Qelbinur

جۈمە كۈنى قىز-كېلىنلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن كۆرشىدىغان، ئائىلىسىدىن دەم ئالىدىغان خۇشاللىق كۈن ئىدى. لېكىن، قەلبىنۇر بۈگۈن خۇشاللىق ئەمەس تۇرمۇشقا چىققان تۆت يىلدىن بىرى تارتمىغان ئەڭ قاتتىق ئازاپنى تارتىۋالدى.

باققا چىقىپ ئولتۇرۇپ ئاۋازىنى قۇيۋېتىپ تازا يىغلىۋالغاندىن كىيىن قىزلىرىنى تەييارقىلىپ چوڭ ئۆيگە ماڭماقچى بولدىيۇ لېكىن ئەينەك ئالدىدا چىرايىنى كۆرۈپ توختاپ قالدى. نۇرمەمەتنىڭ تۆت بارمىقى سۇرۇخقا باسقاندەكلا چىققاننى ئازدەپ، كۆزلىرى ئىششىپ چىرايى نەشىكەشكىلا ئوخشاپ قالغان ئىدى.
باللىرىنى ئويناپ كىرىشكە سىرتقا چىقىرۋېتىپ كىرىپ ياتتى. تىلىۋىزورغا قاراپ يېتىپ نۇرمەمەتنى ئەسلەپ قالدى. ئۆزىگە قول تەككۈزگىنىگە پۇشايمان قىلدىمۇ ياكى ئاچچىقى تېخى يانمىغانمۇ ئىشقىلىپ قەلبىنۇرنىڭ ئىنىكىگە قاتتىق بىر شاپىلاق سالغاندىن كىيىن كۆزىگە لىققىدە ياش ئالغان پېتى ئۆرۈلۈپلا سىرتقا چىقىپ كەتكەن ئىدى.
چىقىپ كەتكىلىمۇ ئىككى يېرىم سائەت بۇلاپتۇ. نەگە بارغاندۇ ؟ نىمە ئىشلارنى قىلغاندۇ ؟ بىرە ئەخمىقانە ئىش قىلىپ قويماس، ياق نۇرمەمەت ئۇنچىلىك ئىشلارغا ئۆزىنى تۇتۇۋالالمايدىغان ئادەم ئەمەس. ئەر خۇتۇنچىلىق جىدىلىدە كىم ئۆيدىن چىقىپ كەتسە شۇ نوچى. گۇناھ ئۆزىدە بولسىمۇ ئۆيدە قالغۇچى ئەنسىرەيدىغان گەپ. ۋاقىت ئۇزارغانسىرى تېخىمۇ شۇنداق بۇلىدۇ. ئايال ىشى بىرنى تۇغۇپ بولغۇچە ئۆيدىن چىققۇچى ئايال كىشى بۇلىدۇ. ئازراقلا ئىش چىقسا ئۆيدىن چىقىۋالسا ئەركىشى قايتۇرۇپ كىلەلمەي قىلمىغىنى قالمايدۇ. ئەمما، بىرنى تۇغۇپ بولدىمۇ ئەركىشى قاچقاق بۇلىۋالدۇ. بۇلۇپمۇ قەلبىنۇردەك ئىككىنى تۇغۇپ بولغاندا چىداپ ئولتۇرماي ئامال يوق. ئىككى بالا بىلەن نەگە باراتتىڭ ؟ ئاتا-ئاناڭنىڭ ئۆيى بولسىمۇ ئۈچ كۈندىن ئارتۇق تۇرالمايسەن، گەرچە ئاتا-ئاناڭ ۋاي بالام دەپ تۇرسىمۇ ئەمما كىچىك بالىنىڭ پۇت قۇلىنى باغلاپ قويغىلى بولمايدۇ.
بالىنى قۇيۇپ قۇيۇپ ماڭساڭ تېخى ئەنسىرەپ ئولتۇرغىلى بولمىغان. ئىشنىڭ يامىنى كىلىپ ئەركىشى يالۋرۇپ بارمىسا تېخىمۇ چاتاق. شۇنىڭلىق بىلەنلا ئاجىرشىپ كەتكىلى بولمىغان، ئۆزى كەلگەن يارەي ئۆزى كەتكەن يارەي دەپ ئۆزلىگىدىن يېنىپ كەتكىلى بولمايدۇ. شۇڭا ئىككى بالا بولغاندا يەنىلا يامانلىمىغان ياخشى. قەلبىنۇر خىياللار بىلەن تۇرۇسقا قاراپ ياتاندا يانفۇنى سايراپ كەتتى.
« ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەلبىنۇرخان بۇلامسىز ؟ قانداق ئەھۋالىڭىز ؟»
يات نۇمۇردىن كەلگەن بۇ ئۇچۇرغا قاراپ قەلبىنۇر سەل ھەيران قالدى، ئۇنىڭغا ئەزەلدىن يات تېلىفۇن ياكى يات ئۇچۇر كىلىپ قالمايتتى، ئەزەلدىن بىرەسى خاتا تېلفۇنمۇ ئۇرۇپ قالمايتتى.
«ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ! ئۆزىڭىز كىم ؟ نىمە ئىشىڭىز بار ؟»
«ئىسمىم ئادىل، يىڭى ھايات دۇختۇرخانىسىدا ئىشلەيمەن. سىز بىلەن تۇنۇشۇپ قالغۇم بارئىدى. خاتا چۈشەنمەڭ ! مەن پەقەت سىز بىلەن سىرداش دوست بولماقچى»
« مەن ئەركىشى بىلەن دوست بولمايمەن، مىنىڭ ئىرىم، ئىككى قىزىم بار»
« بىلىمەن ئەھۋالىڭىزنى ھەممىنى بىلىمەن. مەنمۇ سىزگە ئوخشاش تۇرمۇشنىڭ زەربىسىگە ئۇچۇرغان، بىرى-بىرىمىزگە تەسەللى بۇلالايدىغانلىقىغا ئىشنىمەن. شۇڭا مىنى چۈشۈنىشتىن ئىلگىرى رەت قىلىۋەتمىسڭىز»
قەلبىنۇ نىمە دىيىشنى بىلەلمەي قالدى. ھەممە ئەھۋالىمنى ئىسمىمنى بىلدىكەن مەن تۇنۇيدىغان بىرەسىمىدۇ ؟ مىنىڭ بۇنداق ئازاپتا تۇرۋاتقىنىمدىنمۇ خەۋىرى بار ئىكەن گەپلىرى سەمىمىدەك قىلىدۇ. بىر پاراڭلىشىپ باقمايمەنمۇ ؟ ياكى بىرەسى كولدۇرلىتىۋاتقانمىدۇ؟
قانداق قىلىشنى بىلەلمىگەن قەلبىنۇر يانفۇننى تاشلاپ قۇيۇپ سىرتقا چىقىپ كەتتى.
