ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  قەدىرلىك دىلارە !

تىنىڭىز سالامەت، كۈنلىرىڭىز خۇشال ئۈتۈۋاتامدۇ ؟ نىيەتلىرىڭىز رىئاللىققا ئايلىنىپ ، مەقسەتلىرىڭىز ئەمەلگە ئېشىۋاتامدۇ ؟

ئويلايدىغىنىم اللە سىزنى ئىككى ئالەمدە بەخىتلىك قىلسىكەنsmilies .

شۇ تاپتا گىپىمنى نەدىن باشلاشنى، سىز بىلەن ئۇچۇراشقاندىن بىرى قەلبىمنىڭ بىر يەرلىرىدە تىپىرلاپ ئارام بەرمىگەن كۈڭۈل ئىزھارلىرىمنى قانداق تۆكۈشنى بىلەلمەي گاڭگىراش ئىچىدە كومپىيوتىرنىڭ ئالدىدا مۈكچىيىپ  ئولتۇرۇپتىمەن smilies.

شائىر ئەمەسلىكىمنى، گەپ-سۆزنى قاملاشتۇرۇپ ، كىتابى خەت يازالمايدىغانلىقىم سىزگەئايان ئىكەنلىكىنى  بىلسەممۇ يەنىلا بىرەرئېغىز گەپنى ئارتۇق قىلىپ سالسام  مەندىن رەنجىپ قالىدىغاندەك ، ئىنسانى سەۋەنلىكىمنى ئەپۇ قىلمايدىغاندەك  ئەنسىرەش ئىچىدە قالدىمsmilies.

ئۈمۈدۈم : دىمەكچى بولغانلىرىمنى چۈشۈنۈپ رازى بولسىڭىز قەلبىمنىڭ ساپ ئىزھارى، يۈرەك سۈزۈم ئىكەنلىكىنى بىلەرسىز. كۆڭلىڭىزگە تىگىدىغان، سىزنى خاپا قىلىپ قۇيىدىغان يەرلىرى بولسا ئىنسانى سەۋەنلىك قاتارىدا ئەپۇ قىلىۋىتەرسىز .

ئەمىلىيەتتىمۇ سىزنى ئەسلا رەنجىتىپ قۇيۇش خىيالىم يوق . . .

ھېلىمىۇ ئىسىمدە سىزنى دەسلەپ كۆرگەندىلا باشقىچە قارىغان ئىدىم ،گويا ئارلىقىمىزدا بىز يارىلىشتىن ئىلگىرى باغلىنىپ كەتكەن بىر رىشتە باردەك  تۇيغۇغا كەپقالغانتىمsmilies.

كىچىكىمدىن باشلاپ نۇرغۇن قىز-ئاياللارنى كۆرگەن، تۇنۇشقان، پاراڭلاشقان، ھەتتا يېقىندا تۇنۇشقان بەزى قىزلاربىلەن «رىزقىمىز قېتىلىپ قالارمۇ؟» دىگەندەك ئوي بىلەن ئەھۋاللىشىپمۇ باققان، لېكىن، ئاز-تۇلا چۈشۈنشكەندىن باشلاپ ئوتتۇرمىزدا ئاتلاپ ئۆتكىلى بولمايدىغان بىر ئازگالنىڭ بارلىقى، ئۇنىڭ بىلەن رىزقىمىزنىڭ قېتىلىش مۇمكىنچىلىكى يوقلىقى ئايان بۇلۇشقا باشلىدى – دە كۆپ ئۆتمەيلا  ئۆز يۇلىمىزغا راۋان بولغان ئىدۇقsmilies.

دائىم ئويلايتتىم، «ھامان بىر كۈنى مەن بىلەن بىر يولدا ماڭىدىغان بىرى  پەيدا بۇلىدۇsmilies» . . .

سىزنى تۇنجى كۆرۈشۈم ھەقىقەتەن باشقا قىزلارنى كۆرۈشكە ئوخشىمىدى، رىۋايەتتىكىدەك تۇنجى كۆرۈشۈمدىلا ئاشىق بۇپ كەتمىگەن بولساممۇ ئەمما تۇنجى كۆرۈشۈم ئاشۇ ئاشىقلىققا ئۇرۇق سالغاندەك قىلاتتى، سىزگە ئېغىز ئېچىپ كۆڭلۈمدە پەيدا بولغان تۇيغۇلارنى ئورتاقلىشالمىغان بولساممۇ، ئەمما، كۈزىڭىزگە چىدىغۇسىز بىرخىل شىجائەت بىلەن تىكىلەلىگەن كۈزۈم نۇرغۇن گەپلەرنى قىلىۋەتكەن ئىدى، ئىھتىمال سىزمۇ دىمەكچى بولغانلىرىمنى چۈشەندىڭىزsmilies.

