ھاياتلىق ھەققىدە

سەئىد قۇتۇب

(بۇلاق ژۇرنىلى 2003-يىللىق 1-سانىدىن ئېلىندى)

ئەسەرھەققىدە  قىسقىچە تەھلىل :

بۇئەسەر نامدا سىڭلىسىغا يېزىلغان خەت بولسىمۇ ،لېكىن ئەسەرنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا ،اللەقا،كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ئىزھار قىلىشتىن ئىبارەت .

مۇئەللىپ سەمىمى ،ئۇچۇق -يۇرۇق تىل بىلەن ئۆزىنىڭ تۇرمۇش تەسىراتلىرى ئارقىلىق ھاياتلىق تۇيغۇسىدا ئادەمنىڭ ئالەمدىكى ئورنى ،ئادەمنىڭ ئىقتىدارى ئۈسىتىدە ئىزدەنگەن .

ئادەم بىلەن اللەنىڭ مۇناسىۋىتى ،ئادەم بىلەن ئالەمنىڭ مۇناسىۋىتى،ئادەم بىلەن ئادەمنىڭ مۇناسىۋىتىنى تىزىپ چىققان ؛ئىجتىمائى تۇرمۇشتىكى چىنلىق ،ياخشىلىق ، گۈزەللىك بىلەن ساختىلىق ،يامانلىق ، سەتلىكنى يىڭى تەپەككۇر بىلەن سېلىشتۇرغان .

كىشىلەرنى چەكلىك ھاياتنى قەدىرلەپ ،ھەقىقەت يولىدا ئىزدىنىش،ھاياتنىڭ خۇشاللىقىنى جەمئىيەتتىكى كىشىلىك ھاياتقا شەخسىيەتسىز تۆھپە قىلىشقا چاقىرغان .

ھايات بىلەن مامات ئۈستىدە ئىزدىنىشتە ھاياتنىڭ چىن مەنىسىنى شۇنداقلا ھاياتنى مەڭگۈ مەۋجۇت بولىدىغان اللەنىڭ بەرگەنلىكىنى يۇرۇتۇپ بەرگەن .

شۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنى پەقەت بۈگۈنكى كۈننىلا نەزەردە تۇتىدىغان خىياللاردىن نېرى بولۇپ ،ھاياتنىڭ قىممىتىگە توغرا قاراشقا ،كىشىلىك ھاياتتىكى مۇۋەپپەقىيەت ۋە ئۇڭۇشسىزلىقلارغا توغرا مۇئامىلە قىلىشقا، تەسەللى تېپىش،ئىشىنىش،ئۈمۈت قىلىش ۋە خۇشاللىنىشتەك پىسخىك ھالەت  ئىچىدە كىشىلىك ھاياتنى بىلىپ بېقىشقا يۈكسەك ئىتىقادنىڭ يىتەكچىلىكىدە ياخشى ئادەم بولۇپ ،تۇرمۇشنى خاپىلىقتىن ،پۇشايماندىن خالى قىلىپ ،ئەزرائىلنىڭ يېتىپ كېلىشىدىن قورىقماي ، ھاياتنىڭ ئەڭ يۇقۇرى قىممىتىنى  ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئاگاھلاندۇرىدۇ .

ئەينى چاغدىكى مىسىرنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى داۋالغۇپ تۇرغان قاينام ئىچىدە  قەلىبكە تولغان ئىدىيە ھېسياتلىرىنى خەت يېزىش شەكلى بىلەن سىڭلىسىغا ئىزھار قىلىدۇ . ئاشۇ نۇرمال بولمىغان يىللاردا ئاكىسى بىلەن سىڭلىسى  بىر-بىرىگە ھەقىقەت ۋە چىن مۇھەببەت بىلەن ئىلھام بېرىدۇ .

بۇ خەت، كىشىلىك ھاياتنىڭ چوڭقۇر پەلسەپەۋى قائىدىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان .

خەتتە مۇتەپەككۇر سەئىد قۇتۇبنىڭ يۈكسەك ئىتىقادى ،مول بىلىمى ۋە كەڭ قورساقلىقى ئىپادىلەنگەن . شۇنىڭ بىلەن بىللە بۇخەتتە مۇئەللىپنىڭ تىل-ئەدەبىياتتىكى مول بىلىمى ئىپادىلىنىپ ،خەت بەدىئى تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە ئىگە گۈزەل ئەسەرگە ئايلاندۇرۇلغان .

ئىخچام،راۋان تىل، تىرەن مەنىلىك سۆزلەر بۇئەسەرنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى ھىساپلىنىدۇ . ئالەم ئۈستىدە ئىزلەنگەندە يىراققا نەزەر سالغان ؛اللە تىن مەدەت تىلىگەندە ئىخلاسمەن بولغان ؛جەمئىيەتكە نەزەرسالغاندا قەلبى قىزغىنلىق بىلەن تولغان.

كىشىلىك ھايات توغرىسىدا گەپ بولغاندا ئۆزىگە خاس قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغان ؛ئەسەرنىڭ ھەممە يېرى ئادەمنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ .

قەدىرلىك سىڭلىم :

بۇتەسىراتلار سىزگە سۇنغان سوۋغام بولسۇن .

1

راست ، ئۆلۈم توغرىسىدىكى خىيال سىزنى چىرمىۋاپتۇ .شۇڭا ئەزرائىل ھەربىر بوشلۇقتا،ھەممە شەيئىنىڭ كەينىدە مۆكۈپ تۇرغاندەك ھېس قىلىدىكەنسىز ، ھەمدە ئۇنى ھاياتنى پايلاپ تۇرالايدىغان كۈچلۈك چاقماقتەك بىلىپ ،ھاياتنى ئۆلۈم ئالدىدا ھۇدۇقۇپ تىترەۋاتقان كىچىك جانلىق قاتارىدا كۆرىدىكەنسىز .

مۇشۇ پەيتتە مەن رەڭگارەڭ جۇشقۇن ھايات ئالدىدا ئەزرائىلنى ناھايىتى ئاجىز دەپ قارايمەن .ئۇنىڭ قولىدىن كېلىدىغىنى ھاياتنىڭ داستىخىنىغا چېچىلىپ كەتكەن نىئمەتلەرنى تىرىشتىن ئىبارەت.

ھايات ئۆركەشلەۋاتقان دولقۇندەك يېنىمدا شاۋقۇنلايدۇ .ھەممە مەۋجۇدات ئۆسىدۇ،تەرەققى قىلىدۇ،گۈللىنىدۇ…ئانىلار ھامىلدار بۇلىدۇ،تۇغىدۇ؛ئادەم ۋە ھايۋانلار ئوخشاش ؛ قۇشلار،بېلىقلار،ھاشارەتلەر تۇخۇملايدۇ ،تۇخۇمدىن بالا چىقىرىدۇ ؛يەر يېرىلىپ ئۇرۇق ئۈنۈپ چىقىپ ئۆسىدۇ ،چېچەكلەيدۇ ،مىۋە بىرىدۇ ؛ئاسماندىن يامغۇر ياغىدۇ ؛دېڭىزدا دولقۇن كۆتۈرىلىدۇ .ھەممە مەۋجۇدات مۇشۇ يەرشارىدا يېتىلىدۇ ۋە تەرەققى قىلىدۇ .

بەزىدە ئەزرائىل يېتىپ كېلىپ ، يالماپ يۇتىدۇ-دە ، كۆزدىن يوقايدۇ .بەزىدە تۈگۈلۈۋېلىپ ، ھاياتنىڭ داستىخىنىغا چېچىلىپ كەتكەن نەرسىلەرنى تېرىدۇ …لېكىن ھاياتلىق پويىزى ئۆز رېلىسىدا كېتىۋېرىدۇ ، قۇلاقنى يارىدىغان گۈدۈكىنى ياڭرىتىپ تۇرىدۇ ، ئەزرائىلنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تۇيماي ياكى كۆرمەي قالىسەن .

ئەزرائىلنىڭ تۇمشۇقى چوقۇغاندا ھاياتنىڭ تېنى ئازاپتىن نالە قىلىدۇ ، لېكىن جاراھەت ناھايىتى تېز ساقىيىپ كېتىدۇ . ئازاپلىق ئىڭراشلار خۇشاللىق كۈلكىگە ئايلىنىدۇ …ئادەم ، ھايۋان ، قۇش، بېلىق، ھاشارەت، ئوت-چۆپلەر ئۆزھاياتى بىلەن زىمىنغا تون ياپىدۇ !…ئەزرائىل ئۇيەردە تۈگۈلىۋېلىپ ، بەزىدە ئاشكارا ، بەزىدە خۇپيانە ھەركەت قىلىپ ،ھاياتلىق داستىخىنىغا چېچىلىپ كەتكەن نەرسىلەرنى تېرىۋېلىش بىلەن ھەپىلىشىدۇ…قۇياش شەرىقتىن كۆتۈرۈلۈپ غەرىبكە پاتىدۇ .

يەر شارى قۇياشنى ئايلىنىپ تۇرىدۇ . ھايات تەرەپ-تەرەپتە تەڭ پەيدا بولۇپ تۇرىدۇ . ھاياتلىق ئۆسۈشكە سان ۋە تۈرجەھەتتە ، سۈپەت ۋە مىقدار جەھەتتە ئۆسۈشكە مۇھتاج .ئەگەر ئەزرائىل ئاۋارە قىلسا ، ھاياتنىڭ داۋاملىشىشى ئۈزۈلۈپ قالىدۇ . لېكىن ، قۇدرەتكە تولغان رەڭگارەڭ ھاياتلىق ئالدىدا ئۇ تولىمۇ ئاجىزدۇر !…

ھاياتلىق مەڭگۈ يوقالمايدىغان اللە تەرىپىدىن كېلىپ تۇرىدۇ !

