-ھەجەپ  كەلمىدىغۇ  نەس باسقان ئاپتۇۋۇز، دىدى يېنىمدىكى ئادەم بىردەم ئۇياق، بىردەم بۇياققا مىدىرلاپ بېقىپ.

-دائىم شۇنداق، دىدىم گىزىتتىن بېشىمنى كۈتۈرمەيلا.

-ھېي گىزىتىڭىزنى بىردەم يىغىشتۇرىڭە،  پاراڭلىشايلى،  جىممىدە ئولتۇرۇپ ئىچىم سىقىلىپ كەتتى،   دىدى ئاخىرى تاقەت قىلالماي.

گىزىتنى قاتلاپ ئۇ تەرەپكە ئۆرۈلدۈم. 40 ياشلاردىكى، قەددى-قامىتى خېلى  كىلىشكەن، يۈرۈش-تۇرىشىدىن زىيالى پۇراقى كىلىدىغان بىر ئەر ئىدى.

-قېنى قۇلۇقۇم سىزدە دىدىم، كۈلۈمسىرەپ

ئۇ بىردەم ئولتۇرۋالغاندىن كىيىن:، يېقىندىن بىرى  ئاتا-بۇۋىللىرىمىز ھەققىدە جېق ئويلىنىدىغان بۇلۇپ قالدىم، ئاتا- بۇۋىللىرىمىز دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن، شۇزاماندىكى خەلىقنى ھەقكە، ئادالەتكە يىتەكلەپ مېڭىپتىكەن، ھەتتا پادىشاھلارمۇ شۇلارنىڭ ئېغىزىگە قارايدىكەنتۇق. بۇلارنى ئويلىسام ناھايىتى پەخىرلىنىش تۇيغۇسىدا ھاياجانلىنىپ كىتىمەن، دىدى بىر خوش-خەۋەر ئېيتىۋاتقان قىياپەتتە.

نۇمۇس ! دىدىم  كىسىپلا،  ئاتا-بۇۋىسىدىن پەخىرلىنىپ، ھاياجانلىنىش نۇمۇس، ئاتا بۇۋىمىزنىڭ ئۇلۇغ خىزمەتلىرى شۇ زامانغا، ئاتا بۇۋىمىزغا تەۋە. بىزنىڭ ھاياجانلىنىدىغان ھەققىمىز يوق. ئەسلى بىلسىڭىز ئۇلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىدىن خەۋەر تاپقاندىن كىيىن بىز شۇلارنىڭ ئەۋلادى بولغانلىقتىن، ئەھۋالىمىزدىن نۇمۇس قىلىشىمىز، ۋە بۇ نۇمۇسنى يۇيۇشقا ئىرادە قىلىشىمىز كىرەكتى، نۇمۇس قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن ھاياجانلىنىش، نۇمۇس ئۈستىگە نۇمۇس،  يامغۇردا قالغاندا ئاتا- بۇۋامنىڭ يوغون كۈنلۈكى بار ئىدى،  دەپ ھاياجانلىنىپ تۇرسىڭىز سىزنىڭ يامغۇرىڭىزنى تۇساپ قالالارمۇ؟ ئاتا – بۇۋىمىزنىڭ كۈنلۈكى بارئىكەن يامغۇردا قالماپتۇ. بىزنىڭ كۈنلۈكىمىز يوق ئىكەن يامغۇردا قاپتىمىز   بۇ نۇمۇس قىلىدىغان ئىش ئەمەسما ؟

سىزنىڭ ئاتا-بۇۋىڭىزلا ئەمەس پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ ئۇلۇغ-ئاتا بۇۋىللىرى بولغان. ئەنگىلىيلىكلەر ناپالىيوندىن، گىرمانلار گىتلىردىن ،ئامىركىلىقلار لېنكولىندىن ، جۇڭگۇلۇقلار كۇڭزىدىن ، مۇڭغۇللار چىڭگىزخاندىن پەخىرلىنىدۇ.

-خالىسىڭىز باشقا مەزمۇندا پاراڭ سېلىپ بىرەمسىز ؟

ئاياقتەك ئېچىلىپ قالغان ئېغىزىنى يۇمۇپ  گېلىنى بىر قىرىۋەتكەندىن كىيىن   گەپ باشلىدى.

ئالى مەكتەپتە ئۇقۇغان چاغلاردا ئەدە بىياتقا بەك ئۇستا ئىدىم   سىنىپ بويچە ئالدىنقى قاتاردا دىسەممۇ ئېشىپ كەتمەيدۇ، بىر قېتىم . . .

-ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆتمۈشىدە ياخشى- يامان چاغلار بىللە بۇلىدۇ. دىدىم يەنە گىپىنى كىسىپ، مەنمۇ مەكتەپتە ئۇقۇغاندا زىيادە ئەقىللىق ئىدىم. ئۆتمۈشىدىكى ئۇلۇغلۇقىنى ئەسلەپ ئېغىزنى تاتلىق قىلىپ يۈرۈش، زاغىر چايناۋېتىپ ئىلگىرى يىگەن پولونى ئەسلەپ چىققاندەكلا بىر ئىش. ئەقىللىق ئادەملەر ئۆتمۈشىنى تۇلا ئەسلەپ يۈرمەيدۇ ئۇ بەرىبىر ئۆتمۈش كاللىنى ئۇپۇرتىشتىن باشقا پايدىسى يوق ئۆتمۈشنى ئەسلەشكە سەرىپ قىلغان ۋاقتىڭنى ئەڭ ياخشىسى   كەلگۈسى ھەققىدە ئويلىنىشقا سەرىپ قىلغامىڭ ئەۋزەل.