ئىككى قەلب تېپىشقان يەردە تىل كۆزگە يۆتكىلىپ كىتىدىكەن، نۇرغۇن گەپلەرنى قىزىرىپ-تاتىرىپ سۆزلەپ ئولتۇرمىساڭمۇ ئىلتىجالىق قاراشلاردىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى چۈشۈنۈپ يىتەلەيدىكەنسەن . . .

شۇ ۋاقىتتىن بىرى روھى دۇنيايىم ئۆزگىرىشكە باشلىدى، بىراۋلارغا تەقدىم ئىتىشقا تىگىشلىك «قول تەگمىگەن مۇھەببىتىم» مەنزىلىگە ئالدىراپ  ئەقىل دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدىن كەتكىلى ئۇنىمىدى . . .

قەلب تۆرەمگە ئىختىيارىسىز، قەرەلسىز، كىلىۋاتقان ئەزىز مىھماننىڭ بەرىكىتىدىن كۈنلىرىم ئۆزگىچە بىر خۇشاللىققا، شىرىنلىككە مۇيەسسەر بۇلىۋاتاتتى smilies. . .

بىراق بۇ ئىشلارنى ئەقىل بىلەن تاسقاپ چىقىش كىرەكتە!؟ ، كۈڭۈلدە پەيدا بولغان شىرىن خىياللارنىڭ كۈچى بىلەنلە بىر مىھماننى تۇتۇپ قېلىشقا بولمايتتىsmilies . . .

مەقسىدىم ھەرگىز جەمىيەتتىكى «مۇھەببەتلىشىش» نامىدا ئېلىپ بېرلىۋاتقان زىنايى-ھارام، ھايۋانى قىلىقلارغا قۇشۇلۇپ ۋاقىتلىق كۈڭۈل خۇشىغا ئېرىشىش ئەمەس ئىدى، مىنىڭ قىلماقچى بولغىنىم قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىسى رەسۇلۇللاھنىڭ يىتەكلىشى ئاستىدىكى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەرىكەت بىرىدىغان اللە رازى بۇلىدىغان ئائىلە قۇرۇش، ئىسلامى ئائىلە قۇرۇش ئارقىلىق ئىسلامى مۇھىت بەرپا قىلىپ ئىماننىڭ ھۈكۈمرانلىقى ئاستىدا ياشايدىغان مۇسۇلمان پەرزەنىت ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈش . . .

شۇنداق كىچىككىنە كۈڭۈل خۇشى ئارقىسىدا مانا مۇشۇنداق ۋەزنى ئېغىر ئەمما شەرەپلىك مەجبۇرىيەت قەد كۈتۈرۈپ تۇراتتى، بۇنى لايىقىدا ئۇرۇنلاش ئۈچۈن ھېسياتنى قايرىپ تۇرۇپ ئەقىل مىزانىدا ئۆلچەشكە توغرا كىلەتتى  ياق! ياق!  ئەقىل مىزانىدا ئۆلچەشلائەمەس شەرىئەت مىزانىدىمۇ  ئۆلچەش كىرەك  ئىدى . . .

ئالا-يېشىل بۇياقلاردىن خالى،  تۇرمۇشنىڭ ھەركۈنلۈكى پەيدا بۇلۇپ تۇرىدىغان  تۈرلۈك-تۈمەن ئىشلىرىنى تۈگۈتۈپ كىلىۋاتقان قۇلىڭىزدىنلا تۇرمۇشنىڭ ئاش-تاماق ئىتىش،كىر-قات يۇيۇش، ئۆي-ھويلىلارنى تازىلاشتىن ئىبارەت، تۇرمۇشتىكى بىر ئايالنىڭ ئاددى، ئەمما ئۇلۇغ خىزمەتلىرىگە قانچىلىك پىششىق ئىكەنلىكىڭىزنى ھېس قىلغىلى بۇلاتتى smilies. . .

دىمەك سىزدە بالىلارغا خاس بولغان تەنتەكلىك، كىچىكلىك يۇقۇلۇپ تۇرمۇشنىڭ كۆرۈنمەس داۋانلىرىدىن ئاشالىغۇدەك سالاھىيەت ھازىلانغان ئىدى.

