ئۆزۈم خالىمىغان ۋاقىتلاردا بىزەڭ چىۋىندەك چاپلىشىۋېلىپ قىينايدىغان ئۇيقۇلار قېنى ؟ماشىنىدا كىتىۋېتىپ ئۇخلاپ قېلىپ رول قۇلۇمدىن چۈشۈپ كىتىدىغان ئۇيقۇلار قېنى ؟ قىززىق بازاردا دۇكاننى تاقاپ قۇيۇپ ئۇخلايدىغان ئۇيقۇلارقېنى؟ كەچلىك تاماقنى تۇتۇپ ئولتۇروپ ئۇخلاپ قېلىپ قۇشۇقنى تاشلىۋىتىدىغان ئۇيقۇلارقېنى ؟
بۈگۈن ھەقىقەتەن ئۇيقۇسىز قالدىم. ئۇيقۇسىز قالغاندىلا ئۇيقۇنىڭ تەمىنى، قانچىلىك قىممىتىنى بارلىقىنى ھېس قىلىدىغان گەپكەن.


ئانامىنڭ« ئۇيقۇ كەلمىگەندىكى ۋاقىتنىڭ سۇزىلىشى، كېچىنىڭ تاڭ ئاتماسلىقى جاننى، ئاچ قالغاندىن بەكىرەك قىينايدۇ» دىگەن گىپنىڭ بەرھەق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىۋاتىمەن.
كاللامدىكى خىياللار بەڭگىنىڭ ھاۋاغا پۈۋلىۋەتكەن تاماكا ئىسىغىمۇ ئوخشايتتى. كۈزپەسلىدىكى ئوينىڭ ئالدىدىكى ئېرىقتاشىلدىر-شىلدىر ئاقىدىغان سۈپ-سۈزۈك سۇغىمۇ ئوخشايتتى. ئەتىيازپەسلىدىكى غۇر-غۇرشامالدا لەرزان ئەگىۋاتقان مايسىلارغىمۇ ئوخشايتتى.
ئىشقىلىپ خىياللىرىمنى ھەرنەرسىگە ئوخشىتالايمەن. چۈنكى ئۇ مەن تۇرۋاتقان يەردىن توغۇرسى كاللامدا پەيدا بۇلۇپ غەرىپ تەرەپكە ئاقاتتى، دۇنيانىڭ مەركىزى بولغان شەرەپلىك ئۇرۇنلارغا ئاقاتتى.
مىنى ئۇيقۇسىز قۇيۋاتقان نەرسىمۇ دەل ئاشۇ خىياللار ئىدى. شۇتاپتا كاللام خىيال ئىشلەپ چىقىرىدىغان زاۋۇتقان ئوخشاپ قالغان ئىدى. بۇ زاۋۇت شۇنچىلىق ئالدىراش ئىشلەپ كەتتىكى ئۇنى باشقا ئىشلارغاگول قىلىش، توختىتىپ قۇيۇشقا مۇمكىن بولمايۋاتاتتى ياكى، مەن قادىر بۇلالمايۋاتاتتىم، ئۇ ھەتتا ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن چۇقۇم قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى يەنى كىچىلىك ئارام ئېلىشنىمۇ قىلمايۋاتاتتى.
قانداق قېلىش كىرەك ؟ قانداق قىلىش كېرەكلىنى بىلسەم «بەڭگىنىڭ تاماكا ئسى»دەك خىياللارغا مەستانە بۇلۇپ ئولتۇرامدىم ؟!
