شۇنداق قىلىپ ئەمدىلا تەمتىرەپ ماڭغۇدەك بولغان بلوگىم ۋاپات قىلدى . ئىچىدىكى تۈنلەپ ئولتۇرۇپ يېزىپ، رەتلەپ چىققان يازمىللىرىم يوق بولدى . بلوگدىكى خوشلىقىم ئىدى .
بۇرۇنقى ھەپتە كۈن-تۈنلەپ ئولتۇروپ تەرجىمە قىلغان ئۇسلۇبىم blue fantasy مۇ ۋاپات بولدى . يازمىللىرىمدىن بەكىرەك ئاۋۇ ئۇسلۇبقا ئىچىم ئاغرىدى . ھەرقانداق يازمامدىن كۆپرەك كۈچۈم كەتكەن ئۇ ئۇسلۇبقا . شۇنداق قىلىپ «كالىمۇ يوق قېتىقمۇ يوق»بولدى
قانداق قىلغۇلۇق قىسمەت ئەپەندىم بىركۈن ئېتىشىپمۇ سانداننى ئەسلىگە كەلتۈرەلمىگەنلىكىنى ئېيتتى . ئۇلاردىنمۇ خۇرسەنمەن . ئۇلارمۇ بارلىق تىرىشچانلىقىنى كۆرسەتتى . مىنىڭ ئاشۇ ناتىۋان يازمىللىرىم ئۈچۈن تىرىشتى .
چىن كۆڭلۈمدىن رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن .
خەيرىيەت ۋاپا قىلمىغان كاككۇكنىڭ ئۇچۇپ كەتكىنى ئەۋزەل . يەنە قايتىدىن باشلايمەن . شۇنداق قىلغۇلۇق ئەمدى توختاپ قالغىلى بولامتى بلوگ ۋىروسى يۇقۇپ قالغانلارنىڭ ساقايغىنىنى كۆرمىگەنمەن .
ياخشى يىرى بۇرۇنقى يازمىللىرىمنىڭ ھەممىنى ئاۋۋال ۋوردتا تەييارلاپ ئاندىن بلوگقا يوللىغان بولغانلىقتىن ھەممىسىنىڭ زاپىسى بار ئاسانلا قايتا تۇلۇقلاپ قۇيالايمەن . بىر تۇرۇپ بۇرۇنقى يازمىلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ يۈرمەي قايتىدىن يېزىشنى ئويلىشىۋاتىمەن . چۇنكى بۇرۇنقى يازمىلارنىڭ كۆپ قىسمى مىنىڭ كۆڭلۈمدىكى بلوگ يېزىش ئۇسۇلۇمغا ماس كەلمەيتتى . ئۇ ۋاقىتلاردا بلوگىم يىڭى قۇرۇلغانلىقتىن خۇشاللىقىمدا يازغۇدەك بىرنەرسە بولسا ھەممىنى يوللاۋەرگەن . ئەمدى ئۈزۈمنى تۇتۇۋېلىپ ئۆز ئۇسۇلۇمغا ماس ھالدا ئۈزۈمنىڭ كۆڭلىدىكىدەك يېزىپ ماڭغۇم بار . يەنە بىر تۇرۇپ ھەممىنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈپ قويغۇم بار . چۈنكى، ئۇمۇ مىنىڭ يازمام ، تىرىشچانلىقىم ، ئىجادى ئەمەمگىكىم ، قان-تەرىم . ئۇنى ئۇنداقلا تاشلىۋەتسەم ئۆزئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلمىغاندەك بۇلۇپ قالىدىكەنمەن .
قېنى بىر كۈن ئۈتۈپ باقسۇن يەنە قاراپ باقاي . قايسىنى كۆڭلۈم تارتسا شۇنى قىلارمەن .
ئەزىز بۇرادەر : سز بەلكىم بۇرۇنقى يازمىللىرىمنى كۆرگەن ياكى كۆرمىگەن بۇلىشىڭىز مۇمكىن ، قېنى ئېيتىپ بېقىڭە زادى قانداق قىلاي ؟
كۈرەش
مەلەك
كۆنچى
كۈرەش
كۈرەش
كۈرەش
كۈرەش
كۆنچى