كەچ سائەت 10دىن ئاشقان بولسىمۇ نۇرمەمەت پەيدا بولمىدى. قەلبىنۇر بىرتۇرۇپ ئۇردىغاننى ئۇرۇپ, نوچىلىقىنى قىلپ قۇيۇپ يۇقاپ كىتىۋالغىنىغا ئاچچىقى كەلسە، بىر تۇرۇپ ئەنسىرەيتتى. نۇرمەمەت كىچىك بالا ئەمەس، ئاچچىقى يانغاندا پەيدا بۇلىدىغىننى بىلسىمۇ ئۆيدىن قەيداپ چىقىپ كەتكەن ئادەمدىن ئاشۇنداق ئەسىرەيدىغان گەپ ئىكەن.
تېلفۇننى نەچچە قۇلىغا ئېلىپ بۇلۇپ يەنە توختاپ قالدى. تېلفۇن ئېلىپ يەنە جىدەل قىلىشنىڭ ئورنى يوق، يالۋۇراي دىسە تەياق يىگەن ئادەم نۇرمەمەت بولمىسا
شۇنداق ئىككىلنىش ئىچىدە تۇرغاندا ھېلىقى يات نۇمۇردىن يەنە ئۇچۇركەلدى.
«يولدىشىڭىز پەيدا بولدىمۇ ؟ يارشىپ قالدىڭلارمۇ ؟»
قەلبىنۇر بۇ ئۇچۇردىن ئەندىكىپ كەتتى. بىزنىڭ بۈگۈن جىدەللىشىپ قالغىنىمىزنى قانداق بىلىدۇ، ياق بۇ ئارىمىزدىكى بىرئادەمكەن، ھەقىقەتەن ئويۇن ئويناۋېتىپتۇ.
قەلبىنۇر ھېلىقى نۇمۇرغا تېلفۇن ئۇردى، لېكىن تېلفۇننى كۆتۈرمىدى، يەنە ئىككى قېتىم قايتىلاپ ئۇرۋىدى يەنە كۆتۈرمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇچۇر يازدى:
«زادى كىم سەن ؟ نىمە مەقسىدىڭ بار ؟ ئەگەر كۆڭۈل خوشلۇقى ئىزدەپ مىنى كولدۇرلاتماقچى بولساڭ خام خىيال قىپسەن . . . ئۇغال بالا بولساڭ تېلفۇننى كۆتۈر! ياكى ئۇچۇر يازماي تېلفۇن ئۇر، بولمىسا بېرىپ ئۈژمەڭنى تەر! ئەمدى ئۇچۇرۇڭغا جاۋاپ يازمايمەن، يەنە ئاۋارە قىلساڭ بۇ كارتىنى تاشلىۋىتىمەن»
قەلبىنۇرنىڭ بۇ ئۇچۇرىغا جاۋاپ كەلمىدى.
قەلبىنۇر ئەتتىگەندە ئويغانغاندا يېنىدا نۇرمەمەت بار ئىدى. ئۇنىڭ قانداق چاغلارغا پەيدا بولغىنىنىمۇ ئۇقمىغان ئىدى. يېنىدا ياتقان نۇرمەمەتكە قاراپ قەلبىنۇرنىڭ قەلبىدە ئىللىق بىر سىزىم پەيدا بولدى.
پىشانىسى كەڭ، قاڭشارلىق چىرايى سېرىقراق، زاڭقى ئۇچلۇق ، بويى پاكار كەلگەن بۇ يىگىت بۇنىڭدىن 4 يىل ئىلگىرى قەلبىنۇرنىڭ كۆڭلىنى بىر سورۇندا مايىل قىلىۋالغانتى. قەلبىنۇر ئىلگىرى بىرە يىگىت بىلەن قاش كۆتۈرۈپ پاراڭلىشىپ باقمىغان ،ھاياتىدىكى تۇنجى تۇنىشى، تۇنجى مۇھەببىتى نۇرمەمەت ئىدى. ئۇلار تىزلا چىقىشىپ قالدى، نۇرمەمەتنىڭمۇ قەلبىنۇر تۇنجى سۆيگىنى ئىدى شۇڭا بەك ئەتىۋارلايتتى. ئۇلارنىڭ تۇمۇشىدا نە يامانلاش، نە قۇدىلارنى ئوتتۇرغا سېلىش ئىشلىرىمۇ بولمىغان بىراق 4 يىلنى گۈلدەك ئۆتكۈزۈپ 5- يىلغا قەدەم قويغاندا ئىككى ئايدەك بولدى مۇشۇنداق ئىگىز پەسلىكلەر ئاۋۇپ قالدى. نۇرمەمەت سىرتقا قارىۋالغاندەك ئەمەس ئىدى. نىمە ئىش بولغانلىقىنى قەلبىنۇرمۇ بىلەلمەيتتى. ئىشقىلىپ ئارتۇق دىيلىپ قالغان بىرە ئېغىز گەپ، بىرە تال ئىش بىر جىدەلنىڭ پىلتىسىگە ئوت ياقاتتى-دە جىدەل چۇڭىيىپ قول كۈتۈرشلەرگىچە بېرىپ قالاتتى. قەلبىنۇر ھەرقېتىم ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش نۇرمەمەتكە يانماسلىق توغۇرسىدا ئۆزىگە جېق ۋەدىلەرنى بەرسىمۇ ئاچچىقى كەلگەندە پايلىمايتتى.
قەلبىنۇر نۇرمەمەتنى ئويغىتىۋەتمەسلىك ئۈچۈن ئاستا سۇغۇرلۇپ چىقتى ۋە دەرھال ناشتىلىققا تۇتۇش قىلدى. نۇرمەمەتنىڭ ناشتىلىق ۋاقتى بەك ئالاھىدە بۇلۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ نامىزىنى ئۇقۇپ بىردەم ئۇخلاپ تۇرۇپلا ناشتىلىق تەييار بولسا قىلاتتى بولمىسا «مانا قاچىغا ئالساملا بۇلىدۇ» دىگەنگىمۇ ئۇنىماي ماڭاتتى .
شۇنداق ئالدىراپ ناشتىلىقنى تەييارقىلىپ نۇرمەمەتنىڭ ماڭىدىغان ۋاقتىغا ئۈلگۈرتۇپ جوزىغا تىزىپ ساقلاپ ئولتۇرۋىدى نۇرمەمەت چىقمىدى. قاراپ باقاي دەپ كىرۋىدى ياتقان يىرىدە يوق. ئاللا بۇرۇن چىقىپ كەتكەن ئىدى.
قەلبىنۇرغا بۇئىش ئېغىر كەلدى. ئۆتكەنگە سالاۋات دەپ ئۆزۈم ئاكتىپلىق بىلەن ئالدىغا چىقساممۇ يەنە يانمايدىغان قانداق ئاچچىقكەن ئۇ . . . نۇر مەمەت يامان ئوخشاپتۇ دەپ تەرلەپ ئولتۇرۇپ يەيدىغان جۇسەي لەغمەننى ھويلىنىڭ ئوتتۇرسىغا ئاتتى، قاچىلارنى ئۇرۇپ، چېقىپ ۋارقىراپ، تازا يىغلاۋاتقان چاغدا ئىشىكنى بىرسى قاققىلى تۇردى.