گەپ-سۆز دىكى ئىلمىلىكىڭىزدىن، يۈرۈش- تۇرۇشىڭىزدىكى تەبئىلىكىڭىزدىن، قىياپىتىڭىزدىكى ئېسىللىكىڭىزدىن، مۇسۇلمانننىڭ پەرزەنتىلىكىڭىزدىن، ئىسلامى ئىتىقادىڭىزدىن سىزنىڭ قانداق قىز ئىكەنلىكىڭىزنى  تۇلۇق تۇنۇپ يەتكىلى بۇلاتتى.

دىمەك،  ئەقىلىم تۇرمۇشتا مىنى رازى قىلالايدىغان قىز ئىكەنلىكىڭىزنى  شەكسىز دەلىللىدى.

شەرىئەتچۇ ؟ شەرىئەت پەقەت ئىمان ئېيتقان، ئىسلامى ئىتىقادلىق بولسىلا رۇخسەت قىلاتتى .

لېكىن ئىسلامى ئائىلە قۇرۇش، مۇسۇلمان پەرزەنىت تەربىيلەش ئۈچۈن  بىرئاز دىنى بىلىم كىتەتتى، لېكىن سىزنىڭ قانچىلىك دىنى سەۋىيڭىز بارلىقى ماڭا قاراڭغۇ . . .

سىزگە دىسەم : مەنمۇ دىنى بىلىمدىن سەۋىيسىز، ئىسلامى ئائىلەقۇرۇش، مۇسۇلمان پەرزەنىت تەربىيلەش  ئۈچۈن بىلىم ئۈگۈنۈش كىرەكلىكىنى بىلگەندىن باشلاپ ھاياتلا بولسام بىلىم ئېلىشنىمۇ توختىتىپ قويماسلىققا ئىرادە قىلغان ئىدىم.

لېكىن  تېخى باشلاپ بۇلالمىدىم . ئىنشائاللە بۇ ئۇلۇغ مەقسەتلىرىمىزنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرغايمىزsmilies . . .

نۇرغۇن ئويلىنىش، ئىزدىنىش، خىيال قىلىشلاردىن كىيىن يۈرۈگۈمنىڭ توختاۋەرسىز ئىلتىجالىرىغا ئەگىشىپ سىزگە تەلەپ قۇيۇش قارارىغا كەلدىم.

سىزنى ئىككى دۇنيادىكى ھەمراھىمغا، تۇرمۇشنىڭ بۇران-چاپقۇنلىرىغا قارشى كۆرەشتىكى سەپدېشىمغا تاللىدىم .

سىزنى ئۈزۈكۈمنىڭ ياقۇت كۆزلىكىگە، پەقەت مەنلا ئۈزۈشكە، پۇراشقا بۇلىدىغان ئەتىرگۈلۈم بۇلۇشقا تاللىدىم.

قاراباتۇربولسا كەلسۇن قاشىمغا

بۇجانىمنى ئېلىپ قويدۇم باشىمغا

قاغا-قۇزغۇن قوندۇرماسمەن ھېچقاچان

تىرىك بولسام ئەتىرگۈلۈم شاخىغا

لېكىن . . . لېكىن مەن سىزنىڭ نىمە خىيال ؟ نىمە ئويدا ئىكەنلىكىڭىزنى بىلمەيمەن، ماڭا قانداق قارايدىغانلىقىڭىزنى تېخىمۇ بىلمەيمەنsmilies.

بىر تۇرۇپ بۇخىياللىرىمنىڭ«تۇغۇلمىغان تاينى مىنىپ ئۆلتۈرگەندەك» ئىش بۇلۇپ قالغاندەك بۇلۇپ قالىمەنsmilies . . .

لېكىن كۈڭۈل دىگەن شۇنداق نەرسىكەن . . .

يازماقچى بولغانلىرىم بەك كۆپ ئىدى لېكىن خەت بېسىشنى باشلىشىمغىلا  شامال تىگىپ كەتكەن توزغاقتەك  تۇزۇپ كىتىشتى . خىياللىرىمنى بىردىن-بىردىن قوغلاپ يۈرۈپ  ئاران مۇشۇنچىلىك يازالىدىم.

كەم قالغان جايلىرى بولسا قالغانلىرىنى خەت بىلەن ئەمەس تىلىم ياكى كۈزۈم بىلەن دەۋەلارمەن .

ماڭا بىر جاۋاپ بىرىشىڭىزگە ئىنتىزارمەن، خەت يازسىڭىز سۈيۈپ ئۇقۇيمەن، ئۇچۇريازسىڭىز كۈلۈپ ئۇقۇيمەن، تىلىڭىز بىلەن يەتكۈزسىڭىز قىزىرىپ ئاڭلايمەنsmilies، ئىشقىلىپ جاۋابىڭىزنى ساقلايمەن .