يەنە باشقا مەزمۇندىكى پاراڭلىرىڭىز بارمۇ ؟

ئەمدى گەپ قىلمايدۇ دەپ ئويلىغانتىم ئەمما يەنە گەپ باشلىدى.

-قاراڭ بىر ئوغلۇم بار   بەك ئەقىللىق چوڭ بولدى.   كەلگۈسىدە جىكسوندەك   بىر دۇنياۋى ئارتىس بولسا دەيمەن . مەن  جىكسوننىڭ مەستانىسى ناخشىللىرىنى ئالامەت ياقتۇرىمەن . . .

خالىسىڭىز ھازىرقى ئەھۋالىڭىز ھەققىدە پاراڭ سېلىپ بىرەمسىز ؟ دىدىم يەنە ئۇنىڭ گىپىنىڭ بىلىگە تىپىپ،

-ھازىر يەسلىگە ماڭغان بالام يەسلىدە ئىدى  بالامنى ئېلىپ كەچلىك تاماققا سەي-كۆكتات ئېلىپ يانىمەن. بۇرۇندىن سەي- كوكتات، گۆشنى مەن ئالىمەن  ئايالىم پەقەت ياخشى ئالالمايدۇ گۆش ئالسا ياغ ئېلىۋېلىپ، سەي ئالسا سېسىقلىرىنى  ئېلىپ . . .

-ئايالىڭىز نىمە ئىش قىلىدۇ؟

-ئىشلەيدۇ، ئاھالە كومىتىتتا .

ئۇنداقتا  تاماق- ئىتىش، كىر-قات يۇيۇش ئىشلىرىغا ياردەملىشىدىكەنسىزدە

-ئەلۋەتتە  ئاساسەن مەن قىلغانچىلىق قىلىمەن. مەن . . .

رەنجىمىسىڭىز يەنىلا ئاتا- بۇۋىمىز ھەققىدە پاراڭلىششايلى، دىدىم گىپىنىڭ ئاخىرىنى ئاڭلاشقا تاقەت قىلالماي.

يازما ئاپتورى:

يازغانلىرىم باشقىلارنى يىتەكلەش، ھەقىقەتكە قايتۇرۇشتەك ئۇلۇغ ئىشلارنى مەقسەت قىلمىغان. مەن پەقەت ھېس قىلغانلىرىمنى ھىكايە، نەسىر، خاتىرە شەكىلدە يېزىپ قالدرۇماقچى. بۇ مەۋھۇم دۇنيانى رىئال دۇنيادىن تېپىلمىغان سىرداش، مۇڭداش قاتارىدا كۆرۈپ قۇرساق كۆپۈكلىرىمنى،ئىچ پۇشۇقلىرىمنى، دەرت-ئەلىمىمنى تۆكۈپ ئىچىمنى بۇشاتماقچى. . . يازمىللىرىم يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىگىمۇ تەڭ يوللىنىدىغان بۇلۇپ يازمىللىرىم ھەققىدىكى نۇرغۇن ئىنكاسلارنى مەزكۇر مۇنبەردىن كۆرەلەيسىز ئۇيەردىكى نامىم رەھمەتۇللاھدۇر . [ يەتتە قىز مۇنبىرى ]

ھازىرغىچە 8 دوستىمىز قىممەتلىك پىكىرلىرىنى بەردى. سىزلا قالغان ئوخشايسىز !!!

  1. ۋاقىت: 2011- يىل 20- ئىيۇل 04:52 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    ناپالىئون فىرانسىيەلىك ، چىرچىل دىسڭىز بولارمىكى

  2. ۋاقىت: 2011- يىل 15- ئىيۇل 10:03 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    بازاغا مېڭىشىپلىدە ؟ ما ئاكىللىرىمنى كۆرۈپ پۇت-قۇلۇمغا خېلى جان كىرىپ قالدى

  3. كوبرا
    ۋاقىت: 2011- يىل 15- ئىيۇل 09:46 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    good

  4. ۋاقىت: 2011- يىل 15- ئىيۇل 08:02 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    ئېسىل، يەنە بىر ئېسىل يازما!
    جانابىي ئاللاھ ئەرلەرنى ئەردەك ياشاشقا نېسىب قىلسۇن!

  5. Miss
    ۋاقىت: 2011- يىل 14- ئىيۇل 22:09 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    ھاھا ھەجەپ قىززىق پاراڭلارنى قىلىشىپسىلە،بەك يۇمۇر بالا جۇمۇ سىز

ئىنكاس يېزىش

ئېلخەت ئاشكارلانمايدۇ. بەلگە * بارلىرىنى چوقۇم تولدۇرۇڭ

*
*