت)

پىتنىنى ھەسەتخور ئويدۇرۇپ چىقىرىدۇ، گالۋاڭ تارقىتىدۇ، ئەخمەق ئىشىنىدۇ. سىز ئۇ ئۈچنىڭ بىرى بۇلۇپ قالماڭ !(ئاقما پاراڭلار)

شۇ تاپتا كىچە سائەت بىر بولغان بولسىمۇ ئۇخلىيالمايۋاتىمەن. كاللامدا ئايىغىنى چىقىرالمايدىغان ئويلار. ئۇنتيالمايدىغان ھاقارەتلىك سۆزلەر، رەھىمسىزلەرچە يانچىۋىتىلگەن ئىشەنچ، تىرىك كۈمۈۋىتىلگەن ئۈمۈتلەر … ھەممىسى كاللامنى ھەرە ئۇۋىسى قىلىپ قايناتماقتا… بىراۋلارنىڭ ھەسەتخورلۇقى ياكى زىيانكەشلىكى ۋە ياكى گۇمانىغا قېلىۋاتاتتىم.

مىنى ئەنە شۇنداق رەھىمسىزلىك بىلەن ھاقارەتلەپ كەتكەن قېرىندىشىم بۇ گەپتە مىنىڭ ئۇۋالغا كەتكەن كەتمىگەنلىكىم ھەققىدە،خاتا چۈشۈنۈش بولغان بولمىغانلىقى ھەققىدە ئويلىنىپ باقماستىن، مەندىن مۇنداق ئىش بولغانمۇ؟ ياكى مۇنداق ئەھۋال بارمۇ دەپ بىرە ئېغىز ئەھۋال ئىگىلەپ باقماستىن ئەيىپلەپ كەتتى. ھەتتا تۆۋە پۇشايمان قىلىپمۇ ئۈلگۈردى.

نىمە ئىشلارنىڭ بولغانلىقىنى بىلەلمەي يەتتە چۆگىلىتىپ قۇيۋاتقان ئادەمدەك تۇرۇپلا قالدىم.

قېرىندىشىمنىڭ ھاقارەتلىرى بۆھتانلىرىغا ئاغىرنىشنى ياكى بۇ قانداق ئۇيان ئىكەنلىكىنى ئويلاپ بېقىش كىرەكلىكىنىمۇ ئايرىيالماي قالدىم.

مەن قېرىندىشىمغا نېمە قىلغان ؟ بۇ سوئالغا جېق ئويلاندىم. ئۇنىڭ بىلەن تۇنۇشقاندىن بىرى پەقەت ۋە پەقەتلا بىرلا ئىش قىپتىمەن. يەنى دەۋەت قىپتىمەن. شەرىئەتنىڭ ئۇنىڭغا قاراڭغۇ تەرەپلىرىنى چۈشەندۈرۈپتىمەن. بىر پۇڭ پۇلىنى خەجلىمىدىم. بىر پىيالە سۈيىنى ئىچمىدىم. ئۇ نىمىگە ئاھ ئۇرىدۇ ؟ ماڭا نىمە قىلغانغا پۇشايمان قىلىدۇ ؟ بۇنى بىلەلمىدىم. دەۋەت قىلغان بولسام قۇرئان كەرىمنىڭ ھۈكۈمىدىن سىرت بىر نەرسە دىمىدىم. خاتا يولغا باشلاپ، نا توغرا ئىش ئۈگەتمىدىم. ئىشەنچنى دىمەكچى بولسا مەن ئۇنىڭدىن تېخىمۇ چوڭ ئۈمۈت كۈتكەن ئىدىم. مۇسۇلمان جامائىتى تەشنا بولغان بۇلاق بۇلالايدۇ دەپ قارىغان ئىدىم.

ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە ئىچىم بىلەن سىرتىم ئوخشاش بۇلۇشقا تىرىشتىم. بىلگىنىمنى دىدىم بىلمىگىنىمگە ئېغىز ئاچمىدىم. ئۇنىڭدا بار كەمچىلىكنى بايقىسام چۈشەندۈردۈم ئارتۇق ئەيىپلىمىدىم.

