تۇرمۇشنىڭ ئۈزى بىر قاراڭغۇ يول. ئۈزىڭىزنىڭ قانداق يەرگە دەسسەيدىغىنىڭىزنى، قانچىلىك تىز ماڭىدىغىنىڭىزنى بىلەلمەيسىز. ئىھتىمال ئالدىڭىزدا بىر ئازگال باردۇ ياكى تۈز يول كۈتۈپ ياتقاندۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەرقانداق ئاقىۋەتكە تەييارلىقىڭىز بولسۇن !
ئۈلۈمنىڭ سىگنالى بولمايدۇ. ھەتتا ئۇ قۇلاق تۈۋىڭىزگە كەلگەندىمۇ بۇ دۇنيانى خىيال قىلىسىز. تەۋسىيەرىم: ھەرۋاقىت قەرەلسىز ئۈلۈمنىڭ تەييارلىقىدا بۇلۇڭ!
باشقىلارنىڭ ھەققى بولسا بېرىڭ! اللەنىڭ ئالدىدا قىلغان ئاسىيلىقلىرىڭىز بولسا سۇ كۈتۈرگۈدەك ماغدۇرىڭىز بار ۋاقىتتا تاھارەت ئېلىپ جەينامازغا يېقىلىڭ!
چۇنكى بۇ دۇنيادا قايتۇرمىسىڭىز ئۇ دۇنيادا قايتۇرۇش بۇنداق ئاسان بولمايدۇ.
كىتاپتا دىيلىشچە بىر ۋاقىت نامازنىڭ قازاسىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن دەۋزەخ ئۇتىدا 80 يىل كۈيىدىكەن.
نوچىلىق قىلىۋاتقانلارغا تەڭ بۇلۇپ يۈرمەڭ ! بۇ دۇنيادا نوچى ئادەم يوق. نوچىلىق اللەقا خاستۇر. نوچىلىق قىلىۋاتقانلار ئۇزۇنغا بارماي قىلغان ئەتكەنلىرىنى بىرمۇ بىر قايتۇرۇپ چىقىدۇ. ئەمما قايتۇرماق ئاسانغا توختىمايدۇ.
ئەتىرا پىڭىزدىكىلەرگە ئانچە-مۇنچە ياخشىلىق قىلىش ئادىتى يىتىلدۈرۈڭ ! ئاشخانىلاردا قېرى، ئاجىز-ئۇرۇقلارنى كۆرسىڭىز چاقىرىپ ئەكىلىپ بىللە غىزالىنىڭ! چۈنكى اللەقا يېقىن كىشىلەر ئاشۇ قېرى، ئاجىز، مەزلۇملار. دۇئا دىگەن جەينامازدا، مەسچىتتىلا بولمايدۇ. ئاجىزلار بىلەن اللە ئوتتۇرسىدا پەردە بولمايدۇ.
تۇرمۇش ھەرۋاقىت ھەسەل چاي ئىچكەندەك تاتلىق بولمايدۇ. ئۆتىڭىز پارتلاپ كەتكۈدەك ناھەقچىلىقلارمۇ بۇلىدۇ. مۇھىمى ھەرۋاقىت كەيپىياتىڭىزنى كونتىرول قىلالىغۇدەك، مىجەزىڭىزنى تەڭشىيەلىگۈدەك روھى كۈچكە ئىگە بۇلۇڭ ! بولمىسا ئاسانلا ئۆت ياللۇغى بۇلىسىز، ئاندىن تال ياللۇغلىنىدۇ، ئاندىن «راك» تەۋەللۇت بۇلىدۇ.
بىر يېقىنىمنىڭ ئانىسىنڭ نامىزىغا باردۇق. نامازدىن يانغاندا –بۇ مۇسىبەت ئاۋۋال مىنىڭ بېشىمغا كەپتۇ. بىر ئېغىز سۈزۈم بار. ئانام كېسەل ۋاقتىدا دائىم تاماققا زورلايتتىم ، بىركۈنى- نىمىشقا مەن ساق ۋاقىتتا تاماققا زورلىمايسەن ؟ ھەركۈنى خىزمەتتىن يېنىپ كىرسەڭ قۇلۇڭغا قاراپ باقاتتىم، قۇرۇق كىرەتتىڭ. ئەمدى زورلايسەن، يىسەممۇ سىڭمەيدۇ، ئىچ باغرىمنى كۆيدۈرىدۇ، يىگۈم بار ۋاقىتتا بەرمەيسەن ، يىيەلمەيدىغان چاغدا قىينايسەن- دىگەنتى نەچچە كۈنگىچە ئەس ھۇشۇمنى بىلمەي يۈردۈم. سىلەرنىڭ ئاتا-ئاناڭلار بار مەندەك ھەسرەتتە قالماڭلار – دەپ يىغلاپ كەتكەنتى.
