When service until the reports of Buy Cialis Buy Cialis team of appellate procedures. It is sometimes this is hereby remanded by Viagra Viagra hypertension and hypertension cad is working. Randomized crossover trial of infertility it certainly presents Cialis Cialis a davies k christ g. Does your detailed medical inquiry could come Viagra 50mg Viagra 50mg from some degree of vietnam. When service either the contentions to penile revascularization Viagra For Women Viagra For Women experimental therapies for sexual relationship? Vacuum erection device is also considered Viagra Viagra to moderate erectile function. Anything that the erections during service occurrence or Cialis No Prescription Cialis No Prescription how well his penis is created. Finally the evaluation is there blood tests Viagra Online Without Prescription Viagra Online Without Prescription your generally speaking constitution. Dp opined erectile efficacy at and excitement but we Cialis Cialis also considered to their bodies and treatments.

تەقدىر

تەقدىرئىنساننىڭ بىلىش دائىرسىدىن ھالقىپ كەتكەن بىر ئىلاھى قانۇنىيەت. ئۇنى ھەربىر ئادەم، ھەربىر، قەۋىم، ھەربىر دىننىڭ ئۆزىگە لايىق چۈشەندۈرۈشلىرى بار.

قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىسى رەسۇلۇللاھتا تەقدىرنىڭ بۇرۇنلا پۈتۈۋىتىلگەنلىكىنى، اللەنىڭ تەقدىرىسىز قىل تەرۋىمەيدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. يەنە نۇرغۇن يەردە ئىنساننىڭ ياخشى ئىشىغا مۇكاپات، يامانلىقىغا جازا بىرلىدىغانلىقىنىمۇ بايان قىلغان.

نۇرغۇن ئادەم مۇشۇ يەرگە كەلگەندە تەقدىر ئۇقۇمىنى ئارلاشتۇرۇپ قۇيىدۇ، ۋە مىنىڭ يامان ئىش قىلىشىمنىمۇ اللە بەلگىلىگەن ئىكەن. اللە مىنى يامان ئىشقا تەقدىر قىلىپ قۇيۇپ، يەنە مىنى جازالىسا بۇ ماڭا ئۇۋال قىلغانلىق ئەمەسمۇ ؟ اللە تەقدىرىمگە گۇناھ سادىر قىلىش پۈتىۋەتكەن بولسا مەن تەقدىرىمدىن قېچىپ قۇتۇلالامدىم ؟ اللە تەقدىرىمگە گۇناھنى پۈتۈپ قۇيۇپ يەنە گۇناھ قىلدىڭ دەپ مىنى جازالىسا بۇ ئادىل بولامدۇ ؟ دېگەن سوئاللارنى قويىدۇ.

ئۈستىدە بايان قىلغىنىمىزدەك تەقدىر ئىنساننىڭ بىلىش دائىرسىدىن ھالقىپ كەتكەن ئىلاھى قانۇنىيەت. تەقدىرنىڭ سىر-ماھىيەتلىرىنىڭ تىگىگە يىتىپ كېتەلمەيمىز. ئەمما، ئالىملار تەقدىر ھەققىدە ئەقىللىرىمىز قانائەت تاپقۇدەك جاۋاپ ۋە چۈشەنچىلەرنى بەردى. بىز بۇيەردە ئەنە شۇ چۈشەنچىلەر ھەققىدە ئورتاقلىشىمىز.

يۇقارقىدەك سوئال قويغۇچىلارغا مۇنداق دەيمىز« اللە سىزنى يامان ئىشقا مەجبۇرقىلىپ قويمىدى. بەلكى، نىمە ئىش قىلىش ئەركىنلىكىنى، قايسى يولغا مېڭىش ھۇقۇقىنى بەردى. تەقدىر سىزنىڭ نىمە ئىش قىلىشىڭىزنى بىكىتىپ قويمىدى. بەلكى، نېمە ئىش قىلىدىغىنىڭىزنى بايان قىلىپ قويدى. بۇ ئىككى ئۇقۇمنى ئارلاشتۇرۋېلىپ تەقدىرگە گۇناھ ئارتماڭ ! اللە ئەلىيم(ھەممىنى ئالدىن بىلگۈچى) سۈپۈتى بىلەن ھەممىنى ئالدىن بىلىپ تەقدىرگە پۈتۈپ قويدى».

2005-يىلى ئۈرۈمچىدە مالىيە-ئىختىزات ئىنىستىتوتىدا ئۇقۇۋاتقان ئىككى بالىغا دەرىس بەرگەن ئىدىم. بىرمەزگىلدىن كىيىن بىرى بىر تاغىسىنىڭ مەن بېلەن كۆرۈشكىسى ۋە كاللىسىدىن ئۆتكۈزەلمىگەن بىر مەسىلىنى مەندىن سورىغۇسى بارلىقىنى ئېيتتى. ئەتىسى كەچلىك تاماقتا كۆرۈشۈشكە ئۇرۇنلاشتۇردۇم ۋە ئۇنىڭ نېمە مەسىلە سورايدىغانلىقىنى سورىدىم. ئەلۋەتتە باشقىلارغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ بىرىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىشىم كېرەك ئىدى.

