ئېلخەتكە ئەۋەتىلگەن تىمىلارنى كۆرۈپ كىلىۋېتىپ ئەرەپچە «نۇرى رەھمان(اللەنىڭ نۇرى)»مۇنازىرىسىنىڭ مۇنۇ تىمىسى كۈزۈمگە چېلىقىپ قالدىم.

«ئاياللارنىڭ ئەڭ گۈزەل ئوبرازى»دىيىلگەن ماۋزوسىغا قاراپلا بىر دۆۋە  ياغلىق چىگىۋالغان ئاياللارنىڭ رەسىمىنى يوللىغان بولسا كېرەك، دەپ كىرسەم مەزمۇنى باشقىچە . . .

مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ ئىسلامدىكى ھەقىقى ئوبرازىنى يېغىنچاقلاپ، قىسقا ئىبارىلەر بىلەن 10 تۈرگە ئايرىپ كۆرسىتىپتۇ. قارىسام پايدىلنىش قىممىتى خېلى يۇقۇرى شۇنىڭ بىلەن تەرجىمە قىلىپ چىقتىم.

بىزنىڭ قىز-ئاياللىرىمىزغىمۇ ئاز-تۇلا يۇقۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.

بىرىنچى:

اللەنىڭ كىتابىنى قوغدايدىغان ۋە ئۇنىڭ ھۈكۈمىگە ئۇيغۇنلىشىدىغان ئايالدۇر.

ئىككىنچى:

رەسۇلۇللە(س ئە ۋ)نىڭ ئايال ساھابىللىرىن ئۈزىگە ئۆلگە تۇتۇپ، شۇنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى بېسىپ ماڭىدىغان ئايالدۇر.

ئۈچۈنچى:

ھاياسى، پاكلىقى، ئىففىتى، ھىجابىنى ئېلىپ تاشلاش ئۈچۈن ھەر تەرەپتىن كەلگەن بېسىم ۋە پىتنە-پاساتقا ئېزىپ كەتمەيدىغان ئايالدۇر.

تۆتىنچى:

ئاتا-ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىدىغان ۋە بۇ مەجبۇرىيتىنى ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق ئۇرۇندا ئۇنتۇپ قالمايدىغان ئايالدۇر.

بەشىنچى:

ئېرىگە ئىتائەت قىلىدىغان لېكىن، ئىتائىتى اللەقا ئاسى بولمايدىغان دائىرە ئىچىدە بۇلىدىغان، ئېرىگە ھەرۋاقىت ياردەمچى، ھەمراھ بۇلىدىغان ئايالدۇر.

ئالتىنچى:

اللەتىن ئەجىر، ساۋاپ تىلەپ اللەنىڭ ئالدىدا داۋملىق سەجدىدە تۇرۇش ئۈچۈن شىرىن ئۇيقۇنىڭ ھوزۇرىنى ئۆز نەپسىدىن تۇسۇپ قالالايدىغان ئايالدۇر.

يەتتىنچى:

اللەنىڭ رازىلىقى، مۇھەببىتى ۋە بەرىكىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن نەپلە رۇزىغا ھېرىسمەن بۇلىدىغان ئايالدۇر.

سەككىزىنچى:

ئۆزىنىڭ تىلىغا ھەرۋاقىت ئىگە بۇلىدىغان، ھەقنى سۆزلەشتە باشقىلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن قورقمايدىغان ئايالدۇر.

توققۇزىنچى:

اللە ھارام قىلغان نەرسىگە ئەسلا كۆز قىرىنى تاشلاپ سالمايدىغان ئايالدۇر.

ئونىنچى:

ئېرىنى، باللىرىنى، ماللىرىنى ۋە جېنىنى ئىسلامنىڭ نۇسرەت تېپىشى ۋە اللە يۇلىغا تەقدىم قىلالايدىغان ئايالدۇر.

رەسىمنىڭ ئۈستىگە چەكسىڭىز چوڭ ھالىتىنى كۆرەلەيسىزۋە چۈشۈرۋالالايسىز

 

ئاپتۇرى: مۇھەممەد

ئەرەپچە مەنبەسى: بۇيەردىن كىرىڭ

تەرجىمە قىلغۇچى: روھچىن

باشقا ئۇرۇندا ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ

يازما ئاپتورى:

يازغانلىرىم باشقىلارنى يىتەكلەش، ھەقىقەتكە قايتۇرۇشتەك ئۇلۇغ ئىشلارنى مەقسەت قىلمىغان. مەن پەقەت ھېس قىلغانلىرىمنى ھىكايە، نەسىر، خاتىرە شەكىلدە يېزىپ قالدرۇماقچى. بۇ مەۋھۇم دۇنيانى رىئال دۇنيادىن تېپىلمىغان سىرداش، مۇڭداش قاتارىدا كۆرۈپ قۇرساق كۆپۈكلىرىمنى،ئىچ پۇشۇقلىرىمنى، دەرت-ئەلىمىمنى تۆكۈپ ئىچىمنى بۇشاتماقچى. . . يازمىللىرىم يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىگىمۇ تەڭ يوللىنىدىغان بۇلۇپ يازمىللىرىم ھەققىدىكى نۇرغۇن ئىنكاسلارنى مەزكۇر مۇنبەردىن كۆرەلەيسىز ئۇيەردىكى نامىم رەھمەتۇللاھدۇر . [ يەتتە قىز مۇنبىرى ]

ھازىرغىچە 5 دوستىمىز قىممەتلىك پىكىرلىرىنى بەردى. سىزلا قالغان ئوخشايسىز !!!

  1. ۋاقىت: 2011- يىل 29- ئاۋغۇست 03:36 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    بۇ توغۇرلۇق سۆزلەشكە ھەقتۇرسىز…. (بۇ يەردە باشمالتاقنىڭ رەسىمى بار)

  2. ۋاقىت: 2011- يىل 7- ئاۋغۇست 09:28 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    ئىنتايىن ئېسىل،پاساھەتلىك سۆزلەركەن،بۇ جۈملىلەر ئاياللارغىلا ئەمەس،ما بىز ئەرلەرگىمۇ ئورتاق بولغان دۇردانىلەر ئىكەن.
    روھچىن ئەپەندى خالىسىڭىز ئۇلىنىش قىلىشساق قانداق؟

    • ۋاقىت: 2011- يىل 7- ئاۋغۇست 09:46 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

      ئەلۋەتتە . . . ئۇلىنىش قىلىشلا ئەمەس بىرى-بىرىمىزنى يوقلىشىپ قوللىشىپ تۇرايلى.

  3. ۋاقىت: 2011- يىل 29- ئىيۇل 05:11 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    ئېسىل تەرجىمە بۇلۇپتۇ. قالتىس جۇمۇ :razz:

  4. ۋاقىت: 2011- يىل 24- ئىيۇل 20:18 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    مىنېڭ كۆڭلىمدىكنى يىزىپسز ;-)

ئىنكاس يېزىش

ئېلخەت ئاشكارلانمايدۇ. بەلگە * بارلىرىنى چوقۇم تولدۇرۇڭ

*
*