1

مىنى كەچۇرۇڭلا

بالىلىق ئادەمنىڭ غۇبارسىزلىققا تولغان، ئەركىنلىك، ئىختىيارلىققا تولغان بىر دەۋىردۇر.دوستلۇق،-دۈشمەنلىكىمىز ئىنىق، مۇھەببەت-نەپرىتىمىز ئاشكارە باتۇرلۇق، ئاق كۈڭۈللۈككە تۇيۇنغان ۋاقتىمىزدۇر.
ئاچچىقىزمىنى كەلتۈرسە «ئەمدى سەن بىلەن ئوينىمايمەن» دىيەلەيتتۇق، كەچۈرۈم سورىسا ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئوينىتالايتتۇق.
قانداقلا بالا بولسا بىريەرگە كەلسەكلا دوس بۇلۇپ قالالايتتۇق.

دۇكاننى ئېچىۋېتىپ پۇلات تۇرسۇننىڭ «بالىلىقنى سېغىنىپ» دىگەن ناخشىسى بالىلىقتىكى ھاياتىمغا قايتۇرۇپ كەتتى. شەرەپلىك ئۆتكەن بۇدەۋىردىكى بەزى ئىشلارنى ئويلاپ كۆڭلۈم غەش بولدى . . .  بەزىللىرى ئۈچۈن كەچۈرۈم سوراي دىسەم كىچىكىپتىمەن. بىر نەچچە دوستۇم بالىلىقنى تۈگۈتۈش بىلەن تەڭ ھاياتلىقنىمۇ تۈگۈتۈپ كىتىپ قاپتۇ.
ئۈستەلنىڭ تارتمىسىنى ئاختۇرۋېتىپ چىش چوتكىسىنى كۆرۈپ قالدىم. ئىھتىمال چىش چوتكىسىنى كۆرۈپ باقمىغان ۋاقىتلىرىم بولساكىرەك، ئۈزى كىچىك، قىلى يۇمىشاق بۇ نەرسە تۇلىمۇ چىرايلىق كۆرۈنۈپ كەتتى. ئۇبدان ئوينايدىغان نەرسىنىڭ چىققىنىغا خۇشال بۇلۇپ باققا ئەچىقىپ يەرنى كۆلاپ، قىلى بىلەن يەر سۈپۈرۈپ ئوينىدىم.  شۇنداق قىلىپ بۇ كىچىك سۈپۈرگىنى سۇندۇرۋېتىپ تاشلىۋېتىپ كىردىم.
ئىككى كۈندىن كىيىن ئانامنىڭ چىشى ئاغرىپ كىتىپتۇ. چىشىنى چوتكىلىماقچى بۇلۇپ ئىزدەپ تاپالماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن مىنى چاقىرىپ سورىدى. بۇ ئۆيدە نەرسىلەرنى بۇزۇدىغان، تىقىپ قويغان نەرسىلەرنى تېپىۋېلىپ چۇۋۇپ تاشلايدىغان، چاپتىكەش بالىدىن مەن بىرسىلا بارئىدىم. قايسى بىرى بىرنەرسىسىنى تاپالمىسا مىنى قورقۇتۇپ ئىخرا قىلدۇراتتى.مەن تېنىپ تۇردۇم. ئانامنىڭ ئاچچىقى راسا كەپتىكەن ئۇتۇن يارىدىغان پالتىنى ئەكىرىپ ئالامەت قورقۇتىۋەتكەنتى. مەن شۇ ۋاقىتتا «مىنى راسلا چېپىۋىتىدىغان ئوخشايدۇ» دەپ بەك قورققانتىم.
جېنىم ئانا مىنى كەچۈرۈڭ ! خاپا بولماڭ ! ئۇ نەرسىنىڭ سىزگە ئۇنچىۋىلا قىممىتى بارلىقىنى ئەسلا بىلمايدىكەنمەن. شۇ ۋاقىتتا مىنى ئۇرغىنىڭىز ئېسىمدا بار ئەمما ئۇنىڭدىن بەكىرەك سىزنىڭ چىشىڭىزنىڭ ئاغىرقىغا چىدىماي ۋايسىراپ كەتكىنىڭىز تېخىمۇ ئىسىمدە قاپتۇ. شۇڭا مىنى ئۇرغىنىڭىزنى ئۈزۈمگە ھەقلىق ! مەن ئۇنىڭدىن ئىككى دۇنيا رازى . . .  سىزمۇ ئوغلىڭىزنىڭ بەڭۋاش، چاپتىكەشلىكىدىن رازى بۇلارسىزمۇ ؟ بۇيەردە تىلغا ئالغىنىم بىرلا ئىش بولسىمۇ سىزنى بىئارام قىلغان ۋاقىتلىرىمنى ئۈزۈممۇ ساناپ بۇلالمايمەن. ئانا مىنى كەچۈرۈڭ !