قىلغان بولسام قىلدىم دىدىم. دېگەن بولسام دېدىم دېدىم بۇنىڭ ئەكسىچە ھېچ ئىش قىلمىدىم. ئۇنىڭغا يالغان سۆزلىگەن بىلەن اللە كۆرۈپ تۇراتتى. ئۇنىڭ ئالدىدا بىر دەۋەت قىلغۇچى بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن سەمىمى بولمىسام بولمايتتى. ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راسچىللىق ۋە سەمىمىيلىك ئۈستىدە داۋام قىلىشىنى ئىستەيتتىم. خەيرىيەت

قېنىم بىلەن پەرۋىش قىلغان ئالمىدىن چالما چۈشۈپ قالدى.

بۇمۇ اللەنىڭ سىنىقى ۋە مۇھەببىتى ئەمما كەيپىياتىمنى ئوڭشىۋېلىشىم كىرەك ئىدى.

بۇ ئىشلارنى ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئۆتكۈزۈۋېتىشىم كىرەك ئىدى مەن ھېچ نەرسىدىن ئەپسوسلانماسلىقىم كېرەك ئىدى. چۈنكى مەن ئەپسوس لانغۇدەك بىرە ئىش قىلمغان .

بەندىنىڭ ئالدىدا بۇنداق قارىلانغان بىلەن اللەنىڭ ئالدىدا ئاق بولغىنىم ئۈچۈن پەرۋايىم پەلەك بولسا بۇلاتتى. لېكىن، ئۇ قېرىندىشىمغا بەك ئۈمۈت باغلاپ كەتكەنمۇ ياكى بەك كۆڭۈل بۈلۈپ كەتكەنمۇ ئىشقىلىپ ئىنسانى تەرپىم غالىپ كىلىپ بۇ ئىشنى كاللامدىن تازىلىيالماي ئاۋارە بۇلۇپ قالدىم.

دەرھال كاللامغا ئائىشە(اللە ئائىشە ئانىمىزدىن رازى بولسۇن) نىڭ بۆھتان ۋەقەسى كاللامغا كەلدى ۋە كىتاپلارنى ئاختۇرۇپ ئۇ مەزمۇننى تاپتىم.

پەيغەمبىرىمىز(س ئە ۋ) غازاتقا ئائىشەنى بىللە ئېلىپ چىقىدۇ، غازاتتىن يانغاندا بىر يەردە قۇنۇپ كىچىنى ئۆتكەزمەكچى بۇلىدۇ. ئائىشە ئەتتىگەنگە يېقىن ئويغىنىپ تاھارەت سۇندۇرغىلى بارىدۇ ۋە كەلگەندە مونچىقىنىڭ چۈشۈپ قالغانلىقىنى بايقايدۇ.

يېنىپ بېرىپ مونچىقىنى تېپىپ كەلگەندە كارۋان كىتىپ قالغان بۇلىدۇ. ئائىشەگە مەخسۇس كاجۇل(تۇنۇر شەكىلدە تۈگىگە ئارتىپ ماڭىدىغان نەرسە ئىچىدە كىچىك بالا ۋە ئاياللار ئولتۇرىدۇ)بەرگەن بۇلۇپ كاجۇل ئېغىر، ئائىشە ئاران 14 ياشتا، بولغانلىقتىن كاجۇلنى تۈگىگە ئارتقان ساھابە ئىچىدە ئائىشەنىڭ بار يوقلىقىنى بايقىيالمايدۇ.

ئائىشە يېنىپ كىلىپ ئۇلارنىڭ كىتىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇلار چۇقۇم مىنى ئىزدەپ كىلىدۇ دەپ دەرەخ تۈۋىدە ئولتۇرىدۇ.

كارۋاننىڭ كەينىدىن چۈشۈپ قالغان نەرسىللىرىنى تىرىپ ماڭىدىغان ساھابە كىلىپ ئائىشەنى كۆرۈدۇ ۋە يىراق تۇرۇپ «بىز اللە نىڭ ئىگىدارچىلىقىدىمىز، يەنە اللە تەرەپكە قايتقۇچىلارمىز» دەيدۇ.

