ماڭا ھېچقانداق تەسەللىنىڭ كىرىكى يوق، ھېچقانداق ئۈمۈدۈممۇ يوق، مەن بۇدۇنيادا بىردىنلا ھېچ نەرسىسىز قالغاندەك بولدۇم. نەچچە ۋاقىتتىن بىرى نۇرغۇن تەسەللىلەرگە ئېرىشىپ كەلدىم، ھەم بۇ تەسەللىلەر ماڭا ئۈمۈت-ئىشەنچ ئاتا قىلغانمۇ بولدى. لېكىن، نەتىجىسى يەنىلا ئۇزاق مۇددەتلىك ئۈمۈتتىن كىيىنكى ئۈمۈتسىزلىك بولدى.

سىز نىمىنڭ ئەڭ ئېغىر كىلىدىغىنىنى بىلەمسىز ؟ ئۇ دەل ئۇزاق مۇددەتلىك زور ئۈمۈتتىن كىيىنكى ئۈمۈتسىزلىك.

ئىشلارنىڭ ئەمدى ياخشىلنىشىدىن ئۈمۈدۈمنى ئۈزدۈم. راسلا ئۈمۈدۈمنى ئۈزدۈم. ئۈمۈتنى ئۈزگەندە قانداق بۇلىدىغىنىنى بىلگۈڭىز بارمۇ ؟ يۇرتۇڭىزدا تۇرغۇڭىز كەلمەيدۇ، ھەممە نەرسە قىممەتسىز، مەنىسىز بىلنىدۇ. يىڭىدىن بىر ئىش باشلىغۇڭىز كىلىدۇ لېكىن .ئۇنى باشقايەردە بۇ ئىش ئاقماس ماكاندا يەنە گۈرجەك كۈتۈرۈپ يۈرگۈڭىز كەلمەيدۇ.

ئەمىلىيەتتە مەن بىر يارىماس ئادەم! تەنە قىلمىدىم راس ! ئەڭ يارىماس ئادەملا رىئاللىقتىن قاچىدۇ. رىئاللىققا يۈزلىنىشتىن قورقۇپ ئارقا يول ئىزدەپ باقىدۇ، لېكىن، تۇرمۇشتا ئارقا يول يوق! دەسلىۋىدە پىنھاندەك بىلىنگەن بىلەن تىزلا جاراستانغا چىقىپ قالىسىز يارىماسلىقىڭىز تۇتۇپ قالسا يەنە ئارقا كۇچا ئىزدەيسىز . مەن دەل شۇنداق قىلىۋاتىمەن! يەنە باشقا يول ئىزدەپ بېقىۋاتىمەن ! نىمىشقا دەمسىز ؟ بايا دىدىمغۇ ؟ ئىشلارنىڭ ياخشىلنىشىدىن ئۈمۈدۈمنى ئۈزدىم دەپ . بۇ چاقچاق ئەمەس !

ئىشلىرىڭىز بۇنداق يامانلىشىپ كىتىۋەرسە بۇنىڭغا چاپلىشىپ تۇرىۋەرسىڭىز ئۈزۈڭىزمۇ تۈگۈشەپ كىتىسىز ھەم بەرداشلىق بەرگىلىمۇ بولمايدۇ شۇڭا بالدۇراق ئازادىراق يول ئىزدىگىنىڭىز ياخشى !

ئۈزۈمنىڭ بۇ كۈنلەرگە قانداق ئۇلاشقىنىمنى بىلەلمەيۋاتىمەن ! ئۇنتۇپ قاپتىمەن ! چۈنكى مەن ئەزەلدىن بىرە ئىشنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىپ باققىنىمنى بىلمەيمەن ! قىلغان ھەربىر ئىشىمنىڭ نەتىجىسى يوق ياكى ئىناۋەتسىز بەلكىم بۇ مەندىكى چۈشكۈن بىر خىياللاردۇر . ئادەم قايغۇرغاندا تۇرمۇشۇڭدىكى غەلبىلەر ھەممىسى يۇشۇرنۇپ مەغلۇبىيەتلەر ھەممىسى يىغىلىپ قايغۇڭنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىكەن.

ئۈزۈڭنى بېغىشلاپ قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭ ئاقمىسا تۇرمۇشۇڭنىڭ ھەممە تەرپى بۇزىلىدكەن. كىچىسى ئۇيقۇ يوق، ۋاقتىدا تاماق يوق، ئەھمىيەتلىك ئىشمۇ يوق. شامالغا چۈشۈپ قالغان غاز پېيىدەك لەلەڭشىپ يۈرىدىغان گەپ.

