16

98كۋادرات مېتىر ئۆينىڭ كىرىش ئىشىكىنىڭ ئالدىغا مۇنچا بىلەن مېھمانخانا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئۇ يەردىن تۆت قەدەم ئېلىپ ئۆتسەك، كارىدورغا كىرىمىز، كارىدورنىڭ ئالدى تەرەپتە ئاشخانا بىلەن چوڭ ياتاق ئۆي، سول تەرەپتە كىچىك ياتاق ئۆي بار، كارىدورغا چىنە خىش ياتقۇزۇلغان بولۇپ پايپاقنى سېلىۋېتىپ دەسسىگەندە پۇتقا قىزىق بىلىنىدۇ.


بۇ ئۆيدىكى پائالىيىتىمنى ئۈچ لېنىيەگە بۆلۈشكە بولىدۇ؛ ئىشىكتىن كىرىپلا كارىدورنىڭ سول تەرىپىدىكى كىچىك ياتاق ئۆيگە كىرىپ سومكا، چاپان دېگەنلەرنى ئېلىۋېتىپ تاھارەت ئالغىلى مۇنچىغا كىرىمەن، بۇ بىرىنچىسى، نامازدىن بىكار بولۇپ ئاشخانىغا چىقىپ چاي تەييارلايمەن-دە تورغا چىققاچ كەچلىك چاي ئىچىمەن، بۇ ئىككىنچىسى، ئەتىگەن ئاخشام ئېشىپ قالغان سوغۇق چاي بىلەن ناشتا قىلىمەن-دە نەرسە-كېرەكلىرىمنى ئېلىپ چىراغلارنى ئۆچۈرۈپ ئەخلەتنى ئېلىپ سىرتقا ماڭىمەن، مانا بۇ ئۈچىنچىسى.
ئۆيدە مەندىن باشقا بىردانە چىۋىنمۇ يوق، ئىلگىرى بار چاشقانلارمۇ مەن ئولتۇرغاندىن بىرى جىمجىتلىقتىن زېرىكىپ كۆچۈپ كەتتى. يېقىندىن بۇيان سۈۋەرەكنىڭ نارىسىدە باللىرى ئۆملىشىپ يۈرىدۇ، بۇلارنىڭ بولسىمۇ ھەمراھ بولغىنىدىن خۇشال بولۇپ ئاشخانىنى تازىلىغاندا، چىرايلىق گەپلەر بىلەن بىكار ئورۇنغا يۆتكەپ قۇيۇپ تازىلايمەن.
چىراغنى بەك يېقىپ كەتمەيمەن. ئۆينىڭ لىنىيە يۆلىنىشى، نەرسە كېرەكلەرنىڭ قۇيۇلغان ئورنى يادا بولۇپ كەتتى، قاپقاراڭغۇ بولسىمۇ قۇلۇم نەق تاپىدۇ.كەچلىك چاي ئىچكەندە كومپيۇتېر ماڭا كېرەكلىك يورۇقلۇقنى بېرەلەيدۇ. بەزى بەك قاراڭغۇلۇق ھېس قىلىپ قالسام شام ياندۇرۇپ قۇيىمەن، ھەرخىل پۇراقلىق ۋە ھەرخىل شەكىللىك شاملىرىم بار ئالماشتۇرۇپ ياندۇرىمەن. ئەمما شامنى ياندۇرساملا كەيپىياتىمنى تەڭشىيەلمەي قالىمەن، ئۆزۈمنى خۇددى شامدەك بىر تېمىتىمدىن ئېرىپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلىپ قالىمەن.

