گۈل ℃503

Gul

ئىسسىقتا تەرلەپ-پىشىپ ئاران كەلسەم دۇكاندا باشقا بىرنەرسە تۇرىدۇ. ۋىۋىكىسىغا قارىسام ئىلگىركى« تىيەن تىيەن گۈل دۇكىنى » دېگەن ۋىۋىسكا، « يىڭى دەۋىر چالغۇ ئەسۋاپلىرى» دىگەن ۋىۋىسكىغا ئالمىشىپ قاپتۇ. كاساپەت ! دېدىم ئىچىمدە ، ئەتتىگەندىن بىرى شەھەرنىڭ كۆپرەكىنى ئايلىنىپ چىقتىم. ئەجەبا، بۇ ۋىلايەت دەرىجىلىك مەكىزى شەھەردىمۇ بىر گۈل دۇكىنى تاپقىلى بولماسمۇ ؟ ئويلاپ باقسام شەھەرنىڭ يەنە بىر تەرپىدە بىر يەردە ئىككى دانە گۈل دۇكىنىنىڭ بارلىقى ئىسىمگە كەلدى-دە شۇ تەرەپكە قاراپ يول ئالدىم.


شەھەرگە چوڭ كۆلەملىك «يەرئاستى بازار» چىقىرىمىز دەمدۇ ياكى «زامانىۋى ماشىنا توختىتىش مەيدانى» دەمدۇ ئىشقلىپ يوللارنىڭ كۆپ قىسمىنى تۇسۇپ، نۇرغۇن يوللارنى تاق يۆلىنىشلىك قىلىۋەتتى. شۇندىن بىرى شەھەر ئىچىدە ماشىنا بىلەن مېڭىش ئۇبدانلا ئاۋارچلىق بولدى.
بىر يوللاردىن كىتىپ بارساڭ «تاق يۆلنىشلىك يولغا خاتا كىردى»ڭ دەپ 100 يۈۋەن جەرىمانە ئېلىۋاتقان. بىر يەردە ماشىنا قويساڭ «قائىدىگە خىلاپ توختاتتىڭ» دەپ 200 يۈۋەنلىك جەرىمانە تالۇنى يېزىۋاتقان. نۇرغۇن يەرلەردە 500 مىتىر يولنى مېڭىش ئۈچۈن قىستاڭچىلىقتىن ئۆتۈپ بولغىچە 30 مىنۇت ۋاقىت كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن يېقىندىن بىرى شەھەر ئىچىدىكى يوللارغا پىيادىلا ماڭىدىغان بولدۇم. موتو ئۇبدانلا ئەسقاتاتتى. لېكىن، مەن كىلىشىپ بۇلالمىدىم.
گۈل دۇكىنىنىڭ ئالدىغىمۇ كىلىپ قالدىم. قارىسام ئىشىكنى يۇغان بىر زەنجىر قۇلۇپ بىلەن قۇلۇپلاپ قۇيۇپتۇ. ياندىكىسىنىڭ ئىشىكى ئۇچۇقكەن ئىچىگە كىرسەم ھېچكىم يوق. ئەتىراپنى يوقلىدىم، دۇكان خوشنىلاردىن سورىدىم، ھېچكىم ئۇقمايدىكەن. ئالاھەزەل يېرىم سائەتتەك تۇرۇپ كەتتىم. كىتەي دىسەم بۇندىن باشقا يەنە نەدە گۈل دۇكىنىنىڭ بارلىقىنى بىلمەيمەن.
بىردىنلا جۇدۇنۇم ئۆرلەشكە باشلىدى، ئەجەبا بۇ خوتەن خەلقى گۈلنى گۈلقەن سېلىشتىن باشقا ئىشقا ئىشلەتمەمدۇ ؟ خوتەندە گۈلنى ياخشى كۆرۈدىغان ئادەم يوقمۇ ؟ ئۇيغۇرنىڭ ئاچقان گۈل دوكىنىغۇ يوق. خەنزۇلارنىڭ دوكىنىدىنمۇ ئەتتىگەندىن بىرى ئۈچ دۇكاننى يوقلىدىم. ھەممىسى تاقاق. ئاران ئۇچۇقتىن بىرنى تاپسام ئادەم يوق ! خەپ «خوتۇن ئالسام چوڭ قىلىپ گۈل دوكىنىدىن بىرنى ئېچىپ بەرمىسەم، ھېچكىم گۈل ئالمىسا گۈل بېقىپ بولسىمۇ ئولتۇرامىزا . . . »
دوكاننىڭ ئىچىدە توختىماي مېڭىۋاتسام، تەتەيدىن بىرسى ھىجىيىپ كىردى. توڭلىتىش ساندۇقىدىن قىزىل ئەتتىرگۈلدىن بىرنى ئالدىم ۋە ئالدىن تەييارلىۋالغان سوغاتلىق قاپقا سېلىپ ئېغىزىنى ئەتتىم.
بۇ ماڭا ئاران كەلگەن پۇسەت ئىدى. شۇڭا، بۇ قېتىم ئۇنىڭغا چۇقۇم تەسىر قالدۇرغۇدەك بىر ئىش قىلىشىم كىرەك. قىزلاردىن گۈلنى ياقتۇرمايدىغىنى بولمىسا كىرەك. قاپنىڭ ئىچىدىن چوغدەك يالقىلداپ تۇرغان ئەتتىرگۈل ۋە نەۋائى ھەزىرەتلىرىنىڭ كىتاۋى ئۇنىڭ يۈرەك باغرىنى تېتىرتەلىسە ئارزۇيۇم شۇ ئىدى.
تېلفۇننى ئالدىراش دەۋەردى تېلفۇن ئۇرغاچ مېڭىپ ئۆيگىمۇ كىلىپ قالدىم. نىمانچىۋىلا سۆزلىشىدىغاندۇ ؟ يا تىجارەتچى بولمىسا سىستىرا دىگەننىڭ ئۇنچىۋىلا كۆپ ۋاختىمۇ بولماس 40 مىنۇت بۇلۇپ قاپتۇ . شۇنداق تۇرشۇمغا تېلفۇننى قايتۇردى.
-سىزگە بىر نەرسە تەييارلىغان ئىدىم-دېدىم تەمتىرەپ.
-نېمە تەييارلىغان ئىدىڭىز ؟
-كۆرگەندە بىلىڭە ؟
-دىمىسىڭىز ئالمايمەن.
-گۈل.
-گۈل؟
-ھەئە گۈل .
- نىمە گۈل ؟
-بىرتال ئەتتىرگۈل ئىدى.
-گۈللىما ؟
-ھەئە
-نىمە قىلىمەن گۈلنى ؟قىز بالىدەكلا مىجەزىڭىز بارئىكەن. ئۇغال بالىدەك بىر ئىش قىلمامسىز ؟ بىر تال گۈلنى ماڭا سوۋغا قىلىسىز، مەن ئۇنى پۇراپ قۇلۇقۇمغا قىسىپ يۈرىمەن. قايسى جاھان، قايسى دەۋىر ھازىر قىز بالىنى قوغلىشىشقىچۇ ؟ يۈرەك، پۇل، يول كىتىدۇ. بىرتال گۈلگە قىز بالا گوللايدىغان كۈن كەتتى. باشقا گىپىڭىز بولمىسا خوش قۇيۋەتتىم.
دۇت-دۇت قىلغان ئاۋاز بىلەن تېلىفۇن ئۆزۈلدى. ئۆزۈمنى دۇنيانىڭ بىر بۇرجىكىگە تاشلىۋىتىلگەن ئەخلەتتەكلا ھېس قىلىپ قالدىم. بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلالمىدىم. قۇلۇمدىكى قاپنى دېرىزىدىن قارىتىپ ئاتتىم.
ئەستا. . .  بۇ 12-قەۋەت ئەمەسمىدى. كەينىدىنلا دېرىزىدىن قارىدىم. قاپ يولنىڭ ئوتتۇرسىغىلا چۈشكەن ئىدى. ئوقتەك كەلگەن ماشىنىدىن بىرى قاپنى مىجىپلا ئۆتۈپ كەتتى. ماشىنىنىڭ شامىلىدا گۈلنىڭ بەرگىللىرى پۇررىدە ئۇچۇپ يولغا چېچىلىپ كەتتى. گۈلدە نىمە گۇناھ ؟ گۇناھ بار دىيىلسە گۈلنىڭ قىممىتىنى ئۇقمايدىغان ھاماقەتلەردە گۇناھ ! «ئېشەككە كۈچۈڭ يەتمىسە ئۇر تۇقۇمنى» دىگەندەكلا ئىش قىلدىمغۇ ؟ گۈلنىڭ چېچىلىپ ياتقان بەرگىگە قاراپ يۈرۈگۈممۇ پارچىلنىپ كىلىۋاتقاندەك بىلىنىپ كەتتى. كەينىدىن پەسكە چۈشۈپ گۈلنىڭ بەرگىنى تىرۋالماقچى بولدۇم. بىراق، ئوقتەك ئۆتەۋاتقان ماشىنىلار بىردەمدىلا تۇزىتىپ بولغان ئىدى. ئەجەبا پارچىلانغان يۈرەكنى مۇشۇ گۈلگە ئوخشاش مەڭگۈ بىريەرگە ئەكەلگىلى بولماسمۇ ؟
گۈلنىڭ يالىڭاچ قالغان بېغىشىنى يۈرۈگۈمگە باسقان پېتى يېنىپ چىقتىم.