ياشلىرىنى سۈرۈتۈپ يۈزىنى يۆگەپ ئىشىكنى ئېچىۋىدى، خوشنىسىنىڭ بالىسى مۇراتجان قۇلىدا بىر دەستە گۈل تۇتۇپ تۇراتتى.
« بىر ئاچام بۇ گۈلنى خوشنىڭىز قەلبىنۇرخانغا ئەكىرىپ بەرسىڭىز دىگەنتى»
كىمكەن ؟ تۇنۇدۇڭمۇ ؟
ياق گۈلنى بىرىپلا بىر ماشىنىغا ئولتۇرۇپ كىتىپ قالدى. ماشىنىدا باشقا بىر ئادەم بارئىكەن. ھېچ قايسىسىنى تۇنۇمايدىكەنمەن.
قەلبىنۇر گۈلنى ئەكىرىپ قارىۋىدى ئارسىدا بىر باغاقچە تۇراتتى.
« مەن ئابلىكىم ئۇچۇر يېزىشىمنى ياقتۇرمىسىڭىز سىزگە كۆڭۈل ئىپادىلەيدىغان يول ماڭا جېق چىقىدۇ، ئىشىنىمەنكى ھامان بىرخىل ئۇسۇلنى ياقتۇرۇپ قالىسىز، بىرئادەمگە بىر سىرداش، تەسەللى بۇلۇش شۇنچىۋىلا قىيىنمىكەن، مىنىڭ گەپ سۆزلىرىمدىن سىزنى ئالدايدىغاندەك تۇيغۇ بەردىممۇ ؟ يۈرىكىڭىزنى تىڭشاپ بېقىڭ قەلبىنۇر چۈنكى « يۈرەكتىن چىققان گەپ يۈرەككە تىگىدۇ» مىنىڭ ھەربىر سۈزۈم يۈرۈگۈمننىڭ ئىنتىلىشى، ساداسى . . . » جاۋابىڭىزنى ساقلايمەن – - -ئابلىكىم
گۈلدىن قۇيۇق ئەتىر پۇرقى كىلەتتى، گۈلنى كۆرۈپ قەلبىنۇرنىڭ كۆڭلى كۆتۈرلۈپ قالدى. گۈلنى ئاچىقىپ تاشلىۋىتەي دىدىيۇ يەنە پايلىماي لوڭقىغا سېلىپ سۇ قۇيۇپ نۇرمەمەتنىڭ كۈزىگە چېلىقىدىغان يەرگە قۇيۇپ قويدى.
بۇ گۈلنىڭ بولسىمۇ نۇرمەمەت ئىككىيلەن ئوتتۇرسىدا بىر گەپ تىشىشنى ئارزۇ قىلاتتى.
قەلبىنۇر جېق ئىككىلنىشتە قالدى، بىر پاراڭلىشىپ، مۇڭدىشىپ باققۇسىمۇ كىلەتتى. لېكىن، ئەزەلدىن خىيانەت دىگەن نەرسىنى ئىدىيسى كۆتۈرمەيدىغان غۇرۇرلۇق بىر ئايالغا نىسبەتەن بۇ نۇرمەمەتكە قىلىنغان خىيانەت بۇلاتتى
قەلبىنۇر تېلفۇننى ئېلىپ ھېلىقى نۇمۇرغا تېلفۇن ئۇردى، تېلفۇننى يەنە كۆتۈرمىدى.
« سىز زادى نىمە دىمەكچى ؟ سىردىشىشنى خالايدىكەنسىز ؟ تېلفۇننى كۆتۈرمەيسىز ؟ مۇشۇنداق ئۇچۇردا سىردىشامسىز ؟ گىپىڭىزنى ئۇچۇق دەڭ »
« بىز كۆرشىلى شۇ ۋاقىتتا گىپىمنى ئۇچۇق دەيمەن. تېلفۇننى كۆتۈرمەسلىكىمنىڭ سەۋەبى بار ۋاقتى كەلگەندە چۈشەندۈرۈپ قۇيىمەن، ماڭا يول قۇيۇپ تۇرۇڭ »
«مۇمكىن ئەمەس » دەپ يازدى قەلبىنۇر ۋە تېلفۇننى تاشلاپ قۇيۇپ تاماقنى ىيىغىشتۇرۇشقا باشلىدى
ئىككىنچى قەۋەتكە جايلاشقان بۇ ئاشخانا پاكىزە، رەتلىك ئادەم ئاز جىمجىت ئىدى. قەلبىنۇر ئەينەككە يېقىن بىر ئۇرۇندۇققا كىلىپ ئولتۇردى. بۇ يەردىن سىرتنىڭ مەنزىرسى كۆرۈنۈپ تۇراتتى.
كۈتكۈچىنى «مىھمان بارئىدى» دەپ يولغا سېلىپ قويغاندىن كىيىن ئادىلغا ئۇچۇر يازدى« مەن كىلىپ بولدۇم نىمىشقا ھازىرغىچە كەلمەيسىز ؟»
ئۇچۇرغا جاۋاپ كەلمىدى، بىردەم ساقلىغاندىن كىيىن تاماق بۇيرۇتۇپ قۇرسىقىنى توقلىغاندىن كىيىن ئاشخانىدىن چىقىپ كەتمەكچى بۇلۇپ پۇل تۈلىگىلى بارغاندا خۇجايىن « سىزنىڭ ھىساۋاتىڭىزنى قىلىپ بولغان، يەنە بۇ گۈلمۇ بار » دەپ بىر تەشتەل گۈل تۇتقۇزۇپ قويدى.
گۈلدە بارغاقچە بۇلۇپ « سىز تاماق يەۋاتقاندا مەن سىزنى كۆرۈپ تۇرغان بۇلىمەن ئەمما كۆرشەلمەيمەن، سىز بىلەن يۇزتۇرانە كۆرۈشۈكە ئازراق ۋاقىت بىر ماڭا يەنە ئازراق ۋاقىت بىرىڭ !»
قەلبىنۇر باغاقچىنى ئۇقۇغاندىن كىيىن يۈگۈرەپ ئاشخانىغا چىقىپ تەپسىلى قاراپ چىقتىيۇ ھېچكىمنى تاپالمىدى. خۇجايىن بۇ گۈلنى قەلبىنۇرئاشخانىغا كىرىشتىن ئىلگىرى بىرىنىڭ ئەكىرىپ قويغانلىقىن ئېيتىپ بەردى.
