ھېچكىمگە دېمىدىم سېغىنغىنىمنى

(چىمەنگۈل ئاۋۇت)

ھازىرقى زامان شائىرلىرىدىن غۇجى مۇھەممەد مۇھەممەد بىلەن چىمەنگۈل ئاۋۇتنىڭ شىئىرلىرىنى بەك ياقتۇرىمەن.

ئۇلارنىڭ شىئىرلىرىدن  ھەرخىل مەنالارنى ھېس قىلىمەن. شىئىرنىڭ ھەربىر مىسراسىدىن ئاياللىق پەزىلەت، ئەرلىك جاسارەتكە قىلىنغان خىتاپ ياڭراپ تۇرىدۇ.  ھەربىر ئۇقۇغۇنۇمدا ئىختىيارسىز ئۆزىمىز ۋە جەمىيەت ھەققىدە تەگسىز خىياللارغا باشلايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ شىئىرلىرىنى كۆرگەن يەردە يىغىپ ماڭىمەن. چىمەنگۈل ئاۋۇتنىڭ بىرنەچچە شىئىرلار توپلىمى چىقىرىلدى. لېكىن، غۇجى مۇھەممەد مۇھەممەد نىڭ يازمىللىرى 5000 پارچىدىن ئاشقان بولسىمۇ ھازىرغىچە بىرە توپلام چىقارمىدى.

بۇ شىئىرنىمۇ توردىن ئۇچۇرتىپ قالدىم.

شۇ قەدەر تىنىچ ھەم رەزىلدۇر ئەتراپ،
ھىجراننىڭ رەڭڭىدە مەي بولدى كۈنلەر.
ئادەملەر ئۆزىگە تۈزگەن قانۇندەك،
گۈللەرنىڭ يىلتىزىغا چۆكمەكتە ئۈنلەر.

كۆزۈمنى بۇش يۇمۇپ ھاياجان بىلەن،
قۇرۇغان لىۋىمنى قاناتتىم گۈلدەك.
ساڭىلا ئايلاندى يەنىلا جېنىم،
بېغىمدا ئۇچۇپ يۈرگەن يالغۇز كېپىنەك .

ھېچكىمگە دېمىدىم سېغىنغىنىمنى،
قىياملار زەرداپقا قوشۇلدى بىر-بىر.
خۇدىنى بىلمەستىن كۆيىدۇ قۇياش،
مەن يەنە ياشاشقا كۆنىمەن ئاخىر.

چىداشقا مەجبۇرسەن تەرسالىقىمغا ،
قۇشلارمۇ پەرۋازىنى ئېلىپ كېتىدۇ.
كېچىنىڭ يارىسى قالار شۇ پېتى،
بۇ ئۆمۈر سۇ دەكلا ئېقىپ ئۆتىدۇ.

بىمالال ئۇزايمەن ھەسرەتلىرىمدىن،
باغرىمدا پورەكلەپ ئېچىلار كەچ كۈز.
كىمكىنە، بىلگۈم بار ئول زامانلاردا،
يارى ئۈچۈن تاياق يېگەن بىر مىڭ ئالتە يۈز!

يازما ئاپتورى:

يازغانلىرىم باشقىلارنى يىتەكلەش، ھەقىقەتكە قايتۇرۇشتەك ئۇلۇغ ئىشلارنى مەقسەت قىلمىغان. مەن پەقەت ھېس قىلغانلىرىمنى ھىكايە، نەسىر، خاتىرە شەكىلدە يېزىپ قالدرۇماقچى. بۇ مەۋھۇم دۇنيانى رىئال دۇنيادىن تېپىلمىغان سىرداش، مۇڭداش قاتارىدا كۆرۈپ قۇرساق كۆپۈكلىرىمنى،ئىچ پۇشۇقلىرىمنى، دەرت-ئەلىمىمنى تۆكۈپ ئىچىمنى بۇشاتماقچى. . . يازمىللىرىم يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىگىمۇ تەڭ يوللىنىدىغان بۇلۇپ يازمىللىرىم ھەققىدىكى نۇرغۇن ئىنكاسلارنى مەزكۇر مۇنبەردىن كۆرەلەيسىز ئۇيەردىكى نامىم رەھمەتۇللاھدۇر . [ يەتتە قىز مۇنبىرى ]

ئىنكاس يېزىش

ئېلخەت ئاشكارلانمايدۇ. بەلگە * بارلىرىنى چوقۇم تولدۇرۇڭ

*
*