مۇڭ باسقان خىيال ℃470
بىرمەھەل بۇلبۇلغا ئاشىق سەۋدا بۇپتىمەن
قۇشلارنىڭ سازەندىسى شاھى دەپتىمەن
باھاردا بەزمە قۇرۇپ شادلىنىپ يۈرسە
ۋەتىنىگە ئىشقى بار سەردار دەپتىمەن
گۈلگە ئاشىق بىقارار دەپ لەيلەپ يۈرەركەن
گۈلخان ئاراگۈلدىن ۋىسال سۈزۈپ ئۈتەركەن
گۈل ئاچىلسا گۈلگە ئاشىق سەۋدايى بۇلۇپ
تۇزىماستا يۈزسىزلەرچە تاشلاپ كىتەركەن
ئويلاپ قالدىم مۇھەببەتنىڭ ساپاسى يوقمۇ ؟
ۋەياكى گۈزەللەرنىڭ ۋاپاسى يوقمۇ؟
ئاشىغىدىن كۆڭلى سۇۋۇپ ياندىمۇ مەيلى
ئۈزى ئۆسكەن ئانا يۇرتقا ئىخلاسى يوقمۇ ؟
بوزتورغايمۇ ۋىچىرلاپ تۇرىدۇ ئەنە
جۇدۇنلارغا پەرۋاسىز سايرايدۇ يەنە
ئاجىزلىشىپ سەكراتقا چۈشۈپ قالدىمۇ
ئانا يۈرتنى كۈيلەيدۇ قىلىپ تەنتەنە
مەرۋەرى
روھچىن
روھچىن
پاراسەت
دەرىزە
پاراسەت
ئەلتەر
مەرۋەرى