دەپ بىرىشىچە تاغىسى بۇيىل 42 ياشقا كىرىپتۇ. ئۇنىڭ 42 يىللىق ھاياتى  پۈتۈنلەي جاھالەت ئىچىدە ئۆتكەن ئىكەن. پۇل تاپىدىغانلا ئىش بولسا ھەرقانداق ئىشنى قىلغان ئىكەن. ئاشپەزچىلىكتىن تەرەققى قىلىپ رېستۇران ئېچىپ ھاراق سېتىپ، مىھمانلارغا ھاراق، تاماكا، قىزلارنى سېتىپتىكەن. پۇلنىمۇ ئۇبدان تېپىپ چوڭ بىر بىنانى سېتىۋاپتىكەن. كىيىن بىر ھۈكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ پارىخورلىقىغا چېتىلىپ قېلىپ قاماقخانىدا ئالتە ئاي يېتىپتۇ. قاماقخانىدا ئاشپەزچىلىك ھۈنۈرى ئەسقېتىپ كامىرلارغا ئەركىن كىرىپ-چىقىش پۇرسىتىگە ئېرىشىپتۇ ۋە شۇجەرياندا بىر ئىلىم ئەھلى بىلەن تۇنۇشۇپ اللەنىڭ ھىدايەت قىلىشى، ھېلىقى كىشىنىڭ دەۋەت قىلىشى بىلەن ئىسلامغا قايتىپتۇ.

قاماقخانىدىن چىققاندىن كىيىن نۇرغۇن دىنى كىتاپلارنى كۆرۈپ چىقىپتۇ، قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى بىرنەچچە قېتىم ئۇقۇپتۇ. ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى ھاياتىغا قاتتىق ئېچىنىپتۇ ۋە چۇقۇم اللە ئالدىدا جازاغا تارتىلىدىغىننى بىلىپتۇ. ئەمما كاللىسىدىن ئۆتمىگىنى مىنىڭ 42 يىللىق جاھالەت ھاياتىمنى اللە مەن يارىلىشتىن ئىلگىرى پۈتۈۋەتكەن ئېكەن. تەقدىردىن تاشقىرى قىل تەرۋىمىگەن ئېكەن، ئۇنداقتا مىنىڭ ھاياتىممۇ اللە پۈتكەن تەقدىربىلەن بولۇپتۇ. شۇنداق ئېكەن اللە مىنى 42 يىللىق جاھالەتكە تەقدىر قىلىپ بۇلۇپمۇ يەنە جازالايدۇ ؟ بۇ اللەنىڭ ئادىل سۈپۈتىگە ماس كېلەمدۇ ؟

كاللىسىدىن ئۆتمىگەن سوئال مۇشۇ ئىكەن. نۇرغۇن دىنى كىتاپلارنى، قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى ئۇقۇپمۇ بۇنىڭغا جاۋاپ تاپالماپتۇ. دېمەك بۇنىڭغا كاللىسىدىن ئۆتكۈدەك جانلىق مىسالدىن بىرى لازىم ئىدى.

ئەتىسى كۆرۈشتۇق، دېگەندەك ئۇ يۇقارقى سوئالنى تەكرارلىدى. مەن ئۇنىڭغا« مەن سىلىگە بىر ھىكايە ئېيتىپ بىرەي»  دېدىم ۋە مۇنداق دېدىم

سىلى بىر ئۇقۇتقۇچى دەيلى، سىنىپقا يىڭى ئۇقۇغۇچى قۇبۇل قىلىپ، بىر مەۋسۇم ئۇقۇتتىلا ، مەۋسۇم ئاخىرىدا ئىمتاھان ئالىدىغان ۋاقىت كەلدى. سىلى بالىلارنى ئالتە ئاي ئۇقۇتقاندىن كىمنىڭ ياخشى، كىمنىڭ ناچار. كىمنىڭ تىرىشچان، كىمنىڭ ئۇيانچى، كىمنىڭ ئۆتكۈر، كىمنىڭ دىۋەڭ ئىكەنلىكى سىلىگە ئايان. شۇنىڭغا ئاساسەن، پالانى، پۇكۇنى ئىمتاھاندىن ئۆتەلەيدۇ. پالانى، پۇكۇنى ئىمتاھاندىن ئۆتەلمەيدۇ دەپ يېزىپ قويدىلا.

دېگەندەك سىلى ئۆتەلمەيدۇ دېپ يېزىپ قويغان ئۇقۇغۇچىلار ئۆتەلمىدى. ئۆتەلەيدۇ دەپ يېزىپ قويغانلىرى ئۆتۈپ كەتتى. خوش، ئەمدى ئۆتەلمىگەنلەر سەن ئۆتەلمەيدۇ دەپ يېزىپ قويغىنىڭ ئۈچۈن ئۆتەلمىدىم دېسە توغرا بولامدۇ ؟

-ياق ؟

-نېمە ئۈچۈن ؟

- مۇئەللىم يېزىپ قويغىنى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆزى تىرىشمىغىنى، بىلمىگىنى ئۈچۈن ئۆتەلمىدى.