2

ئۆزىمىز ئۈچۈنلا ياشىغىنىمىزدا دۇنياغا كەلگەندىن تارتىپ چەكلىك ھاياتىمىز ئاخىرلاشقۇچە بولغان ھاياتلىق مۇساپە ئىنتايىن قىسقا ۋە ئەرزىمەس بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ .

بىز باشقىلار ئۈچۈن ،يەنى بىرخىل ئىتىقاد ئۈچۈن ياشىغىنىمزدا ھاياتىمىز ئۇزۇن ، مەنىلىك تۇيۇلىدۇ . ئىنسان پەيدا بولغاندىن باشلاپ ، بىز دۇنيادىن كەتكەندىن كېيىنمۇ ھاياتلىق داۋاملىشىپ بارىدۇ .

مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئۆمىرىمىزنىڭ نەچچە ھەسسىسىگە باراۋەر كىلىدىغان پايدىغا ئىگە بولالايمىز.

بۇ پايدا قۇرۇق خىيال ئەمەس ،راس پايدىدۇر .ھاياتنىڭ مۇشۇنداق تەسەۋۋۇرىدا ھەركۈنىمىز، ھەرسائىتىمىز، ھەر سىكۇنتىمىزنىڭ ھەسسىلەپ ئېشىپ بېرۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىمىز .ھايات يىللار بىلەن ھىساپلانمايدۇ ،بەلكى تۇيغۇنىڭ ئودومېتىرى (مۇساپە ئۆلچىگۈچى )بىلەن ھىساپلىنىدۇ .

«رېئالىستلار»بۇنداق تەسەۋۋۇرنى «خام خىيال»دەيدۇ ، ئەمەلىيەتتە ئۇ «راست »بولىدۇ .ئۇلارنىڭ ھەممە ھەقىقەتلىرى راس بۇلىدۇ .چۈنكى ،ھايات سەزگىلى بولمايدىغان باشقا شەيئى ئەمەس .

ھەرقانداق ئادەم ئۆزىنىڭ ھاياتىغا كۆڭۈل بۆلمىسە ،ئۆزىنىڭ ھاياتىنى ھېس قىلالمايدۇ !بىر ئادەم ئۆز ھاياتىنى ھەسسىلەپ سەزگەندە ، ئۇ ھەقىقەتەن چەكسىز ھايات ئىچىدە ياشىغان بۇلىدۇ .

بۇ مەسىلە ناھايىتى ئېنىق ،شۇڭا مۇنازىرە قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق .

بىز باشقىلار ئۈچۈن ياشىغاندا ، ھاياتىمىزنىڭ قىممىتى ھەسسىلەپ ئېشىپ بارىدۇ . ئۇلارغا ھەسسىلەپ كۆڭۈل بۆلگەندەك ھاياتنىڭ مەنىسىنى ھەسسىلەپ ھېس قىلالايمىز . شۇنىڭ بىلەن ئۇزۇرايدۇ .

3

يامانلىقنىڭ ئۇرۇقىدىن بىرتۈپ دەرەخ ئۈنۈپ چىقىشى مۇمكىن .لېكىن،ئېسىل ئۇرۇقتىن ئۈنۈپ چىققان دەرەخ مىۋە بېرەلەيدۇ .يامانلىقنىڭ دەرىخى تېز ئۆسۈشى ،ئۇنىڭ يۇپۇرماقلىرى ئېسىل دەرەخكە چۈشىدىغان ئاپتاپنى ۋە ھاۋانى توسۇۋېلىشى مۇمكىن .لېكىن،ئۇنىڭ ئۈستى چوڭ بولغان بىلەن يىلتىزلىرى تېيىز بۇلىدۇ .ۋاھالەنكى ،ئېسىل دەرەخ ئاستا ئۆسىدۇ،چۈنكى ئۇنىڭ يىلتىزى تۇپراققا تېرەن كىرىپ ،ئۇ يەردىن سۇ ۋە ئۇزۇقلۇق سۈمۈرىدۇ …

يامانلىق دەرىخىنىڭ كىشىنى ئېزىقتۇرىدىغان ساختا قىياپىتىنى ئېچىۋەتكىنىمىزدە ،ئالدىمىزدا قىلچە قىممىتى يوق بىر دۆۋە كىرەكسىز ئەخلەت نامايان بولىدۇ …مانا شۇ چاغدا ئېسىللىك دەرىخى سىناقلاردىن ئۆتۈپ ،بورانلارغا بەرداشلىق بېرىپ ، جىمجىت ئاستا ئۆسۈپ بارىدۇ . يامانلىق دەرىخىدىن چىققاندەك چاڭ-تۇزانلار ۋە تىكەنلەر بولمايدۇ .

4

كىشىلەرقەلبىدىن پاكلىقنى تېپىۋالغىنىمىزدا ،دەسلەپتە كۆرۈنمىگەن چىنلىق ،ياخشلىق ۋە

گۈزەللىكنى بايقىيالايمىز .

مەن بۇنى ھېس قىلدىم . نۇرغۇن كىشىلەردىن ھېس قىلدىم …  ئۇ كىشىلەر دەسلەپ ماڭا يامان ياكى ھېسسىياتسىزدەك تۇيۇلغان بولسىمۇ …

ئۇلارنىڭ سەۋەنلىكىنى ۋە نادانلىقىنى چۈشىنىش ،ئۇلارنى ھەقىقى سۆيۈش ھېسابلىنىدۇ .ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغا ۋە ئازاپلىرىغا كۆڭۈل بۈلۈش ساختا مېھرىبانلىق ئەمەس.

سەن ئۇلارغا ئۇلارنىكىگە تەڭ دوستلۇق ۋە ئىشەنىچ تەقدىم قىلمىغان بولساڭمۇ ،ئۇلارئۆزىنىڭ دوستلۇقى ۋە ئىشەنچىسىنى ساڭا تەقدىم قىلىدۇ.لېكىن سەن ئۇلارغا ياردەم بېرىشكە توغرا كەلگەندە چىن دىلىڭدىن ياردەم بېرەلمىسەڭ ،ئۇلارنىڭ قەلبىدىن چىنلىق ،ياخشىلىق ،گۈزەللىكنىڭ ئۇچقۇنلىرىنى كۆرەلەيسەن .

يامانلىقنىڭ كىشىلەر قەلبىدە تارتقان يىلتىزى بەزىدە تەسەۋۇر قىلغاندەك ئۇنداق چوڭقۇر دەرىجىگە يەتمەيدۇ .ئۇيىلتىز ئۇلار ھاياتىدا قوغداپ ياشاشتا پايدىلىنىۋاتقان «ئاسراش قاسرىقى»ئاستىدا بولىدۇ …ئەگەر ئۇلار ئامان بولسا ،ئاشۇ قاتتىق «قاسراق»نى ئاچسا،ئۇنىڭ ئىچىدىن مەززىلىك،شېرىن،مىۋە چىقىدۇ .

بۇمەززىلىك،شىرىن مىۋە كىشىگە خەۋىپسىزلىك ھېس قىلدۇرىدۇ ۋە ئۇنىڭ دوستلۇقىغا قەتئي ئىشەندۈرىدۇ .ئۇلارنىڭ كۆرەش ۋە ئازاپلىرىغا ،سەۋەنلىك ۋە بىلىمسىزلىكىگە ھەقىقى ھېسداشلىق قىلىدىغان ئادەم بايقايدۇكى ،مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلغاندا،ئالدى بىلەن كۆكسى-قارنى كەڭ بۇلۇش ھەممە مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ كاپالىتى بۇلۇپ ، بۇ نۇرغۇن كىشىلەر پەرەز قىلغانغا قارىغاندا ئەمەلىيەتكە تېخىمۇ يېقىن كېلىدۇ .

مەن ھېس قىلغان ،بىۋاستە ھېس قىلغانمەنكى ،غەلىتە ئاتالغۇلار بىلەن شېرىن چۈشلەرنى ۋە خام خىياللارنى تۇقۇنۇشقا زورلاپ ئۇرۇنمايمەن .

5

دوستلۇق ، ئىچ ئاغىرىش ۋە ياخشىلىقنىڭ ئۇرۇقى قەلبىمىزدە بىخلانغاندا ، ئېغىريۈكتىن قۇتۇلغاندەك بولۇپ قالىمىز . ئۇچاغدا بويۇن قىسىپ خەقكە يالۋۇرۇشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ ،چۈنكى ئۇ چاغدا بىز ھەقىقى سەمىمىى ئادەم بولۇپ قالىمىز ،شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇلارغا رەھمەت ئېيتىمىز.

ئۇلارنىڭ قەلبىدىن چىنلىق ،ياخشىلىق،گۈزەللىكنىڭ گۆھەرلىرىنى بايقايمىز . چىن دىلىمىزدىن مەدھىيلەۋەتقاندا ئۇلاردا ھازىرلانغان ئېسىل تەبىئەتنى – مەدھىيلەنگەن تەبىئەتنى بايقايمىز .بۇ چاغدا ياخشىلىق تەرەپنى ياكى ئۇنى تىل گۈزەللىكىگە ئىگە قىلغان گۈزەل ئالاھىدىلىكىنى ھەرقانداق ئادەم تارتىۋالالمايدۇ .

لېكىن ، ئۆز قەلبىمىزدىكى دوستلۇق ئۇرۇقى بىخلانغاندىلا ، بۇنداق ياخشىلىق ۋە گۈزەللىكنىڭ تەبىئىتىنى كۆرەلەيمىز .

ئۇلار تېپىپ كەلگەن ئېغىر يۈكنى ئۈستىمىزگە ئېلىشنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ سەۋەنلىكى ۋە ئەخمەقلىقىدىن پەيدا بولغان قىيىنچىلىقلارغا چىدىشىمىزنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ .

چۈنكى ، ئۇلارنىڭ كەمچىلىكلىرىنى ئەمەس ، ئۇلارنىڭ ئاجىزلىق ۋە يىتەرسىزلىكلىرىنى نەزەرگە ئالىمىز . ئىچ ئاغىرىتىشنىڭ ئۇرۇقى بىخلانغاندا ، ئۇنىڭ زادى قانداقلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ .

ئادەتتە بىز باشقىلارغا غەمخورلۇق  قىلىش ۋە نەسىھەت قىلىش مەسئۇلىيتىنى ھەرگىز ئۈستىمىزگە ئالغۇمىز كەلمەيدۇ .ياخشىلىقنىڭ ئۇرۇقى قەلبىمىزدە مۇكەممەل ئۈنمىگەنلىكتىن ئۇلارغا نەپرەتلىنىمىز . بىزدە ياخشى  نىيەتلىك ئىشەنچ كەم بولغاچقا ئۇلاردىن قورقىمىز .

دوستلۇق، ئىچ ئاغرىتىش ۋە ياخشىلىقنىڭ ئۇرۇقى قەلبىمىزدە بىخلانغان، باشقىلارغا دوستلۇقىمىزنى، ئىچ ئاغىرىتىشىمىزنى، ئىشەنچىمىزنى تەقدىم قىلالىغان چاغدا، شۇ ئارقىلىق ئۇلارنى تولىمۇ خاتىرجەملىككە، خۇشاللىققا ۋە بەخىتكە ئىگە قىلالايمىز .

6

روھىمىز باشقىلارنىڭكىدىن ئالى جاناب، قەلبىمىزپاك، قارنى-كۆكسىمىزكەڭ، كاللىمىز چىچەن ھالدا ياشىغاندا، ھېچقانداق چوڭ ئىشنى قىلالمايمىز . چۈنكى ئۆزۈمىزگە جاپالىق بولغان ئادەتتىكى يولنى تاللىۋالغان بولىمىز .

كىشىلەر بىلەن مۇئامىلە قىلىش، ئۇلانىڭ ئاجىزلىقىنى، يىتەرسىزلىكى ۋە سەۋەنلىكىگە سەۋرى قىلىش ۋە كۆڭۈل بۈلۈش روھىدا بولۇش ھەقىقى ئۇلۇغلۇق بۇلىدۇ .شۇنىڭ بىلەن بىللە كۈچىمىز يەتكەن دائىرە ئىچىدە ئۇلارنىڭ ئىدىيسىنى پاكلىشىغا، مەدەنىيەت ساپاسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشىگە ياردەم قىلىپ، ئۆزىمىزنىڭ سەۋىيسىگە ۋە دەرىجىسىگە يەتكۈزۈشتىنمۇ ھەقىقى ئارزۇ ھېسسىياتىدا بولۇشمىز لازىم

بۇ قاتلامنىڭ مەنىسى ئۇلۇغ ئىشلىرىمىزغا ۋە يۈكسەك غايىمىزگە زىت كەلمەيدۇ . بۇ ئۇلارنى ماختاش ياكى ئۇلارغا ئۆزىمىزنىڭ غايىسى ئۇلارنىڭكىدىن يۈكسەك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇشتىن دېرەك بەرمەيدۇ . راست، بۇ زىددىيەتلىك شەيئىلەر ئالدىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۈچۈن قارنى – كۆكسىمىزنى كەڭ قىلىشىمىز لازىم . چۈنكى، مۇۋەپپەقىيەت كۈچلۈك ئىرادىگە مۇھتاج – مانا بۇ ھەقىقىي ئۇلۇغلۇقتۇر .

7

پىشانىمىزگە پۈتۈلگەن سەۋىيەگە يەتكەندە شۇنى ھېس قىلىمىزكى، ھەتتا ئىقتىدارى بىزنىڭكىگە يەتمەيدىغان كىشىلەردىن ياردەم تەلەپ قىلساقمۇ، بىزگە زىيىنى بولمايدۇ .

ئۆزگىلەرنىڭ ياردىمىنى كەمسىتمەي، ئۇلارنىڭ ياردىمىدىن  پايدىلىنىپ ياكى ئۇلار بىلەن بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ ئۆزىمىز ئويلىغان  مەقسەتلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش ھەرگىزمۇ قىممىتىمىزنى چۈشۈرمەيدۇ . بۇ ئۆزگىلەر ياردىمىنىڭ بىزنىڭ يۈكسەك پەللىگە يىتىشىمىزگە نىسبەتەن ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغانلىقنى  كشىلەرنىڭ بىلىپ قېلىشىدىن قورقۇپ، ئۆزىمىزنى كەمسىتكەنگە ئوخشىمايدۇ .

ئۆزىمىزگە تۇلۇق ئىشەنچ قىلالمىغاندا، يەنى بەزى جەھەتلەردە ھەقىقەتەن ئاجىز كىلىپ قالغاندا شۇنداق قىلىشىمىزغا توغرا كېلەر . بز ھەقىقىي قابىلىيەتكە ئىگە بولغاندا ، بىزدە ھېچقانداق تۇيغۇ بولمايدۇ . خۇددى كىچىك بالا سەن تۇتۇۋالغان قولىنى تارتىۋېلىپ ئۆزى پىلتىڭلاپ ماڭغاندەك بولىدۇ .

پىشانىمىزگە پۈتۈلگەن سەۋىيىگە يەتكەندە باشقىلارنىڭ ياردىمىنى مىننەتدارلىق ۋە خۇشاللىق بىلەن قۇبۇل قىلىمىز . بىزگە بەرگەن يادىمىگە رەھمەت ئېيتىمىز . بىز بىلەن ئوخشاش ئىدىيىدىكى كىشىلەرنىڭ بىز بىلەن جاپا تارتقانلىقىدىن خۇش بۇلىمىز .

ھېسسىياتنىڭ ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسىتىشىدىن پەيدا بولغان خۇشاللىق ئەڭ مۇقەددەس خۇشاللىقتۇر .

8

شۇنداق، بىز ئۆزىمىزنىڭ ئىدىيسىنى ،ئىتىقادىنى «مونوپول »قىلىۋالساق،باشقىلارئۇنى قۇبۇل قىلماقچى بولسا ،ئوغىمىز قايناپ كىتىدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا بولغان ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىمىزنى تەكىتلەيمىز ۋە ئۇنى ئىگىلىۋالغۇچىغا ئۆچمەنلىك قىلىمىز .چۈنكى ،بۇ ئىدىيە ئىتىقادلارنى يىتەرلىك تۇنۇمىغانلىقىمىزدىن ۋە ئۇ چىن دىلىمىزدىن قايناپ چىققان ئىتىقاد بولمىغانلىقتىن ، شۇنداق قىلىمىز .مۇبادا ئىتىقادقا ئەھمىيەت بىرىشنىڭ دەرىجىسى ئۆزىمىزگە ئەھمىيەت بىرىشكە يەتمىسە ، ئۇ ئۆزىمىزدىن بارلىققا كەلگەن ئىرادىگە ئوخشىمايدۇ .

تۇلۇق خۇشاللىق تەبئىيلىكنىڭ مىۋىسىدۇر .ئىدىيىمىز ۋە ئىتىقادىمىزنىڭ كىشىلەرگە رەھبەرلىك قىلالىغانلىقىنى كۆرەلىسەك ، ئىتىقاد يولىدا لايىھىلىگەن ئارزۇيىمىز ھاياتلىققا ئىگە بولغاندىن كىيىن ،بىز بۇدۇنيادىن ئايرىلغان تەقدىردىمۇ ئۇ كىشىلەرنىڭ «ئۇزۇقلۇقى»غا ئايلىنالايدۇ.

مۇشۇنىڭ ئۆزى كۇپايە. چۈنكى، بۇچاغدا قەلبىمىز شاتلىققا، بەخىتكە ۋە خاتىرجەملىككە تولىدۇ .

«سودىگەر»لەرلا تاۋارئوبروت قىلىنىدىغان «سودا مۇناسىۋىتى»نى يالغۇز ئىگىلىۋېلىپ ، باشقىلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئىتىنى ئىگىلىشىگە ۋە پۇل تاپىدىغان پۇرسىتىنى تارتىۋېلىشىغا يول قويمايدۇ .

مۇتەپەككۇرلار ۋە ئىتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ بەختى ئۆز ئىدىيسى ۋە ئىتىقادىدىن باشقىلاربىلەن تەڭ بەھرىمەن بۇلۇپ   ،كىشىلەرنىڭ ئىتىقادىنى ئۆزلىرىنىڭ سەۋىيسىدىن يۇقۇرى دەرىجىگە يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت .

ئۇلار ئۆزلىرىنى بۇ ئىدىيە ۋە ئىتىقادنى «مونوپول قىلىۋالغۇچى»دەپ قارىمايدۇ ، بەلكى ئىدىيە ئىتىقادنى تارقىتىدىغان ۋاستىچى دەپ ھىسابلايدۇ .

ئۇلار سۈيى تۈگۈمەيدىغان بۇلاقنى ئۆزلىرى كەشىپ قىلمىغانلىقىغا،شۇنداقلا ئۆزلىرى قانمىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ .ئۇلار مۇشۇ بۇلاق بىلەن ئورناتقان مۇناسىۋىتىدىن پەيدا بولغان نەتىجىدىن مۇقەددەس خۇشاللىققا ئىگە بولىدۇ .

9

بىزنىڭ ھەقىقەتنى بىلىشىمىز ۋە ھەقىقەتنى چۈشۈنىشىمىز ئوتتۇرىسىدىكى پەرق بەك چوڭ …بەك چوڭ بولۇپ كەتتى.ئالدىنقىسى ، كېيىنكىسى بولسا چۈشىنىشتىن ئىبارەت.

ھەقىقەتنى بىلگەندە، پۈتۈنلەي يېزىق ۋە مەنىلەر ياكى قىسمەن تەجرىبە ۋە نەتىجىلەر بىلەن ھەپىلىشىمىز.

