مەتلۇب ھاسىلاتلىرى ℃672
شۇنچىلىك چوڭ ئىشمۇ ۋىسالغا يىتىش،
ۋەياكى پۇرەكلەپ گۈلدەك ئېچىلىش.
مۇھىمى ھاياتتا ئىنساندەك ياشاپ،
دۇنيادىن پەقەتلا ئارمانسىز كىتىش .
بەزىلەر ياشايمىز ئۈنسىز ساداسىز ،
ئاخىرى تۈگەيمىزئىزسىز دىرەكسىز .
بىر ئۆمۈر يەپ ئىچىش ۋەزىپە ئەمەس،
كىتەيلى ھاياتتىن قالدۇرۇپ بىر ئىز.
كۆزگە خىرە كۈرۈنمەكتە ھايات مەنزىلى،
پۈرەكلەپ ئېچىلغاچ ساختىلىق گۈلى.
يۈرەرمىزمۇ تۇمان ئارا تىنەپ-تەمتىرەپ،
ھەرتەرەپتىن تۇسۇلغاچقا ھەقىقەت يۇلى.
باھاردا بىخلىنىپ ياشنىغان ياپراق،
كەچ-كۈزدە سارغىيىپ بولمامدۇ خازان.
تۇمۇزدا قاتمۇ-قات ئېچىلغان گۈللەر،
جۇدۇنغا يەتمەيلا بولمامدۇ تۇزان.
بۇ ئالەم ئۇزۇندەك تۇرسىمۇ بىراق ،
پەسىلدەك ئايلىنىپ تۇرمامدۇ جاھان.
ھەممىنى قوينىغا ئالغاندا تۇپراق ،
مەنزىلىم قەيەردە دىمەسمۇ ئىنسان .
مەرۋەرى
روھچىن
روھچىن
پاراسەت
دەرىزە
پاراسەت
ئەلتەر
مەرۋەرى