ئائىشە ساھابىنى كۆرۈپ دەرھال ئورنىدۇ، ساھابە تۈگىنى چۆكۈرىدۇ ئائىشە تۈگىگە مىنىدۇ. ساھابە يىتىلەپ ماڭىدۇ. تاڭ ئاتقاندا شەھەرگە كىرىدۇ. ئۇلار شەھەرگە كىرىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن كۆرۈشكىچە بىر ئېغىزمۇ پاراڭلاشمايدۇ.

ئائىشەنىڭ تۈگە ئۈستىدە، ساھابىنىڭ تۈگىنى يىتىلەپ كەلگەنلىنى كۆرگەن ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەي باشچىلىقىدىكى بىر تۈركۈم مۇناپىقلار ئائىشەگە ئاشكارا بۆھتان چاپلايدۇ «ئۇلار بۇزۇقچىلىق قىپتۇ» دەپ قارىلايدۇ. بۇ ئىشلار چۇڭۇيۇپ كىتىدۇ.

پەيغەمبىرىمىزمۇ بۇ ئىشنىڭ قانداقلىقىنى بىلەلمەي قالىدۇ ۋە ئائىشەگە بولغان پۇزۇستىيسى ئۆزگىرەپ قالىدۇ. ئائىشە تۇلا يىغلاپ بىر تىرە بىر ئۇستىخان بۇلۇپ قالىدۇ تاماقمۇ يىمەي ياتىدۇ.

ئاخىرى اللە«شۈبھىسىزكى، سىلەردىن بىر گوروھ ئادەم( ئائىشەگە) بوھتان چاپلىدى. بۇ سىلەر ئۈچۈن يامان ئەمەستۇر(سەۋرقىلغانلىقىڭلار بىلەن ساۋاپقا ئېرشىدىغانلىقىڭلار ئۈچۈن ۋە ئائىشە، سەفۋانلارنىڭ پاكلىقى ئاشكارا بۇلىدىغانلىقى ئۈچۈن)بەلكى ياخشىدۇ. بۆھتان چاپلىغۇچىلاردىن كىمنىڭ قانچىلىك گۇناھى بولسا، ئۇنىڭغا شۇنچىلىك جازا بىرلىدۇ، بۆھتاننىڭ چوڭ قىسمىنى تارقاتقان ئادەم(يەنى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەي)قاتتىق ئازاپقا دۇچار بۇلىدۇ»(سۈرە نۇر 11-ئايەت)دېگەن ئايەتنى نازىل قىلىش ئارقىلىق ئائىشەنى ئاقلىدى.

شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئائىشەگە قايتىدىن ئامراق بۇلىدۇ ۋە اللە مەخسۇس ئايەت چۈشۈرۈپ ئاقلىغان دەپ ماختايدۇ.

پەيغەمبىرىمىز دەۋەت قىلغان 23 يىل جەريانىدا ھەرخىل بۆھتانلارغا ئۇچۇراپتىكەن. ساراڭ، سېھرىگەر، شائىر دېگەندەك بۆھتانلارنى چاپلاپتىكەن. خەيرىيەت بۇ پەيغەمبىرىمىزدىن قالغان مىراس بولسا كىرەك مىنىڭ بېشىمغىمۇ كەپتۇ.

بۇنىڭغا چىرايلىق سەۋىر قىلغىنىم ئۈچۈن اللەتىن ئەجىر ئالىمەن لېكىن ئاشۇ بۆھتاننى ئويدۇرغۇچى ۋە تارقاتقۇچى ئىشەنگۈچىلەر شۇ بۆھتان سەۋەپلىك ئېغىر گۇناھكار بۇلىدىغان بولدى.

ئۇلارغا اللەتىن ھىدايەت تىلەيمەن.

