ئالدىراش كىتىۋېتىپ ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىنىڭ يان تېمىغا يېزىلغان بىر شۇئارغا كۈزۈم چۈشۈپ قالدى. «يىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قۇيۇش، دۆلەت ۋە خەلققە ئوخشاشلا پايدىلىق» دەرھال بىرەسى قىززىقچىلىق قىلىپ «پ» نىڭ چىكىتىنى ئۈچۈرۈپ تاشلىغان بولسا كىرەك دەپ ئويلۇدۇم ۋە خىيالىمنىڭ راست يالغانلىقىنى تەستىقلاش ئۈچۈن يېقىن بېرىپ قارىدىم. خەتتە زادىلا ئۈچۈرۈلگەن، ئۆزگەرتىلگەن ئىز تاپقىلى بولمايتتى، خەت يېزىلغان پېتى ناھايىتى پاكىز تۇراتتى.
خەتنىڭ يازغاندىلا شۇنداق يېزىلغىنىغا قايىل بولدۇم، ۋە ئانچە ھەيران قالمىدىم. چۈنكى يېزىقىمىزبۇرۇندىنلا جاراستاندا ھېلى بۇرنى يوق، ھېلى ئۈچ قۇلاق ، ھېلى تۇكۇر يېزلىپ كىلىۋاتاتتى،ھەم تۇلا ئۇچۇرتىپ كۈنۈپمۇ كەتكەن ئىدىم.
بۇلتۇر ئاۋات بازاردىكى داڭلىق دوراخانىنىڭ پائالىيەت ۋاقتىدا ئىشىك بېشىغا ئاسقان بىر لوزۇنكىنىڭ خېتىنى «ياخشىلىققا ھەممىمىز تەسۋىرلىنىمىز»دەپ يېزىپ پائالىيەت ئاياقلاشقۇچە ئىشلەتتى. ھەر قېتىم بۇ خەتكە قارىغىنىمدا يېزىقىمىزنى كىيىم-كىچەكلىرىنى سالدۇرۇپ قىپ يالىڭاچ ھالدا ئىشىك بېشىغا ئېسىپ قويغاندەك كۆرۈنۈپ يۈرۈگۈم پىژ-پىژ ئېچىشاتتى. ئەمما يېزىقىمىزغا ئىگە بۇلىدىغان ئادەمنىڭ كىملىكنى بىلمەيتتىم.
خەتكە قارىغان پېتى خىيالغا پېتىپ قالدىم«بۇخەتنى قەستەن يازغانمىدۇ؟ بىرەسى پىلانلىق تۇغۇتنى زاڭلىق قىلماقچىمىدۇ ياكى يېزىقىمىزنى ئوينىماقچىمىدۇ؟ بۇخەتنى يازغۇچى ئۇيغۇرمىدۇ؟ يا ۋەزىپىگە ئۇيغۇرچە ئۈگۈنگەن مېھمانلارمىدۇ؟ ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىدە ئۇيغۇر يوقىمىدۇ؟ بولسىمۇ كۆرمىگەنمىدۇ؟ كۆرسىمۇ مەسئۇل كىشىلەرگە ئېغىزئاچالمىغانمىدۇ؟ يا كۆرسىمۇ پەرۋايىغا ئالمىغانمىدۇ؟» ئىشقىلىپ سوئالىم جېق ئىدى ئەمما ھېچ قايسىسىغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ تاپالمايتتىم.
ماشىنىدا كىتىۋېتىپ ئالدىمدىكى ئۈچ چاقلىك موتسىكىلىتقا بېسىلغان ماركىغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى.
«باخشى»
ئاھانەت ! ھاقارەت !
بىرسى ئالدىمغا كىلىپ ھاياسىزلىق بىلەن ھىجىيىپ – يېزىقىڭنىڭ قېلىپى ئۆلچىمى يوق ئىكەن، ئۇكا ! ئەھلىنى تېپىپ ئۆلچەملىك يازىمەن دەپ ئاۋارە بولغۇچە بىلگىنىمىزچە يېزىپ پايدىلنىۋەرسەكمۇ خاتانى تۈزەت ئۆلچەملىك ياز دەيدىغان ئادەم يوق. سىلەرمۇ مەنىسىنى چۈشۈنەلىسەڭلەرلا باشقىچە ئويلانمايدىكەنسىلە شۇڭا يېزىشىمىزچە يېزىپ تۇردۇق- دەۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى.
مەن باشقا تىلنى بىلمەيمەن خەنزۇچە يا ئىنگلىزچە خەتلەرنىڭمۇ خاتا يېزىلىدىغان جايلىرى بۇلىشى مۇمكىن . ئەمما ئۆزۋەتىنىڭدە ،ئۆزۈڭنىڭ پىشانىسىكە يېزىقىڭ يېرىم ياتا ئېسىلسا، يېزىلسا گويا خوشناڭنىڭ بالىسى بېشىڭغا چىقىپ چوڭ تەرەت قىلىۋاتقاندەك سەن قۇناقلىقىڭغا ئەي قىلغۇدەك قىغقا ئېرىشكىنىڭگە خۇشال بۇلۇپ تەرەت چۈشۈۋاتقان قوڭغا تەلمۈرۈپ تۇرغاندەك تۇيغۇ بىرىدىكەن.
بۇ قېتىم قارمايغا چىقىشتا يول بۇيىغا ئورنىتىلغان يول كۆرسەتكۈچ تاختىلارنىڭ ئۇيغۇرچە خېتىنىڭ چۈشەنگىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدە خاتا بېسىلغانلىقىنى بايقاپ قالدىم. يولبۇيدىكى تاختىلارنىڭ خېتىنىڭ خاتا بېسىلىشىنى يۇرتۇمدىمۇ تۇلا كۆرەتتىم . ئەڭ كۆپ كۆرىدىغىنىم دۆلەتلىك 315-لىنىيەدىن «بەشتوغراق يېزىسى»غا قايرىلىدىغان يول بۇيىغا ئېسىلغان تاختىغا «بەش توغى ئاق يېزىسى» دەپ بېسىلغان ئىدى، بۇخەت ھېلھەم شۇ پېتى تۇرماقتا.
دىمەك بۇ خىل ئەھۋال پۈتۈن شىنجاڭدا ئوخشاش! يېزىقىمىز ياتلارنىڭ يۇرتىدا ئەمەس ۋەتىنىدە سازايى قىلنىۋاتىدۇ. يېزىقىمىزنىڭ ئىگىسى بولمىش بىز ئەركەكلەر ھېچنىمە قىلمىدۇق بەلكى قىلالمايدىغاندىمىز.
جۇڭگۇدا ئۆزيېزىقى يوق نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ بارلقىنى ئاڭلىغان ئىدىم. شۇۋاقىتتا ئاجايىپ بىرخىل تۇيغۇدا پەخىرلىنىپ كەتكەن ئىدىم. ئەمما ھازىر بۇ خىل پەخىرلىنىش تۇيغۇسىدىن ئەنسىرەپ قېلىۋاتىمەن. مۇشۇنداقلا كىتىۋەرسە بۇنداق پەخىرلىنىش نەچچەيىلدىن كىيىن نىسىپ بولمايدىغاندەك بىلىندى.
ئويلاپ قالدىم. . . ئۆز يېزىقىغا ئىگە بولمايدىغان، بالا تېپىپ قۇيۇپ چاتىقى بولمايدىغان، خۇرازكەبى مىللەتتىن يەنە بارمىدۇ ?!
مەرۋەرى
روھچىن
روھچىن
پاراسەت
دەرىزە
پاراسەت
ئەلتەر
مەرۋەرى