قەلبىنۇر تاماق يىگەن ئورنىغا كىلىپ ئولتۇرۇپ ئەتىراپنى كۆزەتتى. ئاشخانىنىڭ ئىچىدە ئۇنى يۇشۇرۇن كۆزەتكۈدەك ئۇرۇن يوق ئىدى. راسلا كۆزەتكەن بولسا سىرتتىن كۆزىتىش ئىھتىمالى بارئىدى. ئەتىراپقا قارىۋېتىپ يۇلنىڭ قارشى تەرپىدىكى يەنە بىر ئاشخانىغا كۆزى چۈشۈپ قالدى. ئۇ ئاشخانىمۇ ئوخشاشلا ئىككىنچى قەۋىتى ئەينەكلىك بۇلۇپ قەلبىنۇر ئولتۇغان ئۇرۇنغا توغرا كىلىدىغان يەردە بىر ئۇرۇندۇق بارئىدى.
قەلبىنۇر يۈگۈرەپ چۈشكەن پېتى ئۇدۇلدىكى ئاشخانىغا كىرىپ ئىككىنچى قەۋەتكە چىقتى ۋە بايا كۆرگەن ئۇرۇندا كىمنىڭ ئولتۇرغانلىقى سۈرۈشتۈردى. ئاشخانا خۇجايىنى « ئاشۇ ئۇرۇندا ئولتۇرغان ئادەمنى ئىزدەمسىز ؟ ئۇنداقتا بۇ سىزنىڭ ئامانىتىڭىزكەن، ئۇ كىشى يانار ۋاقىتتا بىر ئايالنىڭ مۇشۇ ئورۇندا ئولتۇرغان ئادەمنى ئىزدەپ كىردىغانلىقىنى، شۇۋاقىتتا بۇ لىپاپىنى بىرىپ قويىشىمنى ئېيتقان» دېدى. ۋې بىر لىپاپىنى بەردى.
لىپاپىنى يىرتىپ ئېچىۋىدى. ئىچىدىن بىر پارچە رەسىم چىقتى رەسىمدە بىر ئۆينىڭ سۈرىتى بارئىدى. قارىماققا سەھرادىكى باغ، ھويلىلىق بىر ئۆينىڭ سۈرىتىدەك قىلاتتى.
قەلبىنۇر گۈل بىلەن لىپاپىنى قۇچاقلاپ خىيالغا پاتقان ھالدا ئۆيگە قايتتى.
بۇ ناتۇنۇش ئادەم ئۇنىڭ تۇرمۇشىغا كىرۋالغىلى بىر ئايدىن ئاشتى. بۇ ئادەم بىلەن نۇرمەمەت دىيشىۋالغاندەكلا بۇ ئادەم قانچە قىزغىن بولغانسىرى نۇرمەمەت شۇنچە ئۈلۈمتۈك بۇلىۋالدى. بىرە ئايدىن بىرى چىرايىغا قارىشىپ بىرە ئېغىز پاراڭلىشىپ باقمىدى. بىرە ۋاق تاماقنى بىللە ئولتۇرۇپ يەپ باقمىدى. گەپ قىلمايتتى، گەپ قىلسا جاۋاپ بەرمەيتتى ياكى بىر ئېغىز جاۋاپ بىلەن گەپنى تۈگۈتەتتى. ماۋۇ ناتۇنۇش ئابلىكىمنىڭ گۈللىرى ھويلىنى بىر ئالدى، نۇرمەمەتنىڭ بېشىغىچە قۇيۇپ قويدىيۇ نۇرمەمەت بۇ گۈللەر نەدىن كەلدى ؟ نىمشىقا ئالدىڭ دىگەن گەپنى سوراپمۇ قويمىدى، قەلبىنۇرنىڭ ئۆلۈك تىرىكى بىلەنمۇ كارى بولمىدى. قەلبىنۇر يارشىۋېلىش ئۈچۈن قىلمىغان ئامالى قالمىدى. نەچچە تىزلىنىپ يىغلاپ تۇرۇپ گەپ قىلغان بولسىمۇ نۇرمەمەتتىنە زۇۋان چىقىرالمىدى.
نۇرمەمەتنىڭ تاشلىۋېتىشى بۇ ئادەەمنىڭ قىزغىنلىقى ئاخىرى بۇ ئادەمگە باش ئەگدۈردى . ئەمما قىززىقى بۇ ئادەمنىڭ ھازىرغىچە يا ئاۋازىنى ئاڭلاپ، يا ئۆزىنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدى.
بۇ ئائىلىنىڭ يىلتىزى قۇرۇپ كەتكەندەك قىلاتتى، قەلبىنۇرنىڭ ئىشەنچىسى قالمىغان ئىدى. بۇ ئائىلىنى قانداق قىلىپ ساقلاپ قېلىش نۇرمەمەتنىڭ پەرۋاسىز كۆڭلىنى قانداق ئىرىتىشنىمۇ بىلمەيتتى. ۋاقىت ئۇزىراپ، نۇرمەمەت پەرۋا قىلمىغانسىرى قەلبىنۇر بۇ ناتۇنۇش ئادەمگە نىسبەتەن ئۈزىدە ئىنتىلىش پەيدە بولغانلىقىنى ھېس قىلىپ قالدى. ئۇنىڭ ھەربىر گىپى شۇنچىلىك ئۇرۇنلۇق ئىدىكى ھەرقانچە قۇسۇرچى ئادەممۇ، توختاپ قالاتتى.
بۇ ناتۇنۇش ئادەم قەلبىنۇرنىڭ ئالدىدا ھەرجەھەتتىن يىتىلگەن، بىلىملىك بۇلۇپ زەھىر بۇلاۋاتاتتى. مانا بۈگۈن تۇنجى يۈز كۆرۈشمەكچى بولغان ئەمما يەنە كۆرشەلمىدى. قەلبىنۇر رەنجىمەكتە يوق، كۆرۈشۈشكە تەقەززا بۇلاۋاتاتتى.
« نىماندا قىلىسىز ؟ بەك كۆرۈشكۈم كەلگەن ئىدى، مىنى يەنە ئەخمەق قىلدىڭىز»
« مىنىڭ سىزدىن ئۆتە كۆرۈشكۈم بار لېكىن ئامال يوق! يۈز كۆرۈشۈكە ئازراق ۋاقىت بار، سەۋىر قىپ تۇرۇڭ ! يامان غەمكىن مېڭىپسىزغۇ ؟»
قەلبىنۇر چۆچۈپ ئەتىراپقا قارىدى، ئۇنى كۆزۈتىۋاتقان بىرە ئادەم باردەك قىلمايتتى، ئەتىراپتا توختىتىپ قويغان ماشىنىلار جېق بۇلۇپ بىرەسىنىڭ ئىچىدە بولسا ئۇنى بايقاشقا ئامالسىز ئىدى
« سىز نەدە ؟ مىنى كۆرۈپ تۇرامىسز ؟
«مەن سىزنى ھەرۋاقىت كۆرۈپ تۇرىمەن، ئۆزۈم يەرشارىدا بولمساممۇ سىزنى كۆرۈپ تۇرالايمەن»
«گەپدانلىق قىلماڭە »
ئۇلار ئەنە شۇنداق قىسقا ئۇچۇر چاق چاقلىرى بىلەن بۇلۇپ كەتتى.