ئىشىكتىن كىرىشىمگىلا بىر پۇراق بۇرنۇمغا ئۇرۇلىدۇ-دە، يۈرىكىمنى چالغىتىپ قۇيىدۇ. تۆۋە دەيمەن ئەتىر دېگەن شۇنچىۋالا پۇراقلىق بولىدىكەن. ھازىرغىچە ئېغىزىنى ئېچىپ باقمىدىم، ئەمما، ئۆينىڭ بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىغىچە يوشۇرۇپ باقتىم پۇرىقىنى يوقىتالمىدىم. ھەيران قالماڭ! مەن ئەتىر پۇرىقىغا ئۆچ ئەمەس. ئەمما، ئۇ بىر پۇراقلا ئەمەس ئۇ بىرسىنىڭ سىياقى، كۆلەڭگىسى،ئاۋازى، ئۇ كۆلەڭگىنىڭ قەلب كۆزۈمدە زاھىر بۇلىشىدىن، ئۇ ئاۋازنىڭ قۇلاق تۈۋۈمدە ياڭراپ قېلىشىدىن قورقىمەن.چۈنكى، مەندە يۈرەك ئاران بىرتاللا ئۇنى ئاسرىمىسام بولمايدۇ. بىرنەچچە قېتىم تېۋىپنىڭ ئالدىدىن ياندى، تېۋىپ ئۇستام دانىمۇ-دانە قىلىپ« يۈرىكىڭىزنى ئاۋايلاڭ ! سىزنىڭ ھۆددىڭىزدىن چىقالماي قاپتۇ» دېگەن ئىدى.
ئادەم كومپيۇتېردەك ئەقلى ئۈسكۈنە بولسا بولمامدۇ دەيمەن. ھېسسىي مەخلۇق بولغىنى قىزىق، ئۇنىڭدىنمۇ كۆڭۈلنىڭ يۈگەنسىز بولغىنى قىزىق، يۈگەنسىزلىكى تۈپەيلى چىققان جاراھەت يۈرەككە چىققىنى تېخىمۇ قىززىق.
كىچىك ۋاقتىمدا ئىمام ئاخۇنۇم « بالام كۆڭۈل دېگەن باياۋاندىكى شامالدا قالغان توزاندىغا ئوخشايدۇ. ئۇنى اللە خالىغان تەرەپكە ئۇچۇرىدۇ» دېگەن ئىدى. رەببىم مىنىڭ كۆڭلۈمنى ئۇچۇرۇپ، ئۇچۇرۇپ، ئۇچۇرۇپ قول يەتمەيدىغان بىر گۈلگە قوندۇرۇپ قۇيۇپتىكەن. رەببىمگە تەكرار-تەكرار يالۋۇردۇم كۆڭلۈمنى قايتۇرۇپ بەر دەپ ئەمما قايتۇرۇپ بەرمىدى.

قانداق قىلغۇلۇق كۆڭۈل بىلەن يۈرەكنىڭ ھەمكارلىقى بەك زىچ ئىكەن. كۆڭۈل خارلىق تارتسا يۈرەك زەئىپلىشىدىكەن، لېكىن يۈرەكنىڭ زاپىسى يوق-تە.
تولا ئويلاپ قالىمەن، رەببىم كۆڭلۈمنى ئىلدۇرۇپ قويغان ئاشۇ تىكەنلىك گۈللەر كۆڭۈل باغلىنىپ قېلىشنىڭ قانداق بولىدىغاننى بىلمەمدىغاندۇ ؟ ئۆزىنىڭ كۆڭلى قۇلى يەتمەيدىغان دەرەخلەردە قېلىنىپ قېلىپ كۆڭۈل خارلىقى سەۋەبلىك يۈرىكىنى جاراھەت بېسىپ كەتكەندە قانداق تۇيغۇدا بولۇپ بولغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالدىمىكىنە. ئىلتىپاتىغا ئىلتىجا قىلىپ تۇرغان مەھكۇملارنىڭ نالىسىنى ئاڭلىغاندا ئۆزىنىڭ بىراۋلارنىڭ ئىلتىپاتىغا ئىلتىجا قىلغان ۋاقىتلىرى ئېسىگە كەلمىدىمىكىن، ئۆزىنى بىرمىنۇت ئاشىقىنىڭ ئورنىدا قۇيۇپ ئەينى ۋاقىتتىكى ئۆتمۈشنى ئەسلەپ باقمىدىمىكىن.

نېمىشقا سۆيگۈگە تولغان يۈرىكىم،
سېغىنىش ئىلىكىدە كېتىدۇ سېسىپ.

ئويلاپ باقسام مەن يەنىلا خام ئىكەنمەن. كىتابتا مۇنداق بىرجۈملىنى ئوقۇغىنىم ئېسىمدە« پىشقانلىقنىڭ بەلگىسىدىن بىرى بولسا، سىزنىڭ ئۈستىڭىزدە بۇلاۋاتقان ئىشلارنىڭ 99% باشقىلار ئۈچۈن ھېچ بىر ئەھمىيىتى يوقلۇقىنى بىلىش» مەن مۇشۇنى بىلمەيدىكەنمەن، ئەمەسمۇ ؟ بۇ ھەقىقەتەن توغرا ئېيتىلغان بىرجۈملە ئىكەن.
مەن بۇنىڭدا رەببىمنىڭ بىر ئىرادىسى، بىر ھېكمىتى بارلىقىنى بىلىمەن .