دادا سىزنىڭ نەچچە ھەپتە ۋاقىت سەرىپ قىلىپ ئىشىپ چىققان يۇڭ ئارغامچىڭىزنى كىسىۋەتكىنىمنى ئۇنتۇپ قالمىدىم. نىمانچىۋىلا بەڭۋاش بالا بولغىيدىم دەپ قالىمەن. قۇلۇمغا بىر كىۋەزۈن چىقىپ قاپتىكەن. كارۋات، تۈگۈرۈكلەرنى چاناپ چىقتىم. چۈنكى كىۋەزۈن بەك ئىتتىك بۇلۇپ نەگە سالسام پېتىپلا قالاتتى. شۇ قاتاردا كارۋات ئۈستىدە تۇرغان ئارغامچىنى بىر قۇيۇپلا ئۈچ يەردىن ئۈزۈۋەتكەنتىم.
شۇ ۋاقىتتا سىزنىڭ «بىزدە نىمە ئۈچۈڭ بار !ئۆيدىكى نەرسىلەر سىنىڭ كاساپىتىڭدىن بىركۈن ساق تۇرالمايدۇ » دىگىنىڭىز ئىسىمدە بار . دادا سىلەردە ئۆچۈم يوق. لېكىن، بەڭۋاشلىق، كىۋەزۈننىڭ ئىتتىكلىكىدىن چىققان ھوزۇرغا قىززىقتۇرۇپ شۇندا قىپ ساپتىكەنمەن. سىزنىڭ ئالدىڭىزدىكى چاپتىكەشلىكلىرىممۇ ئاز ئەمەس مىنىڭ كەچۈرۈڭ ! بالىڭىزنىڭ بەڭۋاشلىقىنى كەچۈرۈڭ !
ئاكا سىزنىڭ تەستە پۇل يىغىپ سېتىۋېلىپ سېلىشقىمۇ كۈزۈڭىز قىيماي ئۆيدە قۇيۇپ قويغان سائىتىڭىزنى تېپىۋېلىپ ئاۋۋال ئىچىنى كۆرۈپ باقماقچى بۇلۇپ ئاچقىنىم، كەينىدىن نۇرغۇن نەرسىللىرىنى يۈتتۈرۈپ قۇيۇپ سائەتنى قۇراشتۇرالماي ئۆستەڭگە تاشلىۋېتىپ سىزنىمۇ بەك جىلە قىلغانتىم . مىنى كەچۈرۈڭ ! قۇلىڭىزغا نەچچە سائەت تاقاپ قويدىميۇ نىمىشقىكىن ھېچ قايسىسى ئاشۇ سائەتنىڭ ئورنىنى باسالمايدىغاندەك تۇيلىدۇ. تەربىيە قۇبۇل قىلماس، بەڭۋاش بالىغا ئاكا بۇلۇپ قالغىنىڭىز سەۋەپلىك دائىم بىرنەرسىللىرىڭىزدىن ئايرىلىپ قالاتتىڭىز. . . شۇنداقتىمۇ مىنى ئۇرمايتتىڭىز . . . بىر قېتىم گەپ تالىشىپ قېلىپ سىزنى تازا ئۇرۇپتىمەن. سىز جىم تۇرۋالسىڭىز «مەندىن قورقىدۇ ،كۈچى يەتمەيدۇ» دەپ قاراپتىمەن.  نىمە دىگەن ئەخمەقلەرچە خىيال ھە-بۇ . «مىنىڭ ئۇكام، ئۈزى كىچىك» دەپ يول قۇيۇپ جىم تۇرۋالغىنىڭىزنى ئۇققىنىمدا كانىيىمغا قىلتىرىق قادىلىپ قالغاندەك بىئارام يۈردۇم.