ھەقىقەتنى چۈشەنگەندە ،جانلىق جاۋاپلارۋە مۇكەممەل تەجرىبىلەر بىلەن ئۇچرىشىمىز.ھەقىقەتنى بىلىش داۋامىدا تاشقى مۇھىتتىن بىلىمگە ئىگە بولىمىز.ئاندىن كېيىن كاللىمىزدا قالىدىغىنى سوبىيېكتىپ ھالدا تاللانغان بىلىملەر بولىدۇ.

ھەقىقەتنى چۈشىنىش داۋامىدا ،قېنى بەدىنىمىزدە ئېقىۋاتقان ، تۇمۇرلىرىمىزدا ئايلىنىۋاتقان   يۈرەكنىڭ چوڭقۇر قېتىدىن ھەقىقەت چىقىدۇ .

ھەقىقەتنى بىلىش داۋامىدا نۇرغۇن«ئۆتەڭلەر»گەۋە ئىسىملارغادۇچ كىلىمىز .

بىلىمنىڭ «ئۆتەڭ»لىرى ۋە ئىسىملىرى رەڭگارەڭ بولىدۇ ؛دىننىڭ«ئۆتەڭ»لىرى ۋە ئىسىملىرىمۇ ھەرخىل بولىدۇ.ھەقىقەتنى چۈشىنىش داۋامىدا پايانسىز ئالەمنىڭ ئىقتىدارى بىلەن مۇناسىۋەت قىلىدىغان كۈچ بۇلاققا ئېلىپ بارىدىغان يول بولىدۇ .

10

بىز ئىلىم ساھەسىنىڭ ھەممە كەسىپلىرى بويىچە كەسپى خىزمەتچىلەرگە يەنى زاۋۇت ۋە ئىشخانىلىرىنى اللە تىن قورقىدىغان سورۇن قىلالايدىغان كىشىلەرگە جىددىي مۇھتاجمىز…ئۇلارھاياتىنى ئۆزلىرى شۇغۇللىنىۋاتقان ئىشقا بېغىشلىغاندا ، ئۆزىنى بېغىشلايدىغان تۇيغۇ بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي ،بەختىيارلىق-شادلىق تۇيغۇسىنى جېنىنى اللە قا بېغىشلاشنى خالايدىغان ئىتىقاد قىلغۇچىنىڭ تۇيغۇسىغا ئىگە بولىدۇ .

ۋەھالەنكى ،شۇنىمۇ تەڭ تۇنۇپ يىتىشىمىز كېرەككى، ياشاشنى شۇنداق ئارزۇ قىلىدىغان ياكى ئىنسانغا چىقىش يولى تاللاپ بىرىدىغان ئادەملەرئەمەسمۇ ؟

راسىت،ئۇ يول باشلىغۇچى، ئۇلار ئالىيجاناب مەنىۋى كۈچنىڭ ئىگىسى بولۇپ قالدى ياكى بولۇپ قالغۇسى . ئۇلار مۇقەددەس مەشئەلنى ئىگىز كۈتۈرگەنلەر بۇلۇپ ، بۇ مەشئەل بىلىمنىڭ ھەممە ئاتوملىرىنى ئىسسىقلىق بىلەن ئېرىتىپ ،ئۆز نۇرى بىلەن ئالدىدىكى يولنى ئاچىدىغان ، يىراقتىكى ئالى نىشانغا قاراپ ئاتلانغان چېغىمىزدا، قاراڭغۇ دۇنيانى يۇرۇتىدىغان مەشئەلدۇر .

بۇ يول باشلىغۇچىلار ئۆزىنىڭ كۈزىتىش ئىقتىدارى ئارقىلىق ئىلىم-پەن، سەنئەت،ئىتىقاد ۋە ئىبادەتتىكى كۆپ قاتلاملىق، ئەتراپلىق،بىر پۈتۈنلۈكنىڭ بىرلىككە كىلىدىغانلىقىنى بايقىدى . شۇڭا ، ئۇلار ھەرقانداق پەننى كەمسىتمەيدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرەر پەننىڭ رولىنى مۇبالىغە قىلمايدۇ .

چاكىنا ئادەملەرلا بۇ رەڭگارەڭ شەيئىلەر ئىچىدە زىددىيەت بارلىقىغا ئىشىنىدۇ . شۇڭا، ئۇلار دىننىڭ نامى بىلەن پەنگە جەڭ ئېلان قىلىدۇ ، پەننىڭ نامى بىلەن دىنغا رىقابەت ئېلان قىلىدۇ ؛ ئىبادەت نامى بىلەن سەنئەتنى كەمسىتىدۇ ، سوپىلىق ئىدىيسى بىلەن تەرەققى قىلىۋاتقان ھاياتلىقنى مەسخىرە قىلىدۇ !

ئۇلار بىر مەنبەدىن پەيدا بولغان بۇ مەۋجۇداتلىقنى تۇتۇپ تۇرغان تەبىئەتتىن ھالقىغان كۈچنىڭ ھەربىر خىلىنى يەككە -يىگانە مەۋجۇت بولىدۇ، دەپ قارىغانلىقتىن شۇنداق قىلىدۇ .

ۋەھالەنكى ، ئۇلۇغ يول باشلىغۇچىلار بايىقى مەنبە بىلەن مۇناسىۋەت تىكلىگەنلىكتىن ، ئۇلار شۇ يەردىن يىڭى ھاياتقا ئىگە بولىدۇ!ئۇلاردەك ئادەملەر ناھايىتى ئاز بولىدۇ !

ئىنسانىيەت تارىخىدا ئاز بولىدۇ . كەمدىن -كەم ئۇچرايدۇ ! لېكىن ،شۇلار كۇپايە قىلىدۇ . بۇ ئالەمنى تۇتۇپ تۇرغان تەبىئەتتىن ھالقىغان كۈچ ئۇلارنى ياراتتى ، پىشانىسىگە پۈتۈلگەن پەيتتە ئۇلارغا ۋەزىپە تاپشۇردى .

11

بىنورمال شەيئىلەرگە ۋە نامەلۇم كۈچكە مۇتلەق باش ئىگىدىغان ئېتىقاد خەتەرلىك بولىدۇ . چۈنكى ، ئۇ ئادەمنى خۇراپاتلىققا باشلاپ ، تۇرمۇشنى خام خىيالىنڭ سەھنىسى قىلىپ قويىدۇ . لېكىن ، بۇنداق ئىپتىخارنى مۇتلەق رەت قىلىشنىڭمۇ خەتىرى كۆپ بولىدۇ.چۈنكى ، ئۇ ھەممە نامەلۇملارنىڭ دېرىزىسىنى يېپىۋېلىپ، كۆرگىلى بولمايدىغان كۈچلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىدۇ .

شۇنىڭ ئۈچۈن كۆرگىلى بولمايدۇكى ، ھاياتىمىزنىڭ مەلۇم باسقۇچىدا بۇنداق كۈچ ئىنسانلارنىڭ بىلىش ئىقتىدارى دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەن بۇلىشى مۇمكىن . بۇنداق ئەھۋالدا ئالەمنىڭ چوڭلۇقىنى ئۆلچەپ، ئۇنىڭ دائىرىسىنى ‹‹بىلگىلى بولىدىغان ››دائىرىدە بەلگىلەش ھەقىقەتەن ئەرزىمەس ، تولىمۇ ئەرزىمەس بولۇپ قالىدۇ.

ئىنسان مۇشۇ يەرشارىدا ياشىغاندا ئالەمنىڭ ئىقتىدارى ئالدىدىكى ئىقتىدارسىزلىق ياكى بۇنداق ئىقتىدارنى بىلىش تۇيغۇسى داۋاملىشىپ بارىدۇ ، ئەگەر ئۇ ئورنىدىن ئىقتىدارىغا ئىگە بۇلۇپ ، ئۇزۇن يولدا بىر قەدەم -بىرقەدەمدىن ئالغا ماڭىدىغان بولسا .

ئادەم بەزىدە ئۆزى بىلمەيدىغان ۋە مەلۇم ۋاقىت ئىچىدە ئۆزىنىڭ ئىدراكىدىن ھالقىپ كەتكەن ئالەم ئىقتىدارىغا ئىگە بۇلىدۇ .مانا بۇ ھال ئۇ كۆزىنى ئاچسىلا ھېس قىلمىغان ئىقتىدارىنىڭ بارلىقىنى بىلىشكە كاپالەتلىك قىلىدۇ . چۈنكى ئۇ سىناق باسقۇچىدا تۇرغان بۇلىدۇ.

ئىنساننىڭ ئەقىل -پاراسىتىگە ھۆرمەت قىلىش ھاياتىمىزدا مەۋجۇت بولغان بىلىمسىزلىكنى نەزەرگە ئېلىشىمىزغا ماس كىلىدۇ ، شۇنداقلا خام خىيالغا ۋە خۇراپاتلىققا باغلاپ قويغاندەك ، ئىشلىرىمىزنى بىلىمسىزلىككە باغلاپ قويغانلىق بولىدۇ . لېكىن ، بۇ ئالەمنىڭ ھەقىقى چوڭلۇقىنى ھېس قىلالايمىز ، شۇنداقلا بۇ چەكسىز ئالەمدە مەۋجۇت بولغان ئۆزىمىزنىڭ قىممىتىنى بىلەلەيمىز .

بۇ نۇقتا ئىنسان روھىنىڭ نۇرغۇن ئىقتىدار دېرىزىلىرىنى ئېچىۋېتىپ ئىچكى قىسىمدا مۇناسىۋەت باغلاۋاتقان ئالەمنىڭ مەنبەسىنى تونۇش ۋە ھېس قىلىشىمىزغا چوقۇم ماس كىلىدۇ . بۇ ئالەم شەكسىزكى ، ئەقىل – پاراسىتىمىز ھازىرغا قەدەر ئىگە بولغان ئالەمدىن كۆپ چوڭقۇر ۋە كەڭ . بۇنىڭغا ھەركۈندىكى يىڭى بايقاشلاردىن ۋە ياشاپ بېرىشىمىزدىن ئىسپات تاپقىلى بولىدۇ .

