قوللىرىڭنى

Rohqin

جامالىڭغا باقالمايمەن ، قوللىرىڭنى تۇتالمايمەن

قاشتېشىدەك لەۋلىرىڭگە لەۋلىرىمنى ياقالمايمەن

ئاھ مۇھەببەت دەرياسىنىڭ قىرغىقىدا قالدىم قاراپ

كىيىمىمنى سېلىپ تاشلاپ  ئۈزۈمنى بىرئاتالمايمەن

 

ئاۋازىڭنى ئاڭلاپ تۇرۇپ ئاشىق بولدۇم دىيەلمەيمەن

ئىشىكىڭدە ساقلاپ تۇرۇپ گۈللىرىمنى بىرەلمەيمەن

بارۇ سەن ئەھلى جاھاندا لېكىن يوقسەن بۇ خانەمدە

سىنىڭ ئەتكەن تامىقىڭغا ئىشىك چەكمەي كىرەلمەيمەن

سۇمبۇل چېچىڭ زۇلپۇڭدىدۇر قۇلۇمغابىرئالالمايمەن

تۇرارجايىڭ يېقىن ماڭا ناخشا ئېيتىپ بارالمايمەن

چۈشلىرىمدە گاھى سىنىڭ ئىزلىرىڭنى  ئىزدەيمەن

تاپالمىغاچ ئىزلىرىڭنى ئۈمۈت ئۈزۈپ قالالمايمەن

ساڭاتىكەن بولغانلارنىڭ جازاسىنى بىرەلمەيمەن

ياكى ساڭا شاتلىق بىرىپ كۈلكەڭ بىلەن كۈلەلمەيمەن

يامانلارنىڭ  زامانىمۇ   ياخشىلارغا  زىندان  بولغان

بۇجاھاننىڭ ئىشلىرىنى  سەن بىلگەندەك بىلەلمەيمەن

كۆزئالدىمدىن ئۇچۇپ كەتسەڭ قاراپ قالىمەن تىپىرلاپ

سىرلىرىمنى دىيەلمەيمەن سۇراپ كەتسەڭمۇ زىغىرلاپ

ئارلىقىمىزنى تۇسار دېڭىز  يا كىمىسى يوق يا كۆۋرۈك

    ۋىسالىڭنىڭ دەشتى چۈلىدە كەتتى  يۈكۈم ئېغىرلاپ

Roh-Qin

2011-12-07

يازما ئاپتورى:

يازغانلىرىم باشقىلارنى يىتەكلەش، ھەقىقەتكە قايتۇرۇشتەك ئۇلۇغ ئىشلارنى مەقسەت قىلمىغان. مەن پەقەت ھېس قىلغانلىرىمنى ھىكايە، نەسىر، خاتىرە شەكىلدە يېزىپ قالدرۇماقچى. بۇ مەۋھۇم دۇنيانى رىئال دۇنيادىن تېپىلمىغان سىرداش، مۇڭداش قاتارىدا كۆرۈپ قۇرساق كۆپۈكلىرىمنى،ئىچ پۇشۇقلىرىمنى، دەرت-ئەلىمىمنى تۆكۈپ ئىچىمنى بۇشاتماقچى. . . يازمىللىرىم يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىگىمۇ تەڭ يوللىنىدىغان بۇلۇپ يازمىللىرىم ھەققىدىكى نۇرغۇن ئىنكاسلارنى مەزكۇر مۇنبەردىن كۆرەلەيسىز ئۇيەردىكى نامىم رەھمەتۇللاھدۇر . [ يەتتە قىز مۇنبىرى ]

ھازىرغىچە 4 دوستىمىز قىممەتلىك پىكىرلىرىنى بەردى. سىزلا قالغان ئوخشايسىز !!!

  1. ۋاقىت: 2011- يىل 19- دېكابىر 08:01 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    ئاھ ئۇرۇپ ئۆتتۈڭ نەچچە ئاي بۇلدى
    كۆزلىرىڭ يۇمۇلماي تۇنلەرنى ئۈتكۆزدۇڭ
    دۇسلىرىڭمۇ قۇيدى سىنى ھەم تەنھا
    مىسكىن قەلىمىڭ بىلەن يىزىپ سەن شىئېر

    شىئىر لارغا قاراپ شۇنداق بىر نەرسىلەرنى يازغۇمكىلىدۇ 1

  2. لاچىن
    ۋاقىت: 2011- يىل 7- دېكابىر 07:23 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    ماشاء الله
    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
    ئاجايىپ تەسەۋۇرغا باي كەنلا بىزدەك شېئر نى ياخشى كۇردىغان لىكىن قۇلدىن كەلمەيدىغانلار ئۇچۇن بۇ پەقەت مۇمكىن بولماي دىغاندەك بىلندۇ
    بىز پەقەت ھۇزۇرلىنىپ يەنە بىر مەزمۇنلۇق شېئر لىرىنى كۇتۇپ تۇرۇشتىن باشقىنى بىلمەيدىكەنمىز
    بارنى قەدىرلەپ تىرىشسىلا ئاللاھ قا ئامانەت

    • ۋاقىت: 2011- يىل 18- دېكابىر 23:19 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

      ئۇنچىۋىلا كەمتەرلىك قىلىپ كەتمىسىلە . . . سىلى يازمىغان بىلەن يازغاندا تولدۇرۇپ يازىدىكەنلا. يېزىشنى خالىمايدىغان ئوخشايلا.
      يېزىپ تۇرسىلا ئىقتىدارلىرى چىكىنىپ كەتمىسۇن !

ئىنكاس يېزىش

ئېلخەت ئاشكارلانمايدۇ. بەلگە * بارلىرىنى چوقۇم تولدۇرۇڭ

*
*