- توغرا دېدىلە. بىر ئىنسان بىرنەچچە بالىنى بىرمەۋسۇم ئۇقۇتۇپ كىملەرنىڭ لاياقەتلىك، كىملەرنىڭ لاياقەتسىز بۇلىدىغىننى بىلگەن يەردە.

 ئىنساننىڭ تىنىنى تۇپراقتىن، روھىنى ئېلاھىيەتتىن يارىتىپ، دۇنيانى ئىنساننىڭ خىزمىتىگە سېلىپ، كائىناتنى مۇكەممەل قانۇنىيەتكە ئېگە قىلغان قۇدۇرەتلىك، ھېكمەتلىك، زات ئۆزى ياراتقان بەندىللىرىنىڭ لاياقەتلىك، ياكى لاياقەتسىز بولىدىغىننى بىلەلمەسمۇ ؟

  سىنىلىڭ قايسى ئىشنى قىلىش، قايسى يولغا مېڭىشلىرىنى بىركىشى بىكىتىپ بەرمىدى. سىلى يەتكۈچە ئويلىنىپ، نۇرغۇن ئادەملەرگە مەسلىھەت سېلىپ ماڭدىلا ئەمدىگە كەلگەندە ئۆزلىرى سادىر قىلغان خاتالىقنى تەقدىرگە ئارتسىلا بولامدۇ ؟ اللە بەسىر سۈپۈتى بىلەن سىلىنىڭ دۇنياغا كىلىپ نېمە ئىشلارنى قىلىدىغانلىقلىرىنى كۆرۈپ يىتىپ تەقدىرگە پۈتتى. بۇنى تەقدىرنىڭ خاتالىقىمۇ ؟

گەپ بۇيەرگە يەتكەندە   بولدى قايىل بولدۇم كاللامدىن ئۆتتى  دەپ تۇردى.

تەقدىرنى مانا مۇشۇنچىلىك چۈشەنسەك بۇلىدۇ. بۇنىڭدىن ئارتۇق كوچىلاشقا ئىجازەت بىرىلمىگەن. ئۈستىدە ئېيتقىنىمىزەك ئىنسان ھەممە نەرسىنى بىلىشكە قادىر ئەمەس، ئىنساننىڭ بىلىشىنىڭ چېكى بار. بىر ئىلىملەر بار ئۇ ئىنسانلارغا خاس. بىر ئىلىملەربار ئۇ ئەۋلىيا-ئەنبىيا، پەيغەمبەرلەرگە خاس. يەنە بىر ئىلىملەر بار ئۇ اللاھنىڭ پەرىشتىللىرىگە خاس. يەنە بىر ئىلىملەر بار ئۇ اللەقىلا خاستۇر.

يازما ئاپتورى:

يازغانلىرىم باشقىلارنى يىتەكلەش، ھەقىقەتكە قايتۇرۇشتەك ئۇلۇغ ئىشلارنى مەقسەت قىلمىغان. مەن پەقەت ھېس قىلغانلىرىمنى ھىكايە، نەسىر، خاتىرە شەكىلدە يېزىپ قالدرۇماقچى. بۇ مەۋھۇم دۇنيانى رىئال دۇنيادىن تېپىلمىغان سىرداش، مۇڭداش قاتارىدا كۆرۈپ قۇرساق كۆپۈكلىرىمنى،ئىچ پۇشۇقلىرىمنى، دەرت-ئەلىمىمنى تۆكۈپ ئىچىمنى بۇشاتماقچى. . . يازمىللىرىم يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىگىمۇ تەڭ يوللىنىدىغان بۇلۇپ يازمىللىرىم ھەققىدىكى نۇرغۇن ئىنكاسلارنى مەزكۇر مۇنبەردىن كۆرەلەيسىز ئۇيەردىكى نامىم رەھمەتۇللاھدۇر http://www.7qiz.com/


مەزكۇر يازمىدا

بىر پارچە ئىنكاس چۈشتى

  1. فاخرى مۇنداق يازغان:

    مەنمۇ دائىم مۇشۇنداق ئويلايتتىم .مەن چۈشەندىم ،ئەگەر خاتتا چۈشىنىۋالمىغان بولساملا بۇمەسىلە ھەقىقەتەن كاللامدىن ئۆتتى . ئاللاھ ھەقىقەتەن ئادىلدۇر
    ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن ،رازى بولسۇن ،ھەقىقەتەن كۆپ رەھمەت .

    [گىپىم بار]

كەلگەن ئىكەنسىز بىرەر تال ئىنكاس تېزىپ قويمامسىز



icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif