نىمىشقا

 

غۇجى مۇھەممەد مۇھەممەد

 

نىمىشقا بېشىمدا ئەجەل سايىسى،

بىر نۆۋەت ئۆلۈشكە بولمايدۇ نىسىپ؟

نىمىشقا سۆيگۈگە تولغان يۈرىكىم

سىغىنىش ئىلكىدە كېتىدۇ سېسىپ؟

نىمىشقا تەشنالىق، ھەسرەت ئىلكىدە

كۈتىمەن پەرۋاسىز كەتكەن شامالنى؟

كۆتۈرۈپ يۈرىمەن نىچۈن بىر ئۆمۈر

قەلبىمدە تۇنجى رەت ئۆلگەن ئايالنى؟

نىمىشقا دۇنيادا پەقەتلا ناخشا

جېنىمنى ئالغۇچى جاللاتتۇر گويا؟

نىمىشقا

يېرىلغان تاملارغا كېلەر ھەۋىسىم

يىرتىلغان كىيىمدىن ئالغاندەك لەززەت،

سۇغا سۇ كىرگەندەك تۇيدۇرماي ئاستا

تۇيدۇرماي، يوشۇرۇن سۆيىمەن پەقەت؟

نىمىشقا ھاياتنى سۆيۈپ جېنىدىن

ئۆلۈمدە ياشايدۇ پۈتكۈل ئەركىشى.

قۇياشنىڭ جەسىتىنى يۈرىدۇ يۈدۈپ

قاپقارا تۈنلەرگە خەت يازغان كىشى؟

نىمىشقا؟…

يازما ئاپتورى:

يازغانلىرىم باشقىلارنى يىتەكلەش، ھەقىقەتكە قايتۇرۇشتەك ئۇلۇغ ئىشلارنى مەقسەت قىلمىغان. مەن پەقەت ھېس قىلغانلىرىمنى ھىكايە، نەسىر، خاتىرە شەكىلدە يېزىپ قالدرۇماقچى. بۇ مەۋھۇم دۇنيانى رىئال دۇنيادىن تېپىلمىغان سىرداش، مۇڭداش قاتارىدا كۆرۈپ قۇرساق كۆپۈكلىرىمنى،ئىچ پۇشۇقلىرىمنى، دەرت-ئەلىمىمنى تۆكۈپ ئىچىمنى بۇشاتماقچى. . . يازمىللىرىم يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىگىمۇ تەڭ يوللىنىدىغان بۇلۇپ يازمىللىرىم ھەققىدىكى نۇرغۇن ئىنكاسلارنى مەزكۇر مۇنبەردىن كۆرەلەيسىز ئۇيەردىكى نامىم رەھمەتۇللاھدۇر . [ يەتتە قىز مۇنبىرى ]

ھازىرغىچە 5 دوستىمىز قىممەتلىك پىكىرلىرىنى بەردى. سىزلا قالغان ئوخشايسىز !!!

  1. ۋاقىت: 2011- يىل 4- ئىيۇن 03:03 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    ھەقىيقەتەن ياىشى چىققان شېئىر ئىكەن … salam

  2. مەھبۇب
    ۋاقىت: 2011- يىل 29- ماي 22:00 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    ياخشى يېزىلغان شىئىركەن konglum konglum konglum

  3. مەھبۇب
    ۋاقىت: 2011- يىل 29- ماي 21:55 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    konglum konglum konglum

  4. توغراق
    ۋاقىت: 2011- يىل 21- ماي 01:49 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    بەياخشى ئىكەن بۇشېئ hap yaxshi ىر

  5. توغراق
    ۋاقىت: 2011- يىل 21- ماي 01:48 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    wah hehehe

ئىنكاس يېزىش

ئېلخەت ئاشكارلانمايدۇ. بەلگە * بارلىرىنى چوقۇم تولدۇرۇڭ

*
*