يازما ئاپتورى:

يازغانلىرىم باشقىلارنى يىتەكلەش، ھەقىقەتكە قايتۇرۇشتەك ئۇلۇغ ئىشلارنى مەقسەت قىلمىغان. مەن پەقەت ھېس قىلغانلىرىمنى ھىكايە، نەسىر، خاتىرە شەكىلدە يېزىپ قالدرۇماقچى. بۇ مەۋھۇم دۇنيانى رىئال دۇنيادىن تېپىلمىغان سىرداش، مۇڭداش قاتارىدا كۆرۈپ قۇرساق كۆپۈكلىرىمنى،ئىچ پۇشۇقلىرىمنى، دەرت-ئەلىمىمنى تۆكۈپ ئىچىمنى بۇشاتماقچى. . . يازمىللىرىم يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىگىمۇ تەڭ يوللىنىدىغان بۇلۇپ يازمىللىرىم ھەققىدىكى نۇرغۇن ئىنكاسلارنى مەزكۇر مۇنبەردىن كۆرەلەيسىز ئۇيەردىكى نامىم رەھمەتۇللاھدۇر . [ يەتتە قىز مۇنبىرى ]

ھازىرغىچە 2 دوستىمىز قىممەتلىك پىكىرلىرىنى بەردى. سىزلا قالغان ئوخشايسىز !!!

  1. لاچىن
    ۋاقىت: 2012- يىل 16- ئىيۇن 15:23 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    :?: :?: :lol:

ئىنكاس يېزىش

ئېلخەت ئاشكارلانمايدۇ. بەلگە * بارلىرىنى چوقۇم تولدۇرۇڭ

*
*