قەلبىنۇردەك غۇرۇرلۇق، ئېرىنى سۆيىدىغان بىر ئايالمۇ ئازدى، قەلبىنۇرنى ئازدى دىگەندىن نۇرمەمەتنى ئازدى دىگەن توغۇردۇر. قەلبىنۇر ھەرقېتىم نۇرمەمەتنى ئويلىغاندا يۈرىكى ئىزىلەتتى، ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن شىرىن ۋاقىتلار ئازمىدى، پاك مۇھەببىتىنىڭ سىموۋۇلىغا ئىككى بالىسى بار ئەمەسمىدى. نۇرمەمەتنى ئۆزگەرتىۋاتقان نەرسە زادى نىمە ؟ نىمشىقا بۇنچىۋىلا پەرۋاسىز، تاش يۈرەك، غۇرۇرسىز بۇلاپ كىتىدۇ. كونىلار« ھايۋاننى چۈشۈنۈش ئۈچۈن بىر سائەت كەتمەيدۇ، ئادەمنى چۈشۈنۈش ئۈچۈن بىر ئۆمۈر يەتمەيدۇ» دەپتىكەن. ئىھتىمال نۇرمەمەت قەلبىنۇر تېخى چۈشۈنۈپ ئۈلگۈرمىگەن بىر ئادەم بولسا كىرەك .
بۇ تۇرمۇشنى قەلبىنۇر قانچىلىك داۋاملاشتۇرشنى ئۇقمىدى. بۇنداق يۈرگەندىن ئاقىرشىپ تايىنلق ئىرىم يوق دەپ يۈرگەنمۇ ياخشىكەن. بۇخىيالنىڭ نۈرمەمەتكە بولغان ئاچچىقىدىن كەلگەنلىكىنى ياكى ماۋۇ ئۇچۇر ئادىمىگە بولغان ئىنتىلىشتىن كەلگەنلىكىنى قەلبىنۇرمۇ ئايرىيالمىدى. قانداقلا بولمىسۇن تۇنجى قېتىم ئاجىرشىپ كىتىش خىيالى كاللىسىغا كەلدى. كەچتە ئاجىرشىپ كىتىش توغۇرلۇق ئېغىز ئېچىشنى سىناپ باقماقچى بۇلۇپ ماڭدى.
ئەگەر نۇرمەمەت دىگەن بۇ ئاغىنە تەشەببۇسكارلىق بىلەن بۇ ئائىلىنى ساقلاپ قالمىسا ئەمدى قەلبىنۇردا ئىشەنىچ قالمىدى. نۈرمەمەتنى ئۇنتۇپ كەتتى دىگىلى بولماس چۈنكى تۇنجى مۇھەببەت ئۆلگۈچە ئۇنتۇلمايدۇ، ئەمما كۆپ قسىم كىشىلەر ئۆزىنىڭ قەلبىدىكى مۇھەببەتنىڭ مىقدارىنى چاغلىيالماي ۋاقىتلىق، ھېسيات، ۋاقىتلىق ئاچچىققا قاراپلا ئەمدى ياخشى كۆرمەيدىغان بۇلۇپ قالغاندەك، مۇھەببىتى ئەمدى تۈگەشكەندەك بىلنىپ كىتىدۇ ۋە قەلبىدىكى يۇشۇرنۇپ ياتقان مۇھەببەتنى بايقىيالماي ۋاز كىچىپ قۇيىدۇ ۋە ئۆلگۈچە پىياز چاناپ ئۆتىدۇ
نۈرمەمەتنىڭ چىرايىدىن ئۇنىڭ بىر ئېغىر ئىچكى كېسەل تارتىۋاتقاندەك ياكى ھەسرەت-نادامەتتە قالغاندەك بىر ئىپادە ئەكىس ئىتىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ بىر ئىچكى دەردى بارلىقى مانا مەن دەپ ئاشكارا بۇلۇپ تۇراتتى. قەلبىنۇر بۇ ئچكى دەرتنى بلىشكە، ئوت بولسا تەڭ كۆيۈشكە، سۇ بولسا بىللە ئېقىشقا رازى ئىدى. ئەمما، نۇرمەمەت بۇ دەرتتە ئۆلۈپ كەتسە مەيلىدىكى قەلبىنۇرغا دىگۈسى باردەك قىلمايتتى. -نۇر مەمەت بىزئەمدى تۇنۇشقان ئادەملەردىن ئەمەس. ھەرقانداق گەپ بولسا ماڭا دىسىڭىز بولمامدۇ ؟ مەن سىزنىڭ ئۆمۈرلۈك سىردىشىڭىز، سۆيگىنىڭىز ئىدىمغۇ ؟ مىنىڭ سىزدىن ئايرىلغۇم يوق، لېكىن بۇنداق تاشلىنىپ كتىشكە چىدىيالمىدىم. شۇڭا ئاجىرشىدىغان گەپنى چىقىرىپ قالدىم.
-مەندە ھېچقانداق دەرت يوق، ھېچقاندق گەپمۇ يوق. قۇرسىقىڭىز ئاچ قالدىمۇ ؟ نىمىڭىزگە نىمە يەتمىدى ؟ بۇزۇلۇپتىمەنمۇ ؟ ئۈسىڭىزگە خۇتۇن ئاپتىمەنمۇ ؟ نىمەدەپ ئاجراشماقچى ؟ ماڭا قاراڭ ! ئاجىرىشىمەن دىسىڭىز خۇشاللىق بىلەن سۈزۈڭىزنى بىرىمەن.
-خۇشاللىق بىلەن ئاجىرشىسىز؟ ئاجىرشىش سىزگە خۇشاللىق ئىش ؟ زادى نىمىشقا ؟ نىمىشقا ئاجىرشىسىز ؟ نىمشىقا تۇرمۇشىمىزنى بۇزۇسىز ؟ نىمە سەۋەپ بار ؟
قەلبىنۇر يىغلاپ كەتتى. ئەمما، نۈرمەمەت خۇددى توڭلاپ قالغاندەكلا بىپەرۋا تۇراتتى. قەلبىنۇر يىشلىسا پۇچۇلنىپ كىتىدىغان نۈرمەمەت ئىدىغۇ، قاپىقىنىڭ چۈشۈپ كەتكىننى كۆرسە نىمە ئىش بولغانلىقىنى ئۇقمىسا تەسەللى قىلىپ كۈلدۈرمىسە ئۇنىمايدىغان نۈرمەمەت ئىدىغۇ ؟ ئەمدى نىمە بولدى ؟ يىغلاپ كۆزلىرى ئىششىپ كەتسىمۇ پەرۋا قىلمايدىغۇ ؟ نۈرمەمەتنى قەلبىنۇرغا كۆيدۈرۋاتقان ئوت ئۆچۈپ كەتكەن بولسا ئەمدى ھەممىسى ئۆتمۈشكە ئايلاندىمۇ ؟
قەلبىنۇر ! قىزىم قەلبىنۇر !