12

بۇيەردە بەزىلەر اللە نىڭ ئۇلۇغلىقىنى ئىتىراپ قىلىش ئىنساننىڭ قىممىتىنى تۆۋەنلىتىش ۋە ئىنساننىڭ مەۋجۇت بۇلۇش ئەھمىيتىنى كىچىكلىتىۋېتىشتىن دېرەك بېرىدۇ ، دەپ قارايدۇ ، گويا اللە بىلەن ئادەمدىن ئىبارەت ئىككى مەۋجۇتلۇق ئۇلۇغلۇق ۋە كۈچ جەھەتتە رىقابەتلىشىدىغان رەقىپلەردەك !

تەسىراتىم شۇكى ، اللە نىڭ مۆتلەق ئۇلۇغلىقىنى ھېس قىلىشىمىزدا ئۆزىمىزمۇ بارغانسىرى ئۇلۇغ بولۇپ كىتىمىز . چۈنكى ، بىزنى ئۇلۇغ اللە ياراتقان .

ئىگىسىنىڭ ئۇلۇغلىقىنى چۆكۈرۈپ ياكى ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىپ ، ئۆزىنى كۆككە كۆتۈرمەكچى بولغانلار ئەمىلىيەتتە كۆزى يىراقنى كۆرمەيدىغان قۇدۇقتىكى پاقىدۇر .

ئۇلار كۆرلۇق بىلەن ئويلايدۇكى ئادەم ئاجىز – ئىقتىدارسىز بولۇپ قالغاندا ، اللە تىن مەدەت تىلەيدۇ. ئىقتىدارغا ئىگە بولغاندا ئىگىسىگە ئىھتىياجى چۈشمەيدۇ .

گويا ‹‹ئاجىزلىق››كىشىنى ئويغىتىپ ، ‹‹كۈچلۈكلۈك››ئادەمنى بىخۇتلاشتۇرۇپ قويىدىغاندەك بىرئادەمنىڭ قابىلىيتى كۈچەيگەندە اللەنىڭ مۇتلەق ئۇلۇغلۇقىنى يەنىمۇ ئىلگىرلەپ ھېس قىلىشى كىرەك .چۈنكى ، ئۇ شەيئىلەرنى ھەسسىلەپ تۇنۇش ئىقتىدارغا ئىگە بولغاندا، بۇ ئىقتىدارنىڭ مەنبەسىنى تېخىمۇ تۇنۇپ يېتەلەيدۇ .

اللەنىڭ مۇتلەق ئۇلۇغلۇقىغا ئىمان ئېيتقان مۇسۇلماندا ئازراقمۇ پەشكەشلىك ۋە ئاجىزلىق كۆرۈلمەيدۇ . دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە ، ئۇلاردا ھۆرمەت ۋە قەيسەرلىك ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ .

ئۇلار ھاياتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تۇنۇپ تۇرىدىغان تەبىئەتتىن تاشقىرى ئىقتىدارغا تايانغانلىقتىن ، ئۇلارغا مەلۇمكى ، ئۆزلىرى ھەرقانچە ئۇلۇغ بۇلۇپ كەتسىمۇ ، مۇشۇ يەرشارىدا ئۇ تەڭرىنىڭ ئۇلۇغلۇقى بىلەن توقۇنۇشمايدۇ .

ئۇلار چوڭقۇر ئىشىنىدۇكى ، ئۆزىنى كۆپتۈرۈپ ، ئالەمگە سىغماس بولۇۋالغانلار، كۆزلىرى توسۇلۇپ قالغانلىقتىن جاھاننى كۆرەلمەيدىغانلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇلۇغ ، ھۆرمەتلىك ھامىيسىنى مەڭگۈ بايقىيالمايدۇ .

13

بەزىدە قۇلچىلىق ئەركىنلىكنىڭ چاپىنى بىلەن يېپىپ قويۇلىدۇ . ئۇ ھەممە ئىسكەنجىدىن ، ئۆرپ-ئادەتلەردىن، مەۋجۇت بۇلۇش داۋامىدىكى مەجبۇرىيەتلەردىن قۇتۇلغاندەك ئىپادىلىنىدۇ .

پەسكەشلىك، زۇلۇم ۋە ئاجىزلىقنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلۇش بىلەن سۈنئى ئىسكەنجىدىن ۋە ئۇنىڭ ئالامەتلىرىدىن قۇتۇلۇش ماھىيەتلىك پەرققە ئىگە. ئالدىنقىسى ئۆزىنى ھەقىقى ئازات قىلىشتىن دېرەك بەرسە ،كېيىنكىسى ئادەم بولۇش خۇسۇسىيتىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن دېرەك بېرىدۇ ھەم ئۇنى ھايۋان خاراكتېرلىك ئېغىر ئىسكەنجىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىشنىڭ تەركىبى بولىدۇ .

ئەمىلىيەتتە ، كېيىنكىسى بىرخىل چۈمبەلگە ئورالغان ئەركىنلىكتىن ئىبارەت . چۈنكى، ئۇ ماھىيەتتە ھايۋان خاراكتېرلىك خاھىشقا – ئىنسان ئۇزاق يىللار داۋامىدا ئىنسان خۇسۇسىيتىنىڭ مۇتلەق ئەركىنلىكىگە ئىگە بۇلۇش ئۈچۈن ئۇنى تۇنجۇقتۇرۇۋاتقان ئىسكەنجىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش خاھىشىغا مەنسۇپ بولىدۇ .

نېمە ئۈچۈن ئىنسان تەبىئىتى ئۆزىنىڭ مەلۇم ئىھتىياجىنى ئىپادىلەشكە خىجىل بۇلىدۇ ؟ چۈنكى ، ئۇنىڭ ھېس قىلىشچە، ئالى جاناپلىق بىلەن ئىھتىياج ئىنسان تەبئىتىنىڭ مۇھىم تەركىبى .

لېكىن ، مۇشۇ ئىھتىياجلارنىڭ كونتروللۇقىدىن قۇتۇلۇش ئەركىنلىك بولۇپ ، قان بىلەن گۆشنىڭ ئۈستىدىن غەلبە قىلىش ۋە ئاجىزلىقنىڭ پەسكەش قورقۇنچاقلىقىدىن غەلبە قىلىش ھېساپلىنىدۇ .

ئىنسان تەبئىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشنىڭ ئەھمىيىتى جەھەتتە ئىككىسى ئوخشاش  .

14

مەن قۇرۇق قائىدە تەلىماتىنىڭ ئىتىقادچىسى ئەمەسمەن . چۈنكى، قىزغىنلىقى ۋە ھاياتى كۈچى بولمىغان ئېتىقاد قانداقمۇ قائىدە تەلىماتى ھېساپلانسۇن ؟ كىشىنىڭ قەلبىدە قىزغىن ، ھاياتى كۈچكە تولغان ئېتىقاد قانداقمۇ كەم بولسۇن ؟

تەلىمات بىلەن ئىدىيە ھاياتى كۈچكە تولغان بىرخىل ئېتىقاد ئەمەس ، بەلكى بەزى قۇرۇق ئىپادىلەر ياكى كۆپ بولسا قاتمال دوگمىلاردىن ئىبارەت . ئادەم قەلبىدە ئىتىقاد چاقناتقان قايناق ھېسيات ئۇنىڭغا ھايات بېغىشلىيالايدۇ !

كىشىلەر چاقناپ تۇرغان قەلىبتىن ئەمەس ، بەلكى ئىتىبارسىز كاللىدىن چىققان قائىدە تەلىماتلارغا ۋە ئىدىيىلەرگە ھەرگىز ئەمەل قىلمايدۇ .

ئالدى بىلەن تەپەككۇرىڭىزغا ئىشىنىڭ ، قىزىپ كەتكەن دەرىجىدە ئىشىنىڭ !باشقىلارمۇ ئۇنىڭغا ئىشىنىشى كېرەك . بولمىسا ئۇنىڭدىن روھى ۋە ھاياتىدىن ئايرىلغان يېزىقنىڭ قاسرىقى قالىدۇ.

ئادەمنىڭ روھى بولمىغان ۋە يەرشارىدا ئادەم سىياقى قىمىرلىيالمايدىغان جانلىقلار ۋە ئىدىيلەردە ھاياتى كۈچ بولمايدۇ !

ھاياتى كۈچى بولمىغان ئىدىيە ساھەسىدە ھېچقانداق ئادەم ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ . بۈگۈنكى كۈننىلا نەزەردە تۇتۇدىغان ئۇنداق ئىدىيە ئىتىقاد قىلغۇچىنىڭ قەلبىنى ئوڭلىيالمايدۇ .

راست ! ئادەمنىڭ ئىدىيسىنى ئايرىشنى روھ بىلەن تەننى ! سۆز مەنىسى بىلەن يېزىقنى ئايرىش مۇمكىن بولمىغاندەك ، ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇمكىن ئەمەس . بەزىدە پارچىلاش ۋە ۋەيران قىلىش خەۋپىنى ئۈستىگە ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ .

ھازىر مەۋجۇت بولىۋاتقان ئىدىيلەر كىشىنىڭ قەلبىنى يەپ كەتتى ! بەدەننىڭ مۇقەددەس ئەزاسىنى باقالمايدىغان ئىدىيىدىن ئۆلۈك بالا تۇغۇلدى . ئۇ ئىنسانىيەت جەمئىىيىتىنى بىر قەدەممۇ ئىلگىرى سۈرەلمىدى .

بەزى ناچار، پەسكەش ۋاستىلەردىن پايدىلىنىپ ئالىيجاناپلىق مەنزىلىگە يېتىشىمىزنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ ! ئالىيجاناپلىق مەنزىلى ئالىيجاناپ قەلبتە بارلىققا كېلىدۇ .