ئۆينىڭ ھەربىر بۇلۇڭىدىن ئەتىرنىڭ پۇرىقىنى ھېس قىلالايمەن، باشقىلار ھېس قىلالمايدىكەن. ئاغىنىلىرىمدىن « پۇرىدىڭمۇ ؟» دېسەم كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ« نېمىنى » دەپ سورايدۇ. كىيىن شۇنى ھېس قىلدىمكى؛ سەن ئىسىدىن چىقىپ قېلىشنى خالىمايدىغان كىشىلەرگە ئەتىر سوۋغا قىلساڭ بولىدىكەن. چۈنكى، سىنىڭ سىياقىڭ ئەتىرنىڭ پۇرىقىغا سىڭىپ كىتىدىكەن-دە قارشى تەرەپ بۇ پۇراقنى ھەربىر پۇرىغىنىدا سېنى كۆزئالدىغا كەلتۈرىدىكەن. ئەسلى ئىشلىتىپ تۈگىتىۋەتسەم ياكى باشقىلارغا بېرىۋەتسەممۇ بۇلاتتى لېكىن ھاياتىمدا ئېرىشكەن ئەڭ قىممەتلىك سوۋغاتنى مەڭگۈ ساقلاش قارارىغا كېلىپ قالدىم.ئەسلى بىر ئۇچۇم تۇپراقنىڭ ئورنىغا كەلگەن ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئېغىزىنىمۇ ئاچمىدىم. ئېچىپ قالغان بولسام نېمە بولاتتىكىن دەيمەن.

ئۆيۈمنىڭ بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىغا تىنچ ئولتۇرۇپ قۇلاق سېلىپ باقىمەن، چۈنكى ئادەم ئولتۇرمىغان ئۆيدە جىن ئۇۋا تۇتارمىش، ئەگەر جىن ئۇۋا تۇتقان بولسا پاراڭلىرىنى ئاڭلاپ باقارمەن دېگەن ھەرقانچە تىڭشىساممۇ ئاۋاز ئاڭلىمىدىم. شۇنىڭغا قارىغاندا ئۇۋا تۇتمىغان ئوخشايدۇ.

بلوگۇم مىنىڭ مۇڭدىشىم…روھچىن

 

يازما ئاپتورى:

يازغانلىرىم باشقىلارنى يىتەكلەش، ھەقىقەتكە قايتۇرۇشتەك ئۇلۇغ ئىشلارنى مەقسەت قىلمىغان. مەن پەقەت ھېس قىلغانلىرىمنى ھىكايە، نەسىر، خاتىرە شەكىلدە يېزىپ قالدرۇماقچى. بۇ مەۋھۇم دۇنيانى رىئال دۇنيادىن تېپىلمىغان سىرداش، مۇڭداش قاتارىدا كۆرۈپ قۇرساق كۆپۈكلىرىمنى،ئىچ پۇشۇقلىرىمنى، دەرت-ئەلىمىمنى تۆكۈپ ئىچىمنى بۇشاتماقچى. . . يازمىللىرىم يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىگىمۇ تەڭ يوللىنىدىغان بۇلۇپ يازمىللىرىم ھەققىدىكى نۇرغۇن ئىنكاسلارنى مەزكۇر مۇنبەردىن كۆرەلەيسىز ئۇيەردىكى نامىم رەھمەتۇللاھدۇر . [ يەتتە قىز مۇنبىرى ]

دىۋان يوق,سافادا ئولتۇرامسىز؟!

  1. پاراسەت
    ۋاقىت: 2013- يىل 1- ماي 23:45 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    ئوقۇپ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە ئۆزۈمچە بىر ئىنكاس يازغۇم كەپقالدى. بىر چاغلاردا «ئارچا ياپرىقى»نى ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىمدا،مۇنداق بىر مىسرالارنى يادلىۋاپتىكەنمەن:
    «قارايمەن بىر ئۆمۈر تەلمۈرۈپ، كۆكتىكى قول يەتمەس يۇلتۇزغا……….» بۈگۈنكى كۈنلەرگە كەلگەندە،ئوخشاش مىسرالارنى خاتىرەم بەتلىرىگە قانچە قېتىملاپ يازغىنىمنى بىلمەيمەن.
    ئىدىغۇ بۇ يۈرەك شۇنچىلىك بەردەم،
    ھەم يوقتى بۇ باشتا بۇنچىۋالا غەم.
    تۇيدۇرماي بىر سايە چۈشتى كۆڭۈلگە،
    ھەسرەتتە قۇرىماس كىرپىكلەردە نەم. :oops: :oops:

ئىنكاس يېزىش

ئېلخەت ئاشكارلانمايدۇ. بەلگە * بارلىرىنى چوقۇم تولدۇرۇڭ

*
*