تاپتىم بۈگۈن كۆڭلۈمدىكى نىگارىمنى

قەدىرلەيمەن ئىككى دۇنيا جانانىمنى

شۈكۈرى اللە يارىم قىلدىڭ دىلارىمنى

نىسىپ ئەتكىن ئىككىمىزگە رىزارىڭنى

خەيىر دىلارە . . . خەيىر جانانىم ، جاۋابىمنى بىرىۋەتكىن تىزراق ، تارتىپ قالما ئۇۋالىمنى، بېغىشلايمەن ساڭىلا پەقەت ساڭىلا ياشلىغىمنى، كىرگىن قەلبىمگە، تۇرمۇشۇمغا تەييارلاپ بەر ناشتىلىغىمنى . ئاھ ! تۇپراق ئارا ، گۈللەر ئارا ، كۆكلىگىن گۈللەردەك، چىناردەك يىلتىز قىلاي ساڭىلا شاشلىغىمنى، قاندۇر ، تويغۇز قۇلۇڭ بىلەن ئەتكەن تاماقتا ئاچلىغىمنى، دوقمۇشلاردا تۇرۇپ قالماي ئېلىپ كەت قۇربان قىلاي  ساپلىغىمنى . . .كەلگىن  . . . ئېلىپ كەت . . . . . . . . . . .smilies

يازما ئاپتورى:

يازغانلىرىم باشقىلارنى يىتەكلەش، ھەقىقەتكە قايتۇرۇشتەك ئۇلۇغ ئىشلارنى مەقسەت قىلمىغان. مەن پەقەت ھېس قىلغانلىرىمنى ھىكايە، نەسىر، خاتىرە شەكىلدە يېزىپ قالدرۇماقچى. بۇ مەۋھۇم دۇنيانى رىئال دۇنيادىن تېپىلمىغان سىرداش، مۇڭداش قاتارىدا كۆرۈپ قۇرساق كۆپۈكلىرىمنى،ئىچ پۇشۇقلىرىمنى، دەرت-ئەلىمىمنى تۆكۈپ ئىچىمنى بۇشاتماقچى. . . يازمىللىرىم يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىگىمۇ تەڭ يوللىنىدىغان بۇلۇپ يازمىللىرىم ھەققىدىكى نۇرغۇن ئىنكاسلارنى مەزكۇر مۇنبەردىن كۆرەلەيسىز ئۇيەردىكى نامىم رەھمەتۇللاھدۇر . [ يەتتە قىز مۇنبىرى ]

ھازىرغىچە 6 دوستىمىز قىممەتلىك پىكىرلىرىنى بەردى. سىزلا قالغان ئوخشايسىز !!!

  1. ۋاقىت: 2011- يىل 8- ئىيۇن 03:23 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم بىر زامانلار مىھرىزاتنىڭ شئىرلىرىغا يانداش شئىرلىرىنى ئوقۇيتىم روھچىن ئىسىملىك بېرىنىڭ…
    قەلەمگە بەرىكەت تىلەيمەن،بىزلەرنىڭ كىچىك گۈللۈككىمۇ كېرىپ تۇرارسىز

  2. ...كەپسىز شۇم...
    ۋاقىت: 2011- يىل 29- مارت 20:17 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    روھچىن ئەپەندى ….مۇنداق ئىشلارغىمۇ تالانتىم با دەڭلا… hihi بەلەن خەتكەن…ياتلىۋالاي دىسەم سەل جېقكەن … nimishqa amdi يانفۇنۇمغا چۇشۇرۋېلىپ ئۆينىڭ ئالدىدا تۇرۇپ ئۆتكەن-كەچكەن قىزلارنى ئۇقىتىۋالسام بۇلامدۇ نىمە…. hihi hihi

  3. سامپۇل
    ۋاقىت: 2011- يىل 13- مارت 22:21 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    ئەجەپ تەسىرلىك يىزىلىپتۇ دىسە @!!!! hihi

  4. ۋاقىت: 2011- يىل 2- مارت 20:46 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    سالام خەتنى مۇشۇنداق يازسىمۇ بولامدۇ نېمە؟ rexmet

ئىنكاس يېزىش

ئېلخەت ئاشكارلانمايدۇ. بەلگە * بارلىرىنى چوقۇم تولدۇرۇڭ

*
*