مەن بىرگەپ قىلاي! . . .  بولدىلا ئۈزۈمنىڭ چۈشكۈن ئىدىيسىنى بۇيەردە يايما قىلىپ ئولتۇرماي ! ئىشقىلىپ خۇدايىم ئالدىمدا نىمە قىسمەتلەرنى تەييارلىدىكى بىر ئىش بۇلىدىغاندەكلا !

يا ئۇچۇش-يا چۈشۈش. ئۇچساممۇ بوش ئۇچمايمەن مۇشۇ ئۇچقانچە كۈتۈرلۈپ كىتىمەن، چۈشسەممۇ بوش چۈشمەيمەن ھەممىنى 0 دىن باشلىشىم مۇمكىن .

بلوگىمدىغۇ ئانچە زىيارەتچى، ئانچە ئىنكاسمۇ يوق. شۇنداقتىمۇ دەپ قۇياي. ئېزىپ-تېزىپ كىرىپ قالغاندىن بىرەسىڭىز بۇ يازمىنى ئۇقۇپ ماڭا ئىككى ئېغىز تەسەللى بەرگۈڭىز كەلگەن بولسا ئەڭ ياخشىسى  سۇبھاناللاھ دەڭ  ساۋاپ بۇلىدۇ . مەن باشتىلا دەپ قويدۇم. تەسەللى كىرەك ئەمەس ! چۈنكى تەسەللى دىگەن ئادەم ئالدايدىغان نەرسە. رىئاللىق ئالدىدا چارىسىز چېلىپ تىلەمچىدەك ئالقىنىڭنى تەڭلەپ ئولتۇرغۇدەك ھلغا يەتكەندە بۇ ئىشلارمۇ ئۈتۈپ كىتىدۇ دىيىش بىر تەسەللى، ئۈتۈپ كىتىشى مۇمكىن ئەمما قاچان ئۈتۈپ كىتىدىغىنىنى ئۇقمايسىز. ئۇ كۈنلەر ئۇزۇنغا سۇزۇلسا بەرداش؛ىق بەرمىكىڭىز تەسكە چۈشۈدۇ.

تۇرمۇشتا پىشقاننىڭ ئىپادىسى ھېچ قانداق ئادەمگە ئىشەنمەسلىك! چۈنكى سىزنىڭ نەس كۈنلەرگە قېلىشىڭىزغا سەۋەپچى بۇلىدىغان ئادەملەر دەل سىز ئىشەنگەلەردۇ.

جاھان شۇنداق بۇپ كەتسە شۇنداق دىمەي نىمە ئامال !

 

يازما ئاپتورى:

يازغانلىرىم باشقىلارنى يىتەكلەش، ھەقىقەتكە قايتۇرۇشتەك ئۇلۇغ ئىشلارنى مەقسەت قىلمىغان. مەن پەقەت ھېس قىلغانلىرىمنى ھىكايە، نەسىر، خاتىرە شەكىلدە يېزىپ قالدرۇماقچى. بۇ مەۋھۇم دۇنيانى رىئال دۇنيادىن تېپىلمىغان سىرداش، مۇڭداش قاتارىدا كۆرۈپ قۇرساق كۆپۈكلىرىمنى،ئىچ پۇشۇقلىرىمنى، دەرت-ئەلىمىمنى تۆكۈپ ئىچىمنى بۇشاتماقچى. . . يازمىللىرىم يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىگىمۇ تەڭ يوللىنىدىغان بۇلۇپ يازمىللىرىم ھەققىدىكى نۇرغۇن ئىنكاسلارنى مەزكۇر مۇنبەردىن كۆرەلەيسىز ئۇيەردىكى نامىم رەھمەتۇللاھدۇر . [ يەتتە قىز مۇنبىرى ]

ھازىرغىچە 4 دوستىمىز قىممەتلىك پىكىرلىرىنى بەردى. سىزلا قالغان ئوخشايسىز !!!

  1. جۇغلان
    ۋاقىت: 2011- يىل 24- دېكابىر 11:13 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    خۇدايا شۈكرى ! مىنىڭ دەردىم سىزنىڭكىگە قارىغاندا ھېشنىمە ئەمەسكەن ، شۈكرى قىلاي !

  2. Miss
    ۋاقىت: 2011- يىل 10- دېكابىر 06:13 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    سۇبھاناللاھ

  3. ۋاقىت: 2011- يىل 4- دېكابىر 12:54 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    يائاللا، ماۋۇ بالىغا نېمە بولغاندۇ ئەمدى ؟؟؟

ئىنكاس يېزىش

ئېلخەت ئاشكارلانمايدۇ. بەلگە * بارلىرىنى چوقۇم تولدۇرۇڭ

*
*