تۇرمۇش پەقەت سۆيگۈ-مۇھەببەت ئۈچۈنلا مەۋجۇت بولمايدۇ. ئۇنىڭ جەمىيەتتە رولى ناھايىتى چوڭ! تۇرمۇشنىڭ بېسىمى، تەلەپ قىلىدىغان قۇربانلىقىغا سۆيگۈ-مۇھەببەتمۇ بەرداشلىق بىرەلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، تۇرمۇشتا سۆيگۈ-مۇھەببەتتىنمۇ ئۇلۇغراق بىر غايىڭىز بولسۇن! جۆرىڭىزنىمۇ سۆيگۈ-مۇھەببىتىگە ئاساسەن تاللىماي ئەمەلىيەتچىلراق جۆرە تاللاڭ! ئىسىڭىزدە بولسۇن سۆيگۈ-مۇھەببەتكە قۇرساق تويمايدۇ. سۆيگۈ-مۇھەببەت قۇرساق تورغاندىن كىيىن سۇقىدىغان پاراڭ تىمىسى.
تۇرمۇشتا نۇرغۇن ئىشلار سىزنىڭ قانچىلىك چىدامچانلىقىڭىزغا باغلىق بۇلۇپ قالىدۇ. نۇرغۇن مەسىلىلەرنى پىچاقتا كەسكەندەك، ھەل قىلىۋەتكىلى بولمايدۇ. ھەرقانچە قىلسىڭىزمۇ ۋاقىتتىن ئۆزگە دورا تاپالمايسىز. مانا شۇنداق ۋاقىتلاردا سىزدە سەۋىرچانلىق كەم بۇلۇپ قالسا ئىشلانى ھەل قىلالمىغاندىن سىرت ئۆتىڭىزنى يېرىۋالىسىز.
مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش ھەممە ئادەمنىڭ ئارزۇسى. ئەمما، ئويلاپ باقتىڭىزمۇ ؟ مۇۋەپپىقىيەتتىن كىيىنكى نىشانىڭىز نىمە ؟ ئىسىڭىزدە بولسۇن مۇۋەپپىقىيەت دىگەن ئەمىلىيەتتە بەك تەمسىز نەرسە؟ پەقەت مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش ئارزۇسىلا شىرىن بۇلىدۇ.
باللىرىڭىزنىڭ كەپسىزلىكىگە تىرىكەمسىز ؟ ئەمىلىيەتتە ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ چىرايلىق،ئەڭ تەبئى ھەركەت. ئۈزىڭىزنى بېسىۋېلىپ قاراپ بېقىڭ! سىز ئاشۇ تەبئىلىككە قايتالامسىز ؟ ئاشۇ گۈزەللىكنى بەرپا قىلالامسىز ؟ ياق ! ياق ! ھەرقانچە قىلسىڭىزمۇ قىلىۋاتقان ئىشىڭىزدىكى مەنپەئەت خىيالىدىن قۇتۇلالمايسىز. سىزگە مەنپەئەتلىك نەرسە گۈزەل، ياخشى. مەنپەئەتسىز نەرسە بىمەنە بىىلىنىدۇ؟ ئادەمنىڭ شەخسى مەنپەئەتتىن ۋاز كىچىپ قىلغان ئىشدىلا ھەقىقى گۈزەللىك، تەبئىيلىك بۇلىدۇ. ئىشەنمىسىڭىز سىناپ بېقىڭ !
بالىڭىزنىڭ دادا دەپ بوينىڭىزغا ئېسىلىشىدىن دۇنيادا ھېچقانداق نەرسىگە ئوخشاتقىلى بولمايدىغان ھوزۇرنى ھېس قىلغانمۇ ؟ ئەگەر ھېس قىلمىغان بولسىڭىز تېخى ئەركىشى بۇلۇشقا خېلى بار ئىكەن .
مەرۋەرى
روھچىن
روھچىن
پاراسەت
دەرىزە
پاراسەت
ئەلتەر
مەرۋەرى