11.48 دىگەن رەقەمنى كۆرسىتىپ تۇرغان سائەتنى ياستۇق يېنىغا قۇيۇپ قويغاندىن كىيىن چۆگۈننى كۈتۈرۈپ سۇغا ماڭدىم.
ئۇيقۇسىز قالىدىغان كىچىلەردە مۇڭداش، دەرت ئەلەم بېسىۋالغان يۈرەكلەرگە سىرداش، غەم-ئەندىشىلەرگە دىلداش، مۇساپىرلارغا يولداش، ھاجەتمەنلەرگە قولداش بولىدىغان رەببىم بار ئەمەسمۇ ؟
يېقىلسام شۇنىڭ باغرىغا يېقىلاي، ياش تۆكسەم شۇنىڭ ھوزۇرىدا تۆكەي، دەردىم بولسا شۇنىڭغا ئېيتاي .
ئۆستەڭ بۇيىغا چىقىپ كۆپ-كۆك ئاسماندا، سۈپ-سۈزۈك نۇر چېچىپ كائىناتنى غۇۋا يۇرتىۋاتقان ئايغا كۆزۈم چۈشتى.
ئۆردەكنىڭ كۆزى سۇغا چۈشكەندەك، توشقاننىڭ كۆزى سەۋزىگە چۈشكەندەك، كالىنىڭ كۆزى ھەلەپكە چۈشكەندەك، جورداننىڭ كۆزى ۋاسكىتبولغا چۈشكەندەك، پەرۋانىنىڭ كۆزى چىراققا چۈشكەندەك چۈشتى.
كۈپ-كۆك سۇلىرى ئېقىۋاتقان، بوستان سۆگەتلىرى ئۇسۇلغا چۈشكەن ئۆستەڭ بۇيىدا سۈتتەك ئايدىڭ كېچىلەرنى، ئانامنىڭ تەبەسسۇمىدەك نۇرلىنىپ تۇرغان ئاينى كۆرۈش ھەممە ئادەمگە نىسىپ بۇلىۋەرمەيدۇ.
چۆگۈننى قۇيۇپ، نەم يەرگە كاسامنى چاپلاپ ھەممىنى ئۇنۇتقان ھالدا يۇلتۇزلۇق ئاسمانغا، ئاسماندىكى ئايغا قاراپ ئولتۇردۇم. بۇنداق رومانتىك كېچىلەردە خۇشاللىقىڭدىن Teddyدەك(ئۇيۇنچۇق ئېيىق) سەكرەپ كەتسەڭمۇ ئەمما، مەندەك بۇيىغا يىتىپ قالغان، بۇرۇتلۇققا يالغۇزئولتۇرۇش ئازراق ئارامسىزلىق پەيدا قىلىدىكەن. بۇلۇپمۇ كۆڭلۈڭدا بىرەسى بولسا ئىش تېخىمۇ چاتاق بولىدىكەن.
ئۆستەڭ بۇيىدا مۇڭ ئارلاش ھاياجاندا ئولتۇرۇپ قاچانلاردىدۇر يۇقۇپ قالغان شارئىرلىق تۇيغۇلىرىم شاۋقۇنلىنىپ كېسەك تىزىشقا باشلىدى.
ئايدىڭ بولسا ئايدىڭ بولسا
ئايدىڭدا يارىڭ بولسا
يارىڭ بىلەن چاققۇدەك
بىرچاڭگال گازىرىڭ بولسا
يارمۇ يوق، گازىرمۇ يوق بۇنداق يوق نەرسىلەرگە قۇشاق تۇقۇغۇچە بار نەرسىلەرگە تۇقۇمايمەنمۇ؟
ئايدىڭ بولسا ئايدىڭ بولسا
ئايدىڭدا ئۆستەڭ بولسا
ئوستەڭ بۇيىدا ئوينىغۇدەك
شىلدىر-شىلدىر سۇلىرىڭ بولسا
مانا ئەمدى بولدى .