قەلبىنۇر خىياللار ئارسىدىن بېشىنى كۆتۈرۈپ سىرتقا چىقتى. كىچىك قىزى بىر چەينەك سۇنى مىھمانخانىدا كۆرپىنىڭ ئۈستىگە تۆكىۋەتكەن ئىدى.
قەلبىنۇر ئاجىرشىپ كەلگىلىمۇ بىر ھەپتە بۇلۇپ قالدى. بۇ تۇرمۇشنى قانچە ساقلاپ قالغۇسى بولسىمۇ نۈرمەمەت كەينىگە تارتىشىپلا تۇرۋالدى. دىيشمىگەن گەپ قالمىدى ئەمما نۈرمەمەتتىن بىرە يىڭىلىق چىقمىدى. ئاخىرى ئاجىرشىمەن دىگەن گەپنى ئاڭلاپ قوپاغۇ سالغاندەكلا ئىلگىرلەش بولدى. ھەش-پەش دىگۈچە سۆزىنى بەردى. قەلبىنۇر بالىنى بىردىن ئالىمىز دىگەنگە ئۇنىماي ئىككى بالىنى ئېلىپ يېنىپ كەلدى. ئانىسى قەلبىنۇرغا تەسەللى بۇلۇش ئۈچۈن قىلمىغانلىرى قالمىدى ئەمما قەلبىنۇرغا بەرىبىر ئىدى. بىر كۈنى بىرە پىيالە قايناق، بىرە چاينام نان بىلەن ئۆتەۋاتاتتى. كاللىسىدا نۈرمەمەت دىگەن بىر ئىسىملا بارئىدى. ئويلايدىغىنى نۈرمەمەت بىلەن ئۆتكەن كۈنلەرئىدى. ھەرقانچە ئويلاپمۇ ئۆزىنىڭ نۈرمەمەت بۇنداق تاشلىۋېتىشىگە سەۋەپ بولغۇدەك قانداق خاتالىق ئۆتكەزگىننى بىلەلمىدى. نۈمەمەتنىڭ ئۇنداق ئۆزگۈرشىگە نىمە سەۋەپ بولغىنىغا تېخىمۇ كاللىسى يەتمىدى.
تۇرمۇشتا نىمىگە ئىشنىش كىرەك ؟ بىرى-بىرىنى ياخشى كۆگەن سۆيگىمۇ ۋاقتى كەلگەندە ھېچنىمىگە دال بۇلالمايدىكەن. 4-5يىللىق تۇرمۇش، ئىككى بالىمۇ ھېچنىمىنى تۇسۇپ قالالمىدى ؟ تۇرمۇشتا ئىشەنگۈدەك، ئۆزۈڭنى بېغىشلىغۇدەك نىمە بار ؟ ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بۇنداق بۇلىشىنى كىم تەسەۋۋۇر قىلالايتتى ؟ ھەممە ئادەمنىڭ ئېغىزىدا قەلبىنۇر بىلەن نۈرمەمەتنىڭ تۇرمۇشى داستان ئىدى. بەخىتلىك تۇرمۇشنىڭ ئۆلگۈسى، ئاشىق مەشۇقلارنىڭ مىسالى ئىدى. تۇرمۇشتا ياخشى كۆرگەن ئادىمىڭگە، قان- تەرتۆككەن ئۆتمۈشۈڭگە، ئىككەيلەننىڭ ۋۇجۇدىدىن بىرىككەن پەرزەنتكە، سەن ئۈچۈن جېنىم پىدا دەپ تىزلانغان سۆيگۈنۈڭگە . . . ھېچ نىمىگە ئىشەنگىلى بولمىسا نىمىشقا ياشىغۇلۇق ؟ نىمىگە قۇربانلىق بىرىپ، نىمىگە بەدەل تۈلىگۈلۈك ؟
ئاھ ! نۈرمەمەت مىنىڭ سۆزۈمنى بەرگۈچە ئۆلتۈرۋەتسەڭ بولماسمىدى. ساڭا تەئەللۇق بۇلۇپ كەتكەن بۇ نىكاھىم، بۇ جىسمىم، بۇ قەلبىم نەلەدە تۇزان، نەلەدە سەرسان يۈرەر. . . سېغىنىۋاتىمەن، دەسسپ چىقىپ كەتكەن ئاياق ئىزىڭنى، مەڭزىمگە چۈشكەن شاپىلاق ئىزىڭنى، قەلبىمدە قالغان سۆيگۈ ئىزىڭنى ھەممىنى سېغىنىۋاتىمەن. ئايال كىشى نىمانچىۋىلا ئاجىز؟ ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقى پەقەت ۋە پەقەت سۆيگۈنىڭ كۈچى بىلەنلا ئىكەن ئەمەسمۇ ؟ سۆيگۈسىدىن ئايرىلىش كۆزى ئۇچۇق ئۆلۈش ئىكەن ئەمەسمۇ ؟
قەلبىنۇر قىزى سۇ تۆككەن نەم يەردە ئولتۇرغان پېتى كۆزى بىر نوقتىغا تىكىلىپ قالغان ئىدى.
ئۇنىڭدا نە ئۈمۈت، نە نىشان، نە ئارزۇ-ئارمان قالمىغان ئىدى. بۇ كۈنلەرگە بەرداشلىق بىرەلمەيۋاتاتتى. نەچچە قېتىم نۈرمەمەتكە تېلفۇن قىلدىيۇ كۆتۈرمىدى. ئاۋۇ چۈشىگە كىرگەن ئادەمدەك پەيدا بولغان ئادىلمۇ قەلبىنۇر ئاجىرشىپ كەلگەندىن بىرى جىمىپ قالدى. ئۇنىڭ يۇقاپ كەتكەنلىكىنى ئويلىدىيۇ تېلفۇن ئۇرغۇدەك، ئۇچۇر يازھالى يوق ئىدى. نۈرمەمەتسىز بۇ ھاياتتا نە ئادىل يەنە قانداقتۇر بىركىشىلەرنىڭ بۇلۇش بولماسلىقى قەلبىنۇرنىڭ پەرۋايىغا كىرمىدى.
قەلبىنۇر ئۆزىنىڭ نۈرمەمەتكە بۇنچىۋىلا باغلىپ كەتكەنلىكىن سۆزىنى ئېلىشتىن ئىلگىرى ھېس قىلالىغان بولسا ئاجىرشىش دېگەنگەپنى ھاياتلىقىدا ئاڭلىماس ئىدى. بۇنداق قىينىلىپ يۈرگەندىن سۆزىنى ئالسا يەڭگىللەپ كىتىدىغاندەك، ئىشلار ئىزىغا چۈشۈدىغاندەك بىلىنىپ كەتكەن ئىدى. نۈرمەمەتنىڭ پەرۋايىغا ئالماسلىقىدىن ئەنسىرمەيدىغاندەك، ئەمدى بىز ئەر-خۇتۇن ئەمەسقۇ دەپ بىخاران يۈرىدىغاندەك بىلىنگەن ئىدى.