بائىممە سىنىڭ ھاياتىڭدىكى تۇنجى ياخشى كۆرگەن ئادىمىڭ ئىكەنلىكىمنى بەك كىچىكىپ ھېس قىلدىم . چۈنكى سەن تۇنجى «مەن ساڭا كۈيۈپ قالدىم» دىگەندە ئاران 12 ياشتا ئىكەنمەن. مەن سىنى شۇ ۋاقىتتا «جالاپ»، «بۇزۇق» دەپ تىللىغانتىم. چۈنكى سەھرادا ئۇغۇل بالىغا گەپ قىلغان، سالام خەت يازغان قىزلارنى جالاپ دەيتتۇق. لېكىن سەن ئۈن-تىنسىز تۇرغانتىڭ. مۇشۇنداق ئاھانەتكە سەۋىر قىلدۇرغان ئاشۇ سەبى قەلبىڭدىكى مۇھەببەت ئىكەن ئەمەسمۇ ؟ سەن شۇ ۋاقىتتا 14 ياشتا ئىكەنسەن، سەندىكى بۇنچىۋىلا قىزغىن، جۈرئەتلىك مۇھەببەت تۇيغۇسى نەدىن كەلگەن بولغىيدى. مىنىڭ نەزىرىمدە 14 ياشلىق قىزلار مۇھەببەت دىگەن گەپنىڭ نىمىلىكىنى ئۇقمايدۇ دەپ ئويلايدىكەنمەن. سىنىڭ مۇھەببىتىڭنىڭ ھەقىقى ئىكەنلىكىنى 4 يىلدىن كىيىن ھېس قىلدىم. چۈنكىن سەن 4 يىلدىن كىيىنمۇ يەنىلا ماڭا قىزغىن ئىپادە بىلدۈرگەنتىڭ ! ماڭا«  5يىل بولدى، ئۈزۈمنى زىلەيخا سىزنى يۈسۈپ بىلىپ سىزنى ساقلاپ كىلىۋاتىمەن» دىگەنتىڭ ! سىنىڭ مۇھەببىتىڭنىڭ چىنلىقىنى بىلگەن بولساممۇ يەنىلا پەرۋا قىلمىغانتىم چۈنكى قاتتىق ئىشتىياق بىلەن ئۇقۇۋاتقان ۋاقتىم ئىدى. مۇھەببەت دىگەن بۇ نەرسە ئادەمنى زەھەرلەيدىغان نەرسە دەپ قاراپتىكەنمەن. سەن ماڭا «يۈرەك ئوغىرسى» دەپ بىر شىئىرلار تولىمىنى سوۋغا قىلدىڭ ۋە ئۈزىگىمۇ بىرە نەرسە سوۋغا قىلىشىمنى تەلەپ قىلدىڭ مەن مەجبۇرلانغاندەك تۇيغۇدا ئىككى يۈۋەنگە بىردانە خاشۇ بولوپكا سوۋغا قىلدىم. ۋە شۇندىن بىرى ساڭا كۆرۈنمەي يۈردۈم. سەن دائىم ئۆينىڭ ئالدىدىكى ئۆستەڭ بۇيىغا چىقىپ بىزنىڭ ئۆيگە قاراپ ئولتۇراتتىڭ. ئۆيدىكىلەر «بائىممەڭ سىزنى ساقلاۋاتىدۇ» دەپ كۈلۈشۈپ كەتكەندە سەندىن نۇمۇس قىلىپ ئۆيدىن چىقماي ئولتۇرۋاپتىكەنمەن.
