يوتقاندا پەيدا بولغان تۇنۇش ھىد قادىرنىڭ كۆزىنى ئاچتى . كۆرمىگىلى ئۇزۇن بولغان ئايالىنىڭ ھىدىغا قانماي پۇرايتتى، باغرىغا چىڭ باساتتى، چىرايىغا تىكىلىپ قارايتتى.
-«نېمانچە ئۇزۇن يوقاپ كېتىسەن؟ مۇشۇنداقمۇ تاشلىۋىتەمسەن ؟ بىلەمسەن؟سېنى بەك سېغىندىم »  دىدى .


-«مەندىمۇ  نىمە ئامال، كىلەي دەپمۇ كىلەلمىسەم بولمىسا مەنمۇ سېغىندىم ،دەيتتى ئايالى قادىرغا تىكىلىپ .
-قادىرنىڭ ئايالى ياستۇق ئۈستىدە قۇيۇپ قويغان يانفۇننى كۆردى-دە«مەن يوق ۋاقىتلاردا كىملەر بىلەن تېلفۇنلاشتىڭىز كۆرۈپ باقاي» دەپ يانفۇننى قولىغا ئالدى.
ئىككى كۈن ئىلگىرى بىز قىزنىڭ يازغان ئۇچۇرى قادىرنىڭ يادىغا يىتىپ يانفۇننى تارتىۋالدى ۋە« بولدى قىلە ماڭا دائىم ئىشەنمەيسەن» دىدى.
«سىز ئىشەنچىلىك بولغاندىكىن كۆرۈپ باقسام بولا» دىدى يەنە  ئايالى.
لېكىن قادىر يانفۇننى بەرگىلى ئۇنىمىدى، ئايالىمۇ بوش كەلمەي تالاشتى، قادىرنىڭ ئاچچىقى كىلىپ يانفۇننى تامغا ئاتتى. يانفۇن نەچچە پارچە بۇلۇپ كەتتى.« كۆرە مانا! بولدىمۇ ئەمدى ؟ماڭا پەقەت ئىشەنمەيسەن ،مەن سەن يوق ۋاقىتتا ھېچكىم بىلەن كۆرۈشمىدىم !»دەپ تازا غەلۋە قىلىۋاتقاندا  يانفۇن سايراپ قادىرنىڭ ئۇيقۇسىنى ئويغىتىۋەتتى.
يانفۇندىن ئوغلىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى – «دادا ھازىر بىز بۇۋام، مۇماملار بىلەن سىنىڭ يېنىڭغا ماڭدۇق ».
قادىر كىرلىشىپ كەتكەن يوتقاننى بۇرنىغا چىڭ بېسىپ پۇرىدى. بۇ يوتقاننى ھەرقېتىم قۇلىغا ئالغاندا كۆزئالدىغا ئايالىنىڭ سىماسى كىلەتتى، يوتقاننى يېپىنىپ ياتقاندا ئايالىنىڭ ھىدىنى سىزەتتى. ئاغىنىللىرى بىرنەچچە قېتىم قاسماق يوتقان دەپ زاڭلىق قىلغان بولسىمۇ رەھمەتلىك بىلەن يېپىنغان بۇ يوتقاندىكى ھىدنى يۇقۇتۇپ قۇيۇشتىن ئەنسىرەپ يۇيماي يېپىنىۋاتاتتى.
ياتاقنى يىغىشتۇرۇپ يۈز-كۆزلىرىنى يۇيۇپ تۇرۇشىغا قېيىن ئاپا-قېيىن ئاتىلىرى ئوغلىنى ئېلىپ كىردى ،قادىر ئۇلارنى ياتاق ئۆيگە باشلىدى . قېيىن ئاپىسى ياتاق ئۆيگە كىرىپلا ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتى. ئۇ توختىماي قىزىم تۇتقان ئۆي، قىزىم ياتقان ياتاق دەپ ئۆينى ياتاقلارنى سىلاشتۇراتتى. سەككىز ئايدىن بىرى ئاپىسىنىڭ يىغىسى بىركۈنمۇ بېسىقمىدى.
قادىر ھەرقېتىم قېيىن ئاپىسىنىڭ يىغىسىنى كۆرگەندە ناھايىتى تەڭلىكتە قالاتتى، تەسەللى قىلىشنىمۇ ئويلايتتىيۇ يەنە نىمە دىيىشنى بىلەلمەي جىم تۇراتتى.
چۈنكى شۇ ۋاقىتتا ئاقسۇغا ئايال بىلەن بالىنى ئېلىپ مېڭىشقا قېيىن ئانىسى قارشى تۇرغان ئىدى. لېكىن قادىر ئاڭلىمىدى، ھەتتا ئۇنىمىغىنىغا قارىماي چوڭلارغا خەۋەر قىلمايلا مېڭىپ كەتكەن ئىدى.
تەقدىر دىگەن شۇ بولسا كىرەك. ئۇلار ئاقسۇغا بېرىپ بولغۇچە ناھايىتى خۇشال ماڭدى، توختىغان يەردە رەسىمگە چۈشۈپ ئايلىنىپ، ئوينىشىپ بەكلا خۇشال ماڭغان ئىدى. ئاقسۇغا كىرىشكە نەچچە كىلومىتىرلا يول قالغاندا تىز سۈرئەتتە كىتۋاتقان ماشىنا يولنىڭ ياقىسىدىكى تۆكەپ قويغان شېغىلغا تەككەندەكلا قىلىۋىدى ماشىنا نەچچە ئايلىنىپ كەتتى. قادىر كۆزىنى ئاچقاندا ئۆزىنى دوختۇخانىدا يالغۇز كۆرگەن ئىدى.