ئاجىرشىپ بولسىلا يۈرەكنىڭ قات-قېتىدىن ئېتىلىپ چىقىدىغان بىر ئىلاھى كۈچنىڭ قەلبىنۇرنى نۈرمەمەتنىڭ سۆيگۈسەۋداسىدا ۋەيران قىلىشنى ئويلاپ باقمىغان ئىدى.
قەلبىنۇر كۆزىنى ئاچقاندا ئۆزىنى ئاق كىرلىق، ئاق تاملىق ، ئاق كىيىملىك كىشىلەر بىلەن تولغان بىر ئۆيدە كۆردى. بىرى «جېنىم قىزىم» دەپ يىغلاۋاتاتتى يەنە بىرى «ئانا» دەپ يىغلاۋاتاتتى. ئەتىراپىدىكىلەرنىڭ كىملىكىنى ئۆزىنىڭ نەدىلىكىنى، نېمە ئىش بولغانىلقىنى بىلەلمىدى-دە ئاستا كۆزىنى يۇمۇپ ياستۇققا بېشىنى قويدى.
مەسئۇل دۇختۇر قەلبىنۇرنىڭ ئانىسىنى سىرتقا چاقىرىپ« ئەنسىرگۈدەك ئىش يوق، ئۇزۇن مۇددەتلىك روھى بېسىم، كەيپىيات تۇراقسىز، ناچار روھى ھالەتتە تۇرۇپ مىڭىسى زىيادە ئاجىزلاپ كەتكەننىڭ ئۈستىگە كىچىككىنە چاشقان دورىسىنىڭ تەسىرى بىۋاستە مىڭىگە چىقىپ قىسقا مۇددەتلىك خاتىرسىنى يۇقۇتۇپتۇ. تىزلا ئەسلىگە كىلىپ قالىدۇ. ئۆيگە ئەچىقىپ بېقىڭلا. ياخشى كۆردىغان ئادىمى، مەنزىرسى، تامىقى، پائالىيتى دىگەنلەر خاتىرسىنىڭ ئەسلىگە كىلىشنى تىزلىتەلەيدۇ» دىدى.
قەلبىنۇرنىڭ كۈنلىرى تۇرغۇن سۇغىلا ئوخشاپ قالدى. تاماقنى ئەكىلىپ بەرسە يەيتتى.تەرەتكە چىقاتتى، قالغان ۋاقىتلاردا ئۈن-تىنسىز ئولتۇراتتى. گەپ سورىسا غەلىتە بىر نەرسە كۆرگەندەك قاراپ قۇيۇپ پەرۋا قىلمايتتى. نە ئانىسىنى، نە باللىرنى تۇنىمايتتى، بىرە ھەپتە ئۈتۈپ كەتكەن بولسىمۇ ھېچقانداق ياخشىلنىش بولمىدى.
نېمە ؟ ئۇنداق ئەمەستۇ ؟ دېدى نۈرمەمەت قەلبىنۇرنىڭ ئانىسىدىن بۇگەپنى تېلفۇندا ئاڭلاپ « ئەسلى سىزگە دىگۈم يوق ئىدى، لېكىن قەلبىنۇر سىزنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇنى ئاجايىپ ئىنساپسىزلىق بىلەن تاشلىۋەتتىڭىز، ئۇنىڭ ھاياتىدا سىزدىن باشقا ھېچكىم يوق ئىكەن، دەسلىۋىدە تاماقتىن، گەپ-سۆزدىن، قالدى بارا-بارا ئىش ھەركەتتىنمۇ قالدى. باللىرى بىلەنمۇ كارى بولمىدى. دادىسى بولمىغاندىكىن مۇشۇ قىزىم بىلەن ھال-مۇڭ بۇلىشىپ ئولتۇراتتۇق، مەن بىلەنمۇ پەقەت كارى بولمىغاندىكىن تەسىر قىلامدىكىن دەپ قەيدىغاندەك قاقشاپتىمە- قەلبىنۇرنىڭ ئانىسى بۇيەرگە كەلگەندە بۇغۇزىغا يىغا تۇلۇۋېلىپ گەپنى داۋاملاشتۇرالماي قالدى- ئاۋۋال بىر كىلىڭە قالغان گەپنى كىيىن قىلىشارمىز» دەپ تېلفۇننى قۇيۋەتتى.
نۈرمەمەتنىڭ كۆزلىرى يىغىدىن قىزىرىپ كەتكەن ئىدى. قەلبىنۇرنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قاراپ باقتى، دىمىگەن گىپى قالمىدى، ئەمما قەلبىنۇر ئىلگىركىدەك تىنىچ ھالەتتە تۇراتتى. قەلبىنۇر خاتىرسىدىن ئايرىلىپ راسلا ئارام ئېلىپ قالغاندەك، خاتىرجەم بۇلۇپ قالغاندەك تۇراتتى.
نۈرمەمەت قەلبىنۇرنىڭ ئانىسىغا نۇرغۇن ۋەدىلەرنى بىرىپ ئىمامنىڭ ۋە گۇۋاھچىلارنىڭ ئالدىدا نىكاھ ئۇقۇتۇپ قەلبىنۇرنى ئېلىپ كەتتى.
دۇكانغا ئىنىسىنى مەسئۇل قىلىپ قۇيۇپ ئۆزى ئىككى قىزىنىڭ، قەلبىنۇرنىڭ خىزمىتى بىلەن بولدى. ئەتتىگەن تۇرۇپلا ناشتىلىق تەييارلاپ قىزلىرىنى قەلبىنۇرنى ئويغىتىپ ھەممىسى بىرلىكتە ناشتا قىلاتتى. قىزلىرىنى مەكتەپكە ئاپىرىپ قويغاندىن كىيىن قەلبىنۇرغا ھەمرا بۇلاتتى. قەلبىنۇر نۈرمەمەتنىڭ چېچىنى تاراپ قۇيىشىغا بەك ئامراق ئىدى، نۈرمەمەت ھەركۈنى چېچىنى تاراپ قويدى. دەريا بۇيىغا ئەچىقىپ ئايلاندۇردى. كۈنلەر ئەنە شۇنداق ئۈتىۋەردى. بۇياققا كىلىڭ دىسە كىلەتتى، قۇلىنى يىتىلەپ نەگە ماڭسا ماڭاتتى. يەڭ دېسە يەيتتى، ئولتۇرۇڭ دىسە ئولتۇراتتى، ئىشقىلىپ بەئەينى ماشىنا ئادەمنىڭ ئۆزى ئىدى. نۈرمەمەت قەلبىنۇرنىڭ ياخشى كۆرىدىغان گەپلىرىنى تۇلاقىلاتتى. ياخشى كۆرىدىغان يەيدىغان نەرسىللىرىنى تېپىپ كىلەتتى، ئىشقىلىپ قەلبىنۇر ئىلگىرى ئارزۇ قىلغان ئەمما ئېرشىپ بۇللامىغان تۇرمۇشقا ئېرىشتى، ئەمما بۇلارنى ھېس قىلدىمۇ ئەمەسمۇ بىلگىلى بولمايتتى.