شۇڭا ، بۇ ئالىيجاناب قەلب ناچار ، پەسكەش ۋاستىلەردىن قانداقمۇ پايدىلىنالىسۇن ؟ ئاشۇ ۋاستىلەردىن پايدىلىنىشنىڭ يولىنى قانداقمۇ تاپالىسۇن ؟

پاتقاق كۆلنىڭ بىر چېتىدىن يەنە بىرچېتىگە ئۆتكۈچە پۈتۈن بەدەن لاڭ بولۇپ كېتىدۇ …پاتقاق يولدا ئايغىمىزغا لاي چاپلىشىپ قالىدۇ !ئىزىمىزمۇ قالىدۇ . بىر ناچار ، پەسكەش ۋاستىلەردىن پايدىلانغاندا مەينەت نەرسىلەر روھىمىزنى بۇلغايدۇ .روھىمىزغا ۋە ئايىغىمىز يەتكەن ئاخىرقى نۇقتىغا تامغا باسىدۇ .

روھتىن ئېيتقاندا ۋاستە -مەقسەتنىڭ بىر قىسمى بۇلۇپ ، روھى دۇنيادا بۇ پەرقلەر ۋە ئايرىشلار مەۋجۇت بولمايدۇ . ئىنسان تەبئىيتىنىڭ ئۆزىگە خاس ھېسياتىنى ئالىيجاناپلىق مەنزىلىگە يەتكۈزمەكچى بولغاندا ، ئۇ ئۇنداق ناچار ۋاستىلەردىن پايدىلانمايدۇ ، ھەرگىز تەبىئى يول تېپىپ ئۇنىڭدىن پايدىلانمايدۇ ‹‹مەقسەت ۋاستىنىڭ ئورنىدا ئاقلىغۇچى بولالايدۇ ››، بۇ پۈتكۈل غەربنىڭ پەلسەپىۋى قائىدىسى . چۈنكى ، غەرب ‹‹كاللا ››سىغا تاينىپ ياشايدۇ . كاللىدا ۋاسىتە بىلەن مەقسەتنى پەرقلەندۈرۈپ  ئايرىۋەتكىلى بولىدۇ .

15

ئەمەلىيەت ماڭا شۇنى ئۇقتۇرىدۇكى ، ھاياتلىقتا ھەرقانداق شەيئىنى تولۇق روھى خۇشاللىق بىلەن تەڭ قىلغىلى بولمايدۇ.تەسەللى ، ئىشەنچ ، ئۈمىد ، خۇشاللىقنى باشقىلارنىڭ قەلبىگە ئېلىپ كىرگەندىلا بۇ خىل خۇشاللىقنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ .

بۇ خۇشاللىق زېمىنىدا تېپىلمايدىغان ئاجايىپ ، ۋەھى خۇشاللىقى ، بۇ بىزنىڭ تەبئىتىمىزدىكى سەمىمى ۋەھى ئامىلىنىڭ ئىنكاسىدۇر .ئۇ سىرتقى دۇنيانىڭ مۇكاپاتىغا مۇھتاج ئەمەس ، چۈنكى ئۇنىڭ مۇكاپاتى ئۆزىنىڭ ئىچكى دۇنياسىنىڭ يوشۇرۇنغان بولىدۇ!

بىر قىسىم كىشىلەر بەزى مەسىىلىلەرنى خاتا ھالدا مۇشۇ ساھەگە مەنسۇپ قىلىپ قويىدۇ ، يەنى باشقىلار ساخاۋەت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان مەسىلىلەر ئەمەلىيەتتە ھەرگىز بۇ تۈرگە مەنسۇپ بولمايدۇ .

ساخاۋەتنىڭ گۈزەل ئەخلاق ئىكەنلىكىنى ھەرگىز ئىنكارقىلماقچى ئەمەسمەن . ساخاۋەتچىنىڭ ئىنتايىن زور خۇشاللىقىنىمۇ ئىنكار قىلمايمەن .

لېكىن ، بۇ پۈتۈنلەي باشقا گەپ . بۇيەردىكى مەسىلە ساۋابنىڭ باشقىلار قەلبىدە بىرقەدەر روشەن جاۋابقا ئىگە بولغان خۇشاللىق مەسىلىسىدىن ئىبارەت .بۇخىل خۇشاللىقنىڭ قىممىتى بىلەن باشقا خىلدىكىلەر ئوخشىمايدۇ .

چۈنكى ، بىز تەسەللى ،خۇشاللىق،ئىشەنچ ، ئۈمىد،شادلىقىنى كىشىلەر قەلبىگە ئېلىپ كىرگەندە ھېس قىلغان خۇشاللىق بولماستىن ، بەلكى ھېچقانداق تاشقى ئامىلغا تايانماي ، قەلبىمىزدىن چىقىپ ، يەنە قەلبىمىزگە يېنىپ كەلگەن سەمىمى ساپ خۇشاللىقتۇر .ئۇ مۇكەممەل مۇكاپاتقا ئىگە . چۈنكى مۇكاپات ئۆزىنىڭ ئىچىدە بولىدۇ .

16

ئەزرائىلنىڭ كېلىشىدىن قورقمايمەن ، ئۇھازىر ئالدىمغا كەلگەن تەقدىردىمۇ .

بۇ دۇنيانىڭ تۇرمۇشىدىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئالدىم . ئۆزۈممۇ تۆھپە قىلدىم . بەزىدە ئالغانلىرىم بىلەن بەرگەن لىتىمنىڭ چىگرىسىنى ئايرىش ناھايىتى تەس بولدى .چۈنكى ، بۇ ئىككىسىنىڭ روھى ئوخشاش مەنىدە ئىدى .

ھەرقېتىم تۆھپە قىلغاندا مەنمۇ ئېلىپ تۇردۇم مەلۇم ئادەم ماڭا بىرەر نەرسە بەردى دېمەكچى ئەمەسمەن . بەلكى ئۆزۈم تۆھپە قىلغان روھنى ئالدىم . چۈنكى ، تۆھپەمدىن بولغان خۇشاللىقىم تۆھپەمدىن ئالغان كىشىلەرنىڭ خۇشاللىقىدىن قېلىشمايدۇ .

ئەزرائىلنىڭ كېلىشىدىن قورقمايمەن ، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۇ ماڭا قاراپ كەلگەن تەقدىردىمۇ . خىزمەتلىرىمنى ئەڭ زور تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلىدىم .

گەرچە مەن قىلماقچى بولغان يەنە بەزى ئىشلار بولسىمۇ . مۇبادا يەنە ياشىيالىسام ، يەنە تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلىيەلىسەم . غەم-قايغۇ يۈرىكىمنى ھەرگىز يۇتۇۋىتەلمەيدۇ . ئەگەر ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىسام. ئۇنى باشقىلار ئورۇندايدۇ .

ئەگەر بۇ خىزمەتنىڭ نامى مەڭگۈ ساقلانسا . ئۇ چوقۇم يوقىلىپ كەتمەيدۇ . ئۇنداقتا بۇ خىزمەتنىڭ مەۋجۇت بولۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈشۈمنىڭ يوقالماس يۈكسەك ئېتىقاد بولۇپ قېپ قالغانلىقىغا رازى بولۇپ كېتىمەن .

ئەزرائىلنىڭ كېلىشىدىن قورقمايمەن ، ئۇ مۇشۇ چاغدا ماڭا قاراپ كىلىۋاتقان بولسىمۇ .ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ياخشى ئادەم بولۇشقا تىرىشتىم . خاتالىق ۋە كەمچىلىكلىرىمگە ھەقىقەتەن پۇشايمان قىلىمەن . ئۇنى اللەقا تاپشۇردۇم .

اللەنىڭ رەھىم قىلىشىنى ۋە مەغپىرەت قىلىشىنى تىلەيمەن .ئاقىۋەت قانداق بۇلارىنى بىلمىسەممۇ . بۇنىڭدىن قايغۇرمايمەن . تارتىلىدىغان جازاغا ۋە ئادىل مۇكاپاتقا رازىمەن. چۈنكى ، قىلغان -ئەتكەنلىرىمنىڭ ياخشى ياكى يامان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنى ئۈستۈمگە ئېلىشنى خالايمەن . مەھشەر كۈنىدىكى سوراقتا سەۋەنلىكىم تۈپەيلى بېرىلگەن جازادىن ئەپسۇسلانمايمەن .

(سەئىد قۇتۇبنىڭ سىڭلىسى ئامىنە قۇتۇبقا يازغان بۇ خېتى 1995-يىلى 5-ئايدىن بۇيان ‹‹تۇنىس ئىدىيىسى ››ژورنىلى نەشىرقىلغان 4-يىلنىڭ 6-سانىغا ‹‹يىراقتىن كۆرۈنگەن نۇر››نامى بىلەن بېسىلغان . بۇ ماۋزۇنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغۇچى قويغان. بۇ ئەسەر 1993-يىلى رامىزان ئېيىدا دەمەشىقتە تەرجىمە قىلىنغان .)

تەپەككۇر شەكلى ئۆزگىچە ،ئۇسلۇبى ئالاھىدە ،قائىدىلىرى ياخشى قويۇلغان . ئەسەر جانلىق ، راۋان يېزىلغان،مەنىسى چوڭقۇر،ئىنتايىن قائىدىلىك ئادەم ھەرقانچە ئويلانسىمۇ زېرىكىپ قالمايدۇ .

سەئىد قۇتۇبنىڭ ھاياتى

1956-يىلى تۈرمىگە قامالغان ۋاقىتتىكى سۈرىتى

شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان «خەلقئارادىكى ئىسلام دولقۇنى»ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى .

ئەرەب ئىسلام ئەسلىيەتچىلىكىنىڭ جېنى -سەئىد قۇتۇب

سەئىد قۇتۇب(1906-1966)مىسىرنىڭ ئاسيوت ئۆلكىسى مۇشا دەيدىغان كىچىك بازارداتۇغۇلغان،ياش ۋاقتىدا پايتەخت قاھىرەگە كىلىپ ئوقۇغان ۋە خىزمەت ئىزدىگەن،كىيىن ئوقوتقۇچى بولغان،دەسلەپ دىندىن خالى مىللەتچى بولۇپ،مىللەتچى سىياسىي پارتىيە(ئەلۋەفدى)نى قىزغىن قوللىغان،بۇ چاغدا ئۇ جامالىددىن ئافغانى، موھەممەدئابدۇ،موھەممەد رەشىيد رىزا قاتارلىق يىقىنقى زامان مۇتەفەككۇرلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇغان،ھەمدە شۇ چاغدىكى جەمئىيەت ئەھۋالىنى،ۋە تۆۋەن قاتلامدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىنى چوڭقۇر كۈزەتكەن .

30-يىللانىڭ ئاخىرى سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتلەردە مۇناسىۋەتلىك ماقالىلىرىنى ئىلان قىلىشقا باشلىغان.سەئىد قۇتۇب 1948-1950-يىلىغىچە ئامېرىكىغا بېرىپ 2يىل ئوقۇغان،ئاساسلىق مائارىپ باشقۇرۇش جەھەتتە بىلىم ئاشۇرغان. بۇ قېتىمقى ئوقۇشى ئارقىلىق ئۇ غەرىپ جەمئىيىتى ۋە مەدەنىيىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرلەپ تۇنۇغان ۋەچۈشەنگەن.

ئۇ غەرىپ دۇنياسىنىڭ ماددى تۇرمۇشى تەرەققى تاپقان بولسىمۇ لىكىن روھىي جەھەتتە مەنىسىز،جەمئىيەتنىڭ چىرىك ئىكەنلىگىنى ھېس قىلغان ئۇ «غەرىپنىڭ يولىنى مۇسۇلمانلار رايونلىرىدا قوللىنىشقا بولمايدۇ» دەپ قارىغان.ئەنگىليىنىڭ مىسىر،پەلەستىندە ۋە فىرانسىيىنىڭ سۈرىيە،تونىس،ئالجىريە قاتارلىق جايلارداقىلغان-ئەتكەنلىرىنى كۆزىتىش ئارقىلىق غەرىپ دۆلەتلىرىنىڭ نىشانى ئىسلامىيەتنى تۇلۇق بويسۇندۇرۇش ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يەتكەن.

دەۋىرداش نۇرغۇن كىشىلەر تېخىمۇ رادىكال ئەرەپ مىللەتچىلىكىگە ۋە سوتسىيالىزىمغا بۇرالغاندا ئۇ باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان يولنى تاللىۋالغان.يەنى رىئال ئىجتىمائى،سىياسىي مەسىلىلەرنى ئىسلامنىڭ ئەسلى ئىدىيىسىگە تايىنىپ ھەل قىلىش يولىنى تاللىۋالغان.

50-يىللارنىڭ باشلىرى ئۇنىڭ ئەسىرى«ئىسلام بىلەن كاپتالىزىمنىڭ توقۇنىشى»جامائەت بىلەن يوزكۆرۈشتى،بۇ ئەسەر ئۇنىڭ دىندىن خالى مىللەتچىلىك ئىدىيىسىدە ئەمەس،پۈتۈنلەي ئىسلامنىڭ ساپ يولىنى ياقىلايدىغانلىقىدىن دىرەك بەرگەن.

سەئىد قۇتۇب باشتىلا مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىغا ھېسداشلىق قىلىش ۋە ئۇنى قوللاش پوزىتسىيىسىدە بولغان.قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ بەزى پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان.

لىكىن بۇ چاغدا ئۇيۇشمىغا رەسمى كىرمىگەن.شۇنىڭ بىلەن بىللە«ئەركىن ئوپىتسىرلار تەشكىلاتى» بىلەنمۇ قۇيۇق مۇناسىۋەت قىلىپ تۇرغان«ئەركىن ئوپىتسىرلار تەشكىلاتى»1952-يىلى مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ قوللىشى بىلەن پادىشاھ پارۇقنىڭ ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۋىتىپ مىسىرجۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان.

لېكىن مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى يېڭى ھۆكۈمەتگە كىرەلمىگەن.مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى بىلەن جامال ئابدۇ ناسىر باشچىلىغىداجۇمھۇرىيەت تۈزۈمىدىكى ھاكىمىيەتنىڭ مۇناسىۋىتى يىرىكلىشىشگە باشلىغان.

ھەمدە بۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇقۇنۇش يۈزبەرگەن.سەئىد قۇتۇپ يىڭى ھۆكۈمەتكە نارازى بۇلۇپ،قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىغا رەسمىي كىرىپ،جامال ئابدۇناسىر ھاكىمىيىتى بىلەن قارشىلىشىش يولىغا ماڭغان.

مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ بەزى ئەزالىرى 1954-يىلى جامال ئابدۇناسىرنى ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولۇپ مۇۋەپپىقىيەت قازىنالمىغان.

ھۆكۈمەت مۇسۇلمان قىرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنى كەڭ كۆلەمدە باستۇرۇپ،نەچچە مىڭ ئادەمنى قولغا ئالغان.بەزى ئادەملەرگە ئۆلۈم جازاسى بەرگەن.سەئىد قۇتۇپمۇ قولغا ئېلىنغان، «خەلق سوتى»سوراق قىلغاندىن كېيىن 15 يىل تۈرمىگە قاماش جازاسى بەرگەن.

ئۇ ئاغرىقچان بولغاچقا تۈرمىدىكى كۆپ ۋاقىتنى دوختۇرخانىلاردا ئۆتكۈزگەن.شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئېغىرئىشلارنى قىلماي تەپەككۇر قىلىشنى ۋە يىزىقچىلىقنى داۋاملاشتۇرغان.ھۆكۈمەتنى قوللاشتىن،ھۆكۈمەتتىن ئۈمىد كۈتۈشدىن ئۈمىتسىزلىنىشكە ۋە نەپرەتلىنىشكە ئۆزگەرگەن.

رىئال جەمئىيەتنىڭ سىياسى تۈزۈلمىسىدىن نارازى بولغانلىقى كۆرەشنىڭ تەكرار ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچىرىغانلىق تۈپەيلى،سەئىدقۇتۇپنىڭ ئىدىيىسى ئىنتايىن كەسكىنلەشكەن.ئۇ ئەبولئەلا مەۋدۇدى،ھەسەنول بەنناقاتارلىقلارنىڭ ئىسلام ئىدىيىسىنى توپلاپ،ئۆزى ئىجابىي تەرەققى قىلدۇرۇش ئارقىلىق مۇكەممەل شۇنداقلا تېخىمۇ جەڭگىۋار چاقىرىق كۈچىگە ئىگە بولغان ئىسلام نەزىرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇ تۈرمىدە يېتىپ «بىزنىڭ دىنىمىز»« دىنىمىز نىڭ ئىستىقبالى»«يول بۇ يەردە»قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان.مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى ئۇلارنى بېسىپ تارقاتقان.شۇنداق قىلىپ سەئىد قۇتۇب تۈرمىدە بولسىمۇ ئۇنىڭ ئەسەرلىرى سىرتقا مەخپى تارقىلىپ جەمئىيەتتە چوڭ تەسىر پەيداقىلغان.

جامال ئابدۇ ناسىر ھۆكۆمىتى بىر تۈركۈم سىياسىي گۇناھكارلارنى تۈرمىدىن قويۇپ بەرگەندە سەئىد قۇتۇبمۇ سالامەتلىگى تۈپەيلى مۇددەتتىن بۇرۇن قويۇپ بىرىلگەن.سەئىد قۇتۇب تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن داڭقى ۋە تەسىرى تۈپەيلى مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى ئۇنى دەرھال رەھبەرلىك ئورگىنىنىڭ ئەزالىقىغا سايلىدى.

ئۇزۇن ئۆتمەي مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىدىكى ئەزالار پىلانلىغان زۇڭتۇڭ،مىنىستىرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھۆكۆمەت ئەمەلدارلىرىنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىگە چېتىلىپ قالغان.

مەخپى پىلان ئاشكارىلىنىپ قالغاندىن كېيىن سەئىد قۇتۇپ ۋە مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ بىرتۈكۈم ئەزالىرى1966-8-ئايدا يەنە قولغا ئىلىنىپ سوراق قىلىنىدۇ.بۇقېتىمقى سوراقتا سەئىد قۇتۇب ئۆزىنى ئاقلىمايدۇ،بەلكى سوتتا ئىسلام دىنىنىڭ سىياسى ئىدىيىسىنى ئەتراپلىق شەرھىلەيدۇ.

ئۇنىڭ دۆلەتتىن،مىللەتتىن،سىنىپدىن ھالقىغان بۇ ئەقىدە ۋە پىكرى سوتنى زىلزىلىگە سېلىۋىتىدۇ.شۇ چاغدىكى جەمىيەتتىمۇ غۇلغۇلا قوزغىۋېتىدۇ،.سەئىد قۇتۇپ ۋە مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىسىنىڭ بەزى ئەزالىرىغا ھۆكۈمەت ئۆلۈم جازاسى بېرىدۇ،.شۇ چاغدا ئۇ دەل 60 ياشقاكىرگەن ئىدى.