كىيىن توي قىلدىڭ بىريىلدىن كىيىن ئېغىر پالەچ بۇلۇپ قالدىڭ ! 4 يىل پالەچلىك كىسىلىنڭنىڭ دەردىنى تارتقاندىن كىيىن قازا قىلىپ كەتتىڭ ! سەن قازا قىلىشتىن ھەپتە ئىلگىرى ئانام كۆرگىلى كىرگەندە مىنى سوراپسەن «ئۆيدە بار»دىگەندە «بىر كىرگەن بولسا بىرقېتىم كۆرۋالغۇم بار ئىدى. بۈگۈن ئەتىنىڭ ئىچىدە ئۆلۈپ كىتىدىغاندەك تۇرىمەن»، دەپتىكەنسەن ئانام چىقىپ كىرىلى دىسە بۈگۈن ئەتە دەپ ۋاقىت ئۆتكۈزۈپ ئاخىرى سىنىڭ نامىزىڭغا چىقتىم.
سەن قازا قىلىپ بىرە ئايدىن كىيىن ئىنىڭ «ئاچام مەن قازا قىلىپ كىتىپ قالسام بۇنى يۈسۈپجانغا بىرىپ قويغىن» دەپ بىر لىپاپىنى بەردى. ئاچسام بىر نەچچە پارچە خەت بىلەن ھېلىقى بولوپكا ئىكەن.  بائىممە سىنىڭ ئالدىڭدا كەچۈرۈم سوراشقا ئامالسىز . . .  قەبرە بېشىڭغا چىقىپ سۈرە تابارەكنى تىلاۋەت قىلسام بىلەرسەنمۇ ؟ يۈسۈپۈم چىقىتى دەپ خۇرسەن بۇلارسەنمۇ ؟ ئالدىڭدا كەچۈرۈم سوراشقا ئامالسىزمەن.  سوۋغا قىلغان كىتابىڭغا «ئۆيدىكىلەرنى ئەلچىلىككە كىرگۈزۈپ مىنى ئىگىلەپ قۇيۇڭ !سىز تەييار بولغۇچە ساقلايمەن »دەپتىكەنسەن ! ئۆيدىكىلەرمۇ «بائىممە بەك ئاۋارە بۇلۇپ كەتتى ئىگىلەپ قۇيامدۇق» دىسە پەرۋايىمغا ئالماپتىكەنمەن.
بۇ پاجىئەگە كىم سەۋەپچى ؟ كىمنىڭ خاتالىقى ؟ كىمنىڭ نادانلىقى بىلەن ھاياتىڭ سېغىنىش ئىچىدە تامام بولدى.  ئۇ مىنىڭ، بالىلىقىمنىڭ، سەبىلىكىمنىڭ سەۋەبىدىنمۇ ؟ بۇ غۇبارسىز بالىلىق بىر ئادەمنىڭ قاتىلىغا ئايلاندىمۇ ؟ چۈنكى سەن خېتىڭدە ئۆزۈڭنىڭ ياتلارغا قىلىنغان مەجبۇرى تويغا، مىنى ئۇنتىيالماي جېنىڭ قىينىلىپ بەرداشلىق بىرەلمەي قىلىپ سالغان بەزى ئىشلىرىڭنىڭ كىسىلىڭگە سەۋەپچى بولغانلىقىنى يېزىپتىكەنسەن.  مىنى كەچۈرەمسەن بائىممە ؟ تۇنجى مۇھەببەتنىڭ زەربىسى ھەممە ئادەمگە ئېغىر كىلىدۇ. ئەمما، سىنىڭدەك پاجىئەگە قويماس . تۇنجى مۇھەببەتنىڭ بەدىلىنى سەندەك تۈلەپ كەتمەس.  ئاشۇ 11-12 ياش ۋاقتىمدا ئۆيۈڭگە تىلىۋىزور كۆرۈشكە كىرمىسەم بۇپتىكەن. پاجىئە ئەنە شۇيەردىن باشلانغان !
مىنى كەچۈر بەلكىم بۇ ئەفۇنى قەبرە بېشىڭدا تۇرۇپ سورىسام بەكىرەك توغرا بۇلار . . .