بۈگۈن نۈرمەمەت دۇكاندا ئالدىراش يۈرۈپ كەچ بولغاندا باللىرىنىڭ، قەلبىنۇرنىڭ ئىشلىرىنى قىلىپ تازا چارچىدى، شۇ تاپتا قەلبىنۇرنىڭ ئېلگىرى ھېرىپ كەلسە« ۋاھ ماۋۇ سادىر پالۋىنىم يامۇلدىن قاچقاندەك ھېرىپتۇغۇ، ئولتۇرسىلا ئالىيلىرى » ئولتۇر غۇزۇپ پايپاقلىرىنى سالدۇرۇپ، ناۋات چاي دەملەپ بىرىپ پۇتلىرىنى مۇجۇپ قۇيىدىغان ۋاقىتلىرىنى ئەسلەپ قالدى، قىزلىرىنىڭ قۇرسىقىنى توقلاپ تىلىۋىزوردىن كارتوننى ئېچىپ بىرىپ قەلبىنۇرنى ماشىنىغا سېلىپ دەريا بۇيىغا چىقتى. ئىلگىرى بۇنداق كەچ ۋاقىتلاردا دەريا بۇيىغا چىقسا قەلبىنۇر توۋلاپ، ناخشا ئېيتىپ، سەكرەپ ھاياجېنىنى باسالماي قالاتتى. نۈرمەمەت قەلبىنۇرنى يىتىلەپ دەريانىڭ ئوتتۇرسىغا كەلدى ۋە قۇملۇقتا ئولتۇردى« قەلبىنۇر ماڭا قاراڭ! كۈزۈمگە قاراڭ! مەن كىم ؟ دەپ بېقىڭە » قەلبىنۇر يەنىلا ئنۈ-تىنسىز تۇراتتى.
نۈرمەمەت ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي يىغلاپ كەتتى.
« سىزنىڭ بۇنداق بۇلىشىڭىزغا مەن سەۋەپچى، مەن سىزدىن ئاجراشماقچى ئەمەس، سىزنى تاشلىۋەتمەكچىمۇ ئەمەس، قىلغانلىرىمنىڭ ھەممىسى سىزنى زىيادە ياخشى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن، مەڭگۈ يېنىشىۋالالمايدىغان بىر كۈنگە قېلىشتىن ئىلگىرى ئىككىلىمىزگە ھېجراننىڭ تەمىنى تېتىتماقچى ئىدىم. ئەمما ئەھۋالنىڭ بۇنداق بۇلۇپ قېلىشىنى ئويلىمىغان ئىكەنمەن. ئاڭلاۋاتامسىز قەلبىنۇر ؟ سىزگە گۈل سوۋغا قىلىدىغان ئادىلمۇ مەن، مىنىڭ كۈنلىرىممۇ سىزنىڭكىدىن ياخشى ئەمەس، لېكىن، ھېجراننىڭ قانچىلىك ئاچچىق ئىكەنلىكىنى، مۇھەببىتىمىزنى قەدىرلەشنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى ھېس قىلغاندا ئالدىڭىزغا ئۆزۈم بارماقچى ئىدىم، چوڭ توي قىلىپ ئەكەلمەكچى ئىدىم» قەلبىنۇر ئىلگىركىدەك تىنىچ تۇراتتى. دەريادا غۇر-غۇر شامال چىقىشقا باشلىدى. كەلكۈن ۋاقىتلاردىن باشقا ۋاقىتتا دەريادا سۇ بەك ئاز ئىدى. دەريادا ئۇچۇۋاتقان قۇملار نۈرمەمەت بىلەن قەلبىنۇرنىڭ كۆزىنى ئاچقىلى قويمىدى.
جاھاننىڭ ئىشلىرى ئەنە شۇنداق ئىنسانلارنىڭ تەدبىرى قىلىشى خۇدانىڭ تەقدىر قىلىشى بىلەن ئۇيان بۇيانغا سۆرۈلۈپ يۈرىشىدۇ. بىر قارىسا نۈرمەمەتنىڭ پىلانى ئىشقا ئاشقاندەك، يەنە بىر قارىسا تەقدىر بىلەن قارشىلىشىپ ئېغىر زىيان تارتىۋالغاندەك تۇراتتى. تۇرمۇشقا تاپانچە بىلەن چاقچاق قىلساڭ زەمبىرەك بىلەن جاۋاپ بىرىدۇ دىگەن گەپلەر بارئىدى.

نۈرمەمەت ئۆينىڭ سۈپۈندىسىنى ئەچىقىپ تۆكىۋېتىپ يېنىپ كىرگەندە پۇررىدە چىققان شامال سۈپۈندىلەرنى ئۇچۇرۋەتتى. ئارىدىن ئالقاندەك بىر قەغەز ئايلىنىپ ئۇچۇپ يىراقلارغا كەتتى قەغەزدىكى« يېنىمدىكى ئادەمنىڭ كىملىكىنى بىلدىم، بۇنداق تۇرمۇشتا .ۇزۇنراق ياشاپ باققۇم بار ھى ھى ھى » دىگەن خەتلەر » چالا پۇلا كۆرۈنۈپ قالاتتى.
تامام

يازما ئاپتورى:

يازغانلىرىم باشقىلارنى يىتەكلەش، ھەقىقەتكە قايتۇرۇشتەك ئۇلۇغ ئىشلارنى مەقسەت قىلمىغان. مەن پەقەت ھېس قىلغانلىرىمنى ھىكايە، نەسىر، خاتىرە شەكىلدە يېزىپ قالدرۇماقچى. بۇ مەۋھۇم دۇنيانى رىئال دۇنيادىن تېپىلمىغان سىرداش، مۇڭداش قاتارىدا كۆرۈپ قۇرساق كۆپۈكلىرىمنى،ئىچ پۇشۇقلىرىمنى، دەرت-ئەلىمىمنى تۆكۈپ ئىچىمنى بۇشاتماقچى. . . يازمىللىرىم يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىگىمۇ تەڭ يوللىنىدىغان بۇلۇپ يازمىللىرىم ھەققىدىكى نۇرغۇن ئىنكاسلارنى مەزكۇر مۇنبەردىن كۆرەلەيسىز ئۇيەردىكى نامىم رەھمەتۇللاھدۇر . [ يەتتە قىز مۇنبىرى ]

ئىنكاس يېزىش

ئېلخەت ئاشكارلانمايدۇ. بەلگە * بارلىرىنى چوقۇم تولدۇرۇڭ

*
*