يازما ئاپتورى:

يازغانلىرىم باشقىلارنى يىتەكلەش، ھەقىقەتكە قايتۇرۇشتەك ئۇلۇغ ئىشلارنى مەقسەت قىلمىغان. مەن پەقەت ھېس قىلغانلىرىمنى ھىكايە، نەسىر، خاتىرە شەكىلدە يېزىپ قالدرۇماقچى. بۇ مەۋھۇم دۇنيانى رىئال دۇنيادىن تېپىلمىغان سىرداش، مۇڭداش قاتارىدا كۆرۈپ قۇرساق كۆپۈكلىرىمنى،ئىچ پۇشۇقلىرىمنى، دەرت-ئەلىمىمنى تۆكۈپ ئىچىمنى بۇشاتماقچى. . . يازمىللىرىم يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىگىمۇ تەڭ يوللىنىدىغان بۇلۇپ يازمىللىرىم ھەققىدىكى نۇرغۇن ئىنكاسلارنى مەزكۇر مۇنبەردىن كۆرەلەيسىز ئۇيەردىكى نامىم رەھمەتۇللاھدۇر . [ يەتتە قىز مۇنبىرى ]

ھازىرغىچە 4 دوستىمىز قىممەتلىك پىكىرلىرىنى بەردى. سىزلا قالغان ئوخشايسىز !!!

  1. چىچەك
    ۋاقىت: 2012- يىل 26- يانۋار 23:02 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    ئىھ ! سېغىنىش نىمىدىگەن ئازاپلىق :cry:

  2. ۋاقىت: 2012- يىل 19- يانۋار 12:23 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    قاچان كىتا بىڭ لا نەشىردىن چىقىدۇ !

    • ۋاقىت: 2012- يىل 19- يانۋار 23:03 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

      ئاز قالدى :twisted:

      • ۋاقىت: 2012- يىل 20- يانۋار 07:49 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

        ئاداش پەقەت ئالا قىلاشقىلى بۇمىدى سىلى بىلەن ئاڭلىسام ئاپتۇنۇم رايۇنغا چىكىتىپ سىلە … مىنىڭ تۇربىتىم نىڭ ئەيسىپىسى بىجەسەم بۇتتى ئاداش ياردەم كىل ساقلا يا ئۈزەڭلىنىڭ نامىدا بىجەگىلى بۇلامدۇ

ئىنكاس يېزىش

ئېلخەت ئاشكارلانمايدۇ. بەلگە * بارلىرىنى چوقۇم تولدۇرۇڭ

*
*