قۇيۇش كونوپكىسىنى بېسىڭ !

مەلىمخان ئانا مىنىڭ ھاياتىمدىكى ئەڭ باي ئادەم سىز ئىدىڭىز . سىز بىر تول خۇتۇن ھەم نامرات بولسىڭىزمۇ تۇنجى 10 يۈۋەنلىك پۇلنى سىزنىڭ ئۆيىڭىزدە كۆرگەنتىم. سىزنىڭ بايلىقىڭىزنى بۇلاش مەقسىتىدە يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆيىڭىزگە كىرسەم ئۆيدە ئادەم يوق. سىزنىڭ پۇلنى كىگىزنىڭ قېتىغا تىقىپ قۇيدىغىنىڭىزنى بىلەتتىم . كىگىزنى ئۆرىسەم بىرمۇنچە پۇل باكەن 15 يۈەننى ئېلىۋېلىپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتىم. ۋە بالىلارغا ئۈلەشتۈرۈپ بەردىم. ئۈزۈمچە بايلارنى بۇلاپ نامراتلارنى يۈلىگەن بىر قەھرىمان بولغان ئىدىم. سىزنىڭ بالىڭىز بولمىغاچقا مىنى ئۆزبالىڭىزدەك كۆرەتتىڭىز .شۇنداق قىلىپ ئۆيىڭىزگە كىرىپ چىقىپ يۈرۈپ نەچچە يىل ئۆتتى .ھەرقېتىم سىز يوق ۋاقىتتا كىرسەم پۇلىڭىدىن 15-20 يۈەننى ئېلىۋالاتتىم. چوڭ بۇلغانسىرى بۇ ئىشنىڭ ئوغۇرلۇق ئىكەنلىكىنى بىلىپ سىزگە راستىنى دىيىش نىيتىدە يۈرگەندە بۇگەپنى ئۆزىڭىز دىدىڭىز. ئەسلى مىنىڭ قانچە قېتىم، نەچچە پۇل ئالغىنىمنى بىلىپ تۇرۇپتىكەنسىز. ئەمما سىزگە شۇنچىلىك يېقىن يۈرگىنىمدىن خۇشال بۇلۇپ رازى بۇلۇپتىكەنسىز ؟ پۇلىڭىزنى ئۆزۈمنىڭ چېغىدا تۇلۇقلاپ قايتۇرۇپ بىرىمەن دەپ يۈرگەن كۈنلەردە سىزمۇ كىتىپ قالدىڭىز .گەرچە ئۆزىڭىز رازىلىق بەرگەن بولسىڭىزمۇ ئاشۇ ئىشىم ئۈچۈن دائىم خىجىل يۈرىمەن. « ئۆلسەك بېشىمىزغا دۇئا قىلارمىكىن دەپ ئۇقۇتتۇق.  مىنىڭ قەبرەمنى يوقلىغۇدەك ھېچ نىمەم يوق.  سىز يوقلاپ تۇرڭ بالام» دىگەن دۇختۇرخانىدىكى ئاخىرقى كۈنلىرڭىزدىكى گەپلىرىڭىز مىنى يېزىغا ھەر بارسام قەبرىستنالىققا  ئالدىرتىدۇ. بالىڭىزنىڭ ئوغۇرلىقىغا رازى بۇلۇڭ مەلىمخان ئانا . . .