ئەسلى بۇنداق گەپلەرنى بۇ يەرگە يازمىسام بولاتتى ئەمما ئەزەلدىن باشقىلارغا ھال ئېيتىپ كۆنمىگەندىكىن، باشقىلارغا قاقشىيالمىدىم. لېكىن، ئىچىمگە پاتتۇرالماي بۇغۇلۇپ قېلىپ بۇيەرگە تۆكتۈم اللە قەستەن سەھۋەن قىلغان خاتالىقلىرىمنى ئەپۇ قىلغاي

‏‏بۇيەردە بىرئىش بولغانلىقى راس. ئەمما، باشقىلار قىلغان ئىشنى خاتا ھالدا ماڭا يۈكلەپ قۇيۋاتىدۇ. ئەڭ ھەيران قالغىنىم، ئەجەبا بۇ قېرىندىشىمدا قەلب يوقمىدۇ؟ ھېس-تۇيغۇ دېگەن نەرسە مەۋجۇت ئەمەسمىدۇ؟ مەڭگۈ بىرئادەملەرنى باشقىلارنىڭ باھاسىغا ئاساسەن تۇنۇيامدىغاندۇ؟
پىياز كۆكىدىن مەلۇم دەپ ھەرقانچە ساختىپەز-ياسالما ئادەم بولسىمۇ بىريەرلىرىدىن چانىدىغۇ؟ قەلبتىن چىققان سۆز قەلبكە تىگىدۇ دېگەن گەپ بار.بىزپاراڭلىشىۋاتقىلى يېرىم يىلدىن ئېشىپتۇ، شۇنچە ۋاقىتتىن بىرى قەلبىگە تەككۈدەك بىرە گەپ-سۆز، ئىش- ھەركەتمۇ قىلمىغان بولغۇيدۇممۇ ؟ اللەقا شۈكىرىلەر بولسۇنكى مۇشۇ ئىش سەۋەپلىك ئۆزۈمدىكى بىر پەزىلەتنى تۇنۇپ يەتتىم، ئەزەلدىن بىرئادەملەرگە باھا بىرىشتە باشقىلارنىڭ باھاسىغا ئاساسەن ئەمەس، ئۆزۈمگە بولغان تەسىرىگە ئاساسەن باھا بىرىدىكەنمەن، بىركىملىنى ئۇندا ئەسكى، مۇندا يامان ئېھتىيات قىل دېسىمۇ پەرۋا قىلمايدىكەنمەن. يېقىنلىرىم توغۇرلۇق يامان گەپ سۆز بولسا ئۈزى ئىتىراپ قىلمىغۇچە ئىشەنمەيدىكەنمەن.

يازما ئاپتورى:

ھېچكىمنىڭ قۇرت-قوڭغۇزدەك نام-شىانسىز ياشاپ ئۆلۈپ كەتكۈسى بولمىسا كېرەك. يازغانلىرىم قەلبداشلىرىم بىلەن ئورتاقلىق ھاسىل قىلالىسىكەن دەيمەن. . . يازمىللىرىم ھەققىدىكى نۇرغۇن ئىنكاسلارنى يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىدىن كۆرەلەيسىز. ئۇيەردىكى نامىم رەھمەتۇللاھدۇر . [ يەتتە قىز مۇنبىرى ]

دىۋان يوق,سافادا ئولتۇرامسىز؟!

  1. ۋاقىت: 2013- يىل 7- ماي 22:14 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    گۈزەل ھېس ــتۇيغۇلىرىڭىزغا يانداش ھالدا مۇقەددەس ھېكمەتلەر سىڭدۈرۈلگەن يازمىلىرىڭىزغا ئامراقمەن ، ئەمما ھەر كىرسەم بلوگ ئۇسلۇبىنىڭ بىنورماللىقى كەيپىمنى قاچۇرىدۇ ، مۇمكىن بولسا ئۇسلۇپنى بىر ئالماشتۇرسىڭىز ، رەسىملەر سەھىپىلەر مۇقىم ئەمەس ئوڭ سولغا قىيىپ ،يۈگىرۈپ يۈرگەن،خەت شەكلىمۇ شۇ

جاۋاب مەلەك

ئېلخەت ئاشكارلانمايدۇ. بەلگە * بارلىرىنى چوقۇم تولدۇرۇڭ

*
*