ئۈزىڭىزنى كائىناتنىڭ گۈزەللىكىدىن ھوزۇرلانغۇچى، رەزىللىكىدىن ئىبرەت ئالغۇچى، ياراتقۇچىنىڭ سەنئەت ئەسىرىدىن ھوزۇرلانغۇچى، دەپ قارامىسز؟
ئۈزىڭىزدە ئۆزگىلەرنىڭ ئۆزگىچە تەەسەۋۋۇرىدىن بارلىققا كەلگەن، ئۆزگىچە ئەسەرلىرىنىڭ ئۆزگىچىلىكنى بايقىغۇدەك ئىقتىدار بار، دەپ قارامسىز ؟
شۇنداق ! مەۋجۇتلا بولغان نەرسە بىر سەنئەت ئۇنىڭ ئۆزگىچە بىر گۈزەللىك تەرپى بۇلىدۇ. دىققىتىمىزنى يىغىپ ئىنچىكە كۆزەتكىنىمىزدە ئاپتۇرنىڭ بىزگە نىمە دىمەكچى بولغانلىقىنى ئاز-تۇلا تەسەۋۋۇر قىلالايمىز.
ھەربىر مەۋجۇدات بىر دۇنيا، ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى كۆزەتكىنىمىزدە بىزنىڭ تەسەۋۋۇرىمىزغا سىغمايدىغان نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلىمىز. ئەنە شۇ ئاجايىپ ئۆزگىچە ئىچكى دۇنيانىڭ تەلپۈنۈشلىرى سىرتقى دۇنياغا بىرئەسەر بۇلۇپ تۇغۇلىدۇ. بىزئەنە شۇئەسەر ئارقىلىقلا ئاپتۇرنىڭ تەلپۈنۈشلىرىنى ھېس قىلالايمىز.
لېكىن، قانداق كۈزىتىش، قانداق يەكۈن چىقىرىش، ھەربىر ئادەمنىڭ كۈزىتىش ئۇسۇلىغا، ئىقتىدارىغا باغلىق.
ئەمدى ئوتتۇرغا تاشلىماقچى بولغىنىم، ئەرەپ پۇتۇگراپلىرىنىڭ بىرقىسىم ئۆزگىچە تەسەۋۋۇر بىلەن مەيدانغا كەلگەن سۈرەت ئەسەرلىرى. سىزگە قانداق تەسىرلەرنى بىرىدۇ، بىلمەيمەن .
ئەگەر سىزگە بەرگەن تەسىراتلىرىنى مەن بىلەن ئورتاقلىشىشنى خالاپ قالسىڭىز ئۇنداقتا ئۇ مىنىڭ يەنىمۇ مەدداھلىق قىلىۋېلىشىمغا بىر پۇرسەت بۇلىدۇ.
مەرۋەرى
روھچىن
روھچىن
پاراسەت
دەرىزە
پاراسەت
ئەلتەر
مەرۋەرى