ئابلەھەت ئادىشىم سەن ئۇنتۇدۇڭمۇ ئەمەسمۇ بىلمەيمەن ئەمما مەن ئۇنتىيالمىدىم. ھايات بولغان بولساڭ ئالدىڭغا نەچچە بارار ئىدىم. ئەمما سەن تۇلىمۇ ئېچىنىشلىق ھالدا كىتىپ قالدىڭ ! سىنىڭ ئۈلۈمىڭگە بىۋاستە نامراتلىق سەۋەپ بولدى دەپ قارايمەن.
بىرخالتا ئۇغۇتنى ئەسلى 4 مو يەرگە چاچىدىغان ئىش ئىكەن. سەن ئۇقماي ئىككى مو يەرگىلا چېچىۋېتىپسەن . ئاران ئالغان بىرخالتا ئۇغۇتنىڭ يەرنىڭ يېرىمىغىمۇ يەتمىگەنىنى كۆرگەن داداڭ سىنى ئۇغۇل بالا دىمەستىن قاتتىق ئۇرۇپتۇ. قانداقلا بولمىسۇن 16 ياشقا كىرىپ قالغان ئىدىڭ ! بۇ ئاھانەتكە چىدىماي چاشقان دورىسى ئىچىۋاپسەن. لېكىن چاشقان دورىسىڭ قىينىقىغا چىدىماي خوشناڭغا يالۋۇرۇپسەن ،خوشناڭ موتوغا مىندۇرۇپ دۇختۇرخانىغا ئېلىپ ماڭغاندا قازا قىپسەن يېزىلىق دۇختۇرخانىغىمۇ 8 كىلو مىتىر كىلەتتى ئەمەسمۇ ؟
سىنىڭ قارامتۇل چىرايىڭ، دورداي كالپۇكۇڭ ، ۋىجىك بەدىنىڭ خاتىرەمدە بەك ئىنىق ساقلىنىپ قاپتۇ. قانداقلا بولمىسۇن سەن بىلەن 4 يىل باشلانغۇچتا بىللە ئۇقۇدۇق ئەمەسمۇ ؟
شۇ ۋاقىتتا جاڭگالدا كالا ھەيدەپ ماڭغان يەردە سىنى خوشنامنىڭ بالىسى ئابدۇللا ئەمەر بىلەن ئۇچۇرتىپ قالدۇق. شۇنىڭ بىلەن مەكتەپتە بىزنى بۇزەك قىلغان دەپ سىنى ئىككەيلەن تازا ئۇرۇپتۇق شۇ ئىشتىن ئىككى ئاي ئۈتۈپ ئۈلۈمىڭنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلىدىم.
مىنى كەچۈرگىن ئاداش ئەسكىلىكىمنى كەچۈرگىن . . . بىز ئاداش ئىدۇق .
ئاھ . . .  جىنايەتكە تولغان بالىلىق، گۇناھكار غۇبارسىزلىق، سەبىيلىك ! ئويلاپ باقسام كەچۈرۈپ سورايدىغانلىرىم بەك جىقكەن . . .  بۇنداق يازغىلى تۇرسام ئايىغىنى چىقىرالايدىغاندەك ئەمەس . . . بېشىم تۇپراقتا . . . يېشىم تۇپراقتا . . . مىنى كەچۈرۈڭلا !

يازما ئاپتورى:

يازغانلىرىم باشقىلارنى يىتەكلەش، ھەقىقەتكە قايتۇرۇشتەك ئۇلۇغ ئىشلارنى مەقسەت قىلمىغان. مەن پەقەت ھېس قىلغانلىرىمنى ھىكايە، نەسىر، خاتىرە شەكىلدە يېزىپ قالدرۇماقچى. بۇ مەۋھۇم دۇنيانى رىئال دۇنيادىن تېپىلمىغان سىرداش، مۇڭداش قاتارىدا كۆرۈپ قۇرساق كۆپۈكلىرىمنى،ئىچ پۇشۇقلىرىمنى، دەرت-ئەلىمىمنى تۆكۈپ ئىچىمنى بۇشاتماقچى. . . يازمىللىرىم يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىگىمۇ تەڭ يوللىنىدىغان بۇلۇپ يازمىللىرىم ھەققىدىكى نۇرغۇن ئىنكاسلارنى مەزكۇر مۇنبەردىن كۆرەلەيسىز ئۇيەردىكى نامىم رەھمەتۇللاھدۇر . [ يەتتە قىز مۇنبىرى ]

ئىنكاس يېزىش

ئېلخەت ئاشكارلانمايدۇ. بەلگە * بارلىرىنى چوقۇم تولدۇرۇڭ

*
*