سەئىد قۇتۇپ ھاياتىدا نۇرغۇن ئەسەر يازغان.بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭ تۈرمىدە يازغان ئەسىرى«يول بۇ يەردە»تەسىرى ئەڭ چوڭ بولۇپ بۇ ئەسەرئۇنىڭ ئىدىيىسىگە ئەڭ ۋەكىلىك قىلالايدۇ.بۇ كىتابتا ئۇئىسلامنىڭ ئىدىيىسىنىڭ نەزىرىيىسىنى سىستىملىق شەرھىلىگەن ئاساسلىقى مۇنداق ئىككى تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

1-رىئاللىقتىكى تۈزۈلمىلەرنى تۇلۇق ئىنكار قىلىدۇ.سەئىد قۇتۇپ «زامانىمىز دۇنياسى، جۈملىدىن مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ھېلىمۇ جاھىلىيەت-ئىسلامدىن بۇرۇنقى ھالىتىدە تۇرۇۋاتىدۇ» دەپ قارايدۇ.ئۇ مۇنداق دەيدۇ«بىز بۈگۈن ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقىغا ئوخشاش،ھەتتائۇنىڭدىنمۇ بەتتەر جاھىلىيەت ئىچىدە تۇرۇۋاتىمىز.

ئەتراپىمىزدىكى ھەممە نەرسەكىشىلەرنىڭ كۆز قاراش ۋە ئىتىقادى ئادەت يوسۇنلىرى كىشىلەرنىڭ مەدەنىيەت،سەنئەت ۋە ئەدەبىيات جەھەتتىكى مەنبەسى ۋە جەمئىيەت نىزامى قانۇن چىقىرىش جاھىلىيەت ئىچىدە تۇرۋاتىدۇ.بىز ئىسلام مەدەنىيىتى،ئىسلام مەنبەسى ياكى ئىسلام پەلسەپىسى ۋە ئىدىيىسى دەپ قارىغان نەرسىلەرمۇ ئەمىلىيەتتە مۇشۇنداق جاھىلىيەت«دىنسىزلىق» نىڭ تەركىۋى قىسمىدۇر»ئۇنىڭ قارىشچەبۇنداق جاھىلىيەت سىياسىي جەھەتتە اللەنىڭ يەر يۈزىدىكى ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىشدا يەنى بەزى ئادەملەرنىڭ ئەخلاق،كۆزقاراشلارنى بەلگىلەش،«قانۇن ۋە تۈزۈملەرنى تۈزۈش ھوقۇقىغا ئىگىمىز» دەپ قاراپ بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ يەنە بىرقىسىم كىشىلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىشدا ۋە بېسىم ئىشلىتىشىدە ئىپادىلىنىدۇ.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ«فاشىزىم،كوممونىزىم،كاپىتالىزىم ياكى نۆۋەتتە ئەرەپ دۇنياسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مىللەتچىلىك سوتسىيالىزىم ئىدىلوگىيسى بولۇشىدىن قەتئى نەزەربۇلارنىڭ ھەممىسى جاھىلىيەتدۇر.چۈنكى بۇلار اللە تەرىپىدىن كەلگەن ئەمەس.

ئادەمنى اللە قا بويسۇندۇرماستىن بەلكى ئادەمنى ئادەمگە بويسۇندۇرىدۇ»ئۇيەنەمۇنداق دەيدۇ« مىللەتچىلىك ھوقۇقىنى اللەقا مەنسۇپ قىلماستىن مىللەتكە مەنسۇپ قىلىدۇ شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئىسلام ھىساپلانمايدۇ .

2-ساپ ئىسلام نىزامىنى يېڭى باشتىن ئورنىتىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.سەئىد قۇتۇب مۇنداق دەيدۇ«جاھىلىيەتتىن قۇتۇلۇشنىڭ ئۇسۇلى شۇكى ھەركەت قوللىنىپ اللە نىڭ تۇلۇق ھوقۇقىنى ۋە ھۆكۈمرانلىقىنى تىكلەش لازىم.اللە نىڭ بىردىنبىر ئىلاھ ئىكەنلىگىنى جاكارلاش…قوزغىلىپ ھەرقانداق شەكىلدىكى ،تۈردىكى ۋە ئۇسۇلدىكى ئادەملەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇش،يەر يۈزىدە ئادەملەرنىڭ ھۆكۆمرانلىقىنى كۇمپەيكۇم قىلىپ،اللەنىڭ پادىشالىقىنى تىكلەشتىن…ھوقۇقنى ئىنسان ئىچىدىكى ھوقۇقدارلاردىن قايتۇرۇپ ئېلىپ،بىردىن بىر اللەقا قايتۇرۇپ بىرىشتىن،ئادەملەرنىڭ قانۇنىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ،تەڭداشسىز مۇقەددەس ئالى قانۇن اللەنىڭ قانۇنىنى تىكلەشتىن دىرەك بىرىدۇ».

سەئىد قۇتۇپ مۇنداق دەپ ئوتتۇرىغا قويىدۇ«اللەنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ، مۇسۇلمانلار ھىجرەت قىلىپ،زامانىمىزدىكى بۇنداق جاھىلىيەتتىن ئۈزىل-كىسىل قۇتۇلۇپ،پوتۈنلەي ئىسلام ئۇسۇلى ۋە ئۆلچىمى بۇيىچە قۇرۇلغان جەمئىيەتنى بەرپا قىلىشى، مىللەتچىلىك،ۋەتەنپەرۋەرلىك دىگەندەك ئىسلامىيەتكە يات تەسىرلەرنى پۈتۈنلەي تازىلىۋىتىشى لازىم. ئوتتۇرىغا قويغان «ھىجرەت»جۇغراپىيە جەھەتتىكى كۆچۈشنىلا ئەمەس، بەلكى مۇسۇلمانلار جاھىلىيەت بىلەن كۆرەش قىلىش،اللەنىڭ ئىشلىرى ئۈچۈن جەڭ قىلىش ئارقىلىق ئسلام نىزامى بەرپا قىلىنغان مۇھىتقا كۆچۈشنى كۆرسىتىدۇ.

ئۇنى دەۋەت-چاقىرىقلار،قۇرئان ئايەتلىرىنى ئوقۇپ بىرىش بىلەنلا ئەمەلگەئاشۇرغىلى بولمايدۇ.چۈنكى خەلىقنىڭ بوينىغا زەنجىر سىلىۋالغانلا اللەنىڭ يەرشاردىكى نۇپۇزىنى تارتىۋالغانلار بۇنداق چۈشەندۈرۈش ۋە نەسىھەتلەرگە ئورۇننى ئۆتكۈزۈپ بەرمەيدۇ»سەئىد قۇتۇپ تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ«ھازىرقى مۇھىم ۋەزىپە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقا غەيرى ئىسلام تەرتىپلىرىنى تازىلاپ،ئىسلام جەمىيىتى بەرپا قىلىشدىن ئىبارەت.

بۇنداق«تازىلاش»ئۆزگەرتىش ياكى ئىسلاھ قىلىش بولۇپلا قالماستىن ئۈزىل-كىسىل تۈپتىن ئۆزگەرتىش كىرەك» سەئىد قۇتۇپ كەلگۈسىدىكى ئىسلام دۆلىتىنىڭ لاھىيىسى توغرىسدا توختالمىغان.ئۇنىڭ قارىشچە ھازىرمەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان غەيرى ئىسلام تەرتىپلىرىنى تازىلاپ بولغاندىن كىيىن تەپسىلى لاھىيەنى ئاندىن ئويلىشىش كىرەك دىگەن.

سەئىد قۇتۇپنىڭ ئەسلىيەتچىلىك ئىدىيىسى مۇسۇلمانلارئاممىىسىنىڭ نارازلىق ھالىتىنى ئىسلاھ قىلىش پىسخىكىسىنى ناھايىتى زور دەرىجىدە ئىپادىلىدى.

ئۇ سوتتا سوراققا تارتىلغاندا كىشىلەر ئۇنىڭ مەردانىلىق بىلەن سۆزلىگەنلىرىنى ئاڭلاپ ئۆلۈمگە پەرۋاقىلمىغانلىقىنى ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆردى.بۇنداق ئىسلام ئەسلىيەتچىلىك نەزىرىيىسى دۇنيادىكى ئىسلامىي تەشكىلاتلارنى كۈچلۈك ئىدىيىۋى قورال بىلەن تەمىنلىدى.

ئۇنىڭ نۇرغۇن ئەسەرلىرى ئەسلىيەتچىلەر،ساپ ئىسلامنى تەلەپ قىلغۇچىلارئوقۇيدىغان دەرىسلىك بولدى.

ئەسكەرتىش: سەئىد قۇتۇبنىڭ «ھاياتلىق ھەققىدە »نامىلق ئەسىرى «بۇلاق ژورنىلى »2003-يىللىق 1-سانىدىن ئېلىندى .تەرجىمھالى«شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى »تەرپىدىن نەشىر قىلىنغان«خەلقئارادىكى ئىسلام دولقۇنى»نامىلق كىتاپتىن ئېلىندى . ئىككى پارچە رەسىم image.google.com دىن ئېلىندى .

مەن پەقەت توردىن ،ژورنالدىن يىغىپ رەتلەپ قويدۇم ۋە ئېلكىتاپ قىلىپ ئىشلەپ قويدۇم .

توربىكەت ئادىرسى :

بۇ ئەسەرنىڭ PDF نۇسقىسىنى بۇيەردىن چۈشۈرۋالسىڭىز بۇلىدۇ .

يازما ئاپتورى:

ھېچكىمنىڭ قۇرت-قوڭغۇزدەك نام-شىانسىز ياشاپ ئۆلۈپ كەتكۈسى بولمىسا كېرەك. يازغانلىرىم قەلبداشلىرىم بىلەن ئورتاقلىق ھاسىل قىلالىسىكەن دەيمەن. . . يازمىللىرىم ھەققىدىكى نۇرغۇن ئىنكاسلارنى يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىدىن كۆرەلەيسىز. ئۇيەردىكى نامىم رەھمەتۇللاھدۇر . [ يەتتە قىز مۇنبىرى ]

ئىنكاس يېزىش

ئېلخەت ئاشكارلانمايدۇ. بەلگە * بارلىرىنى چوقۇم تولدۇرۇڭ

*
*