-سالام ئېيتايمۇ -دىدىم ئايغا قاراپ .
-يەتكۈزەلمەيمەن .
-نىمىشقا
-ئۈيىگە كىرىشكە ئامالسىزمەن، ئۇ سەندەك ماڭا تەلمۈرۈپ ئولتۇرمايدۇ، ئۇيەردە ئولتۇرغۇدەك ئۆستەڭمۇ يوق.
-ھە بۇپتۇ
«ئېي قەلبلەرنى مۇستەھكەم قىلغۇچى اللە ! مىنىڭ قەلبىمنى دىنىڭدا مۇستەھكەم قىلغىن»،«ئى قەلبلەرنى ئۆزگەرتكۈچى اللە ئۇنىڭ قەلبىنىمۇ ئۆزگەرتكىن، مىنىڭكىنى ئۆزگەرتكەنگە ئوخشاش»،«ئېي ھىدايەت بەرگۈچى اللە ماڭا ھىدايەت بەرگىن ! ئىبراھىمغا ھىدايەت بەرگىنىڭگە ئوخشاش»،
ئايدىڭدا، سۇغۇق ئۆپكىنى مۇزلاتقۇچە ئولتۇرۇپ، تاھارەت ئېلىپ، تۈن نىسپىدە اللەنىڭ ھوزۇرىدا، ئىككى رەكىئەت ناماز ئۇقۇغاندىن كېيىن تىزلىنىپ تۇرۇپ دۇئا قىلىۋاتاتتىم.
«مىھىرنى ئۈزۈڭ سالغىنىڭدەك، ۋىسالنمۇ ئۈزۈڭ ئاتاقىل ! ۋىسالسىز جۇدالىقنى، نىشانسىز سەپەرنى، نەتىجىسىز ئەمەلنى ماڭا نىسىپ قىلمىغىن!»، « ئۇلۇغ رەببىم ! ئۇ مىنىڭ دىنىم، دۇنيالىقىم، ئاخىرەتلىكىم ئۈچۈن ياخشى بولسا ئۇنى ماڭا مىنى ئۇنىڭغا يەتكۈز! مىھىر ئوتىنى مىنىڭ قەلبىمدىن ئۇنىڭ قەلبىگە يۆتكىگىن! ئۇ مىنىڭ دىنىم، دۇنيالىقىم، ئاخىرەتلىكىم ئۈچۈن ياخشى بولمىسا مىنى ئۇنىڭدىن، ئۇنى مەندىن يىراق قىلغىن ! مىھىر ئوتىنى قۇدۇرەت قۇلۇڭ بىلەن ئۆچۈرگىن»،« ماڭا ۋە ئۇنىڭغا ياخشىلىق قەيەردە بولسا نىسىپ قىلغىن !»،«ئىككىلىمىزگە خەيرىلىك ئىشلارنى مۇيەسسەر قىلىش ئارقىلىق ئاخىرەتتىكى بەخىتلىك كىشىلەر قاتارىغا تىزغىن !»،« ئۇلۇغ رەببىم ! ئىمانىمغا، ھىدايىتىمگە سىناق بەرمىگىن ! سىنىقىڭدىن ئۆتەلمەسلىكىمدىن قورقىمەن، جېنىمدىن جۇدا قىلغىنكى ئىمانىمدىن جۇدا قىلمىغىن، ئوتقا تەقدىر قىلغىنكى، زالالەتكە تەقدىر قىلمىغىن!»، «ئۇلۇغ رەببىم ! دۇنيانى ئەڭ چوڭ غېمىم قىلىپ قويمىغىن! ھوزۇرنى ئىبادەتتىن، ھالاۋەتنى جەننەتتىن، جاپانى كۆرەش مەيدانلىرىن، نىئىمەتنى ئىسلامدىن، ھۆرمەتنى تەقۋالىقتىن، سۈپەتنى ئەخلاقتىن بەرگىن»، «ئۇلۇغ رەببىم! بولغان، بولىۋاتقان، بولماقچى بولغان ئىشلىرىمنى ساڭا تاپشۇردۇم»
ئۇھ ! . . . كاللام خېلى ئارام ئېلىپ قالدى. ئايدىڭمۇ ئۆچكەن، خىياللارمۇ يۈتكەن ئىدى.
ئالەمنىڭ نەۋاق بولغىنىنى بىلمەكچى بولغىنىمدا سائەت ئۈچكە قەدەم ئاپتۇ. ئەسلى ئىبادەتنىڭ پەيزىنى سۈرۈيدىغان ۋاقىت كەپتىكەن. لېكىن كىچىدىن ئۇخلىمىغان بولغاچكا ھازىر نەپلە ئىبادەتنى دەپ بامداتقا ئۇخلاپ قېلىپ پەرىز ئىبادەتتىن مەھرۇم قالماسلىق ئۈچۈن يەنىلا ئۇخلىماقچى بولدۇم.
ياستۇققا بېشىمنى قۇيۇپ ئۇيقۇنىڭ مۇقەددىمىسى باشلىنىشىغىلا يانفۇنۇم تىرىڭڭىدە قىلىپ ئېلخەت كەلگەنلىك ئۇچۇرىنى بەردى.
«بلوگىڭىزدىكى (مۇڭدىشايلى) ناملىق يازمىڭىزغا ئىككى ئىنكاس يېزىلدى. يازغۇچى xxxxx . . .
ئىچىمدە ئۈمۈتسىزلىكتىن مۈگدەپ ياتقان ھاياجان ئېغىلدىن قاچقان كالىدەك ئېتىلىپ چىقتى.
ئۈزۈممۇ تۇيماستىن ۋار قىرۋەتتىم: ۋاھ ! مەن يەنە ئۇخلىيالمايدىغان بولدۇم ! . . .

يازما ئاپتورى:

يازغانلىرىم باشقىلارنى يىتەكلەش، ھەقىقەتكە قايتۇرۇشتەك ئۇلۇغ ئىشلارنى مەقسەت قىلمىغان. مەن پەقەت ھېس قىلغانلىرىمنى ھىكايە، نەسىر، خاتىرە شەكىلدە يېزىپ قالدرۇماقچى. بۇ مەۋھۇم دۇنيانى رىئال دۇنيادىن تېپىلمىغان سىرداش، مۇڭداش قاتارىدا كۆرۈپ قۇرساق كۆپۈكلىرىمنى،ئىچ پۇشۇقلىرىمنى، دەرت-ئەلىمىمنى تۆكۈپ ئىچىمنى بۇشاتماقچى. . . يازمىللىرىم يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىگىمۇ تەڭ يوللىنىدىغان بۇلۇپ يازمىللىرىم ھەققىدىكى نۇرغۇن ئىنكاسلارنى مەزكۇر مۇنبەردىن كۆرەلەيسىز ئۇيەردىكى نامىم رەھمەتۇللاھدۇر . [ يەتتە قىز مۇنبىرى ]

ھازىرغىچە 8 دوستىمىز قىممەتلىك پىكىرلىرىنى بەردى. سىزلا قالغان ئوخشايسىز !!!

  1. لاچىن
    ۋاقىت: 2011- يىل 19- سېنتەبىر 11:21 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم روھچىن ئەپەندىم شۇنداق ئىسىل دۇئالىرىدا بىزدەك غىرىپ قىرىنداشلرىنى ئۇنتۇپ قالمىسىلا جۇمۇ
    بىزلەر ئۇچۇنمۇ دۇئالارمۇ بارمىكىن دەپ تەقەززالىق بىلەن ئوقۇسام يوق
    ئىجابەتلىك دۇئالىرىدا ئۇنتۇپقالمىسىلا ئۇمۇدۇم
    كەيپىيات تۇراقلىق بولمايدۇ بەزىدە شۇنداق بۇلۇپ قالىدۇ ئىنسان كىيىن ياخشى بۇلۇپ قالىلا ئنشائاللاھ
    ئاللاھ ياخشىلىق ئاتاقىلسۇن ئامىن

    • ۋاقىت: 2011- يىل 19- سېنتەبىر 20:50 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

      دۇئا دىكىنى كىمكىن دەپ ئويلىغان .
      ئېغىزىمنى تاتىلىمىسلا ئاشكارلىۋىتىمەن جۇمۇ ؟

      • جۇغلان
        ۋاقىت: 2011- يىل 20- سېنتەبىر 09:09 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

        ئاشكارلىڭە! (ئىككى قولنى بىر بىرىگە سۈركەپ، كۆزلىرىدىن يۈرەك، ئېغىزلىرىدىن شۆلگەي ئېقىپ تۇرغان ئىپادە!)

  2. جۇغلان
    ۋاقىت: 2011- يىل 19- سېنتەبىر 10:07 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    دىۋان بىكار دىسلە! ئولتادىم مانا سىزنىڭ خىياللىرىڭىزنى ئوقۇپ! :evil:

    • ۋاقىت: 2011- يىل 19- سېنتەبىر 20:52 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

      توۋا مىنىڭ دىۋانلىرىمنىمۇ يارتىدىغانلار چىقىدىكەن ھە ؟ (تەسىرلىنىپ يۈش تۆككەن ئىپادە)

      • بانۇ
        ۋاقىت: 2012- يىل 1- يانۋار 22:15 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

        بەك ئېسىل خىيال ھە ئۇ، بەزىدە ئۇيقۇسىزلىقمۇ بىر خىل گۈزەل تۇيغۇ. چۈنكى بەك يېقىملىق بىر سېغىنىش سىزگە ھەمراھ بولىدۇ ئەمەسمۇ.

        • ۋاقىت: 2012- يىل 3- يانۋار 00:35 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

          لېىكن تىزراق ئاياغلاشسىكەن دەپ قالىدىكەنمىز . . . نۇرمال تۇرمۇشنى ئارزۇقىلمايدىغان ئادەم بولمىسا كېرەك

ئىنكاس يېزىش

ئېلخەت ئاشكارلانمايدۇ. بەلگە * بارلىرىنى چوقۇم تولدۇرۇڭ

*
*